ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 08:00:33

ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز

ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرزگە قىزىقامسىز؟

ئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىدى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئادەم سانى 320 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، كۇرستا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەرىپىدىن بىر تۇتاش گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە ئىگىلىك تىكلەش ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇلىغا ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇنداقتا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قايسى شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا بۇ پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ؟

21-ئەسىر كومپيۇتېر مەكتىپىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بۇخەلچەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۆسۈمسىز قەرز پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆز نامىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، دۇكاننىڭ ئىجارە توختامنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق كىنىشكىلارنى تەييارلىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى نەپەر كاپالەت بەرگۈچى ۋە ئۆز نامىدىكى ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئۆي كىنىشكىسىنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن. ئۆسۈمسىز قەرزگە ئېرىشكۈچى قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى يىل ئىچىدە يەنە قايتىدىن ئۆسۈمسىز قەرز ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1231/2977-40.html

ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز:

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 15:15:44

ئۇقۇش تارىخى سۈرۈشتۈرمەمدا.

بۇرۇن بىر قانچە تۇنۇشلار بارتى،خەقنىڭ دۇكىنىنىڭ ماتىريالىنى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇپ ئاخشىمى بىرەر مىڭ كۇيغا ھاراق قۇيۇپ بىرىپ قەرىز بىجىرۋىلىپ مۆھلەت تۇشقاندا بەرگىلى ئۇنىماي،قەرىز سۈيلەپ گۇۋاھلىق بەرگەن دۇكانغا بارسا دۇكانچى ئۇنى تۇنىمايمەن دەپ سەتلىشىپ....ئاخىر بۇ تۈزۈم چىقىپتۇدە.بۇرۇن باشقىلارنىڭ دۇكان رەسمىيتى بولسىلا بولاتتىكەنتۇق.ھازىر ئەمدى گۇۋاھچى قۇشۇلۇپتۇ.

لىكىنزە كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياش دۇكان تىجارەت كىنىشكىسىنى ،دۇكاننىڭ ئىجارە توختىمىنى ئالالىغۇدەك ھالى بولسا قەرىز ئالماس دەيمەن.بولسا قەرىزنى دۇكان ئاچىمەن دىگەنگىلا بەرسە دەيمەن.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 15:16:32

ھەي راس،يىزا تەرەپكە كىچىكرەك ياغ تارتىش،ئۇن تارتىش،سوپۇن چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۋالغانلارمۇ بۇ قەرىز تۈرىدىن بەھىر ئالالامدۇ؟؟؟؟

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 15:18:06

ئىككى يىللىق ئۆسۈمسىز بولسا يۈز مىڭنى ئالمىساممۇ ئەللىكمىڭنى بانكىغا سەپ قۇيۇپ ئىشلەتمىسەم ياكى سودىغا كۆز يەتمىسە مۆھلەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بىرىپ ئىشەنچىلىك مۇئامىلدار بولىۋالغان ياخشىمىكىن دەيمەن.بەلكىم بۇنچىلىك پۇلنى قۇلغا ئەپ بولغۇچە شۇ قەرىز بەرگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا قانچىلىك ئارقا ئىشىك كىتەر ھە...

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 15:56:16

نىمانداق جىق كېپىل بۇ قەرزدىكى، ئاۋۇ كۇرسنى پۈتتۈرگەن بولۇش، يەنە بىر نىمە توختامى بولۇش دىگەنلىرى قۇرۇق گەپ، ھېلىقى ئاپئاق تاملارغا 办证دەپ يېزىپ قويىدىغانلاردىنمۇ پۈتىدۇ بۇ نەرسە.ئىككى دانە كېپىل بولغۇچى دىگىنى يىتىپ ئاشاتتى، خوشنىسىنىڭ ئۆي كىنىشكىسى دىگىنى بەك ئېشىپ كېتىپتۇ. خوشنىسىنىڭ ئۆي كىنىشكىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالسا خوشنىسى قانداق قىلىدۇ ئىككى يىلغۇچە، ھەم شۇنداق ئۆي كىنىشكىسىنى بېرىپ تۇرىدىغان قاپلاننىڭ يۈرۈكىنى يەۋالغان خوشنا نەدە بار ھازىر ؟بۇ قەرزنى ئالماق ھەقىقەتەن تەسكەن.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 16:51:05

ئاۋۇ كۇرۇس دىگىنى شۇ ئىگىلىك تىكلىگفۈچىلەرنىڭ ئون بەش كۈنلۈك كۇرىسى شۇمىكىن.مەنچە ئۇقۇش تارىخى تەلىپى يوق.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 19:49:49

سودا قىلىۋاتقان بىر نەۋرە سىڭلىمغا يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ بەرمەكچى بوپتۇ. 50-60 سودىگەرنى يىغىپ يىغىندا ئۇقتۇرغانمىش. ئاندىن مەن ئىدارىدىن مەن مۇشۇ ئىدارىدە ئىشلەيمەن دەپ ئىسپات ئېلىپ، بانكا كارتام بىلەن كىملىكىمنى نۇسخىلاپ سىڭلىمغا بېرىپ ئۇنىڭغا كېپىل بولغانتىم،ئۇ نەرسىلەرنىمۇ سىڭلىمنىڭ قولىغىلا تۇتقۇزغان بولمىسا لېكىن ھېلىقى كارتا سىڭلىمنىڭ نامىدا ئەمەس مىنىڭ نامىمدا كېلىدىكەن. نەتىجىدە سىڭلىم ئۇ كارتىنى يۈتتۈرۈپ قويىۋىدى ھەممە كەلگۈلۈك ماڭا كەلدى.
ھازىر مۇشۇنداق ئىشلاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ-بۇنىڭغا كېپىل بولىدىغان ئىشتىنمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 21:44:27

بەمەي دىسە تېخى ، موما سىزىپ قورساققا تەسەللى بەرگەندەك ئىشقۇ بۇ . مۇشۇ ئىشقا ماڭغان يول ، كەتكەن ۋاقىتقا چىقىپ بىر يەردە بىرـ ئىككى يىل چىشنى چىشلەپ ئىشلىسە يولمۇ - پۇلمۇ تېپىلىپ قالىدۇ .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 09:45:35

قەرز ئېلىپ بىر ئىش قىلىش ھىچقانداق تەجربىسى ۋە پىلانى يوق كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ، ئەمما ھىچ بولمىسا بىر دۇككانننى ماڭدۇرۇپ باققانلار بۇ پۇلنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ، شۇنداقلار ۋە شۇنداق تۇققان-بۇرادەرلىرى بارلار ئۈچۈن بۇ پۇل بەكمۇ ياخشى پۇل، چوقۇم ئېلىش كېرەك.
بانكا بىلەن قەرز ئېلىم-بىرىم قىلىش جەريانىدا ھەم قەرز سىياسىتى، كىشلىك مۇناسىۋەت، كېپىللىك، ئىقتىساد باشقۇرۇش قاتارلىق جەريانلار بىلەن تونۇشىۋالغىلى بولىدۇ.بۇ خىل بىلىملەر كىيىنكى تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا مەبلىغى بولغان تەقدىردىمۇ قەرز ئېلىپ بېقىش كېرەك.
ئىگىلىك تىكلەش جەريانى 'بىر قۇلدىن بىر بايغا ئايلىنىش' جەريانى، جاپالىق، ئەمما ئېرىشىدىغان ماددى بايلىق، مەنىۋى ساپا ھەددى-ھىساپسىز. ئەرزىيدۇ.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:00:07

كېچىكرەك زاۋۇت قۇرۋالغانلارمۇ بۇ قەزىر سىياسىتىدىن پايدىلىنالامدۇ؟

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:21:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 12:23  

بۇ تۇغۇرلۇق بىلىدىغانلار ئوبدانراق مەسلىھەت بەرمەمسىلەر،تىما ئىگىسىمۇ بىر تىما يوللايدىكەن،يوقايدىكەن.يا ئەرقالنىڭ ماركىسىنى ئىلان قىلىشقىلا كىرەمدىكىن.بىلگىنىنى ئايىمىسا نىمە بولىدۇ دەيمەن.

يا بولمىسا ئىزدىنىشتىكى بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ھاللىق سەۋىيەدە بولۇپ بۇنداق ئۆسۈمسىز قەرىز پەرىز دىگەنلەرگە كۆز قىرىنى سىلىپمۇ قويمايدىغانلاردىن بولۇپ كەتكەن زەردارلار گورۇھىدىن ئەمەستۇ ھە..شۇنداق بولسا مەن شېركەت بىلەن تۈزۈشكەن توختامنى،كىملىكنى قۇيۇپ تۇراي،كىم ماڭا يۈز مىڭنى بىرىپ تۇرىدۇ.قەرەلىدە قايتۇرىمەن.

روسىيە رۇبلى كىرزىسى،ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ۋەزىيىتى،ئافغانىستان تىرور ھۇجۇمى.....دىگەن ئىشلاردا قايناپ كىتىدىغان مۇنازىرە ئەتىراپىمىزدىكى بۇ ئىشتا جىمىپ كىتىدىكەن.قارىغاندا ئىزدىنىشتىكىلەر بىر بولسا بايا يۇقىردا ئىيتقان زەردارلار گورۇھى،بىر بولسا چىشلىرى ئۇزراپ يۈرگەن مەھەللە كۈچلىرى.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:24:49

ئىنكاس يازسام يوقاپ كەتتىغۇ.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:41:06

تىما ئىگىسى تىمىنى يىزىپ قۇيۇپ يوقاپ كىتىدىكەن،يا ئەرقالنىڭ شەپىسىنى بىرىش ،ئارتۇق چۈشەنچە بەرمەسلىك ۋەزىيپىسى بارمىكىنتاڭ.

ئىزدىنىشتىكىلەرمۇ بىر بولسا بۇنداق ئۆسۈمسىز قەرىز پەرىز دىگەنلەرگە كۆز قىرىنى سىلىپمۇ قويمايدىغان كاتتا زەردارلار گورۇھى،بىر بولسا چىشلىرىنى بىلەپ يۈرگەن مەھەللە كۈچلىرى.قارىسام مۇنبەردە روسىيە روبلىسى،ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئۇرۇشى،ئافغانىستان تىرۇر ئەھۋالى توغۇرسىدا كۆپ مۇنازىرە قىلىدىكەن.لىكىن ئەتىراپىدىكى بۇ ئىشقا بەك قاراپ كەتمەيدىكەن.شوڭا بەك باي باللار بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
بەك زەردار بولساڭلار ماڭا ئۆسۈمسىز قەرىز بىرىپ تۇرامسىلەر.كىملىكنى بىرىمەن،مۆھلەت تۇشقاندا قايتۇرىمەن.جىق ئالمايمەن،ئەللىكمىڭ بولسا بولار.ھۆججەت يىزىپ بىرىمەن .

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:09:48

izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 12:41 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى تىمىنى يىزىپ قۇيۇپ يوقاپ كىتىدىكەن،يا ئەر ...

ئازتولا پايدىسى بولارمىكىن، دەپ قارىغان ئىقتىسادىي خەۋەر، ئۇچۇرلارنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ ياكى ئىزدەپ يىغىپ يوللاۋاتىمىز. پايدىلىق تەكلىپ، پىكىرلىرىڭىز بولسا ئاڭلايلى.  
ۋاقتىمىزنىڭ يېتىشىچە بىر قسىم سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز، لېكىن تورداشلار ئۆزلىرى ئىزدىنىپ ھەل قىلالايدىغان ئىشلارغىچە چۈشەنچە بېرىشكە ھەقىقەتەن ۋاقتىمىز يېتىشمەيدۇ، توغرا چۈشەنگەيسىز~

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:14:24

ئىزچىل بۇرادەرنىڭ سۇئالىغا كىم جاۋاپ بېرەر ئەمدى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 16:07:50

izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 12:41 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى تىمىنى يىزىپ قۇيۇپ يوقاپ كىتىدىكەن،يا ئەر ...

سۇئال : ئاز سوممىلىق قەرزنىڭ قانداق شەرتلىرى بار ؟ قانداق ئىلتىماس قىلىمەن، نەگە بارىمەن، نىمە دەيمەن .... ؟؟؟
جاۋاپ : بۇ جاۋاپلارغا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىش، شۇ كۇرۇستا ھەممىنى دەپ بېرىدۇ.
سۇئال : بۇ كۇرۇس نەدە ؟ قانداق قاتنىشىمەن ؟
جاۋاپ: مەن بىلمەيمەن. بۇ خەۋەردىن قارىغاندا 21-ئەسر كومپيۇتىر مەكتىۋى بەلكىم شۇنداق كۇرۇسلارنى ئېچىۋاتقان بولىشى مۈمكىن، بۇ مەكتەپنىڭ ئورنى ئۈرۈمچىدە،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باققانلار كۆپ ، مېنىڭىچە تېلفۇنىنى تاپالايسىز، تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.

يۇقارقىلار ئورنىڭىزدىن تۇرماي تۇرۇپ، خەنزۇ تىلى بىلمەي تۇرۇپ تېلفۇن بىلەن سىز قىلالايدىغان ئىشلار.

ئۇنىڭدىن باشقا،توردىن ئاز-تولا ئىزدەپ كۆرۈپ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم ،پايدىلىنارسىز:
1. مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگىنى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 新疆维吾尔自治区人力资源与社会保障厅
تور بېتى: http://www.xjrs.gov.cn/
تور بەت خەنزۇ يېزىقىدا، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بېتى يوق.
2. مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەت سوراش تېلفۇنى نومۇرى: 12333، 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىمىز دەپ يېزىپتۇ، بىر قېتىم ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى بىلەن سۆزلەشكىنىم ئېسىمدە، ئىجتىمائى سۇغۇرتا قاتارلىق ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىدىغان، بەلكىم بىلمەكچى بولغان ئىشىڭىزغا ياردەم قىلالىشى مۈمكىن.
3. ئاز سوممىلىق، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، بانكا ئۆسۈمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆكۈمەت تۆلەپ بېرىدۇ. بانكىدىن قەرز ئېلىش تەس ئىش ھەم ئۆسۈمى كۆپ بولغاچ بۇ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار كۆپ، تالاش-تالاش، بەزىدە مۇناسىۋەت دىگەندەك ئىشلار مەۋجۈت. بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا شاش تۇرىشىمىز، تېرىكمەسلىكىمىز ، چېچىلماسلىقىمىز،سەۋرىچان بولىشىمىز كېرەك- بۇ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسىم ئېتىبار سىياسىەتلىرىگە ،مەسىلەن، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ... قاتارلىقلارغا ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز ئامال قىلىپ شۇ شەرتلەرنى ھازىرلاش، ھۆججەتلەرنى تولدۇرۇش، شۇنداق قىلىپلا بەرسىڭىز بىكارلىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ بەرگە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە ماشىنا ئېلىپ ھەيدەپ ئويناپ تاپقان پۇلىڭىزغا چوڭراق ئۆي ئالسىڭىز، چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىپ كىرسىڭىز بولىدۇ، بۇنداقلارنى كۆرىۋاتىسىز، بەلكىم. ئورنىڭىزدىن مىدىرلىمىسىڭىز ، باشلىقنى ئىزدىمىسىڭىز، سەۋەبىنى قىلمىسىڭىز ،تېرىكسىڭىز، چېچىلسىڭىز، نىمىشقا ماڭا بەرمەي باشقىلارغا بېرىسەن دەپ ۋارقىراپ سالسىڭىز ... ياخشى بولمايدۇ.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:34:27

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 16:07 static/image/common/back.gif
سۇئال : ئاز سوممىلىق قەرزنىڭ قانداق شەرتلىرى بار ؟ قان ...

سەۋىر بىلەن چۈشەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.ئىنكاسلىرىمدا ئازىراق چېچېلىپ قالغاندەك قىلىمەن.كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.

سىزگە كۆڭلۈمدە ھۆرمەت بولدى.قۇرۇق بولسىمۇ رەھمەت.

بىر دوستۇم بىر كېچىك زاۋۇت قۇرىۋاپتىكەن،رەسمىيتىنى تېخى بېجىرىپ بولالماپتىكەن.شۇ زاۋۇتقا قارىتا ئۆسۈمسىز قەرىز بېجىرگىلى بولارمۇ...دەپ قالغان.شوڭا بۇنى تەپسېلىرەك بىلىۋالارمەن دەپ ئويلىغانتىم،ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدى.بەلكىم مەندەك ئويلاۋاتقانلارمۇ بار بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن مەنچە پايدىلىندىغانلار يالغۇز مەن بولۇپ قالمايمەن.يەنە بىر قىتىم رەھمەت.:handshake

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 13:28:35

مۇشۇنداق پايدىلىق سىياسەتلەرگە ئائىت ئۇيغۇرچە ئۇچۇر مەنبەلىرى بەكمۇ ئاز، بىجىرگەنلەر ئازمۇ، قىزغىنامدۇ ياكى توردا ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالامدۇ، لازىم بولغاندا تاپالمايسىز،شۇڭا توردىكى نۇرغۇن مەزمۇنلار كېرەكسىز تۇيۇلىدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى چىقىرىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ{:92:} شۇ سەۋەپلىك تارتىدىغان زىيانلار ھەددى-ھىساپسىز، ئەپسۇس.

بولسا ئىزدىنىپ بېقىڭ، جەريانلىرىنى خاتىرلەپ تورلاردە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ، پايدىلىنىدىغانلار چىقىدۇ،شۇ چاغدا ماڭا رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بەت: [1]
: ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز