altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 06:27:14

2015-يىللىق ئالتۇن بازىرىغا نەزەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altunchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 06:28  

2014-يىلىنى ئۇزىتىپ 2015-يىلىنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. مۇشۇ دەقىقىلەردە ئالتۇنغا قىزىقىدىغان ھەر بىر ئوقۇرمەن چوقۇمكى، ئالتۇننىڭ 2015-يىللىق يۆنىلىشى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىز تۆۋەندە ئالتۇننىڭ 2015-يىللىق يۆنىلىشى ئۈستىدە توختىلىمىز.

2014-يىللىق ئالتۇن بازىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە
2014-يىلى پۈتۈن دۇنيا مەبلەغ بازىرىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى شۆبھىسىزكى ئامېرىكا مۈلكىدۇر. ھالبۇكى، نېفىت ۋە ئالتۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوزۇر مەھسۇلاتلار 2014-يىلىدا ئىزچىل ئىنتايىن ئاجىز ھالەتنى ساقلىدى. 2014-يىلى مەبلەغ سېلىش قىزىقىشى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ئالتۇن بازىرى ئاجىز تەڭشىلىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى. 2013-يىلى خەلقئارا سېرىق ئالتۇننىڭ چۈشۈش كۆلىمى %28 كە يەتكەن ئىدى. ئەمما 2014-يىلىدىكى ئالتۇن بازىرى 1204.00 ئەتراپىدا ئېچىلغان بولۇپ، 2014-يىللىق يېپىلىش باھاسى 1180.00 دوللارغا نىسبەتەن ھېسابلىساق، چۈشۈش كۆلىمى %2 بولىدۇ.
2014-يىلى خەلقئارا مەبلەغ بازىرىدا ئىنتايىن كۆپ مالىمانچىلىقلار كۆرۈلدى. نۇرغۇن مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بەردى. لېكىن خەلقئارا سېرىق ئالتۇن بازىرى يەنىلا بەرداشلىق بەردى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ئالتۇن بازىرىغا ئانچە ئۈمىدسىز قارىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.
2014-يىلى يىل بېشىدا ئالتۇن بازىرى ئالدىنقى يىللىق چوڭ چۈشۈشتىن كېيىنكى كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا نەخلەشتۈرۈپ ئالتۇن بازىرىدىن چېكىنىشى، شۇنداقلا ئوكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبلىك كۈچلۈك قاڭقىپ 1400.00 دوللار ھەر ئۇنسىيەلىك ئۆتكەلگە قاراپ ھۇجۇم باشلاپ، ئاخىرى 1392.00 دوللارلىق باھا ئەتراپىدا بېسىمغا ئۇچراپ پەسكويغا چۈشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا فىدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇپ بوش قويىۋىتىلگەن پۇل سىياسىتىدىن تەدرىجى چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن داۋاملىق تۆۋەنگە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، ئامېرىكا پايلىرى ئىزچىل تارىخىي يۇقىرى رىكورت ياراتتى. ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ جانلىنىشى يەنە بىر نۇقتىدىن ئالتۇن، نېفىت قاتارلىق كوزۇر مەھسۇلاتلار بازىرىدىكى مەبلەغنىڭ پاي بازىرىغا ئېقىشىدىن دىرەك بېرەتتى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكا فىدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىنىڭ پۇل قىسىش سىياسىتى يولغا قويىدىغانلىقى، ھەمدە ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياسلار بارغانسىرى ئېللىپ كەتتى. يۇقارقى بىر قاتار ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە دوللار كۆرسەتكۈچى 2006-يىلىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 90.00 ئەتراپىغا چىقىپ، ئالتۇنغا نىسبەتەن كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلدى. ئالتۇن بازىرىدىكى كۆپ قېتىملىق تۆۋەن نۇقتا، شۇنداقلا كۈچلۈك تىرەش نۇقتىسى 1180.00 بۇزۇلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى سۈرئەت ئاشۇرۇپ ئىنتايىن تىز چۈشۈپ، 2010-يىلىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 1131.00 دوللار ھەر ئۇنسىيەلىك باھانى ياراتتى. ئەمما ناھايتى تىزلا بۇ تۆۋەن نۇقتا ئەتراپىدىن قاڭقىپ 1180.00 نىڭ ئۈستىگە ئۆتتى. 2014-يىلى خەلقئارالىق  خام نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، كوزۇر مەھسۇلاتلار بازىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى، ئالتۇنمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلدى.
خۇلاسىلىسەك، 2014-يىللىق ئالتۇن بازىرىنىڭ خامۇش ھالەتنى ساقلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
(1) دوللارنىڭ كۈچلۈك ئۆرلىشى؛
(2) ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ ئىزچىل ياخشىلىنىشى؛
(3) QE ئاخىرلىشىپ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچىرىنىڭ ئېللىپ كېتىشى؛
(4) خەلقئارالىق نېفىت باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشۈشى؛
(5) مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى
گەرچە 2014-يىلى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ، ھەتتا دوللارنىڭ كۈچلىنىشى، ئامېرىكا پايلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئامېرىكا فىدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىنىڭ QE نى ئاخىرلاشتۇرۇشى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ قىياسىنىڭ ئېللىپ كېتىشى قاتارلىق ئەجەللىك ئامىللار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما باشقا بازارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئالتۇن بازىرىدا ئۇنداق كۈچلۈك چۈشۈش كۆرۈلمىدى. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردىن ئىزدەش مۇمكىن:
(1) ئامېرىكا دوللار ھېسابىدىكى مۈلۈك كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلدى، قىممەتلىك مېتاللار بازىرىدا سوۋۇش كۆرۈلدى؛
(2) نېفىت باھاسى چۈشۈپ نىسبەتەن مۇۋاپىق باھا رايۇنىغا كەلدى؛
(3) مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، نەخ ئالتۇنغا بولغان ئېتىياج مۇقىم بولدى. مەلۇم جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ھەتتا ئېشىش ئىزنالىرى كۆرۈلدى؛
(4) يەر شارى ئېقتىسادىنىڭ ئۈمىدسىز ھالىتى مەبلەغ خەتىرىدىن دالدىلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندۈدى، بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئالتۇنغا تىرەك بولدى؛
(5) رايۇن ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق ئالتۇنغا نىسبەتەن تىرەش رولى ئوينىدى.
يۇقاردا بىز 2014-يىللىق خەلقئارالىق ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدۇق. بۇ مۇلاھىزىلىرىمىز ئارقىلىق 2015-يىللىق ئالتۇن بازىرىنىڭ يۈرۈشىگە ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە بولدۇق. 2015-يىلى داۋاملىق كۈچلىنىۋاتقان دوللار، ئامېرىكا ئېقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ ئۆرلەۋاتقان ئامېرىكا پېيى، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىنىڭ 2015-يىلى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 2015-يللىق ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. 2014-يىلى خەلقئارالىق نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈشى كوزۇر مەھسۇلاتلارنىڭمۇ ئەگىشىپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىمىز:

ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلى دوللار كۆرسەتكۈچى ئىزچىل ئۆرلەپ، قاتمۇ قات بېسىملارنى بۇزۇپ، مۇكەممەل بولغان ئۆرلەش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈردى. يەنە كېلىپ ئۇدا ئالتە ئاي ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى %12 كە يەتتى. نۆۋەتتە 90.00 لىق ئۆتكەلدە سىناققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئېھتىيات كومىتىتى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش سەپىرىنى باشلىسا، دوللارنىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ، 90.00 دىن ئىبارەت پۈتۈن سانلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ ئۆتۈشى ئانچە چوڭ مەسىلىمۇ ئەمەس. 2001-يىلى دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى نۇقتا 121.02 نى ياراتقاندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، بۇ قېتىم يېڭىدىن ئۆرلەش يۆنىلىشى شەكىللەندۈردى. 2001-يىلىدىن باشلانغان دوللارنىڭ چۈشۈشى سەۋەبلىك ئالتۇنمۇ 10 يىلغا سوزۇلغان ئۆرلەش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىم دوللار ئۆرلىسە، ئالتۇنمۇ داۋاملىق چۈشەمدۇ قانداق؟ مېنىڭچە بۇ ناتايىن. بىزگە ئايان بولغىنىدەك خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ، دوللار كۆرسەتكۈچى ئاشۇ ئامىللار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى خالاس. 2013-يىلى دوللاردا كۈچلۈك ئۆرلەش كۆرۈلمىدى، ئەمما ئالتۇن چوڭ چۈشتى؛ 2014-يىلى دوللار كۈچلۈك ئۆرلىدى، ھالبۇكى ئالتۇن باھاسى ئاجىز ھالدىكى تەڭشىلىشنى ئاساس قىلدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، دوللارنىڭ كۈچلىنىشى ئالتۇنغا بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ، ئەمما ئالتۇننىڭ چوڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن.

ئامېرىكا پېيى، ئامېرىكا پاي بازىرى بۇ بىر قانچە يىلدا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىنىڭ پۇل سىياسىتىدە تەسىرىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆرلەش ھالىتىگە كىردى. گەرچە 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلى ئامېرىكا پاي بازىرى ئۆرلەش ھالىتىگە ئۆتتى. بۇ بىر قانچە يىلدا ئامېرىكا پايلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يورغىسىنى ساقلىدى، مەبلەغ سالغۇچىلارغىمۇ كۆپ پايدا بەردى. ئەمما تارقالمايدىغان زىياپەت بولمىغىنىدەك، بۇ ئۆرلەشنىڭمۇ بەلگىلىك چېكى بولىدۇ. ناۋادا مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىنىڭ پۇل سىياسىتىدىن گۇمانلانسا، بۇ ئامېرىكا پايلىرىنىڭ چۈشۈش ھالىتىگە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرغىچە بىز ئەنسىرىگەن ئىشلار يۈز بەرمىدى. ھالبۇكى، بىز بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ھەر ۋاقىت چەتكە قاقالمايمىز. چۈنكى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتى پۇلنى قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش دەۋرىگە كىرسە، بۇ پاي بازىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2015-يىلى دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىمۇ ئاستىلاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. دۇنيا ئېقتىسادى ئۈمىدسىز ھالدا تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ئامېرىكىنىڭ يەككە-يىگانە چېپىۋاتقان قارا تۇلپارغا ئايلىنىش ئىمكانىيتى يەنىلا تۆۋەن. ئەلۋەتتە، بۇلار پەقەت كەلگۈسىگە بولغان تەھلىلدىنلا ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، 2015-يىلى دۇنيا ئېقتىسادى بەلكىم ياخشىلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئامېرىكا پاي بازىرى چوڭ ئۆرلەش ھالىتىگە كىرگەندىن بۇيان ھازىرغىچە تىلغا ئالغۇدەك تەڭشىلىش ھالىتى كۆرۈلگىنى يوق، شۇڭا بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي بازىرىدىكى مەبلىغىنى قايتا تەڭشەپ، باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان قىممەتلىك مېتاللار بازىرىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلىمۇ بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ئالتۇن بازىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خام نېفىت، 2014-يىلى خەلقئارالىق نېفىت باھاسى چوڭ چۈشكەندىن كېيىن، ھەر كىم ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بىر نۇقتا ئېنىقكى، خەلقئارالىق نېفىتنىڭ چوڭ چۈشۈشى يەر شارى ئېقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ خەلقئارالىق نېفىتنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. بۇ يىللاردا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۈجىمەل پوزۇتسىيەدە بولغان، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن نورمىدىن ئاشۇرۇپ نېفىت ئىشلەپچىقارغان. ئېقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، نېفىتقا بولغان ئېھتىياجمۇ تۆۋەنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئھېتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. ئېنىرگىيە بازىرىدىكى ئنىقىلابنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىلانتىس نېفىتىنى ئېچىش ئىقتىدارى يۇقىرىلىغان، بۇ خام نېفىتقا بولغان بېقىندىلىقنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ كۈچىيىشى دوللار بىلەن باھا قويۇلغان مەھسۇلاتلارغا ئاز تولا ئەكىس تەسىر كۆرسەتكەن. مەبلەغ سېلىش ئامىلىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىگە تۈرتكە بولغان. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا يەنىلا نورمال تەڭشىلىشكە تەۋە بولۇپ، 2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن باشلاپ، ھەر بىر تۇڭ خەلقئارالىق خام نېفىت باھاسى 147.25 دوللاردىن 2009-يىلى 33.20 دوللارغا چۈشكەن. كېيىن پۈتۈن دۇنيادا بوش قويىۋىتىلگەن پۇل سىياسىتى يولغان قويۇلۇپ، ئېقتىساد ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان، خام نېفىت باھاسىدىمۇ ئۆرلەش كۆرۈلۈپ 2011-يىلى ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 100.00 دوللارنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن، ئەڭ يۇقىرى باھا 114.83 دوللار بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ نېفىت باھاسى 110.00 دوللار بىلەن 75.00 دوللار ئارىسىدا ھەرىكەت قىلغان. 2014-يىلى رۇسىيە ئوكرائىنا مەسىلىسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش كۆرگەچكە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېقتىسادى ئىمبارگۇسىغا ئۇچرىغان. بۇ قېتىملىق ئىمبارگۇ رۇسىيەگە نىسبەتەن كۈچلۈك زەربە بولۇپلا قالماستىن، ھۇشىنى تېپىپ بولالمىغان ياۋرۇپا ئېقتىسادىغىمۇ زەنجىرسىمان تەسر كۆرسەتكەن. يەر شارى ئېقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەتىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئورگان مەبلەغچىلىرى ئۇسۇل جەھەتتە كوزۇر مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى تاللايدۇ. بۇ يەردە نېفىت ئەڭ مۇۋاپىق نامزات، ئەلۋەتتە.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۈيقەستى دېگەن قاراشقا نىسبەتەن تەھلىلچىلەرمۇ قارشى ئەمەس. ئامېرىكا نېفىت باھاسىنى بېسىش ئارقىلىق رۇسىيە ئېقتىسادىنى غۇلىتىشنى ئويلايدۇ. چۈنكى رۇسىيە ئېنىرگىيە چوڭ دۆلىتى، خام نېفىت بولسا رۇسىيە مالىيەسىدە ئىنتايىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈشى رۇسىيەنىڭ مالىيە كىرىمى ۋە خامچوتىغا زور ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن پۇل ئۇرۇشى قوزغاش ئارقىلىق رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى بېسىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،  ئاخىرىدا رۇسىيەنى ئېغىر پۇل پاخاللىقى پاتقىقىغا پاتۇرۇۋەتكىلى بولىدۇ. ئاداققى مەقسەت رۇسىيە ئېقتىسادىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئوكرائىنا مەسلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلىغىلى، ھەتتا پۇتىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ISIS تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. نېفىت باھاسى چۈشسە ISIS ئىشغالىيىتىدىكى نېفىت كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. بۇ ISIS نىڭ مەبلەغ بېسىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. ئېنىرگىيە، پۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش قوراللىرىدۇر، بۇنى كۆپ چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. خەلقئارالىق خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بەلكىم 2015-يىلىمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىن. ئەمما نېفىت باھاسى چۈشۈشنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرىمۇ ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئارتۇقچە ئۈمىدسىز كەيپىاتتا بولۇشنىڭمۇ ئورنى يوق.
2015-يىللىق ئالتۇن بازىرىغا نەزەر
يۇقارقى ئامىللارنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، 2015-يىللىق خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراش مۇمكىنلىكىنى بىلەلەيمىز، ئەمما ئانچە ئۈمىدسىز ھالدىمۇ ئەمەس. ئالتۇن باھاسى ئىزچىل چۈشۈپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى سۇسلاشتى. لېكىن دەل مۇشۇ سەۋەبلىك دۇنيادىكى نۇرغۇن كانلارنىڭ پايدىسى ئازلىدى، ھەتتا زىيان تارتىش ھالىتىگىمۇ ئۆتتى. بىزنىڭ بەزىدە بىر قسىم كانلارنىڭ ئالتۇن قېزىشنى توختاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەلەر، ھەتتا ستىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىشىمىزمۇ  بەلكىم شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.

ناۋادا ئالتۇن بازىرىدىكى چۈشۈش داۋاملىشىۋەرسە، كانلارنىڭ ئالتۇن قېزىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بازاردىكى خام ئالتۇن مىقدارىنىڭ زور مىقداردا ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇننىڭ سېتىۋىلىش تەننەرقىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. يەنە كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلار باھا تۆۋەن سەېىيەدە تۇرۇۋاتقان شارائىتتا زور مىقدارىكى نەخ ئالتۇننىمۇ تۆكمە قىلىپ ساتمايدۇ. بەلكى بۇ خىل تۆۋەن باھا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى نەخ ئالتۇن سېتىۋىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. دۇنيا ئالتۇن كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدا ئايان بولۇشىچە، ئاسىيادىكى جۇڭگو، ھېندىستاننىڭ ئالتۇن باھاسى چۈشۈۋاتقان شارائىتتىكى نەخ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى زور مىقداردا ئاشقان.

ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىمۇ ئالتۇن تىللانىڭ سېتىلىشى زور مىقداردا ئاشقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى چۈشۈۋاتقان شارائىتتا يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردۇر. كان ئالتۇنى ۋە پىششىقلانما ئالتۇن بىلەن تەمىنلەش تۆۋەنلەپ، نەخ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج ئاشسا، ئۇ ھالدا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك ھالەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ئالتۇنغا نىسبەتەن ئىنتايىن زور تىرەش كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئالتۇن بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.

يىغىنىچاقلىغاندا، ئانالىزچىلار 2015-يىلىدا ئالتۇن بازىرىغا زىيادە ئۈمىدسىز قارىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداقلا ئالتۇننىڭ 2015-يىلىمۇ تۆۋەن باھا رايۇنىدا تەڭشىلىش ئېھتىماللىقىنى، ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەگ ھاسىل قىلىپ، 2015-يىلى ئۆرلەش ھالىتگە كىرىش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 11:03:16

بۇ يىل كۆپ زىيان سالدى بۇ ئالتۇن
بەت: [1]
: 2015-يىللىق ئالتۇن بازىرىغا نەزەر