تاۋباۋدا نېسىگە مال سېتىۋالالايسىز
تاۋباۋدا نېسىگە مال سېتىۋالالايسىزئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
جۇڭگو جياڭسۇ تورى خەۋىرى | يوللىغان ۋاقىت : 02-01-2015
يېقىندا، بىر قىسىم ئالىپاي ئىشلەتكۈچىلىرى ئالىپاينىڭ تور بېكەت نۇسخسىغا چىققاندا خۇابېي (花呗) ناملىق بىر بەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئىلتىماس قىلىپ ئاچقاندىن كېيىن «نېسىگە مال سېتىۋېلىش» مۇلازىمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. «نېسى ئىستېمال» سوممىسى توردا مال سېتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىق دەرىجىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەھۋالى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، سوممىسى ئادەتتە 3 مىڭ يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.
ئالىپاينىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، تاۋباۋ ۋە تيەنماۋدىكى كۆپ قىسىم سودىگەرلەر ياكى تاۋارلار خۇابېي مۇلازىمىتىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مال تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جەزملەپ، كېيىنكى ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى پۇلنى قايتۇرسا بولىدىكەن، شۇنداقلا ھېسابات قالدۇقى، كىرېدىت كارتىسى، قالدۇقدان قاتارلىقلارغا باغلاپ قويۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك قايتۇرسىمۇ بولىدىكەن، ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈمسىز مۇددىتى 41 كۈنگە يېتىدىكەن. ئەگەر پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغاندا، ھەركۈنى ئونمىڭدىن بەش نىسبەت بويىچە مۇددەتتىن ئېشىپ كېتىش ھەققى ئېلىنىدىكەن.
مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0102/3010-30.html ‹‹قەرزدار بوپ قېلىشتىن قورقۇش كىسىلى››ىم بولمىغان بولسا ماڭا ئوبدانكەن ئەسلى بۇمۇ ياخشى بوپتۇ ئاغىنەم مەندىن پۇل سورىماس ئەمدى:lol بۇ نېسىچىلىك ئەمدى توردىمۇ پەيدا بوپتىدە، بەك يامان بولۇپ كەتتى جۇمۇ بۇ سودىگەرلەرمۇ توردىمۇ مالنى نېسى سېتىپ مېنىڭكىدىمۇ 6000يۈەن پەيدا بوپ قاپتۇ:lolبىراق ئىشلەتمىدىم... مۇشۇ نىسىچىلىككە كۆنۈپ قالماي دەپ پارچە سېتىش بازىرىنى يۇتۇۋىتەي دەمدۇ نىمە بۇ توبا :funk: قانداق ئالىدىكەنمىز مەنمۇ بىر نېسىغا ئېلىپ باقاي دىگەن قەيەردە باركەن ئۇ خەت، مەن بىر سائەت قاراپمۇ تاپالمىدىمغۇ ؟:funk: كومپىيوتېردىن بىرنى نىسىگە سېتىۋالاي دېگەن، 5-6 مىڭ ئەتراپىدىكىسى بولسا 3000نى نەخ بېرىپ، قالغىنىنى ئايغا بۆلۈپ قايتۇرۇپ بەرسەم:lol مېنىڭكىگە نىمىش بولغاندۇ ئالىپاي باش بېتىمدە 花呗 كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، خېلى ئىزدەپ باقتىم بولمىسا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuysoyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 20:36
قارىغاندا مىنىڭ دەرىجەم توشمىسا كېرەك . خىلى ئىزدەپمۇ ئۇ خەتنى تاپالمىدىم ۋە ئورگان تەرەپ ياردەم ئۇچۇرىدىن سالاھىيىتى توشمىسا كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى بىلدىم. ما رەسىمدىكىدەك بولسا ئاندىن بولارمىشكەن .
ئۇيغۇر سوفت ئىملا تەكشۈرگۈچىدىن ئۆتكۈزۈلدى
باشقا تەپسلاتىنى https://f.alipay.com/moonlight/channel.htm دىن كۆرەڭلا مال سېتىۋېلىپ پۇلنى بەرمىسە ئىزدەپلا كىلەما مېنىڭكىدە يوقكەن ئۇ خۇابېي ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 20:36 static/image/common/back.gif
مال سېتىۋېلىپ پۇلنى بەرمىسە ئىزدەپلا كىلەما
تېخى سىناشقا ئۈلگۈرمىگەنمىكى ھىچكىم:lol مەنمۇ 450كويغا بىر چاپان سېتىۋالسام، يۆتكىگەن پۇل جايىدا تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق مۇلازىمەتكە كىرىپ قالدىممۇ يە؟ چاپانغۇتەۋە رايۇنغا كېلىپ بولۇپتۇ. لېكىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەچكە ئىدارىگە كەلمىدى. ئەتە ئىكىلىپ بەرگەندىن كېيىن، پۇلنى تۆلىسەم ئۆسۈم پۈسۈم دىگەن نەرسە چىقارما؟ kuysoyar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 20:34 static/image/common/back.gif
قارىغاندا مىنىڭ دەرىجەم توشمىسا كېرەك . خىلى ئىزدەپمۇ ...
شۇنى دەيمەن، قانداقلارنىڭ شەرتى توشىدىكەن
مېنىڭمۇ 10 يىللىق توردىن مال ئېلىش ئارخىپىم بار تاۋباۋ بىلەن جىڭدوڭ يەرلىكتىكى كومپيۇتىر ۋە ئائىلە-ئېلىكتىر بازارلىرىنى ئۆلتۈرەي دەپلا قاپتۇ. ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولىنىڭمۇ ئەھۋالى چاتاق دەپ ئاڭلىدىم.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ توردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئالماي بار نەرسىلەرنى ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ بۇلاقبېىشىدىن ئالاي دەپ ئويلىدىم. تىجارەت قىلماق تەس بولۇپ كېتىپتۇ. تاۋباۋ دىن ئاپتول سېتىۋېلىپ باققانلا باما؟ تەسىراتىڭلانى سۆزلەپ باققان بوساڭلا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 11:32
yollugh يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 15:08 static/image/common/back.gif
تاۋباۋ بىلەن جىڭدوڭ يەرلىكتىكى كومپيۇتىر ۋە ئائىلە-ئې ...
ئۇلارغىمۇ ھەق(قىزىل بايراقتىكىلەرنى دەۋاتىمەن)، بىلمەيدىغاننى كوم قۇيمىز دەيدىغانغا ئاران تۇردىكەن .قايسى كۈننى بىرتال مائوسنى 120 يۈەنگە ئېلىپ ،قايتىپ كىلىپ تاۋباۋدىن ئىزدىسەم 天猫دا ئەڭ قىممىتىمۇ 49 يۈەن دەپ تۇرىدۇ.ھەمدى ھەرقانچە قىلسىمۇ ،ئىجارە بەرسىمۇ .بۇنداق قىممەت قىلماسلىقى كىرەكتۇ دەپ ئۇيلىدىم .
花呗دىگەن خەتنى مەنمۇ كۆرەلمىدىم شۇڭا كومپيۇتىر، كامىرا قاتارلىق سىفىرلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن توردىن بىر ئىزدەپ كۆرىمىز، كۆڭۈلدە سان بولىدۇ. كىينكى مۇلازىمەتنى ئويلاشقاندا بۇ يەردىن ئالغىنى ئازراق قىممەت بولسا كېرەك يوق. توردىن مال ئالسىڭىز قايتۇرۇش، رىمونت قىلدۇرۇش بەك مۈشكۈل ئىش. كامىرا، تېلفۇن قاتارلىقلارنىغۇ ھەرگىز توردىن سېتىۋالماسلىق كېرەك.
مەن tmall دىن ئاپتول سېتىۋېلىپ باققان، باشقىسىغا ئىشەنمەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگىنىنڭ ساختىسى چىقماس دىگەن نىيەتتە 长城 ماركىسىدىكىنى ئالغان. مەنغۇ يامان ئەمەس دەپ ھەيدىگەن ئەمما ئاپتول ئالماشتۇرغاندا رىمونتچى بالىلار ئاپتولىڭىز ناچار ئاپتول ئىكەن دەيدۇ، ئاسانلا قارىداپ كېتىدۇ، ئەمما يېپىشچانلىقى ياخشى شۇڭا كارىم بولمىدى. يەنە بىر كاللامدىن ئۆتمىگىنى ئۇلارنىڭ ' مەخسۇس توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلات' دەپ يېزىپ قويىشى، بۇنداق ماللارنىڭ سۈپىتى ئادەتتىكى دۇككاندىكىدەك ياخشى بولمايدۇ -دەپ قارىلىدۇ.
بەت:
[1]