mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 09:28:15

ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم قىلىپ بېقىڭ

                                                          قىياپەت بىشارىتى




         ئەسكەرتىش:بۇ ماقالىنى كۆرۈپ،ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن دەپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.



            چىراي ۋە قىياپەت بىشارىتى قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن يىللىق تەجرىبە ساۋاقلىرىنىڭ يەكۈنى بولۇپ، چىراي ئارقىلىق ئادەم كەلگۈسى ۋە سالامەتلىكىدىن ئۇچۇر بىرەلەيدىغان بىرخىل ئىلىم. كۆپۈنچە تىۋىپ ھېكىملار «چىراي بىشارىتى»ئارقىلىق كىسەل كۆرۈپ كەلگەن، بىرقىسىم پالچىلار پال ئېچىشتا«چىراي بىشارىتى»دىن ھەم پايدىلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن كۆپۈنچە تىۋىپلار تومۇر تۇتۇشتىن باشقا كىسەللنىڭ چىراي ئالامەتلىرىگە قاراپمۇ كىسەللەرگە دىئاگۇنۇز قويالايدۇ. ئادەتتە بىرئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تولۇق بىلگىلى بولمىسىمۇ لىكىن بىرئادەمنىڭ چىرايى ئىپادىسى،گەپ سۆزلىرىنىڭ ئورامى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى خوشاللىق ۋەخاپىلىقلىرىدىن ھەم ئوي پىكرىدىن ئازراق بولسىمۇ بىشارەت بىرەلەيدۇ. يەنى بىركىشىنىڭ خوشال بولىۋاتقانلىقى، ياكى ئازاپلىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەرقانچە يوشۇرسىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇجەھەتتىكى بىلىملەرنى بايقاپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئامرىكا قاتارلىق تەرەققى تاپقان ئەل ئالىملىرى تېخى يېقىندا «چىراي تىلى»دىگەن كىتاپنى يېزىپ چىقتى. بىراق بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا «قىياپەتنامە» دىگەن كىتاپنى يېزىپ بۇجەھەتتىكى تەتقىقاتنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ بولغان. «چىراي تىلى» دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى روبىرت ۋايت شوت ئامرىكىدىكى بىلىمى چوڭقۇر خاراكتىرشۇناس ئالىم ، ئۇ ئامرىكا فىدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ «چىراي پەرقلەندۈرۈش» مەسلىھەتچىسى ھەم «چىراي پەرقلەندۈرۈش» ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئالىم. دىمەك ھازىر ئالىملار ئادەملەرنىڭ چىراي جەھەتتىكى ھەرخىل ئالاھىدلىكلىرىگە قاراپ ھەرخىل خاراكتىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلمى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان. دىمەك بۇتەتقىقاتچى ئالىملار، ئادەملەرنىڭ مىجەز ۋە خاراكتىر ئالاھىدلىكى تۇغما بولىدىغانلىقى، بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى، خاراكتىرى، ئىستىلى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھەمدە ئىقتىدارىنى مۇھىت ئەمەس، كۆپىنچە ئىرسىيەت بەلگۈلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. مەسىلەن؛ ئامرىكا ئوھىئو شىتاتىدىكى «قوشگىزەك ئاكا-ئۇكا جىم» لارنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنى تۇغۇلىشى بىلەنلا ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىجتىمائى تەبىقىگە مەنسۇپ ئىككى ئائىلە بېقىۋالغان، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۆزلىرى دائىم بېرىپ تۇرىدىغان فىلورىدا شىتاتىدىكى بىر سايازلىقتا ئۇچرىشىپ ئۆزئارا تونۇشقان ۋە مۇنۇلارنى بايقىغان:
ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بېتتى ئىسىملىك قىزغا ئۆيلەنگەن، ئەمما ئاجرىشىپ كەتكەن، كىيىن يەنە ھەر ئىككىلىسى لىندا ئىسىملىك قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولۇپ، تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولغان. ئىككىلىسى مۇھەببەت خەتلىرىنى ئۆيى ئەتراپىغا تاشلىۋەتكەن. ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش ماركىلىق پىكاپ ھەيدەيدىكەن، ھەر ئىككىلىسى ئايرىم قورۇدا تۇرىدىكەن، قورۇسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن، ئىككىلىسى دىيىشىۋالغاندەكلام دەرەخنى قاشاغا ئالغانكەن، ھەر ئىككىلىسى باغۋەنچىلىكنى ياقتۇردىكەن. ھەر ئىككىلىسىدە گىمروي بار ئىكەن. ھەر ئىككىلىسى قانۇن تەرىپىدىن ئەيىپلەنگەن بولۇپ، ھازىر ئىككىلىسى قەرىز تۆلەۋىتىپتۇ. .دىمەك ئەمىلى تەتقىقات ئارقىلىق شۇ مەلۇم بولدىكى؛ ئەگەر ئىككى ئادەمدە ئوخشاش چىراي، ئوخشاش ئىرسىيەتلىك گىن بولسا، ئوخشاش ئىش قىلىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدلىكى ئوخشاش بولىدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ بىز تۇرمۇشىمىزدا، چىرايى ئوخشاش قېرىنداشلارنىڭ بىرقىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز.ئەڭ مۇھىمى ئالىملارنىڭ يۇقارقى تەتقىقاتى ؛«بىر ئادەمىڭ تەقدىرى، ئۆمرى، رىسقى، خاراكتىر ئالاھىدلىكى، ياخشى يامان بولىشى، ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى چاغدىلام بىكىتىلىپ بولىدۇ» دىگەن ھەدىسنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلدى. يەنە بىر جەھەتتىن بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق؛ سۆيۈملۈك، نەپرەتلىك، ئازاپلىق، قايغۇلۇق، خوشال-خوراملىق، كۈلگۈنچەك، سۈرلۈك، دىققەتچان، بىزەڭ، شوخ، يەڭگىلتەك، يىرگىنىچلىك، ….دىگەندەك ھەرخىل چىرايلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بىز بۇچىرايلاردىن بىر قاراپلا ھەرخىل ئۇچۇر بىشارەتلىرىنى تاپالايمىز. بىز بەزىلەرگە چىراي كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئامراق بولۇپ قالساق، يەنە بەزىلەرنىڭ چىرايىنىڭ يېقىمسىزلىقىدىن ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا خوشىمىز چىقمايدىغان ئىشلار بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئەجداتلىرىمىز قەدىمدە تەتقىق قىلغان ھەرخىل چىراي بىشارەتلىرى؛
@باش بىشارەتلىرى-ھەركىشىنىڭ بېشى چوڭ،ياكى نورمال، چاچلىرى يىرىك قۇۋەتلىك بولسا، شۇ كىشىنىڭ پەم پاراسەتلىك سېخىلىقىدىن بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ بېشى كىچىك، چاچلىرى شالاڭ، ۋە جانسىز بولسا شۇ كىشىنىڭ ئەخمەق ،جاھىل ،نادان، زىھنى تۆۋەن، ئىقتىدارسىز بولىدىغانلىقىغا بىشارەتتۇر. كاللىسىنىڭ ئارقا تەرىپى يوغان ياكى تولغان ئادەملەرنىڭ جىنسى ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەكسىچە كاللىسىنىڭ ئارقا تەرىپى گەدىنى بىلەن تۈز كەلگەن ئادەم جىنسى ھەۋىسى بىرقەدەر ئاجىز كىلىدۇ.
@چاچ بىشارەتلىرى-چاچ چۈشۈپ پاينەك باش بولۇپ قېلىش، بۆرەك خىزمىتى ئاجىزلىغانلىقنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇققا مايىل بولغانلىقنىڭ بىشارىتى. شۇڭا بۇنداقلار بۆرەكنى قۇۋەتلەيدىغان بەدەننىڭ ھۆل ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرىدىغان ياڭاق سىيادان قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى…. ئىستىمال قىلىش كىرەك. چاچنىڭ ئاقىرىشى، بەدەندە ھۆل قۇرۇق سوغۇق ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ، قېرىشقا باشلىغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. چاچنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كىتىشى، كىزىك بولغانلىقنىڭ، ياكى خىمىيەلىك دۋالانغانلىقنىڭ بىشارىتى.
چاچ شالاڭلىشىش
قالقانسىمان بەز ئاجرالمىلىرىنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمون بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەڭشەيدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەزنىڭ ھالىتى ئاقسىلىنىڭ ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتسە، چاچ چۈشۈش ۋە چاچ شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى يەنى ئادىتى ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكمۇ چاچنىڭ شالاڭلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىشى مۇمكىن.
چاچ چۈشۈش
تۆمۈر كەملىكتىن بولىشى مۇمكىن ئادەمنىڭ كۈندە 100-40 تالغىچە چېچى چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئەمما يېنىك دەرىجىدىكى تۆمۈر كەملىكمۇ دائىم چاچ چۈشۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
چاچنىڭ يۇمشاپ، جانسىزلىنىپ كېتىشى ياكى قۇرغاقلىشىشى
سۇ تەركىبى كەملىكتىن بولۇشى مۇمكىن چاچتا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى مەلۇم دەرىجىدە نەملىك كەملىكتىن بولىدۇ. چاچ ساغلام بولسا، چېچىلىپ، ئايرىم تۇرىدۇ. ئەمما يېمەك- ئېچمەك مۇۋاپىق بولمىسا، ھەربىر تال چاچتىكى تۈك خالتىسى مالىكولا قۇرۇلمىسى جەھەتتە سۇنى ياخشى ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا، سالامەتلىككە پايدىلىق ياغ تۈرىدىكىلەرنى، مەسىلەن ،ماكۇئىل بېلىقى، پىنتادۇ بېلىقى ۋە ترون بېلىقىنى كۆپرەك يېسە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئومىگا ياغ كىسلاتاسى، چاچنىڭ نەملىك ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
چاچنىڭ پارقىراقلىقى يىتەرسىز بولۇش
ۋىتامىن B كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى يوقىتىشى كۆپىنچە ياغنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشتىكى ھالقىلىق ماددا ۋىتامىن B نىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىن Bنى تولۇقلىسا بولىدۇ. ۋىتامىن B ھايۋانات جىگىرى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە پارقىرتىلمىغان گۈرۈچتە كۆپرەك بولىدۇ.
چاچنىڭ ياغلىشاڭغۇ بولۇشى
سۈتنى بەك كۆپ ئىچكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن بەزى چاچ تەتقىقاتچىلىرى سۈت، قېتىق قاتارلىق سۈت ئىچىملىكلىرىنى بەك كۆپ ئىچسە، چاچ ياغلىشاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. سۈت تەركىبىدىكى ياغلار چاچ خالتىسىغا يېقىن تېرە بەزلىرىگە يېتىپ بارغاندا ياغنى كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشتا سۈت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى بىر ھەپتە ئىچمىسە، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
چاچنىڭ ئۆسۈشتىن توختىشى
يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاچنىڭ ئۆسۈش دەۋرىنى قىسقارتىپ چۈشۈشتىن ئىلگىرى مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا ئۆسۈپ، ئۆسۈشتىن توختايدۇ. ئادەتتە سۈت يېمەكلىكلىرى رېئاكسىيە قىلىش ۋە بۇغداي يېمەكلىكلىرى رېئاكسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. شۇڭا، چوقۇم رېئاكسىيە سىنىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك. باشنى پات-پات يۇيۇپ تۇرمىسىمۇ ياغ پەيدا قىلغان كىر تەسىرىدىنمۇ چاچنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
چاچ ئۇچى يېرىلىش
مېنىرال ماددا ياكى ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن بۇ بەدەنگە زۆرۈر بولغان بىر قانچە خىل مىنېرال ماددا ياكى ۋىتامىننىڭ كەملىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. يېمەكلىككە ئەھمىيەت بېرىپ ئاقسىل تەركىبلىك يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، چاچ ئۇچى يېرىلىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
چاچ كېپەكلىشىش
زەمبۇرۇغ تەسىرىدىن بولىدۇ، ئادەمنىڭ باش تېرىسى بىلەن تېرىسىدە ئاز مىقداردا زەمبۇرۇغ بولىدۇ، ئەمما كېپەك ئېغىر بولغانلارنىڭ %25ىدە زەمبۇرۇغ باش تېرىسىگە تارقالغانلىقتىن بولىدۇ. كۆپ مىقداردىكى زەمبۇرۇغ تېرىنى غىدىقلاپ كۆپلەپ تېرە ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدۇ. كېپەكنى ئازايتىش ئۈچۈن بەزى دورىلىق چاچ سوپۇنى بىلەن چاچنى يۇسا بولىدۇ.
ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلىرى يىرىك قۇۋەتلىك بولسا شۇكىشىنىڭ، قۇۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر بەك يۇمشاق، بەك ئىنچىكە، جانسىز بولسا، ئۇ كىشىنىڭ پەيلى يامانلىقىغا بىشارەتتۇر.
@پىشانە بىشارەتلىرى- پىشانىسى كەڭ بولغانلار سۈرلۈك ۋە كەسكىن بولىدۇ.ياندىن قارىغاندا، ماڭلاي پىشانە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئارقىغا قىيسايغانلىقى ھەمدە ئاقما لىنىيەلىك شەكىل ھاسىل قىلىشى ئۇ ئادەمنىڭ زىرەكلىكىدىن بىشارەتتۇر. ھەركىمنىڭ پىشانىسى كەڭ ، لىكىن سىزىقى يوق بولسا، شۇكىشىنىڭ نەپسى يامان، يالغانچى، ئالدامچى، تەكەببۇر ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئامراق ئادەملىكىدىن بىشارەتتۇر. ئەگەر پىشانىسى ئوتىرىھال بولۇپ ئوتىرىسىدا توغرا سىزىقلىرى بولسا، شۇ كىشىنىڭ راستچىل تەدبىرلىك، دوستىغا سادىق ، ھەم بەخىت-سائادەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىگە بىشارەتتۇر. پىشانىدىكى توغرا سىزىق 30ياش ئاتراپىدا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. پىشانىدىكى ھەربىر توغرا سىزىق ئون ياشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ باش تەرىپىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئىككى قېشى ئوتىرلىقىدا تىك سىزىق بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان ئۇرۇشقاق دائىم خاپا ئۆتىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ پىشانىسى بەك تار بولسا، شۇ كىشىنىڭ نادان ، قورقۇنچاق، ھاياسىز ۋە پالاكەت ئىكەنلىكىگە بىشارەتتۇر.
@قاش بىشارەتلىرى- قاش ئارقىلىق سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.
قاشنىڭ قۇرغاقلىشىشى ئۆپكىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئەگەر قىزلارنىڭ قىشنىڭ ئۇچى تىك ھەم قۇرغاق بولۇپ قالسا،بۇ ھەيىز قالايمىقانلىشىشنىڭ ئىپادىسى،ئوغۇللار بولسا نىرۋا سېسىتىمېسى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى.بەزى كىچىك بالىلار ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەندە قاش سارغىيىش ۋە ئۆپكە ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
قاشنىڭ تۆۋەنگە قاراپ قىلىشى
قاشنىڭ تۆۋەنگە قاراپ قىلىشى كۆپ ۋاقىتلاردا تىرە نىرۋىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كۆرىلىدۇ.ئەگەر يان تەرىپى تۆۋەنگە قاراپ قالسا ،شۇ يان تەرەپ تىرە نىرۋىنىڭ ئاجزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قاش پەسكە قاراپ قىلىپ ئۈستىگە كۆتىرىلمەيدۇ. بەزى چاغدا قاپاقنىڭ پەسكە ساڭگىلىشى بىلەن شۇ تەرەپ قاش ئىگىز كۆرىنىدۇ.
قاشنىڭ توم ۋە قىسقا بولىشى
قىشى قويۇق كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى يۇقىرى ،كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.لىكىن قىزلارنىڭ قىشى قويۇق ھەم قارا بولسا بۇ بەلكىم بۆرەك ئۈستى بىزى پوسىت توقۇلمىسى ئىقتىدارىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىشى توم ۋە قىسقا كىشىلەر ئوڭاي ئاچچىغلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بۇ خىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
قاشنىڭ چۈشۈپ كىتىشى
قىشى سۇس شالاڭ كىشىلەردە قان ئاجىزلىق بەدەن ئاجىزلىق كىسەللىكلىرى كۆرىلىدۇ.بۇخىل كىشىلەرىڭ پۇت قولى ئاسان مۇزلايدۇ،ۋە بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدۇ.قالقان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان كىشىلەرنىڭ ھەم مىڭە ئاستى بەز ئالدى ياپرىقى ئىقتىدارى چىكىنگەن كىشىلەرنىڭ قىشى دائىم چۈشۈپ كىتىدۇ.بولۇپمۇ سىرىتقى 31 ئەتىراپىدا ئىغىر بولىدۇ.ماخاۋ كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئالدىنقى باسقۇچقا ئۆزگىرىش ۋاقتىدا يان تەرەپ قاش تىرىسى قىلىنلاپ،قاش چۈشۈپ كىتىدۇ.تەڭگە تاز كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرمۇ قاش چۈشۈش ئەھۋالغا ئۇچىرايدۇ.راك،سىفىلىس،ئىغىر قان ئاجىزلىق كىسەللىكلىرىمۇ قاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەزى راككا قارشى ،ئانرىمېتابولت قارشى دورىلارنىڭمۇ ئەكىس تەسىرى بار.
قاشنىڭ تۆكۈلىشى
كىسەللىك ئەھۋالى ئىغىرلاشقان كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
قاشنىڭ تىك تۇرشى
قاشنىڭ تىك تۇرىشى بولسا كىسەللىكنىڭ ئىغىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى.شۇڭا بۇخىل كىشىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالىنىشى كىرەك.
قاشنىڭ كۆزدىن سەل يۇقىرى، ھەم ئۇزۇن ئەگىمە بولىشى، شۇكىشىنىڭ ئورۇنداش ماھارىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى. كىشىنىڭ قېشى بەك كۆپ قېلىن ئۇزۇن بولسا، شۇكىشىنىڭ شىجائەتلىك، لىكىن خۇيى يامان، تەكەببۇر، ئۆز بېشىمچى، بەخىتسىز بولىدىغانلىقىغا بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قېشى بىر-بىرىگە ئۇلانغان(قوشۇماقاش)بولسا، شەپقەتلىك بولۇر. ئەر كىشى قېشى شۇنداق بولسا، ئايالىنى ياخشى كۆرىدىغان كىلۇر. ئايال كىشى قېشى شۇنداق بولسا، جىمانى كۆپرەك خالايدىغان بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قېشىنىڭ ئۇچى يوغان توم، قۇيرىقى ئىنچىكە بولسا، ئۇرۇشقاق پىتىنخور كىلۇر.
@كۆز بىشارەتلىرى- ) كۆزنىڭ توساتتىن كۆرمەس بولۇپ قېلىشى – جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر كىشىنىڭ ئۈستۈنكى قاپىغى ئىششىق گۆشلۈك بولسا بەدەندە ھۆل سوغۇق يەل ئەۋجى ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن؛ خەنزۇلار كۆپرەك سوغۇق سەي قاتارلىق سوغۇق يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئادەتلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ قاپىقى گۆشلۈك كىلىدۇ. شۇڭا بىزدە قاپىقى گۆشلۈك كەلگەنلەرنى (خەنزۇقاپاق) دەيدىغان قاراشلار بار. بىز ئۇيغۇرلار بولسا يەل يوقىتىدىغان ئىسسىقلىق چاي دورا -دەرمانلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاچقا، بەدەننى ئىسىۋالىدىغان ئارتۇقچە يەللەر يوق بولىدۇ . شۇڭا بىزئۇيغۇرلار ئۈستۈنكى قاپىقىدا ئارتۇقچە گۆشلەر بولمىغان كۆز قېتى بار، ئورا كۆزرەك كىلىدۇ. ھەم خەنزۇلارغا قارىغاندا بىرقەدەر ساقاللىقراق كىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارغا قارىغاندا كۆپرەك گۆش يىگەنلىكتىن بولىشى مۈمكىن. چۈنكى بەدەندىكى چاچ ساقالنىڭ كۆپلىكى، بەدەندە ئاقسىل، كالتىسى قاتارلىق قۇۋەتنىڭ موللىقىنىڭ بەلگىسى. شۇنداقلا ھەرخىل چىرايلار يەنە ئىرسىيەتكىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ۋەيەنە بىر ئورۇندا ئارىلىشىپ ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ چىرايى بىر-بىرىگە تارتىشىپ كىتىدۇ. يەنى قايسى چىرايدىكىلەر كۆپرەك بولسا، سانى ئاز چىرايدىكىلەر ، سانى كۆپ چىرايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ كۆز ئاستى قاپىغى ئىششىپ قالسا بۆرەكتە ، كىسەللىك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۆز ئېقى ساغىرىپ قالسا جىگەر كىسەللىكىنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى كۆك ياكى چېقىركۆز بولسا بۇنداق كىشى، ئىچى يامان، بىرەھىم كىلۇر. قوي كۆز ۋە قاراكۆز بولغانلار ھەرجەھەتتىن ياخشى بولۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ كۆزى بەك چوڭ بولسا، ھىسياتى ئوڭاي ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار بىر قەدەر تاشقى مىجەزلىك،ھەم جەلىپكار ھەم بەك كۈلىدىغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەم غەيرەتسىز، ئىشقا سۇس، تەكەببۇر، كىشىنىڭ ھەققىدىن قورىقمايدىغان كىلۇر. ئەگەر كۆزى كىچىك بولسا، بۇنداق كىشى ئەمەلى ئىشلەيدىغان كىلۇر.لىكىن كالتە پەم كىلۇر. ئەگەر ئوتىرىھال كۆزلۈك بولسا، بۇنداق كىشى ھايالىق ھەم ۋاپادار بولۇر، قىزغىن مۇئامىلىلىك كىلۇر. ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقى قانچە يىراق بولسا، نەزەر دائىرىسى شۇنچە كەڭ ھەم ئېغىر بېسىق بولۇر.، ئىككى كۆزنىڭ ئارىلىقى قانچە يېقىن بولسا نەزەر دائىرىسى شۇنچە تار، ھەم ئاسان تىرىكىدىغان سەۋرى تاقىتى يوق كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ كۆزى پولتۇيۇپ چىققان ھالدا بولۇپ، كۆزئېقى قىزىل بولسا يەنە كۆز ئېقىدا قىزىل تومۇرلار بولسا بۇنداق كىشىلەر شەھۋەتپەرەس،بىھايا بىخىل كىلۇر. كۆزى نۇرلۇق ھەم چاقناپ تۇرىدىغان ئادەملەر، جەلىپكار كىلىدۇ. ئۇلار جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە تولغان بولىدۇ. ئەكسىچە كۆز نۇرى خۇنۇك ئادەملەرنىڭ روھى كەيپىياتى ناچار بولىدۇ. كۆزىدىن خوشاللىق تاپقىلى بولمايدىغان، كۆزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئادەملەر، ئەستايىدىل جىددى كۆرىنىدۇ. ئۇلار بىرقەدەر ئەركىن- ئازادە ھەم تىتىك بولىدۇ. ئۇلاردا بىر قەدەر تۇراقلىق پىسخىكا بولىدۇ. كۆز قارچۇقى ئاستىدا ئاق كۆرۈلگەندە، بۇ شۇ ئادەمنىڭ مەلۇم غەمگە يولۇققانلىقىنى، ئىلاجىنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۆزى بىلەن قېشى ئارىلىقى يېقىن ئادەملەر چىقىشقاق كىلىدۇ. كۆزى بىلەن قېشى ئارىلىقى يىراق كىشىلەر، مۇزچىراي، سوغۇق ۋە قاتمال كىلىدۇ. كۆز ئاستىدىكى ئىنچىكە قورۇقلار، كۆزنىڭ ئىچكى قۇيرۇقىدىن ياڭاق سۆڭىكى تەرەپكە سوزۇلغان بولسا، بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىستىلىستىكا ئىقتىدارى(يەنى سۆزنىڭ توغرائىشلىتىش، سۆزنى راۋان ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئىقتىدارى)ياخشى بولىدۇ. ئىككى كۆز ئارىلىق يىراقمۇ ئەمەس يېقىنمۇ ئەمەس ئوتىرىھال، ھەم يۈزى كەڭ بولغانلار نىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى بولىدۇ. كۆزنىڭ جىيىكى يۇقىرىغا كۆتۈرلۈپ تۇرىدىغانلار،تەنقىدى پىكىرنى ياقتۇرمايدۇ. ھەم ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكىنىمۇ بايقىيالماي، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ، قىيىن ھالەتتە قالىدۇ.
@قۇلاق ئالامەتلىرى-قۇلاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلىشى – بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى (بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاش كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلاردا كۆرۈلىدۇ).ئەگەر كىشىنىڭ قۇلىقى چوڭ بولسا قىلغان سۆزلەر پەس ئاۋازدا بولسىمۇ ياخشى ئاڭلىيالايدىغان بولۇر، يەنى ھەرخىل تىۋىشلارنى ئاڭلايدىغان سەزگۈر بولۇر.ھەم ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر. قۇلىقى كىچىك چۆچۈرە قۇلاق ئادەملەرنىڭ قۇلىقى چىرايلىق كۆرۈنگەن بىلەن، قىلغان سۆزلەرنى ياخشى ئاڭلىيالمايدىغان كىلۇر، قۇلىقى چوڭ لىكىن سالپاڭ قۇلاق كەلگەنلەر كۆرۈمسىز كىلىدۇ. لىكىن ئۇلار ئۆز ئىشىغا پۇختا كىلىدۇ. قۇلىقى ئوتىرىھال بولسا، ھەم قۇلاق يۇمشىقى گۆشلۈك بولسا، بۇنداق كىشى دۆلەتمەن ئەقىل -پاراسەتلىك، سائادەتمەن كىلۇر. ئوڭ قۇلىقى چوڭ بولغان كىشى، ماتېماتېكا قاتارلىق تەبىئى پەنگە ئۇستا بولىدۇ، يەنى بۇجەھەتتە ئىقتىدارى بولىدۇ. سول قۇلىقى چوڭ بولغان كىشى، تىل- ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائى پەنگە ئۇستا كىلىدۇ، يەنى بۇجەھەتتە ئىقتىدارى بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ قۇلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتە2-3مىللىمېتىر پەرىقلىنىدۇ. بۇ ئادەم مىڭىسىنىڭ قايسى قىسمىنىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسلىق بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇرۇن بىشارەتلىرى@1پۇراش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى – ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.-بۇرۇن ئۇچى قاتتىق بولۇپ قالسا ئارتېرىيە ئېشىپ، خولېستېرىننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۆرەككە ماي كۆپ يىغىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2-بۇرۇننىڭ ئۇچى ئىششىپ قالسا، يۈرەك ئىششىغى ۋە يۈرەكنىڭ كېڭېيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 3-بۇرۇندا مونەك كۆرۈنسە،ضثض ئاشقازان ئاستى بېزى ياكى بەلدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 4-بۇرۇن قىزىرىپ قالسا، بۆرەك قان ئايلىنىش سېستىمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇرۇن قوڭۇر، ۋە كۆكۈچ بولۇپ قالسا ياكى قارىداپ قالسا، تال ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 5-بۇرۇندا قارا مونەكلەر پەيدا بولۇپ قالسا،سۈت تۈرىدىكى ۋە مايلىق يىمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ بۇرنى ئىنچىكە بولسا يەڭگىل ۋە كەم ئەقىل كىلۇر. ئەگەر بۇرنى چوڭ يالپاڭ پاناق بۇرۇن، ھەم بۇرۇن تۆشۈكلىرى يوغان بولسا تىز ئاچچىقلىنىدىغان ھەم كەمبىغەل قاشاڭ كىلۇر. ئەگەر بۇرۇن تۆشۈكى يېنىدىن جاۋغايغىچە ئىككى يېنىدا ئىككى سىزىقچە بولسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. سۆزلەرنى چۈشۈنۈشلۈك سۆزلەيدۇ. ئاڭلىغۇچىلارمۇ ئۇنداقلارنىڭ سۆزىنى ئاسان چۈشۈنەلەيدۇ، ھەم ئەستە ساقلىۋالالايدۇ.
@لەۋ ئېغىز بىشارەتلىرى- كالپۇك سىزىمىنىڭ ئاجىزلىشىپ قېلىشى – ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى (ئاشقازاننىڭ بىرەر جايى زەخمىلەنسە، لەۋ قۇرۇيدىغان، يېرىلىدىغان بولۇپمۇ قالىدۇ) . يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قېلىش – يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى .كىشىنىڭ لەۋلىرى بەك قېلىن دوداي كالپۇك بولسا، بۇنداق كىشى ئەخمەق، ئىقتىدارسىز، ئۆچ-ئاداۋەت ساقلايدىغان كىلۇر. ئەگەر لەۋلىرى نورمال ياكى نىپىز بولسا، خۇش پىئىل، نازۇك تەبىئەتلىك كىلۇر. ئەگەر لىۋى نىپىز، ھەمدە دائىم لىۋىنى يۇمۇۋالىدىغانلار، ئىشلارنى بىر قەدەر چىدام بىلەن پىششىق قىلىدۇ. ئۇزۇن سۆزنى ياقتۇرمايدۇ. ئۆزىنىڭمۇ ھەم گىپى ئاز ھەم ساز بولىدۇ. ھەمدە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتالايدۇ. ياندىن قارىغاندا ئېغىز تۇمشۇقى ئالدىغا بۇرتۇپ چىققان ئۇزۇن تۇمشۇق كىشىلەر، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىلىدۇ. ئەكسىچە تۇمشىقى ئۇنداق ئەمەس كىشىلەر، بىرقەدەر سالماق كىلىدۇ. ئەگەر لىۋى قارا ياكى كۆكۈچ بولغان كىشىلەر نەپسى يامان كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ لەۋلىرى گىلاستەك قىزىل بولسا سائادەتمەن تىنى ساغلام ئىكەنلىكىگە بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ لىۋى سېرىق بولسا، كىسەل بارلىقىدىن بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ ئېغىزى چوڭ بولسا، يۈرەكلىك ۋە كۈچلۈك بولۇر. ئەكسىچە ئاغزى كىچىك بولسا يۈرەكسىز قورقۇنچاق كىلۇر. خوتۇن كىشىنىڭ ئاغزى چوڭ بولسا، ئۇنى ئەسلا چارچىتىپ بولماس.ۋەيەنە كىشىنىڭ لەۋلىرى قۇرغاق بولۇپ يېرىلىپ كەتكەن بولسا ئاشقازان خىزمىتى ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
@يۈز بىشارەتلىرى-1- چىرايى ئاق سۈزۈك كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى «بەلغەم مىجەزلىك»كىلىدۇ. بەلغەم مىجەزلەرنىڭ چىرايى ئاق ،سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تىرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك ھەم يۇمشاق ۋە سوغۇقراق كىلىدۇ. بۇخىلدىكى كىشىلەر ئاسان سەمرىپ كىتىدۇ. بۇمىجەزدىكىلەر، ئېغىر بېسىق، سىزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ. تەپەككۈرى ئاستا، ئۇنتۇغاق، بىراق مۇقىم قاراشقا ئىگە، بۇلار مۇقىم ،تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خاراكتىرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇلار گۆشكە، مايلىق تاماقلارغا ئامراق، كۆكتات ۋە سۈيۈق تاماقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. تاماقنى ئاستا لىكىن كۆپرەك يەيدۇ. يول ماڭغاندا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. كىشىلەرگە ئاسانلا سوغۇق چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بىراق ئاق كۆڭۈل ساددا بولۇپ باشقىلاربىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ. ھەم باشقىلارغا ئاسان ئالدىنىپ قالىدۇ. سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ. دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. ئىناۋەتنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ.تولا ئەسنەيدۇ، كۆپرەك ئۇخلايدۇ. ۋەزىيەتنى دەل ۋاختىدا چۈشۈنۈپ كىتەلمەيدۇ. بۇلار ھۆل سوغۇق مىجەز بولغاچقا، بۇلاردا يۆتەل ۋە ئۆپكە مەنبەلىك كىسەل، رىماتىزىم قاتارلىق كىسەللەر كۆپرەك بولىدۇ. ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. شۇڭا بۇلارغا قۇرۇق-ئىسسىق، دورا-دەرمانلىق تاماقلار ماسكىلىدۇ.
2- چىرايى بۇغداي ئۆڭ كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى «سەۋدامىجەز سەۋدا خىلىتلىق»كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئاچچىقى يامان كىلىدۇ. تەپەككۇرى ئاستىراق بولسىمۇ، لىكىن كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككەئىگە ھەم سىستىمىلىق بولۇپ، مەلۇم شەيئىلەرنىڭ مۇھىم مەنىسىنى ۋە سىرىتنىڭ ئىنكاسىنى ئۇزۇنغىچە ئىسىدە ساقلىيالايدۇ. قابىلىيىتى ئالاھىدە بولىدۇ. تىرىسى قۇرغاق، چىرايى بەزىللىرى ئاقۇش،يەنە بەزىللىرى قارامتۇل، ئورۇقراق، بەدەنلىرى سوغۇقراق، تىرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ياخشى تەرەققى قىلمىغان، ئۇيقۇس ئازراق، سوغۇقتا ئۇخلىيالمايدىغان، ئىسسىقتا ئۇيقىسى كىلىدۇ؛ سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق، تەمكىن، ۋە ئىھتىياتچان كىلىدۇ. ئايرىمىللىرىنىڭ سۆزىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرىدۇ. كۆپ تاماق يىيەلمەيدۇ، ئاز ھەم كۈچلۈك تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يولدا بىرنەرسىنى ئويلاپ ماڭىدۇ. باشقىلارغا دەرھال كۆيۈنۈپ كىتەلمەيدۇ. كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمىنى ۋە غايسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدۇ. سەمىمى راستچىل بولىدۇ. سىر ساقلايدۇ. يالغۇز ئۆتۈشكە ئامراق، تۇرمۇشى ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرمايدۇ. تۇرمۇشتا كۆيۈمچان، ئىشلارنى پۇختا قىلىدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە بىرىلمەيدۇ، تارتىنچاقراق. بۇلاردا نىرۋا، ئۇستىخان، ئاشقازان ئۈچەي كىسەللىكلىرى كۆپرەك بولىدۇ. بۇلار قۇرۇق سوغۇق مىجەز بولغاچقا شورپا، قىيمىلىق تاماق، پولۇ قاتارلىق تاماقلار ماسكىلىدۇ. بۇنداقلار مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەتسىز قاراپ زىيان تارتىدۇ.
.3- چىرايى ئاقۇچ سېرىققا مايىل كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى «سەپرامىجەز»كىلىدۇ. بۇلارنىڭ كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇقراق، كۆپ ئۇسسايدىغان بەدىنى قىززىق، تومۇرى تىز-تىز سوقىدۇ، مىجەزى چۇس كىلىدۇ. تىز قىزىيدۇ، قايغۇ يەتسە تىز چۈشكۈلىشىدۇ. ئالدىراقسان، لىكىن جۇشقۇن ، ھازىر جاۋاپ ئىنكاسى تىز، تىز سۆزلەيدىغان، تىز ماڭىدىغان كىلىدۇ. سۆزقىلغاندا سۆزلىرى، كەينى-كەينىدىن پارتىلاش خاراكتىرلىك چىقىدۇ. سۆز قىلغاندا سۆزبىلەن قولىمۇ تەڭ ھەركەتلىنىدۇ. بۇنداقلار تاماقنى تىز يەيدۇ. سۈيۈق- سەلەڭ تاماقلارنى ۋە ئۇن تامىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈرۈچ تامىقىنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. يۇرىت ئارىلاشقا ئامراق، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى . ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايدۇ. بۇلاردا جىگەر ،ئۆت، ئۈچەي كىسەللىكلىرى كۆپرەك كۆرىلىدۇ. مىجەزى قۇرۇق ئىسسىق بولغاچقا تۇخۇم سېرىقى، كاۋاپ، پولۇ قاتارلىق مايلىق تاماقلار زىيان قىلىدۇ. سۈت، كۆكتات ۋە سۈيۈق -سەلەڭ تاماقلار ماس كىلىدۇ.
4-چىرايى قىزىل كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى جىماغا ئامراق ھەمدە «قان مىجەز»كىلىدۇ. بۇلارنىڭ چىرايى نۇرلۇق ھەم سىلىق، قىزىلغا مايىل بۇغداي ئۆڭ، پاقىراق كىلىدۇ، تىتىك ھەم قۇۋەتلىك، لەۋلىرى قىزىل، كۆزى چوڭ، بەدەننىڭ گوش ھەم ياغ قاتلاملىرى ياخشى تەرەققى قىلغان كىشىلەردۇر، بۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش، دوراش، كۆچۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. لىكىن ئىشەنچى ئاجىز، گۇمانخور كىلىدۇ. بۇلار تىكىلىپ تۇرۇپ ، رىتىملىق سۆزلىيەلەيدۇ، قول ھەركىتىنى سۆزى بىلەن ماسلاشتۇرالايدۇ. بۇلار يەنە قوسىقىغا ئامراق، گۆش يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يول ماڭغاندا بىرنەرسە ئويناپ مېڭىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. سەپەرداشلىرى بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ. كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا ماھىر، مۇستەقىل قارىشى كەمرەك، سۆز-چۆچەك تارقىتىپ ئارىنى بۇزىۋىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۆپ ئۇخلايدۇ. كۈلگۈنچەك كۆرىنىدۇ، تۇرمۇشى تەرتىپلىك، نەرسىللىرى رەتلىك، جىماغا ئامراق كىلىدۇ. بۇلاردا يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرى، سۆڭەك ئۆسۈۋىلىش دىگەندەك كىسەللەر كۆپرەك كۆرىلىدۇ. بۇلار ھۆل ئىسسىق مىجەز بولغاچقا مايلىق ۋە كۈچلۈك تاماقلار زىيان قىلىدۇ. شۇڭا مىۋە-چىۋە كۆكتات قۇۋەتسىز تاماقلار ماس كىلىدۇ.
يۈزىگە نىسبەتەن ئىڭىكى ئۇچلۇقراق كەلگەنلەر قەيسەر كىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە روشەن پەرىق بولسا، بۇنداق ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. يۈزى بەك گۆشلۈك كىشىلەر، غەيرەتسىز، ئۇنتۇغاق نادان بەتخۇي كىلۇر. ئەكسىچە يۈزىدە گوشى يوق ياغاق رەڭگى سېرىق كىشىلەر يامان نىيەتلىك، يامان پىكىرلىك كىلۇر. ئەگەر چىرايى ئوتىرىھال يۈزلۈك، نۇرلۇق بولسا خۇشخۇي ياخشى تەبىئەتلىك كىلۇر. ساقىلى ئاز شالاڭ كىشىلەر، زىرەك ھۇشيار، تەمكىن سەۋرىچان كۆپ پىكىرلىك كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ ساقىلى بەك قويۇق، ھەم ئۇزۇن ھەم بەك يىرىك بولسا، ئۇنداق كىشى، نادان، ئەخمەق، پەمسىز بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ رەڭگى ئانار دانىسىدەك قىزىل بولسا، بۇنداق كىشى تىز خاپا بولىدىغان، ھەربىر ئىشنى ئالدىراپ قىلىدىغان، ھودۇقۇپ تۇرىدىغان كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ رەڭگى ئاق قىزىل بولسا ياخشى خۇلۇق ياخشى سۆزلۈك كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ رەڭگى قىزىل ،ھەم قارىغا مايىل بولسا، نىيىتى يامان كىلۇر. كىشىنىڭ رەڭگى بۇغداي ئۆڭلۈك بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ياخشى خۇلۇقلىق، ئاقىل، تىز پەم( ھازىرجاۋاپ) خۇش پاراسەت ۋە بەختىيار كىشى ئىكەنلىكىگە بىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ يۈزى سېرىق بولسا كۆز ئېقىمۇ ساغىرىپ كەتكەن بولسا بۇنداق كىشى جىگەر كىسىلى بولغان بولىشى مۈمكىن. ئىڭىكى كەڭ، ۋە ياپىلاق كەلگەن «پىستە ئىڭەك»لىكلەر ئۇرۇشقاق كىلىدۇ. يۈزنىڭ ئوڭ مەڭزىدە قىزىللىق بولسا، ئۆپكىنىڭ سول تەرىپىدە ئىششىق بارلىقىنى، سولمەڭزىدە قىزىللىق بولسا، ئۆپكىنىڭ ئۇڭ بۇلىڭىدا ئىششىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈزنىڭ چىرايلىق قاملاشقان بولىشى، كۆپىنچە ئىرسىيەت ۋە ياخشى ئوزۇق، كۈتۈنۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ياشىغان مۇھىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، يەنى ساپ ھاۋالىق جايدا ياشايدىغان كىشىلەر بىرقەدەر سۈزۈك چىرايلىق رەڭدار كىلىدۇ، ئەكسىچە ھاۋاسى ياخشى ئەمەس جايدا ياشايدىغانلارنىڭ يۈزى شۇ جاينىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ، سېرىق، كۆكۈش، قارامتۇل.....ۋەھاكازالار...بولىدۇ.
@ظئاۋاز بىشارەتلىرى- ئەگەر كىشىنىڭ ئاۋازى يوغان جاراڭلىق ھەيۋەتلىك چىقسا، بۇنداق كىشىلەر كۈچتۈڭگۈر پالۋان كىلۇر. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئاۋازى يۇقىرى ئەركىشىدەك چىقسا »ئەركەك زەدەكلىك«نىڭ بىشارىتىدۇر. ئاۋازى يۇمشاق ئىنچىكە چىقىدىغان ئاستا سۆزلەيدىغان كىشى، ئەقىللىق ، خۇي-پەيلى ياخشى بولۇر. تىز-تىز سۆزلەيدىغان كىشى، يامان خۇيلۇق كىلۇر. دىمىقى بىلەن سۆزلىگەن كىشى تەكەببۇر كىلۇر. بەدئاۋاز، يېقىمسىز سۆزلەيدىغان كىشى، ئەخمەق كىلۇر. كۈلگەندە قاتتىق ئاۋاز چىقىرىپ، قاقاھلاپ كۈلىدىغان كىشىلەر، نادان ۋە بىھايا كىلۇر. ئەكسىچە پەس ئاۋازدا ئەدەپ بىلەن كۈلىدىغان كىشىلەر، ياخشى پىكىرلىك، ياخشى خۇلۇقلۇق، ھايالىق ۋە تەمكىن كىلۇر.
@چىش بىشارەتلىرى-كىشىنىڭ چىشى، چوڭ ۋە بىر-بىرىگە يېپىشقان ھالدا بولسا، ئۇنداق كىشى يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىقنى كەسىپ قىلغۇچى بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ چىشى،ئۇششاقراق بىر-بىرىدىن ئاجراپ تۇرغاندەك ھالدا بولسا، ئۇنداق كىشى ساغلام بولۇر. كىشىنىڭ چىشى، ئەگرى-بۈگرى ئىگىز-پەس بولسا،ئۇنداق كىشى ئالدامچى خىيانەتكار كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ چىشلىرى چوڭ-كىچىكلىكتە نورمال،چىش ئارىللىرى مۇۋاپىق بولسا، ئۇنداق كىشى، سائادەتمەن، ئادىل، ئىنساپلىق، توغرا يولدا ماڭىدىغان كىلۇر. كىشىنىڭ چىشى، 32،ۋە31 ئەتراپىدا بولسا بولسا،ساغلام زىرەك ۋە دۆلەتمەن بولۇر. ئەگەر 30دىن تۆۋەن چىشى بارلارنىڭ چىشىنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. يەنى چىشىنى تىز قۇرۇت يەپ، چىش ئاغرىق دەردىنى كۆپ تارتىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر چىش ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
@تىل بىشارەتلىرى-كىشىنىڭ تىلى تەبىئى قىزىل بولسا ، ئۇكىشى ساغلام سائادەتمەن، خۇشخۇي بولۇر. ئەكسىچە كىشىنىڭ تىلىدا، سېرىق گەز بولسا، كىزىك بولغانلىق بىشارىتىدۇر. تىلدا ئاق گەز بولسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ئاغرىق بارلىقىدىن، مەركىزى نىرۋا سىستىمىسىدا كىسەللىك بارلىقىدىن بىشارەتتۇر. تىلى قۇرۇپ، قارا گەز پەيدا بولسا، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىك،پالەچ ياكى ھەرخىل راك كىسەللىكى بولغانلىق بىشارىتىدۇر. تىل رەڭگى قىزىل سىلىق، پارقىراق بولسا خەۋىپلىك بولغان كەم قانلىق كىسەللىكىنىڭ بىشارىتىدۇر.
@گەدەن بىشارەتلىرى-ئەگەر كىشىنىڭ بوينى بەك كالتە قىسقا بولسا، بويۇن تېلىپ ئاغرىسا، بويۇننى ئۇيان-بۇيان قايرىغاندا قاسىلدىغان ئاۋاز چىقسا بوينىدا زىڭسىڭ بالىقىدىن بىشارەتتۇر، بوينى ئۇزۇن، ئىنچكە بولغانلار، قورقۇنچاق ۋە ئەخمەق كىلىدۇ. بوينى ئۇزۇن قىسقىلىقتا نورمال بولغانلار. ياخشى تەبىئەتلىك، ۋىجدانلىق، كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ بوينى گۆشلۈك ۋە يوغان بولسا، بۇنداق كىشىلەر، راست سۆزلۈك، ۋە ئىنساپلىق كىلۇر. ئەگەر كىشىنىڭ گەدىنىدە بىر سىزىق بولسا ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر، ئىككى سىزىق بولسا ، ھۈنەرۋەن بولۇر، ئۈچ سىزىق بولسا دۆلەتمەن بولۇر.
بىرقىسىم ئەزالار بىشارىتى
@قامەت بىشارەتلىرى-كىشىنىڭ بويى ئىگىز بولسا ئەخمەق كىلۇر، ئەكسىچە بويى قىسقا پاكار كىشىلەر، پىتنىخور، چۇتۇچى كىلۇر. ئوتىرا بويلۇق كىشىلەر ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر، ئۇلار ھىكمەتلىك، پاراسەتلىك، ۋە ساپ دىل كىلۇر. سۆڭەكلىرى مايماق، پاقانچاقلىرى ئىنچىكە،قوسىقى يوغان بولسا، كالتىسى كەملەپ سۆڭەك يۇمشاپ كەتكەنلىكنىڭ بىشارىتىدۇر. كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ توخۇنىىڭ تۆشىدەك مايماق بولۇپ قېلىشى، شۇكىشىدە ئۆپكە كىسەللىكى بارلىقنى بىلدۈرىدۇ.
@ئەمچەك بىشارەتلىرى-ئەمچىكى چوڭ كىشىلەر دۆلەتمەن ۋە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇر. لىكىن بىرئەمچىكى چوڭ يەنى بىر ئەمچىكى كىچىك بولۇش ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ.
@قوساق بىشارەتلىرى-قوسىقى يوغان كىشىلەر ئەخمەق كىلۇر، چۈنكى قوساق يوغىنىۋالسا نۇرغۇن ئىشلاردا قولايسىزلىق ئېلىپ كىلىپ، بىچىقىم قىلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە قاندا ماي پەيدا بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى ئېلىپ كىلىپ ھاياتقا خەۋىپ كەلتۈرىدۇ. ئەگەر قوسىقى ئوتىرىھال بولسا، ئەقىلدار ھۇشيارلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قوسىقىدا بىر سىزىق بولسا ئۇكىشى تىغ بىلەن ئۆلىشى مۈمكىن، ئىككى سىزىقى بارلار ئايال بىلەن كۆپ ئۈلپەتچىلىك قىلۇر. ئۈچ، تۆت، ياكى بەش سىزىقى بارلار ،بىلىملىك، ئەقىللىق، ھۇشيار بولۇر. ئەمما قوسىقىدا ھېچقانداق سىزىقى يوقلارمۇ، بەخىت ئىقباللىق كىلۇر. كىندىكى چوڭ، يۇمىلاق كەلگەن كىشىلەر دۆلەتمەن ۋە سائادەتمەن كىلۇر.
@تىرناق ۋە بەش بارماق بىشارەتلىرى-ئەگەر كىشىنىڭ تىرنىقى قىزىل سىلىق بولسا ساغلاملىقنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر تىرناق كۆكۈش، ئاقۇش ياكى باشقا رەڭدە بولسا ، پەرىشان ساغلام ئەمەسلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر. تىرناق يۈزىدە سىزىقچىلار بولسا مىتاپولىزىم (بەدەندە ماددا ئالماشتۇرۇش)ھەركىتىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. بارماقلىرى ئۇزۇن سىلىق بولسا ياخشىلىقنىڭ، بارماقلىرى قىسقا قاتتىق ئەگرى بولسا يامانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر كىشى بارماقلىرىنى يۇمغاندا ھىم تۇرماي ئارىسى ئوچۇق تۇرسا، كەمبىغەل بولىدىغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر يۇمغاندا بارماقلىرى ھىم بولۇپ جىپسى ھالدا چىڭ تۈگۈلۈپ تۇرىدىغانلار دۆلەتمەن كىلۇر. ئۆپكە يىرىڭداش ياكى سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، بارماق ئۇچلىرى يوغىناپ قالىدۇ.
@ئۇسقان بىشارەتلىرى-ئۇسقىنى يوغان كىشىلەر كۈچ قۇۋەتلىك، شىجائەتلىك بولۇر، لىكىن ئۇلاردا تەكەببۇرلۇق ئەۋجى ئالغان بولىدۇ. ئەكسىچە ئۇسقىنى ۋىجىك كىشىلەر، يامان پىئىللىق كىلۇر. بىلى ئۇزۇن كىشىلەر نەس تەبىئەتلىك كىلۇر. بىلى ئوتىرىھال بولغانلار، بەختىيار، سائادەتمەن كىلۇر. دىلىدا يامان خىياللار ئورۇن ئالغان، ئىچى يامان كىشىلەرنىڭ ئۇسقىنى گۆشسىز ئورۇق بولىدۇ. يەلكىسى گۆشلۈك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ بىرقەدەر ئەخمەقرەك كىلىدۇ. يەلكىسى تۈكلۈك كىشىلەر نامرات بولىدۇ. ئۇسقىنى گۆشلۈكمۇ ئەمەس، ئورۇقمۇ ئەمەس، تۇكلۈكمۇ ئەمەس، ئوتىرىھال بولغان كىشىلەر،ئەقىل-پاراسەتلىك، بەخىت-سائادەتلىك، ياخشى مىجەز كىلىدۇ.
@ مېڭىش بىشارەتلىرى- يول يۈرگەندە تۈز ماڭماي ئەگرى تولغاپ، ئىغاڭلاپ ماڭىدىغانلار، ياخشى كىشىلەر كەينىدىن يامان سۈپەتلەر بىلەن غەيۋەت قىلىدىغان كىلۇر. تىز-تىز يول ماڭىدىغانلار، قەھرى غەزەپلىك، چاققان، جۇدۇن، لىكىن ئۆز ئىشىغا پۇختا كىلۇر. بىر كىشىنىڭ ئاستا يول مېڭىشى ئىچىدە غەم بارلىقىدىن بىشارەتتۇر. يول يۈرگەندە يەرگە قاتتىق-قاتتىق دەسسەپ ماڭىدىغانلارنىڭ يۈرىكىدە بىر يامانلىق بولىدۇ. ھاماقەت كىشىلەر بەك يوغان چامداپ ماڭىدۇ. يول يۈرگەندە خۇددى دۆڭدىن چۈشكەندەك ماڭىدىغانلار كىشىلەر كۆڭلى ياخشى ئىسىل خىسلەتلىك كىلۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇنداق ماڭاتتى.
@پاچاق پۇت بىشارەتلىرى- پاچىقى يۇڭلۇق ھەم يوغان توم بولغان،ۋە پۇت ئاستىدا سىزىق يوق كىشىلەر، ئۆمرىدە نامرات ئۆتەر، ھەم پىيادە كۆپ يول يۈرىدىغان كىلۇر. پاچىقى ئۇزۇن كىشىلەر تەكەببۇر، ۋە ھەسەتخور كىلۇر. پاچىقى كالتە كىشىلەر، كالتە پەم چۇتۇچى كىلۇر. پاچىقى ئوتىرىھال بولغان كىشىلەر، ساخاۋەتلىك، شىجائەتلىك، كۈنلىرى بەختىيار ھەم زاتى ئىسىللىقتا ئۆتەر. ئەگەر كىشىنىڭ ئاياغ پۇت بارماقلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن بولسا، شۇكىشىنىڭ ھازىر جاۋاپ، زىھنى ئۆتكۈر ئىكەنلىكىگە بىشارەتتۇر. ئەكسىچە پۇت بارماقلىرى كالتە توم يوغان بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ زىھنى تۆۋەن بولۇر.كىشىنىڭ پۇت بارماقلىرى، بىر-بىرىگە يېپىشىپ تۇرسا، ياخشى بولىدىغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر پۇت بارماقلىرى ئارىسى كاۋاك، بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ تۇرمۇشى پەرىشان ئۆتەر. كىشىنىڭ پۇت باش بارمىقىدىن يېنىدىكى بارمىقى ئۇزۇن بولسا، بۇكىشى بەخىت-ئىقباللىق، مالدار بولۇر، ھەمدە ئايالىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەر. ئەگەر ئەكسىچە، مەزكۈر بارمىقى پۇت باش بارمىقىدىن قىسقا بولسا، ئايالى ئۆزىدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەر. كىشىنىڭ تاپىنى يۇمىلاق تۈكى كەم ، گۆشلۈك قىزىل، قان تولۇپ تۇرغان ھالدا بولسا دۆلەتمەن كىلۇر. ئەكسىچە تاپان قانسىز، ياكى سېرىق بولسا، كەم پەرزەنىتلىك، كىسەللىك ياكى بەدبەخىتلىكنىڭ بىشارىتىدۇر. پۇت ھوشۇقى گۆشلۈك ياكى كىچىك بولسا دۆلەتمەن كىلۇر. پۇت ھوشۇقىدا تۈك بولسا كەم پەرزەنتلىك كىلۇر. بىر ھوشۇقى چوڭ يەنە بىر ھوشۇقى كىچىك بولغانلار، كۆپۈنچە تۇتقۇن ۋە قۇللۇقتا ئۆتىشى مۈمكىن. پۇت ھوشۇقى دوناي، ئەگرى بولغانلار، قاشاڭراق ھەم ئىقبالسىز كىلۇر. يول يۈرگەندە پۇت ئالقىنى يەرگە تولۇق يېپىشىپ تۇرىدىغان، پۇتنىڭ ئۆكچىسى يوق سۇپۇرۇ پۇت بولغان، يەردىكى ئىزى چوڭ چىقىدىغان كىشىلەر ئوغرى ۋە كەمبىغەل بولىشى مۈمكىن،.پۇت ئاستىدا سىزىق يوق كىشى، كۆپ يول يۈرىدىغان كىلۇر. پۇت ئاستىدا ئۆكچىسى(كاۋىكى)بولغانلار كۆپ يول يۈرمەس كىلۇر.

پايدىلانغان مەنبە :
(1) قىياپەتنامە ۋەسائەتنامە، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2003يىل1-ئاي 1- نەشىرى.
(2) ئادەملەردىكى بىشارەت، شىنجاڭ خەلىق نەشىريتى 2001يىل 12ئاي نەشىرى.
(3)-مىزاج خىلىت ۋە ئىنسان، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى، 1999- يىل 7- ئاي 1- نەشىرى
)4(- چىراي تىلى، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى. 2002- يىل 5- ئاي 1- نەشىرى.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 16:16:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 16:20  

گەدەندىكى سىزىقنى نەدىن بىلگىلى بولىدۇ.

كېچىك چىغىمدا يەلكەمدە ئاتنىڭ يايلىدەك ئىككى مۈرە ۋە ئومۇرۇتقا بەلدىن گەدەنگىچە كېرسىت بەلگىسىدە قۇيۇق ۋە تۈز كەلگەن تۈكلەر بار ئىدى.كىيىن دۈمبەمدىكى ئومۇرتقا يەنى گەدەندىن بەلگىچە بولغان بىر قۇر تۈكلەر چۈشۈپ كىتىپ ئەمدى ئىككى يەلكەمدىكى تۈكلەر بار.بەك قىچىشىپ كىتىدۇ دەزىدە،بىلىپ بىلمەي تارتىپ يۇڭداپ سالىمەن.ئېشقىلىپ سەل تۈكلۈكمەن.باشقا باللارنىڭ پۇتلىرىدىمۇ بولىدۇ تۈك،لىكىن دىققەت قىلسام ئىگىلچىكىدە بولمايدىكەن،مىنىڭ تۈك چىقمىغان يىرىم قالمىدىمىكىن دەيمەن.ئالقىنىمدا ،كۆز ئەتىراپىمدا،قۇلاق ئەتىراپىمدا يوقمىكىن.

قىزززىق،بەدەندىكى تۈكلەر ئەڭ ئاستا ئۆسىدىكەن،چىقمىغان يەرگىمۇ چىقىدىكەن.ساقالدەم تىز ئۆسىدىغان تۈك يوقمىكىن دەيمەن.ئەمما چاچ ئازراق چۈشىۋالدى.كىيىنچە ماۋ رەئىستەك بولىمەنمۇ ئەمدى.يا بىر كېسەل ئەمەس بولمىسا،شۇنداقتىمۇ خۇدايىمنىڭ بەرگەن تىنىگە شۈكىرى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 17:09:36

مېنىڭ ماۋۇ ئەقىل چىشىمنى تارتقۇزۋەتسەم  قانداق بولار؟ئەقلىم كەملەپ قالماس ھە. :lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 20:21:49

يۇقارقىلارغا قارىسام سەپرا مىجەزگە ماس كىلىدىكەنمەن ، تاماقنىمۇ تىز يەيمەن ئ‍امما لىكىن سۇيۇق تاماق بىلەن خۇشۇم يوق پولو ، لەغمەن تۈگۈرە، سامسا دىگەندەك تاماقلارنى ياختۇرىمەن ، ھەكىملەر مەن زادى سەپرا مىجەزمىدۇرمەن ، ياكى بەلغەم ، يىمەكلىكتىن باشقا ھەممە تەرپىم سەپراغىلا ماس كىلىدىكەن

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 08:25:17

ئاخىرى ئ‍ۆزۈمنىڭ سەپرا مىجەزلىك ئىكەنلىكىمنى بىلدىم تىما ئ‍ىگىسىگە رەھمەت .

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 08:45:06

سەپرا مىجەزلەر خېلى باكەن مىزـ ھە   مەنمۇ سەپرا مىجەز ـ

:P
سەپرا مىجەزلەر ياڭاقنى ئاز يەڭلا زىيان قىلدۇ ياڭاق سەپرانىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دۈشمىنى ــ
بەت: [1]
: ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم قىلىپ بېقىڭ