kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 14:44:58

[خەتلىك فىلىم] ئىستانبۇلنىڭ بەختى



فىلىم نامى: ئىستانبۇلنىڭ بەختى
تۈركچە نامى: Mutluluk
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2007-يىلى
دۆلىتى: تۈركىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: تۈركچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 7.7
رازمىرى: 720*1280
چوڭلىقى: 2.17GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:02:57
رېژىسسور: Abdullah Oguz
باش روللاردا: Özgü Namal, Talat Bulut, Murat Han

فىلىم ھەققىدە:
مەريەم 15 ياشلىق سەھرا قىزى بولۇپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ھەمدە بولغان ئىشلار ئېسىدە قالمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بولسا «گۇناھكار» مەريەمنى ئۆلتۈرۈپ ئائىلە شان-شەرىپىنى قوغدىماقچى بولىدۇ، ئەمما ھەممىلا يەردە ژاندارما ئەترىتى بولغان بۇ چاغدا بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئاسان ئەمەس ئىدى، شۇڭىلاشقا يېڭىلا ھەربىيلىكتىن قايتىپ كەلگەن جامالغا مەريەمنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلىدۇ، ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل مەريەم بولسا ئىستانبۇلغا بېرىپ ئاشۇ يەردە ياشايدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇلار ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن جامال قول سالالمايدۇ، جامال ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىسا كەنتكە قايتالمايدىغان بولغاچقا مەريەمنى ئېلىپ ئىستانبۇلدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈيدۇ.
خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغان ئەمما روھى جەھەتتىن مەنىسىزلىك ۋە غېرىبلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان پروفېسسور ئېرپان، جامال ۋە مەريەم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر مەزگىل سەپەرداش بولىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سىرلار يېشىلىشكە باشلايدۇ...

كەسمە رەسىملەر:












بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

قوشۇمچە:
2014-يىلى كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقاتقان 34 فىلىمنى يىغىپ ھەمبەھىر قىلىپ قويدۇق، ساقلاپ قويماقچى بولغانلار بۇ بەتكە كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭلا.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:02:54

ياخشى فىلىمدەك قىلىدۇ، ئاۋۇ پروفېسسور مېنى قىزىقتۇردى.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 10:07:35

ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپ كۆرۈپ باقاي قىنى{:87:}

Elshir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 11:23:29

ما فىلىمنىڭ كىتاۋىنى تېخى 5كۈننىڭ ئالدىدا ئوقۇپ تۈگەتكەنتىم، كىتاپ تىشىدا ئۈستىدىكى ئىلىفنىڭ رەسىمى بارتى،
راستىنلا فىلىمدىكى باش قەھرىمان شۇكەندە.
كىتاب ماڭا تازا يارىمىدى، جامالدەك بىر جەڭچىنىڭ ئوبرازىنى ياخشى يورۇتۇلغان، لىكىن، باشقا ۋەقەلىكلەر بولۇپمۇ باسقۇنچىغا بىر موللامنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ماڭا قەتئىي يارىمىدى، شۇڭا كىتاپ بەك ياراپ كەتمىدى ماڭا.

كىتابىنى ئەمدى ئوقۇپ تۈگەتكەچكە، ما فىلىمىنىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي قىنى.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:22:19

رەھمەت،كۆرۈپ باقاي.رەسىمگە قارىسام ئاۋۇ قىز پولاتنىڭ كىنوسىدىكى ئېلىف بەك ئوخشاۋاتىدىغۇ، 1-بۆلۈملەرىدە چىقىدىغان.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:27:19

تۈنۈگۈن كىتابىنى ئالغان تېخى ...

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:51:25

ئېسىل فىلىمكەن!

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 13:26:14

كىتابى بەك زېرىكىشلىك بىلىندۇ ماڭا. 4يىل بولدى تېخىچە ئوقۇپ تۈگۈتۈپ بولالمىدىم. ئاۋۋال مۇشۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ باقايچۇ...

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 13:46:45

تۇركىيەنىڭ كىنولىرىدىن ئاي لا ۋىيو دىن باشقىسىنى كۆرەپ باقمىغانتىم ماۋۇنى كۆرەپ باقاي قىنى.............
ھە راس تۇنۇگۇن بىرىنچى تامچە قاننى كۆرەي دەپ بىكىتىڭىزگە چىقىپ قويسام يۇكلەش مەغلۇپ بولدى دەپلا چىقىۋالدى . باشقا كىنولا نورمالدەكمۇ تۇرىدۇ،بىر قاراپ باقسىڭىز......

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:13:19

سىلەر دەۋاتقان كىتاپ ئۇيغۇرچىمۇ ؟ تۈركچىمۇ ؟

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:35:51

راست گەپنى قىلسام تۈركىيە فىلىملىرىدىن «چالىقۇشى»دىن باشقىسىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن. بۇ كىنونى ئاخشام يېرىم كېچىگىچە چۈشۈرۈپ، بۈگۈن تېلېۋىزوردا كۆرەي دېسەم، تېلېۋىزوردا يانفوندا چىققاندەك كىچىك چىقىۋېلىپ، يەنىلا كومپيۇتېردا كۆرۈپ تۈگەتتىم. بۇ كىتابنى نەچچە ئاي بۇرۇنلا ئوقۇپ تۈگەتكەن ھەم ماڭا بەك ياراپ كەتكەن بولغاچقا بەك قىزىقىپ كۆردۈم. لېكىن پۇخادىن چىقمىدىم. ۋەقەلىكنى ۋىنراردا قىسقاندەك قىسىۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە روماننى كىنو قىلىشتا ئىخچاملاش زۆرۆردۇر. بىراق كىتابنىڭ ئەڭ ئېسىل يېرى تۈرك - كۇرد سوقۇشلىرى قىسقارتىۋېتىلىپ بەك يامان بوپتۇ. يەنە بىر قاملاشمىغان يېرى رومان ۋەقەلىكىنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىپ، روماندا يوق ئىشلارنى كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ. كىنودا جامال مەريەمنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ھەم ئاخىرى ئىككىسى بىرلىشىدۇ. روماندا مەريەم بىر ئاشپەزنىڭ ئوغلى بىلەن ياخشىلىشىپ قالاتتى. كىنودا مەريەمنىڭ دادىسى ئاكىسىنى (باسقۇنچى موللىنى) ئېتىۋېتىپ كىنپ تۈگەيدۇ. روماندا ئۇنداق ئىش يوق. ئىشقىلىپ خېلى كۆپ ئۆزگەرتىپتۇ. ئېسىل بىر روماننى كىنودا ئەمەسلا بىر ئاددىي ۋەقەلىككە ئايلاندۇرىۋېتىپتۇ.
«ئىستانبۇلنىڭ بەختى» ناملىق بۇ رومان 2014- يىلى ئىككى تەرجىمان تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدىن تەڭلا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان ئىدى. ماڭا بەك ياققان ئىدى. دۇنياۋىي داڭلىق رومان دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. فىرانسىيە زوڭتۇڭى بەك ماختاپتىكەن. شۇنىسى مەريەمنىڭ دادىسىنىڭ ئوبرازى ماڭا يارىمىغان ئىدى.
لېكىن ماۋۇ كىنونى بىر قېتىم كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن. تەرجىمىسىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ.

Elshir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 15:45:38

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 15:13 static/image/common/back.gif
سىلەر دەۋاتقان كىتاپ ئۇيغۇرچىمۇ ؟ تۈركچىمۇ ؟

كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى «شەرق شامىلى»قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە (ھۆكۈمەت) تەرجىمە قىلغان.
مەن بىكارچىلىقتا، بۇ كىتاب قولۇمغا چىقىپ قىلىپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. پۇلغا ئالغۇچىلىقى يوق بۇ كىتابنىڭ. ئوقۇغىچىلىقىمۇ يوق. ئوقۇماي قويۇڭلار.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 17:38:43

مەريەمگە تاغىسى باسقۇنچىلىق قىلغان بولدىمۇ شۇنداق قىلىپ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 18:24:53

بۇ كىتاب بۇ كىنو بولامدۇ بولمامدۇ زادى؟؟؟

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 18:51:27

تاغىسى باشقۇنچىلىق قىلغان بولدىغۇ دەيمەن، ئاخىرىدىكى گەپلىرىگە دىققەت قىلسام.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:10:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elipbe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 23:12  

   بىر كىنو بولىدىغان كورتلار تاغلىق رايۇنى تەسۋىرلىنىدىغان  
فىلىمدىكى بىر دىئالۇگلا ئېسىمدە قاپتۇ «سەن ئۆلسەڭ شەھىد مەل ئۆلسەم ترورست »  
  

President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 23:35:54

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 23:10 static/image/common/back.gif
بىر كىنو بولىدىغان كورتلار تاغلىق رايۇنى تەسۋىرلىنى ...

2010-يىلى ئىشلەنگەن كىنوغۇ دەيمەن؟ كۇرد چولپان ماھسۇن قىرمىزگۈل ئىشلىگەن، ئۇيغۇرچە ئىسمى: قۇياشنى كۆردۈم، ئاقبۈركۈتتىكىلەر خەنسوچىدىن تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان. بۇ كىنونىڭ تۈركچە ئىسمى: Güneşi Gördüm، خەنسۇچىغا 战火重生 دەپ تەرجىمە قىپتىكەن. لېكىن پىچەت كىنو!
ماھسۇن قىرمىزگۈلنىڭ «نىيۇ-يوركتا بەش مۇنار» دېگەن يەنە بىر كىنوسى بار، 1-چىسلادا ماھسۇن قىرمىزگۈلنىڭ «مۆجىزە» دېگەن يەنە بىر كىنوسى چىقتى، تۈركىيەدىكىلەر كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 10:44:00

bedexshan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 17:38 static/image/common/back.gif
مەريەمگە تاغىسى باسقۇنچىلىق قىلغان بولدىمۇ شۇنداق قىل ...

دادىسىنىڭ ئاكىسى باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن! تولۇق كۆرسىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا چىقىدىكەن ...

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 10:49:02

ھەقىقەتەن تەسىرلىك كىنوكەن.. ئەڭ ئاخىرىدا كۆزلىرىم نەملىشىپ قالدى..   
تولۇق بىر قېتىم كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كىنوكەن... تەمىنلىگۈچىگە كۆپ رەھمەت.

بۇ كىنودىكى « ھەر بىر تۈرك تۇغۇلۇشىدىنلا جەڭچىدۇر! ھەر بىر تۈرك تۇغۇلۇشىدىنلا جەڭچىدۇر!»  دېگەن گېپى قالتىسكەن گەرچە مەست ۋاقتىدا دېيىلگەن بولسىمۇ{:87:}{:87:}

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:03:44

yasinjanaks يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 10:44 static/image/common/back.gif
دادىسىنىڭ ئاكىسى باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن! تولۇق كۆرسىڭ ...

تاغىسى دىگەن شۇغۇ،
مەن تېخى ئۆگەي ئانىسى بىلەن باغلىۋاپتىمەن، بۇ سۈيقەسىتنى....
بىچارە دادىسى.....
يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى. باشتىن ئاخىر يىغلاپ دىگەندەك....
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] ئىستانبۇلنىڭ بەختى