tarsa101 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 17:52:38

( ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى )

        〔ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى〕

مىنىڭ ئۈچۈن تالايلاپ جەبىر چەكسىمۇ،
يەنە مەندىن يۈرەگىگە ئازار يەتسىمۇ .
كۆزيىشىنى سۈرۈتىپ كۈلەلەيدىغان ،
مىھرىبان ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى.


ياخشى كۈندە غەلبىدە ئورتاق تىرىشىپ،
بەخت ئۈچۈن بارىدىن جىنىدىن كىچىپ .
مىنىڭ ھالىم، ھاياتىم سىنىڭ دەيدىغان،
ۋىجدانى بار ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى.

مال-دۇنيانى دىمەستىن سۈيۈپ قەدىرلەپ،
سۆيگۈ بىلەن قاندۇرۇپ مىنى ئەزىزلەپ.
يار-يۈلۈك بۇپ ھاياتتا يۈرەلەيدىغان ،
دىللىرى پاك ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى .

ئاتا-ئانامنى مەندەك سۈيەلەيدىغان،
شۇلار بىلەن شاتلىنىپ كۈلەلەيدىغان.
ئائىلىگە سۆيگۈگە مىھىر- ئىشقى بار،
ھايالىق ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى.


2013--04--19 مارالبىشى
ئاپتۇرى : ياسنجان ئەيسا تەرسا

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:59:44

خۇدايىم بىرىپمۇ قالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە.........:lol

pultap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:03:06

ئەتراپىمىزدا ئۇنداقلار بار،لىكىن بايقىماق تەس

tarsa101 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 06:58:36

osmanuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 15:59 static/image/common/back.gif
خۇدايىم بىرىپمۇ قالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە.........

ھى  ھى    ماقۇلە  رەھمەت   ئىمسە

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 17:57:34

ayqin1022 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 08:45:38

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 17:57 static/image/common/back.gif
باشقىلارغا ئاۋال مەن نىمە بەردىم دەپ ئۆزىگە سوئالدىن ب ...

http://www.izdinix.com//mobcent//app/data/phiz/default/04.pnghttp://www.izdinix.com//mobcent//app/data/phiz/default/04.pnghttp://www.izdinix.com//mobcent//app/data/phiz/default/46.png
بەت: [1]
: ( ياخشىلاردىن يارىم بولسىدى )