NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:22:12

بانكىلارنىڭ سىزگە دىيىشنى خالىمايدىغان گەپلىرى

ئەگەر سىز بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىشتىكى مەخپىيەتلىكنى چۈشەنگەندىن كىيىن، بىزنىڭ ئىستىمالىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كىلەلەيسىز، ئەگەر سىز چۈشەنمىسىڭىز ئەكسىچە ياخشى پۇرسەت بىر يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى مومكىن. ھازىر بىز ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ھەرخىل مەخپىيەتلىكىنى ئېچىپ باقايلى .



1.ۋاقىتقا بۈلۈپ تۆلىگەندە سىز ئالدىن پۇلنى قايتۇرۋاتسىڭىزمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ

مىسال: ئەخمەت نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا خۇاشىيا بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىپ 9000 سومغا بىر سىفىرلىق فوتو ئاپىرات ئالماقچى بۇلۇپتۇ، پۇل سوممىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇلنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدا تۆلەشكە ئامالسىز قېلىپتۇ. ئاخىرىدا ئۇ بانكىدىن ئالتە ئايغا بۈلۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ، ھېساپلاپ كۆرسەك، ھەر بىر قايتۇرۇش ۋاقتىدا 1555.8 سوم قايتۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ھەر قايتۇرۇش ۋاقتىدا 55.8 سوم رەسمىيەت ھەققى ئالىدىكەن. ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇ ھەممە پۇلنى بىراقلا قايتۇرۇشنى ئويلاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ قارىسا يەنە ئۈچ



ئايلىق رەسمىيەت ھەققى 167.4 سوم بار ئىكەن، يەنە كىلىپ 20 سوم مۇددەتتىن بۇرۇن رەسمىيەت ھەققى قايتۇرۇش پۇلى بار ئىكەن.

ھەقىقەت: مۇددەتكە بۈلۈپ مال سېتىۋېلىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مۇددەتتىن بۇرۇن پۇل قايتۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز، ئەگەر ئايغا بۈلۈپ پۇل تاپشۇرۇش بولسا كىيىنكى ئايلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرۇشقا مەجبور بۇلىسىز. دىمەكچى مۇددەتكە بۈلۈپ پۇل تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن مەيلى قانداق ئىش بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممە رەسمىيەت ھەققىنى تاپشۇرۇشىڭىز شەرت.



2.ئەڭ تۈۋەن چەكتە پۇل قايتۇرۇشتىمۇ سىز ئىشلەتكەن ھەممە پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەيسىز

جىق سوممىلىق ئىستىمال قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ھەممىسىنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ تۈۋەن چەكتە قايتۇرۇشنى تاللايدۇ(ئادەتتە ئشىلەتكەن سوممىنىڭ %10)، بۇنىڭدا بانكىدا ناچار  خاتىرە بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ. لېكىن بىز ئۆسۈمنى ھېساپلاپ كۆرگىنىمىزدە ئۆسۈمنىڭ بىز ئىستىمال قىلىشنى باشلىغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىغانلىقىنى بايقايمىز، دىمەك ئۆسۈم يوق دىگەن گەپلەر نۆلگە تەڭ. مۇنداقچە ئىيتساق سىز 10000 سوم خەجلەپ، گەرچە 9900 قايتۇرۇپ بولغان بولسىڭىزمۇ ئۆسۈم ھېساپلىغاندا يەنىلا 10000 سومنىڭ ئۆسۈمىنى سىزدىن ئالىدۇ.



3.ئىناۋەتلىك كارتىنى ئادەتتىكى كارتا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ

يېڭىدىن ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرگەن كىشىلەر دائىم پۇلىنى ئىناۋەتلىك كارتا ئىچىگە قۇيىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا كارتا سۈرتۈپ  مال سېتىۋالغاندا يىغىلىش نۇمۇرى(جى فېن) غا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا بانكا مەسخىرىلىك ھالدا كۈلۈپ تۇرىدۇ، چۈنكى زىيان تارتقىنى يەنىلا كارتا ئىگىسى. ئەخمەت ئالدىنقى يىلى سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالىدۇ ھەمدە ئىچىگە 2000 سوم پۇل سېلىپ قۇيىدۇ. لېكىن ئۇ پۇلداندىن 1000 سوم پۇلنى ئالغان ۋاقىتتا 10 سوم پۇلنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ ھەمدە بانكىغا بېرىپ شۇ ۋاقىتتا كارتىغا سېلىپ قويغان 2000 سومنىڭ ئۆسۈمى يوق بۇلۇپلا قالماي يەنە پۇل ئالغاندا رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. دىمەك ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل سالسىڭىز ئۆسۈم يوق بۇلۇپلا قالماي يەنە سىزدىن رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ.

4.يىغىلىش نۇمۇرى(جى فېن)دىن سىز پايدا ئالالمايسىز

كۆپ قىسىم ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچىلەرنى قىزىقتۇردىغىنى يىغىلىش نۇمۇرىغا سوۋغا ئالماشتۇرۇش، لېكىن سىز كۆز تىكىۋاتقان سوۋغاتنى كۆزلەپ نۇمۇر يىغىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا،  يىغقان نۇمۇرلىرىڭىزنىڭ نۆلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. چۈنكى كۆپلىگەن بانكىلار يىغىلىش نۇمۇرىغا ۋاقىت بەلگىلەپ قويغان بۇلىدۇ. كۆپلىگەن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ نۇمۇرىنىڭ بارا بارا ئازلاۋاتقانلىقىنى، نۇمۇرنى ئېلىشنىڭ تېخىمۇ مۇشكۈللىشىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ئەڭ يامان يېرى شۇكى ماشىنا سېتىۋېلىش، ئۆي سېتىلىش قاتارلىق چوڭ سوممىلىق ئىستىمال نۇمۇر يىغىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
ئىزدەش نۇمۇرى   
iktisad

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 09:42:37

ئىۋۇ ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قويۇپ زىيان تارتقان ئىشنى مەن قىلىپ باققان. بىر قېتىم زىيان تاتقاندىن كېيىن «خەپ بۇدا ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قويىدىغان بولسام ھايۋان بولماي كىتەي' دەيدىغان بولىدىكەن.

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:23:15

@106:
سىلەرگىمۇ كارتا بېجىرىپ بېرەمدا؟

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 12:08:20

abdulla74 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 11:23 static/image/common/back.gif
@106:
سىلەرگىمۇ كارتا بېجىرىپ بېرەمدا؟

كارتا دىگەن ساماندەك، مەجبۇرى بىجىرىپ بەرگىنىدىن 工商银行牡丹卡, 中国银行公务卡 دەپ ئىككىسى بار. ھەر ئىككىلىسى 5مىڭ كويلۇق.  ئىختىيارى بىجىرگەنمۇ بار.بۇ نۆۋەت ئۆي ئالغاندا ئازراق پۇل چىقىرىپ قويۇپ بالاغا قالدىم. قىسقا ئۇچۇر دىگەننى ئەۋەتىپ ساراڭ قىلىۋىتىدۇ.بۇ كارتىلار ئادەمنى ئالدىغا سېلىۋالىدىكەن. يېقىندا بىرسىنى تولۇقلاپ زەگا دوستۇمغا تاشلاپ بەردىم. ھېلىدەك كارتا سۈركىگىلى بولىدىغان ئاپاراتى بار ئىكەن. ۋاقتىدا قويۇپ ئېلىپ ئىشلىتەرمىش.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 12:16:21

ھە راست يىل ئاخىرىدا ھىساپقا كىرمىگەن كىردىت پۇللارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپتۇمىش.ئاغرىق پىنسىيەگە چىقىمەن دەپ ئىككى يىلچە كەلمىگەن بىر خىزمەتدىشىم بىر كارتىدىكى 5مىڭ كوينى قايتۇرماپتىكەن. بانكىنىڭ قەرز سۈيلەش خادىمى تىلپون قىلىپتۇ 31-چىسلاغۇچە قويمىسا ، ج خ ئورۇنلىرىغا« ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتى » دەپ يوللاپ بېرىمىز دەپتى ، ئۇنچىلىكمۇ قىلىپ كەتمەس دەپ ئويلىسام، ئۇدۇلۇمدىكى قازاق خىزمەتدىشىم « بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئېرىنى ئۈرۈمچىدە ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپتۇ» دەيدۇ « نىمە قىپتىكەن ؟»دىسەم « ماشىنا ئالغان قەرزدىن بۇ ئايلىق 3مىڭ كوينى قايتۇرماپتىكەن. ئۈرۈمچىدە ئىش بىر ئىش بىجىرىپ ئالدىراش بولۇپ ۋاقتى چىقماپتىكەن، ئايالى قانچىلىك كېسىۋىتىدۇ دەپ سوراۋاتىدۇ« دەيدۇ.
«ۋاي قانچىلىك كېسىۋىتىدۇ . چېپىۋىتىدۇ دىمەي، چاققان 3مىڭ كوينى كىردىت كارتىغا قويىۋەتسۇن، بانكىغا كېرىگى مۇشۇ. تازا بىر ئېرىدىن زىرىككەن خوتۇنمۇ بۇ نىمە ؟»دەپ قويدۇم.

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 14:37:45

106، «ئ‍ىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قويسام ھايۋان بولماي كېتەي» دېگەن گېپىڭىزدىن باشقىچە ھۆكۈم چىقىرىپتىمەن ئەمەسمۇ، سەت بوپتۇ…

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:00:04

يەنىلام ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ قۇلىقى تىنىچكەن. ....



kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 18:11:14

شۇڭىمۇ مەن زادى بىر قۇتۇلاي دەپ ئىككى يىل بۇرۇن قۇتۇلۇپ كېتىپتىكەنمەن بۇ كارتىدىن بەكلا زېرىكتۈرگەنىدى يېزا ئىگىلىكنىڭ

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 20:33:25

abdulla74 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 14:37 static/image/common/back.gif
106، «ئ‍ىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قويسام ھايۋان بولماي كېتە ...

ئۆزەمنىڭ مىڭ كوي پۇلىنى چىقىرۋالسام 80كوي رەسمىيەت ھەققى چىقتى ئەمەسمۇ؟

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 22:34:51

106 قېرىندىشىم، يا «ئ‍ادەم بولماي كېتەي» دەڭ، يا «ھايۋان بولۇپ كېتەي» دەڭ. «ھايۋان بولماي كېتەي» دېسىڭىز ئ‍ۆزىڭىزگە ھاقارەت قىلغان بولمامسىز؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 23:29:38

دەل  مۇشۇ  ئايدا  شۇنداق  ئىشلارغا  دۇچار  بولدۇم ....
خەپ  ئىچىدىكىنى  تولۇقلىۋەتكەندىن  كېيىن  دەسسەپ ـدەسسەپ :)

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:09:17

   جازانىخورنىڭ تازا چوڭىكەنغۇ ...

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 18:39:37

ئەركىن كەسىپتىكىلەر قانداق بېجىردىكەن ئۇنى

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 01:27:15

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 18:39 static/image/common/back.gif
ئەركىن كەسىپتىكىلەر قانداق بېجىردىكەن ئۇنى

ئەركىن كەسىپتىكىلەرنى ئەسلا خىيالىغا ئەپ قويماسمىكى
بەت: [1]
: بانكىلارنىڭ سىزگە دىيىشنى خالىمايدىغان گەپلىرى