waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 21:23:47

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە جىياڭسۇ تۇڭشى كوماندىسىنى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 21:28  

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچ سائەت 00؛6 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ساھىپخان سۈپىتىدە،  ئۇيغۇر ۋاسكېتبولچىلىردىن ئاكا-ئۇكا مەۋلان مەردانلار توپ ئويناۋاتقان جىياڭسۇ تۇڭشى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسىدىن جۇچى بىيجىڭدا داۋالىنىۋاتقاچقا مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى، لىيۇۋىي بىلەن سۇۋىينىڭ يارىسى ساقىيىپ مەيدانغا چىقتى، تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالتە ئەزانىڭ قوش خانىلىق نومۇر  ئىلىشى بىلەن باشتىن ئاخرى ئۈستۈنلكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 112-80 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىياڭسۇ تۇڭشى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مىھمان مەيدانىدا 96-84 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ تۇڭشى  كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.  
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 16 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  19 نومۇرئالدى،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  تاڭ جىڭدۇڭ  18 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 14 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك ماقان 12 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 10 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ؛ شىرئەلىجان 3 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   سۇۋىي  6 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى .
جىياڭسۇ تۇڭشى كوماندىسىدىن مەردان تۇرسۇن 12 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مەۋلان تۇرسۇن 4 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىكمۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 2015-يىلى1-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئۆز  مەيدانىدا جىياڭسۇ  كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 01:17:45

تاڭجېڭدوڭنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغىنىنى مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە كۆردۈم.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 06:57:23

نىسى گەپكە كىللى ... ئاۋۇ رەسىمدىكىلەرنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ قۇيامسىزلەر ؟
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە جىياڭسۇ تۇڭشى كوماندىسىنى يەڭدى