sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 23:07:47

بۇ ئۇسۇل پارنىك گازىنى ئازايتالامدۇ؟

روھلان تور بېكتىدە @ablimitt ئەپەندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى خەۋەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى قىسقىچە تەھلىلگە نىسبەتەن ئۆزەمنىڭ بەزى بىر پىكىرلىرىنى بېرىپ باققۇم كەلگەچكە ئاستىدا بەزى پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
                    ئىسپانىيە ئالىملىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كاربون (Ⅳ)ئوكسىدنى مېتانولغا ئايلاندۇردى   
       يېقىندا، ئىسپانىيە كاتالۇنا خىمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تېخنىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىدا پەقەت بىر باسقۇچ ئارقىلىقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كاربون (Ⅳ)ئوكسىدنى خىمىيىۋى سانائەت يىغىلغۇسى بولغان مېتانولغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ تېخنىكا ئەگەر سانائەتتە ئەمەلىي قوللىنىلىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ پۈتۈن يەرشارىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان پارنىك ئېففېكتىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە خەلقئارا ئېنېرگىيە كرىزىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن.
       ئىسپانىيە كاتالۇنا خىمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بولسا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «كاتالىز ئىلمى ژۇرنىلىدا بۇ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇت تەتقىقات گۇرۇپپىسى يۇقىرى بېسىم شارائىتى ئاستىدا كاربون (Ⅳ)ئوكسىدغا كاتالىزاتورلۇق ھىدروگېن قوشقان، پەقەت مۇشۇ بىر باسقۇچتىن ئارقىلىقلا ئۇلار %95 كاربون (Ⅳ)ئوكسىدنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مېتانولغا ئايلاندۇرالىغان. مېتانول بولسا خىمىيىۋى سانائەت كەسپىدىكى مۇھىم يېقىلغۇ بولۇپ، بىۋاسىتە ھالدا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، كاتالۇنا خىمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بۇ تېخنىكىدا پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ بولغان.
       تەھلىل قىلىنىشىچە، ئىسپانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى بايقىغان بۇ ئەڭ يېڭى تېخنىكا يەرشارىدىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى توسۇپ قېلىشتا ھالقىلىق رول ئويناپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى كاربون (Ⅳ)ئوكسىد مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋە تۆۋەنلىتىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن شۇنداقلا ئاخىرىدا پەيدا قىلغان مېتانول ئېلېكتر مەنبەسى بولۇش بىلەن ئېنېرگىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن.f
     بۇنىڭدىن سىرت، دۇنيا ھاۋا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، نۆۋەتتىكى كاربون (Ⅳ)ئوكسىدنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى قويۇپ بېرىلىش مىقدارى يەنىلا توختىماستىن ئېشىپ بېرىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى. پارنىك ئېففېكتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، يەرشارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى نۆۋەتتىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېغىر ھاۋا رايى ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلگەن .
      مەنبە:  bbs.rohlan.com روھلان تور بېكتى

      يۇقۇرقى سۆزلەنگەن بېرىكتۈرۈش رېئاكسىيىسى بويىچە كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ ھىدروگېن بىلەن بېرىكىشى ئەمەلگە ئېشىپ ئاتموسفىراغا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ مىقدارى كېمىيىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھاسىل بولغان مېتانول(ياغاچ ئىسپىرىتى) تەركىبىدە ماس مىقداردىكى كاربون ئىلمىنتى بار بولىدىغان بولغاچقا بۇ مېتانولنى يېقىلغۇ قىلىپ توك ھاسىل قىلىش جەريانىدا مېتانول كۆيۈشتىن ھاسىل بولغان كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ مىقدارى بەرىبىر باشتىكى خامئەشيا قىلىنغان كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ مىقدارىغا تەپمۇتەڭ بولىدۇ.(خىمىيىلىك تەڭلىمىسىنى كەلتۈرۈشۈم قولايسىز بولغاچ قىسقارتىلدى). دىمەك بۇ كەشپىياتنى ئەسلى (قاچىلاش ۋە توشۇش قولايسىز بولغان) ھېدىروگېن گازىنى تۇراقلاشتۇرۇپ سۇيۇق يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى بار كەشپىيات دىيىشكە بولىدىكەن. قاراپ باقىدىغان بولساق بۇ كەشپىيات بويىچە ئەگەر سىنتىزلەپ چىقىلغان مېتانولنى كۆيدۈرمەي ساقلىغاندىلا ئاندىن ئاتموسفىراغا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ مىقدارىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ ، ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلا بولماستىن بەلكى ئەلا سۈپەتلىك پاكىز يېقىلغۇ بولغان نۇرغۇن ھېدىروگېن گازىنى بىكارلا تۇراقلاشتۇرۇپ ساقلىغانلىق بولىدۇ. بۇنداق ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق تارتقاندىن كۆرە بۇ رېئاكسىيىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان ھېدىروگېن گازىنى بىۋاستىلا يېقىلغۇ قىلىپ توك ھاسىل قىلىپ ئىشلىتىلسە ۋە كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدىغان باشقا چارىنى قوللانسا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟  يەر شارى كېلىماتىنى ئسسىتىۋەتكەن پارنىك گازىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ زىيانسىز چارە بولسا زىمىندا يېشىللىق كۆلىمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كېڭەيتىش!  يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىكى فوتوسېنتىز رولىنى ئۆتەيدىغان خىلوروفىلنىڭ ئۆزى ئاجايىپ بىر مۇكەممەل سىنتىزلەش زاۋۇتى بولۇپ، قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ تەسىرىدە ھاۋادىكى كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنى ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈپ، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم خامئەشياسى بولغان ئوكسىگېن گازى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ زاپاس ساقلاپ بېرىدۇ. attachimg]15250
  [

     بۇ يازما ئەگەر تەستىقلنىپ قالسا بۇ ماقالىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە «سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز كەلمىدىمۇ؟» دىگەن يازمامنى يەنە يوللايمەن،ئىنشائاللاھ.
      2014-يىل 31-دىكابىر

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 14:08:55

ھازىر مۇشۇ شەھەرلەشتۈرۈش 《ئاپىتى》سەۋەپلىك ئەسلى يېشىلچىلىق بولغان مۇنبەت يەرلەرنى تاش-بىتونلار ئگەللەپ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە تېگىشلىك 《ھەسسىسى》نى قوشماقتا. شۇنداقتىمۇ بىنالارنىڭ ئۆگزىسى،بالكونلىرى ۋە ماشنا توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ لەمپىسى ئۈستىنى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا يېشىللاشتۇرۇپ، ھەم ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈم ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپلا قالماستىن يەنە چىرايلىق مەنزىرە پەيدا قىلىپ بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك سوققىلى بولىدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 14:30:39

تۇپراقسىز ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ھەققىدە بىرەر تېما يوللانغانمىدۇ؟ ياكى مۇشۇ ھەقتىكى كىتاپ ياكى ماقالىلەر بولسا تورداشلار كۆرۈپ باقساق.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 16:07:32

  ھىدروگىننى بىۋاستە ئىشلەتسىمۇ ياكى سىز دىگەندەك مىتانول قىلىپ  ئىككى قاتلاملىق ئىشلەتسىمۇ ئاخىرىدا راسىتلا ئوخشاش مىقتاردىكى ئوكسىگىن خورايدۇ. شۇڭا تەھلىلىڭىز ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ.
  ئەمىلى تۇرمۇشتا بولسا تەرەققى قىلغان ئەللەر تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ پۇلىنىڭ كۈچىدىكى پەرىقتىن پايدىلىنىپ ساپ ھىدروگىننى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەردە ئىشلەتكۈزۈپ ئاندىن ئۆز دۆلىتىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، خۇددى قۇياش باتارىيسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى دۆلىتىمىزگە سىتىپ بېرىپ ئاندىن دۆلىتىمىزدىن تەييار مەھسۇلاتنى سىتىۋىلىپ ئىشلەتكىنىدەك...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 19:29:50

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 16:07 static/image/common/back.gif
ھىدروگىننى بىۋاستە ئىشلەتسىمۇ ياكى سىز دىگەندەك مىتا ...

    مەن ئۇ خىل يېڭىچە سىنتىزلەش كەشپىياتىدىكى ئوكسىگىننىڭ سەرپىياتىنى مۇھاكىمە قىلماقچى ئەمەس، بەلكى سىنتىزلەشتىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى كاربوننىڭ مول مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، سىنتىزلەپ چىققان مېتانولنى كۆيدۈرۈشتىن ھاسىل  بولىدىغان  كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ مىقدارى يەنىلا ئەسلى خامئەشيا قىلىنغان كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ  مىقدارى بىلەن تەڭ بولىدۇ دىمەكچى. بۇنداق بولغاندا ئاتموسفىراغا قويۇۋېتىلىدىغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ دىگەن گەپ.شۇڭا بۇ كەشپىياتنى پارنىك گازىنى ئازايتىدىغان كەشپىيات دىمەي بەلكى (سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە توشۇش ناھايتى تەس ھەم خەتەرلىك بولغان) ھىدروگىن يېقىلغۇسىنى قولايلىق سۇيۇق يېقىلغۇغا ئايلاندۇرىدىغان كەشپىيات دەپ تەشۋىق قىلىش ئىلمىيلىككە ئۇيغۇندۇر.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 20:28:14

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 19:29 static/image/common/back.gif
مەن ئۇ خىل يېڭىچە سىنتىزلەش كەشپىياتىدىكى ئوكسىگىن ...

ئېيتقىنىڭىز ناھايتى تۇغرا...

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 01:44:18

   ئىلمىي تېما.{:112:}

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 09:39:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 09:54  

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 19:29 static/image/common/back.gif
مەن ئۇ خىل يېڭىچە سىنتىزلەش كەشپىياتىدىكى ئوكسىگىن ...

  

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 11:24:27

ماڭا ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە بىلىنمىدى:lol
بۇنداق پاتنىتلار يىلدا كۈرمىڭ ھازىر.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:49:30

CO2 + 3H2 = CH3H +H2O
ھىدروگىننىڭ ئىسسىقلىق مىقتارى مولىغا 286 كىلوجول
مىتانولنىڭ بولسا 726 كىلوجول.
بۇنداق زىيىنىغا چىقىدىغان ھىساپنى كىچىك بالىمۇ ئىشلەپ چىقىرالايدۇ.
ئەلۋەتتە.
چوقۇم سۇيۇق ھەلەتتىكى يېقىلغۇ ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ.
ئەمما يەنە قانچە يىل يىتىشىگە ئشەنچ يوق نېفىت ياكى كۈمۈرگە ئىشەنچ باغلاپ يىغلاپ تەتۈرلۈك قىلىپ ئولتۇرۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. بۇرۇنقى ماتورلارنى ۋاقىت ساندۇقىغا قاچىلاپ بىرەر ئازگالغا كۈمىۋېتىپلا توكلۇق ماتورغا ئالمىشىدىغانغا تەييارلىق قىلىپ كەتسىلا بولىدۇ.

ئۈزەم بىلەن ئۈزەم قىلىشقان بەك جىق پاراڭلارنىڭ نەتىجىسى شۇ بوپتۇ.
قىزىقىدىغانلار بولسا تېخىمۇ تەپسىلىي پارايلىشىپ باقساق بولىدۇ:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 17:30:00

«سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز كەلمىدىمۇ؟» ناملىق ماقالىگە قىزىقىپ قالدىم،:)

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 19:12:45

ياخشى تېما بوپتۇ قېرىندىشىم سىزگە تەشەككۈر!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:28:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 08:44  

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 17:30 static/image/common/back.gif
«سۇ تىجەيدىغان ۋاقتىمىز كەلمىدىمۇ؟» ناملىق ماقالىگە  ...

   رەھمەت بىرزات ئەپەندىم،:handshake   ھەر نىم بولسا سىلى بولسىلىمۇ قىززىقىپ قاپلا ئۇ تېمىغا... تەستىقلانمايۋېرىپ ئۈچىنچى قېتىم يەنە قايتا يوللاپ قويدۇم.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 08:29:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 08:42  

   ئۈستىدىكى ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ تۇرسام ئۇ تېمامنىڭ تەستىقلانغانلىق ئەسكەرتىشى كەپ قالدى، رەھمەت سىلىگە.
بەت: [1]
: بۇ ئۇسۇل پارنىك گازىنى ئازايتالامدۇ؟