enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:21:38

ئاناجان

‏ئاناجان
‏(مېھرىبان ئانىمىز زۆھرەنىسا سابىتنىڭ 60-تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە)
‏ئەنۋەر جۇلا

‏تەرىپىڭگە ئۇزۇندىن بۇيان،
‏يازماقچىدىم بىر بۈيۈك داستان.
‏لۇغەتلەردە لايىق سۆز يوقكەن،
‏قېرىم كەتتىم، ئاھ...جان ئانىجان.

‏يازدىم ئەمما خەلقنى كۈيلەپ،
‏مىللىتىمگە نىجاتلىق سۈيلەپ.
‏سۆزلەر يەتتى، يەتمىدى ساڭا
‏تاپالمىدىم، ئاھ...جان ئانىجان.

‏بۇلاقلاردىن ئىزدىدىم سۆزنى،
‏تاپالمىدىم بىر چاغ كۆزىنى...
‏دەرەخ دېدىم شاختەك قۇچاقلاپ،
‏تۇيالمىدىم، ئاھ...جان ئانىجان.

‏بەردەملىكنى تاغلاردىن ئويدۇم،
‏ئۆلچەي دەپ ھەم گىرلارغا قويدۇم.
‏بىر ۋەزنىڭنىڭ پارچىسى ئىكەن،
‏تەڭرى تېغىم، ئاھ...جان ئانىجان.

‏ئاتمىش يىللىق داۋان ئېشىپسەن،
‏دىيانەت ۋە ۋاپا يۈدۈپسەن.
‏بارچە جاپا ساڭا قېچىپتۇ،
‏تۇتالمىدىم، ئاھ...جان ئانىجان.

‏چەكسىز مېھرىڭ سىڭدى قېنىمغا،
‏تۇيغۇنلىقىڭ كۆچتى روھىمغا.
‏جەننەتلەردىن چىقماپتۇ ئۇ سۆز!
‏ئالالمىدىم، ئاھ...جان ئانىجان.

‏60يىللىق مۇساپەڭگە مۇبارەك بولسۇن ئانا، ئاللاھ بىزنى مەڭگۈ سەندىن ئايرىۋەتمىسۇن، توغراق يېشىدا ياشا...

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:09:46

قايتا -قايتىلاپ 3قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.شىئىردىن ئانامنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم،،چىن تۇيغۇلار ئىپادىلەنگەن،بىر ئانىغا كۈيۈنۈش ئىپادىلەنگەن بۇ شىئىردىن ئالامچە زوق ئالدىم..ئۈمۈدۈم ھەممىمىزنىڭ شۇ مىھرىبان ئانىللىرىمىز ئامان بولغاي،،ئاللاھ تىزراق ئەقلىمىزنى ئېچىپ، ئانىلار ھايات ۋاختىدا قەدرىنى قىلۋېلىشىمىزغا نىسىپ قىلغاي.

رەخمەت سىزگە ئەنۋەر ئەپەندىم.ھەر قېتىملىق شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بارمىدۇر دەپ ئىزدەيدىغان بوپ قالدىم.قايسىلا ژانىردا يازسىڭىز مەيلى،بىز ياختۇرىمىز،ۋاختىڭىز يەتكەن ئەھۋالدا كۆپرەك يېزىپ تۇرسىڭىز.كۆپ رەخمەت سىزگە.

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:50:42

ئەنۋەرنىڭ بۇ شئېرى دەبدەبىلىك سۆزلەردىن خالى چۈشنۈشلۈك سۇزۈك چىقىپتۇ ,بولسا مۇئمىنجاندەك ئاۋازى ساز ھسياتى ئۇرغۇ بىرەسى ناخشا قىلىپ ئۇقۇسا .
ئانا ھەققىدىكى تىمىلار مەڭگۈلۈك بولغۇسى

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:50:44

ئەنۋەرنىڭ بۇ شئېرى دەبدەبىلىك سۆزلەردىن خالى چۈشنۈشلۈك سۇزۈك چىقىپتۇ ,بولسا مۇئمىنجاندەك ئاۋازى ساز ھسياتى ئۇرغۇ بىرەسى ناخشا قىلىپ ئۇقۇسا .
ئانا ھەققىدىكى تىمىلار مەڭگۈلۈك بولغۇسى

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 14:31:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paliwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 14:34  

سەبى گۈدەك چاغلىرىمدىلا،
تاشلاپ كەتكەن مىھرىبان ئانام.
بەردەم يىگىت قىلىپ ئۆستۈرۈپ،
كەتتى يەنە قەدىردان دادام.

قالدىم تەنھا گۇياكى كۆكتە،
يالغۇز ئۇچقان بىر تورنا بۇلۇپ.
ھايات ئاتلىق ئەزىم دەريادا،
دولقۇن ئارا يۈردۇم سوقۇلۇپ.

ئۆتتى كۈنلەر ئۆتمەكتە كۈنلەر،
خۇشاللىغىم كەتتى قاياققا.
قەلبىم مۇزدەك پايانسىز چۆللۈك،
كى خىيالىم ئوخشار ساياققا.

ھېيىت-بايرام،يېڭى يىل ماڭا،
كالىندارنىڭ بەتلىرى خالاس.
كۈلكە-چوقان بولسىمۇ گاھى،
ئۇرغۇسى يوق يەڭگىل ماڭا خاس.

تەشنالىقنى باسالماس ئىچسەم،
غالبىيەتنىڭ پۈتۈن سۈيىنى.
باستى مانا بۈگۈنمۇ بىر مۇڭ،
پېقىرنىڭكى سوغوق ئۈيىنى.

2015-يلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:56:18

ئانا ! دەپ توۋلاپ قويۇپ ئىككى سەر گۆش ئاپىرىپ بەرمەسلىكمۇ جايىز ئىش ئەمەس .

kitabbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 15:41:41

تېمىدىكى شېئىر ئاپتورنىڭ قەلىپ چوڭقۇرلىقىنى ئىپادىلىگەن؛
ئىنكاستىكى شېئىر ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ غېرىپلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. (يۈرۈكۈمنى ئەزدى)

zahar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:33:22

ئانا --مەڭگۈلۈك تىما.
تىما ئىگىسىگە رەھمەت
بەت: [1]
: ئاناجان