bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 03:26:18

بىلىمخۇمار: بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 13:56  

بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ

(1-قىسىم)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

ھەممە قېرىنداشلارنىڭ 2015-يىلى يېڭى يىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

بىز ھەممىمىز ئۆز بالىمىزغا كۆيىمىز. بەزىلىرىمىز بوشراق كۆيىمىز. بەزىلىرىمىز بەكرەك كۆيىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق كۆيىمىز. بالىسىغا كۆيۈش يامان ئىش ئەمەس. بالىسىغا كۆيۈش گۇناھ ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە بالىسىغا كۆيمەسلىك گۇناھتۇر. بالىسىغا كۆيۈش ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بولۇپ، ئۇلار يارىتىلغاندىلا ئاشۇنداق يارىتىلغان. ئەمما، بۇ يەردە «بالىغا توغرا كۆيۈش» مەسىلىسى بار. بالىڭىزغا ئۆيىڭىزدە خۇددى بىر پادىشاھقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىڭىز، ياكى بالىڭىزنى خۇددى بىر كىچىك پادىشاھنى باققاندەك باقسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكى مۇھىم گەپ، ئۇ جەمئىيەتكە چىققاندا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىدا. چوڭ بولغاندا جېنىنى قانداق باقىدىغانلىقىدا. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا كۆيۈشتىن باشقا، يەنە بىر مۇھىم بۇرچى بار. ئۇ بولسىمۇ بالىسىنى چوڭ بولغاندا جەمئىيەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق ئىززەت، ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق ھۆرمەت بىلەن ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش، بالىسىنى ئۆزى تۇغۇلغاندىلا ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان ئىنسانلىق غۇرۇرىنى ساقلاپ ياشايدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا بالىسىنى چوڭ بولغاندا ئۆزىگە بىر يېتەرلىك ئىقتىسادىي كىرىمنى يارىتالايدىغان قىلىپ ئۆستۈرۈش. يېقىنقى 10-20 يىل مابەينىدە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بالىلارنى بىر قىسىم ياخشى پەزىلەت بىلەن تەربىيەلىشى جەھەتتە خېلى زور چېكىنىش يۈز بەردى. مەن ھازىر پەقەت سۇ ئىچمەي، پەقەت دۇكانلاردىن سېتىۋالىدىغان ئىچىملىكنىلا ئىچىدىغان بالىلارنى ئۇچرىتىمەن. ئۇلار «سۇنىڭ ھېچقانداق تەمى يوقكەن»، دەيدۇ. ھازىرقى نۇرغۇن بالىلار چۈشتە ئۆيدە ئەتكەن بىر خىل ياخشى تاماقنى يەپ، كەچتە بولسا چۈشتە ئېشىپ قالغان تاماقنى قەتئىيلا يېگىلى ئۇنىمايدۇ. ئۇلار «چاقچاق قىلىۋاتامسەن، مەن بىر كۈندىكى ئىككى ۋاق تاماق ئۈچۈن ئوخشاش تاماقنى يەمدىم؟»، دەيدۇ. ھازىرقى بىر قىسىم بالىلار قاتتىق ئىشلەشنىڭ، بەزىدە غۇرگۈلچىلىكتە ياشاشنىڭ، جاپاغا چىداشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. يەنى ھازىر بەزى بالىلار ھۇرۇن، جاپاغا چىدىمايدىغان، قولىدىن ئانچە ئىش كەلمەيدىغان، ۋە ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپچىلىق قىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇۋاتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ناھايىتى غەلىتە مىجەز-خۇلقلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى بىر روشەن ئۆزگىرىش، ئۇلارنىڭ مىجەزىدىكى «ئۇيغۇرلۇق» نىڭ كۆپ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئىبارەت. مانا بۇلار «بالىغا توغرا كۆيۈش» نى بىلمىگەن ئاتا-ئانىلار ئىشلەپ چىقارغان بىر قىسىم «مەھسۇلاتلار» دۇر.


1-رەسىم: ئۇيغۇر بالىلىرى

ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى يېزىلاردا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى زور ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن «بالا تەربىيەلەش» ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەت تېخىچە «بالىنى ئۆلتۈرۈپ قويماي چوڭ قىلىش» تىنلا ئىبارەت. شۇڭلاشقا گەرچە مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزغىمۇ ماس كەلسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرچە تېخى بۇنداق ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن پايدىلىنالايدىغان بىر ئىمكانىيەت ئىچىدە ئەمەس. مېنىڭچە بالا تەربىيەسى جەھەتتە ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە پۈتۈن خەلق مىقياسىدا كەم دېگەندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەممەيلەننى كەم دېگەندە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تاماملىغۇچە ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ ئىلمىي يوسۇندا بالا تەربىيەلەشتىن سۆز ئاچالايمىز. مەن ھەر بىر قېرىنداشلاردىن بۇ ئەھۋالنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماڭا يېڭى تېمىلار ئۈستىدە تەكلىپ ۋە تەلەپ يوللىغان قېرىنداشلار ئىچىدە بالا تەربىيەسىنى تىلغا ئالغانلار خېلى كۆپ. شۇڭلاشقا مەن بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدەندىم. ھازىرمۇ ئىزدىنىۋاتىمەن. مەن بۇ قېتىم قېرىنداشلارغا مەلۇم بىر دۆلەت خەلقىنىڭ بالا تەربىيەسىنى ياخشىلىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بىر كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. كىتابنىڭ ئىسمى «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلىپىدە ئاشۇ دۆلەتنىڭ رادىيوسىدا بىر مەزگىل لېكسىيە قىلىپ سۆزلەنگەن. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغاندىن كېيىن، ئۇ لېكسىيەلەر توپلىنىپ، ۋە رەتلىنىپ، بىر كىتاب قىلىپ ئىشلەنگەن. ئۇنىڭدىن بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ كىتاب ئىنگلىزچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەن بۇ قېتىم ئاشۇ ئىنگلىزچە كىتابتىن پايدىلاندىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھازىرچە زېھنىنى پەقەت ماقالىدىكى مەزمۇنلارغىلا مەركەزلەشتۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەن بۇ قېتىم ئاپتورنى ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

مەن چەت ئەللەردە ناھايىتى ئۇزۇن ياشىدىم. ھەمدە ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن ماقالە يېزىپ بېرىمەن، دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى مەقسەتلىك كۆزەتتىم. ئاشۇ ئىشلارنىڭ بىرى بالا تەربىيەسىدىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا، مەن ياپونلار، يەھۇدىيلار ۋە ئامېرىكىلىقلار بالىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىر ئاز بىلىمەن. مەن بۇ قېتىم «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان بالىنى ياخشى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئىدىيەلەر مەن چەت ئەلدە كۆرگەن ۋە چەت ئەلدە بىلگەن بالا تەربىيەلەشنىڭ ئىلغار ئۇسۇللىرى بىلەن ناھايىتىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم (بۇ كىتابتا ئامېرىكىدەك تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدە چەكلەنگەن، بالىنى ئۇرۇشتەك بەزى ئۇسۇللارمۇ بار بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىپ قېلىشى ئۈچۈن ئاشۇنداق مەزمۇنلارنى قىسقارتىۋەتمىدىم، ئەمما مەن ئوقۇرمەنلەردىن ئۇنداق مەزمۇنلاردىن جانلىق پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن). ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يازىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە چوڭ-ئاپا ۋە چوڭ-دادىلارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بار. شۇڭلاشقا مەن بۇ ماقالىنى ھازىر ئۆزى لايىق ئىزدەۋاتقان، لايىق تېپىپ توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياشلار، ۋە بالىلىق بولغان، بالىسى خېلى چوڭ بولۇپ قالغان، ۋە نەۋرىلىك بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسلىدىكى كىتاب 3 چوڭ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر قىسىم يەنە كۆپلىگەن كىچىك تېمىلارغا بۆلۈنگەن. مەن كىتابتىكى پەقەت ئۇيغۇرلارغا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنىلا ئالىدىغان بولغاچقا، تۆۋەندە مەن مەزمۇن جەھەتتە كىتابنىڭ ئەسلىدىكى تەرتىپىنى ساقلايمەن، ئەمما كىچىك تېمىلارنى مەن ئۆزۈم قويۇپ ماڭىمەن. شۇنداقلا بۇ ماقالىنى تورلارغا بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ يوللايمەن. تۆۋەندە يازىدىغىنىم پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى كىتابتىكى مەزمۇنلار بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە ئايرىم مەزمۇن قىلىپ قوشۇپ قويىمەن.


1. لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس

ھەر بىر ئاتا ۋە ھەر بىر ئانىنىڭ يۈرىكى ياكى قەلبىدە ئوخشاش بىر نەرسە چوقۇم بار بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بىر ئورتاق ئارزۇدىن ئىبارەت. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئاتا ياكى ئانىلارنىڭ بىرسى بولىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا سىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ بىر پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. ئەگەر سىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئانچە ئېنىق ئەمەسلىكى ھەققىدە بەزى ئالامەتلەرنى كۆرىدىكەنسىز، مەيلى ئۇ چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، سىز ئالدىڭىزدا تېخى بىر ئېنىق يول بولمىغان ئاشۇ بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئازابىنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكىنى يۈرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇپ تۇرۇپ ياشايسىز.

بىر مۇكەممەل دادا ۋە بىر مۇكەممەل ئانا بولۇش ھەرگىزمۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇ بىر كىچىك مەسئۇلىيەتمۇ ئەمەس. بۇ مەسئۇلىيەت بىر بالا مۇشۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بالىنى ھەممە ئىشلاردا يۆلەش ھەر بىر دادا ۋە ھەر بىر ئانىنىڭ ئادەتتىكى مەسئۇلىيىتى بولۇپ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن مەسىلە ۋە ئېغىرچىلىقلار ھەرگىز بىر بالىنىڭ سالامەت تۇغۇلۇشى بىلەن تولۇق ھەل بولمايدۇ. سىز ھەرگىزمۇ تۇرىدىغانغا بىر ئۆي، ئۇخلايدىغانغا بىر كارىۋات، باشنى قويىدىغانغا بىر ياستۇق، ۋە تۇرمۇشنى قامدايدىغانغا بىر ۋاسىتە بولسىلا كۇپايە، دەپ ئويلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالالمايسىز. زۆرۈر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شۇ، دەپ ئويلاش ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ. بالىڭىز بىر پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشىشى ئۈچۈن قانداق ياشىسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر يېتەكچى ئىدىيىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردىڭىزمۇ-يوق، دېگەن مەسىلە ھەممىدىن مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

دادا بىلەن ئاپىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر يېرىدە بالىلىرىنىڭ بىر پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشەلىشى ھەققىدە بىر ئۈمىد بار بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار پەقەت بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار مۇۋاپىق پەيت، ياخشى پۇرسەت ۋە تەلەينى ساقلايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىش، ۋە ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەقلىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇلار «بالامنىڭ پېشانىسىگە نېمە پۈتۈلگەن بولسا، ئۇ شۇنىڭغا ئېرىشەر» دەپ قاراپ تۇرىدۇ. بالىنى ئۆز قىسمىتىگە تاشلاپ قويۇش بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىر ياخشى ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا سىز بالىڭىزنى ھەر ۋاقىت بىر پارلاق يولغا يېتەكلەيدىغان بىر چارە تېپىشقا ھەقىقىي تۈردە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئىش سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. بىزنىڭ بالىمىز بىزنىڭ يۈرىكىمىز. بىزنىڭ بالىمىز بىزنىڭ روھىمىز. بىز مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئاتا-ئانا بولغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. پەقەت ئاتا-ئانىلارلا بالىسىنى تەربىيەلەپ ۋە يۆلەپ، ئۆز كۆڭۈللىرىدىكى ئۇلۇغۋار ئۈمىدنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ ئاساستا بالىسىنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرىكى بىلەن روھىغا ئايلاندۇرالايدۇ.


2. بۇرۇن قىلغان ياخشىلىق كېيىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ

بەزى دىننىڭ قارىشىچە، بىر ئادەم بۇرۇن قىلغان ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇرۇن كۆرسەتكەن بەزى ئەمەللەر بۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر ئۆزلىرى بۇرۇن قىلغان ئىشلارنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، «بىز بۇرۇن نېمە ئىش قىلغانغا ھازىر مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كەلدۇق؟» دەيدۇ. بەزىلىرىمىز ھاياتىمىزدىكى چوڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققاندا بىر يەرگە مۆكۈنۈۋېلىپ تۇرۇپ يىغلايمىز، ھەمدە ئۆزىمىزگە «بىز قىلغان قايسى يامانلىقلار ئۈچۈن بىز مۇشۇنداق بىر ناچار ئەھۋالغا كىرىپ قالدۇق؟» دەيمىز. ھەر قانداق بىر ئادەم «مېنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىم مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ»، دېيەلەيدۇ. ئۇلار شۇنداق دېسە دەۋەرسۇن. ئەمەلىيەتتە بولسا بىزنىڭ بۇرۇن قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنىڭ كۈچى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمىزنى كونترول قىلىدۇ.

بىز بۇرۇن قىلغان ياخشى ئەمەللەر بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن گۈللىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز بۇرۇن سادىر قىلغان يامانلىقلار بولسا چوقۇم بىزنى پەسكە چۆكتۈرىدۇ. بۇ ئەسلىدە بىز ئىزدەۋاتقان «ياخشى تەلەي» نىڭ ئۆزى بولۇپ، بىز پەقەت ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىنىڭ كۈچى ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇپ يېتەلمەيمىز.

شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر سىز بالىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىڭىزغا دائىم ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا پەقەت ياخشى ئەمەللەرنىلا قىلىپ، يامانلىقلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ بالىڭىزغا قالدۇرغان بىر قىممەتلىك مىراس بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز نەگە بارسا بۇ ياخشى تەسىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدۇ. يەنى بۇ «ياخشى تەلەي» بالىڭىزغا ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولىدۇ.


3. بالىغا بولغان كۆيۈم قوش بىسلىق بولىدۇ

سىز بىر پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، سىز ئۇلارغا ئىنتايىن كۆيىسىز، ھەمدە ئاخىرى بىر پەرزەنتلىك بولغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىسىز. ھەممە ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىغا كۆيىدۇ. ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ بىر داڭلىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھېچكىم ئۆز پەرزەنتىگە بىلىپ تۇرۇپ يامانلىق قىلمايدۇ. بۇ بىر ئاددىي پاكىت. ئەمما، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا بولغان كۆيۈمى بىر قوش بىسلىق قىلىچقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كۆيۈمى بەزىدە پايدىلىق بولىدۇ. بەزىدە زىيانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈمى مۇۋاپىق بولىدىكەن، ئۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆيۈمى خاتا بولىدىكەن، شۈبھىسىزكى ئۇنداق كۆيۈم زىيانلىق بولىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا كۆيۈنۈش تەرىقىسىدە قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئۆز بالىلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. بۇنداق ۋەيرانچىلىقنى ئۇلار ئۆزلىرى بىلمەي تۇرۇپ سادىر قىلغان. يەنى، بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ بالىسىغا كۆيۈشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئۇنى ھەددىدىن زىيادە بەك قوغداپ، بالىسىغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئەركىنلىك بېرىۋېتىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا بالىسىنى ئۆز-ئۆزىنى باقالماسلىق ھالىتىگە ئەكېلىپ قويغان. بالا ھەممە ئىشتا ئاتا-ئانىسىغا يۆلەنمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالغان. بەزى ئائىلىلەردە، بالا نېمىنى ئالىمەن دېسە، نېمىنى قىلىمەن دېسە، ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭغا ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا ماقۇل بولىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىلار بىر ئىشقا «ياق» دەپ قويسا بالىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ھەممە ئىشىغا مۇشۇ تەرىقىدە يول قويىدىكەن، بالا ئاتا-ئانىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار باشقا ھەر قانداق نەرسىگە قارىغاندا بالىسىدىن بەكرەك قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلاردا بالىسىنىڭ ناتوغرا سۆز-ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان غەيرەت بولمايدۇ. بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئەركىلىتىدىغانلىقىنىمۇ (humour) ئوبدان بىلىدۇ.

ئادەتتە بالا بىرەر ئىش قىلغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ توختاپ، قىلغان ئىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ھەققىدە ئويلانمايدۇ. ئۇلار بىرەر نەرسىنى ئىستىگەندە، ئۇلار «ئۇ نەرسىنى ئېلىشىم كېرەك» ياكى «ماڭا ئۇ ئىشنى قىلىشقا يول قويۇلۇشى كېرەك» دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار قىزىققانلىق (compulsive) ۋە ئاسانلا ئاچچىقى كېلىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى بىر نەرسە چۆرۈۋېتىش، ۋە ياكى بىر نەرسىنى چېقىۋېتىش ئارقىلىق نامايان قىلىدۇ. ئاتا-ئانا بولسا بالىسىنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بالا مۇشۇنداق قىلىپ بىر قېتىم غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇ بۇنداق تاكتىكىنى ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە تەكرارلاپ تۇرىدۇ، ھەمدە ھەر قېتىم ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا گۇناھ كىمدە؟ بۇنداق ئەھۋالدا گۇناھ ئاتا-ئانىلاردا. چۈنكى ئۇلار بالىغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ قېتىم يول قويغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ بالىسىغا بولغان كۆيۈمدىن كېلىپ چىققان. بۇ يەردە ھېچكىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتىگە قارشى ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە بالىغا توغرا كۆيۈشتىن ئىبارەت.


4. بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ

بۇرۇنقىلار دەيدىغان مۇنداق بىر سۆز بار: «ئەگەر چارۋاڭغا كۆيسەڭ، ئۇنى باغلا. ئەگەر بالاڭغا كۆيسەڭ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇر (spank)». بىز بۇ سۆزگە قۇلاق سېلىشىمىز ۋە ئۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. ئۆز چارۋىلىرىغا بەك كۆيۈپ كەتكەن بىر ئادەم ئۇلارنى قويۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن يۈرۈشىگە يول قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ چارۋىلار باشقىلارنىڭ كۆكتاتلىرى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى يەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چارۋىلارنىڭ ئىگىسى بۇنىڭغا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇرى بولىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چارۋىلارنىڭ ئىگىسى ئۇلارنى قوزۇقلارغا باغلاپ قويۇشى كېرەك.

بۇ ئىش بالىلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بىز بالىمىزغا كۆيىمىز، ھەمدە ئۇلارنى جازالاشقا مەجبۇرى بولىمىز. ئۇلارنى جازالىغاندا بىز ئۇلارنى ئۆلگۈچە ئۇرمايمىز، ياكى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەيمىز. بەلكى، بىز ئۇلارنى كېلەر قېتىم ئوخشاش خاتالىقنى يەنە ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئويلىنىدىغان قىلىمىز. لايدىن تەشتەك ياسايدىغانلار بىر تال تاياق بىلەن تەشتەكنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇرۇپ، تەشتەكنى بىر چىرايلىق شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەرگىزمۇ تەشتەك يېرىلىپ كەتكۈچە ئۇرمايدۇ. بىر بالىنى جازالاشمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.

بالىلارنى ئەدەپلەشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. ئۇنىڭ بىرى پەقەت گەپ بىلەنلا ئەدەپلەش، يەنە بىرى بولسا بالىنى ئۇرۇش (flogging). بالىغا بىر نەرسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇلارغا ئۆگىتىش، ھەمدە قايتا-قايتا ئۆگىتىش كېرەك.

بالىلارنىڭ بىر تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، ئۇلار بىر دەممۇ جىم تۇرمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئاشۇ ئىشنى قىلىشنىلا بىلىدۇ. ئۇلار قىلغان ئىش بەزىدە توغرا ئىش بولۇپ چىقىدۇ. بەزىدە بولسا خاتا ئىش بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار قىلغان ئىشتىن بىرى خاتا ئىش بولسۇن، ئەگەر ئاتا-ئانا بالىنى توسمايدىكەن، بالىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيدىكەن، ئۇ ھالدا بالا «ئاشۇنداق ئىشنى قىلسام بولۇۋېرىدىكەن»، دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بالىنى ئاشۇنداق ئىشنى قىلىشتىن ھەرگىزمۇ توسمايدىكەن، بالا ئۇ ئىشنى قايتا-قايتا قىلىۋېرىپ، ئۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بالا بىر ئىشنى قىلىشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار مۇشۇ جەھەتتە خاتالىشىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارغا «بۇ بىر كىچىك ئىش ئىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر زىيىنى يوق»، دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ كىچىك ئىشلار چوڭ ۋەقەلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەقىل ئىشلىتىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىدىغان ئادەم چوقۇم ھەر دائىم بالىسى قىلىۋاتقان كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. كىچىك مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدىلا ھەل قىلغانلىق چوڭ مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت. ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر بۇرچى، بالىسىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرۇشتۇر. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بىر خاتا ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھامان، ئۇنى دەرھال توسۇشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.

بالىغا گەپ قىلغاندا، گەپنى سىلىق ۋە سوغۇق قانلىق بىلەن قىلىڭ. بالىڭىزغا ھەرگىزمۇ ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ گەپ قىلماڭ. چۈنكى سىز ناھايىتى ئاچچىقىڭىز كەلگەندە بالىڭىزغا گەپ قىلسىڭىز، ھەرگىزمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزمۇ ئاسانلا ئاچچىقى كېلىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بالىڭىزغا چوڭقۇر كۆيۈنۈش ۋە ناھايىتى ھېسداشلىق قىلىش تەرىقىسىدە گەپ قىلسىڭىز، ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشىسىز. دەسلىپىدە بالىڭىزغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ. بالىڭىزغا دادىسى بىلەن ئاپىسى ياخشى بالىنى ياخشى كۆرۈپ، ناچار بالىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر بالىڭىز ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم بىر ياخشى بالا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىڭ. ھۇرۇنلۇق قىلماي، مۇشۇنداق گەپلەرنى قايتا-قايتىلاپ دەپ تۇرۇڭ.

بىز بالىغا گەپ قىلغاندا، چوقۇم بالىمىز گېپىمىزنى تولۇق چۈشەنگۈچە گېپىمىزنى قايتا-قايتا دېيىشىمىز كېرەك. بالىمىز چوقۇم سەۋەبلەرنى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم نېمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئىشنى توغرا قىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا سىز بالىڭىزغا بىر ئىشنى ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن، بالىڭىزنى داۋاملىق كۆزىتىپ، ئۇ ئاشۇ ئىشنى توغرا قىلىدىغان بولدىمۇ-يوق تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. ئەگەر ئۇ ئىشلار تېخى پۈتۈنلەي ئىزىغا چۈشۈپ بولالمىغان بولسا، بالىڭىزغا داۋاملىق تەربىيە قىلىڭ. ھەرگىزمۇ بالىڭىزنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىشىغا يول قويماڭ. ئەگەر بالىڭىز سىز بۇرۇن ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ بولغان بىر ئىشنى يەنە خاتا قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشنى ئېيتىڭ. بالىلار ئۇنچىۋالا گەپ ئاڭلىماس كەلمەيدۇ. ئەگەر سىز بۇرۇن بالىڭىزغا توغرا تەربىيە قىلماي، بالىڭىزنىڭ پوقىنى قاتۇرۇپ قويمىغانلا بولسىڭىز، بالىڭىز گېپىڭىزنى چوقۇم ئاڭلايدۇ. بالىلاردىكى ئەسكى ئادەتلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا گەپ قىلماسلىقى، ۋە ئۆز ۋاقتىدا تەربىيە قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئەگەر بالىغا بىر ئىشنى ئۆگىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئاشۇ ئىشتا خاتالىق ئۆتكۈزىدىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن بولىدۇ. ئەمما، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەگەر شۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىڭىز يوق بولۇپ قالمىسا، ھەرگىزمۇ بالىڭىزنى ئۇرماڭ. ئەگەر بالىڭىزنى داۋاملىق ئۇرۇپ تۇرىدىكەنسىز، بالىڭىز ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىپ، بالىڭىزنىڭ تېرىسى قېلىنلىشىپ، ئۇنىڭغا تاياقمۇ ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بارا-بارا تاياقتىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىنى ئۇرۇشتا ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئەقىلنى ئوبدان ئىشقا سېلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بالىنى ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ئۇرماڭ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئاچچىقى كەلگەن ھامان بالىسىنى ئۇرىدۇ، بالىنى قالايمىقان ۋە سەۋەبسىز ئۇرىدۇ. بۇ بالىغا رەھىمسىزلىك قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بالىڭىزنى ئۇرمىسىڭىز بولمايدىغان يەرگە كەلگەندە، ئۇرۇشتىن باشقا چوقۇم يەنە بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ. بالىڭىزغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چوقۇم ياخشى چۈشەندۈرۈڭ. بالىنىڭ قىلغىنى بىر خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى، سىز ئۇنى بۇ ھەقتە بۇرۇن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىڭىزنى، ئەمما ئۇنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئوبدان چۈشەندۈرۈڭ. بالىڭىزغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم يەنە ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتىڭ. چوقۇم بالىڭىز ئۆز كۆڭلىدە قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بىر ھالەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈڭ. بالىڭىزنىڭ بۇ قېتىم ئاشۇ بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ جازالانغانلىقى، سىزنىڭ ئۇنى مۇشۇنداق جازالاشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ بۇ ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىن ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاشۇنداق خاتالىقنى قايتا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بالىڭىزغا تولۇق بىلدۈرۈڭ.

بالىڭىز يامان ئىشلارنى قىلىشتىن توختىغاندا، تەبىئىي ھالدا ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان بولىدۇ. بالىڭىزغا چوقۇم «ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق» كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىڭ. يەنى، خۇددى خاتا ئىش قىلغاندا بالىڭىز جازاغا ئۇچرىغانغا ئوخشاش، بالىڭىز ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا، ئۇلار چوقۇم بىر ئاز مۇكاپاتقا ئېرىشىشى كېرەك. شۇڭا بالىڭىز ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا، چوقۇم ئۇنى بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرەر بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاڭ. بالىڭىزنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە ھەرگىزمۇ بىخۇدلۇق قىلىپ پەرۋاسىز يۈرمەڭ. بالىڭىزنىڭ ياخشى سۆز-ھەرىكىتىنى چوقۇم ماختاڭ ۋە مەدھىيەلەڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ يامان سۆز-ھەرىكەتلىرىنى چوقۇم تەنقىدلەڭ. بۇ بالا تەربىيەسىدىكى بىر ئىنتايىن مۇھىم پىرىنسىپ. بالىڭىزغا قايتا-قايتا ئۆگىتىش بالىڭىزنى بىر ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى. بۇ ھەقىقەتكە ھەممە ئاتا-ئانىلار چوقۇم تولۇق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

«كىتاب ئوقۇش يىلى» ھەققىدىكى يېڭى ئىدىيەلەر

2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى ئىدىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەن تورلاردا ئۇچراتقان كىتاب ئوقۇش يىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يازمىلار بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تور ئادرېسلىرىنى بۇ يەرگە تىزىپ قويدۇم:

ئۇيغۇرلاردا كىتابەتچىلىك
http://bbs.bagdax.cn/thread-27588-1-1.html

ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن «كىتاب يىلى» غا ئازغىنە سوۋغات
http://bbs.bagdax.cn/thread-27576-1-1.html

كىتاب ئوقۇش يىلى پىلانى ۋە كىتاب ھەققىدە
http://bbs.izdinix.com/thread-61595-1-1.html

كىتاب يىلىدا بەرىكەت تاپ! ساماۋەر ئاشخانىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-61600-1-1.html

بۇ كىتابلار سىزدە يوق ھەرقاچان ھاما
http://bbs.izdinix.com/thread-61596-1-1.html

ئەڭ داڭلىق نادىر كىتابلار سېتىلىدۇ
http://bbs.izdinix.com/thread-61570-1-1.html

كىتاب ئوقۇش يىلى ھەققىدە يېڭى تەكلىپ
http://bbs.bagdax.cn/thread-27544-1-1.html

كىتاب يىلىنىڭ تۇنجى قەدەملىرىنى قانداق پىلانلىدىڭىز؟
http://bbs.bagdax.cn/thread-27552-1-1.html

كىتاپ ئوقۇش يىلىمىزدا كىتاپ ئوقۇشنىڭ يوللىرى
http://bbs.izdinix.com/thread-61618-1-1.html


ئەسكەرتىش:
ۋاقىت قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر 2 ھەپتىدە بىر پارچە يېڭى ماقالە تەييارلاشنى قارار قىلدىم. بۇ قارارىم بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويۇشى مۇمكىن بولۇپ، مەن ئۇ قېرىنداشلاردىن ئالدىنئالا ئەپۇ سورايمەن. NASA  ۋە كائىناتتىكى ئىشلارغا ئائىت يېڭى خەۋەرلەرنى بۇرۇنقىدەكلا ئۆز ۋاقتىدا يېزىپ يوللاپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

(داۋامى بار)

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:10:35

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا! يېڭى يىللىق قىممەتلىك سوۋغىڭىزغا رەھمەت!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:18:36

يېڭي يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:30:05

بۇ يازمىنى كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:35:38

     خىزمىتىڭىزنىڭ شۇنداق ئالدىراشلىقىغا قارىماي بىز ئۈچۈن ئاجايىپ مەنپەئەتلىك مۇنەۋۋەر يازمىلارنى يوللاپ تۇرۇشنى تاشلىماي كەلدىڭىز، بۇ جۈمەدىكى يەنە بىر ئېسىل ماقالە! ئاللاھ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلسۇن!
      بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت ناھايىتى مەنپەئەتلىك بىر تېمىنى باشلاپ بەردىڭىز، مۇنبەردىكى سىز باشلىق بىلىملىك قېرىنداشلىرىمىز بۇ تېمىدىكى بالىلار تەربىيىسى مەسىلىسىگە قارىتا قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى بېرىپ، بۇ تېمىنى پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىر مۇھىم قوللانمىغا ئايلاندۇرپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
     

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 11:05:40

سەركە ھۇشيار بولسا، پادا ئ‍ازماس. مۇشۇنداقراق ماقال تەمسىل بارغۇ بىزدە . مىنىڭچە مۇشۇنداق كىشلىرىمىزنىڭ ھەرساھە،ھەركەسىپ،جەمىيەتتە خالىس سەركىلىك رولىغا چەكسىز رەھمەتلەر ئ‍ەيلەيمىز، ھەم ياخشى تىلەكلەرنى ،ئ‍ارزۇلارنى كۈتىمىز . ئ‍التۇن تىنىڭلار ئ‍امان بولسۇن .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 11:10:57

ئالدىرىماي ئوقۇي

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:21:05

مۇشۇ كىتاپ « بالىڭىزغا توغرا كۆيۈنۈڭ » بىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بوپتىكەن
بىرەرسىڭلار قولغا ئالساڭلار ياكى ئالايدىغان تونۇشى بارلارغا تەۋسىيە قىلساڭلار كىتاپ تەرجىمە قىلىنسا ۋە نەشرىياتتىن بېسىپ تارقىتىلسا بوپتىكەن
قىزىم 21 ئايلىق بولدى ، مەن كەلگۈسىدە ياۋروپا ئامېرىكىلاردا دوكتور ئوقۇتۇپ قىزىمنى ئالىم قىلىشنى نىيەت قىلدىم
ئەمما مۇشۇ نىشان ئۈچۈن قانداق يېتەكلەيمەن ، قانداق تەربىيىلەيمەن كاللامدا ئېنىق سان يوق ، گەپنىڭ قىسقىسى بىلەلمەيۋاتىمەن

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:30:20

بالا تەربىيلەش دىگەن ئەڭ تەس ئىشنىڭ بىرسىكەن، بالاممۇ13ئايلىق بوپ قالدى، بالىنىڭ ئارىسىغا چوڭلار كىرىۋىلىپ يىتەكلەش بەك تەسكە چۈشىۋاتىدۇ. ئۆزىمىز باقايلى دىسەك خىزمەت قىلمىساق تىخى، چوڭلار باقسا بەك ئەركە ئۈگىتىدىكەن، خاتا قىلغاننى ئازراق چەكلەيلى دىسە، كىچىك بالىنى يىغلاتماي خالىغانغا قويۇپ بەر، چوڭ بولغانچە ئاستا ئاستا ئۈگۈنۈپ كىتىدۇ دەيدىكەن،  ئۇلارغا مۇنبەردىكى بالا تەربىيلەشكە ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بەرسەم كىتاپتىكى نەرسىلەر ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدۇ، بىزمۇ سىلەرنى مۇشۇنداق چوڭ قىلغان دەپ تەرسالىق قىلىپ تۇرىۋىلىپ بالىنى تەربىيلەش، خاراكتىر يىتىلدۈرۈش تەس بولىۋاتىدۇ.

hemdem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 13:32:50

ھەر بىر ماقالىڭىزنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن خېلى ۋاقىت ئۆتكۈچە  ئويلىنىپ كىتىمەن .

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:18:09

بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىلمكەن.رەھمەت سىزگە ئەركىنكا!

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:26:03

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 12:21 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كىتاپ « بالىڭىزغا توغرا كۆيۈنۈڭ » بىر ئۇيغۇرچىغا  ...

:handshake
بىزنىڭ ئۆيدىمۇ شۇنداق...مېنىڭمۇ بەكلا بېشىم قېتىۋاتىدۇ......چوڭلارغا چۈشەندۈرۈپمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم......

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:27:05

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 12:21 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كىتاپ « بالىڭىزغا توغرا كۆيۈنۈڭ » بىر ئۇيغۇرچىغا  ...

سېتىنا خانىمنىڭ ئەۋلات تەربىيىسى دېگەن كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن...بىر ئوقۇپ چىقىڭ...كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك كىتاپ...

بىلىمخۇمار ئەپەندى...سىزچىچۇ؟

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:30:42

يازغانلىرىڭىز ماڭا يۇقمىغان بىلەن ئەستايىدىللىقىڭىز ، سەمىيمىيلىكىڭىز ، ئىرادىڭىز يۇقىۋاتىدۇ ئاللاھتىن ساپ قەلىبلىك بىلىملىك كىشىلەرنى كۆپلەپ يىتىشتۈرۈپ بىرىشىنى تىلەيمەن .

alper999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:16:23

رەھمەت ناھايىتى بەك خۇشال بولدۇم

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:34:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئەپەندىم.يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ھەم زۈرۈر تېما بۇلۇپتۇ.پەرزەنت تەربىيىسى ناھايتى قىيىن ئىشلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ ،خەلقىمىز بۇ چوڭ ئىشنى كىتاپ ئۇقۇش يىلىدا كىتاپ ئۇقۇش ئارقىلىق بىر بالداق يۇقۇرى سەۋىيەگە كۆتۈرىشى مۇمكىن.پەرزەنت تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاتا ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۈزىنى تەربىيەلىشى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 20:57:28

nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 14:27 static/image/common/back.gif
سېتىنا خانىمنىڭ ئەۋلات تەربىيىسى دېگەن كىتاپنى تەۋسى ...

مەن ئۇ كىتابنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.  ئاپتور بىلەن كىتابنىڭ ئىسمىنى ئىنگلىزچە دەپ بەرگەن بولسىڭىز.  رەھمەت.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 22:10:04

قالتىس يازما بوپتۇ.. مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدىغان يازمىلارغا تەشنامىز.{:90:}{:90:}{:90:}{:90:}

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 09:53:01

خەنزۇچە مەكتەپلەردە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 溺爱نى يوقىتىش دەپ نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 10:03:01

ئىشقىلىپ بالىلارغا رەھىمسىزلىك قىلىش بەك ئېچىشىنشلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز تەرەپتە 38ياشلىق خەنزۇ ئەر ئاتا-ئانىسىنى چاناپ ئۆلتۈرۋەتتى. ئۇ قانۇن ئورۇنلىرىغا « دادام ئاپام مىنى كىچىكىمدىن بەك قاتتىق باشقۇراتتى. مىنى تىللايتى. باشقىلارنىڭ ئالدىدا كەمسىتەتتى. ئون نەچچە ياش ۋاقتىمدا باشقا نەۋرە ئاكا ، سىڭىلىرىم بىلەن مىھماندارچىلىققا بارغاندا مىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا «قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدۇ يارىماس »دەپ تىللىغانتى. شۇندىن بۇيان ئۆزەمنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇلار چىڭ تۇتقانسېرى ئوقىغۇم كەلمەي قالدى. كېيىن ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم. مېنىڭ تىجارەت قىلغۇم بار ئىدى. لېكىن ئۇلار مېنى ئالى مەكتەپ ئوقىمىدىڭ يارىماس دەپ قىلغىلى قويمىدى. كېيىن ئالى مەلۇماتلىق خوتۇن ئالدىم. ئۇلار مېنى ئايالىمنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق كەمسىتكىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۋىتىش خىيالى پەيدا بولدى ................»دىگەن.
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ