Elkun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 20:27:47

ئەلكۈن: يېڭى يىلغا سۇئال

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 20:28  

يېڭى يىلغا سۇئال


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


يىڭى يىل كەلدى، كونىسى كەتتى،
ئۆمۈردىن بىر بەت يىرتىلدى، ئۆچتى.
سورايمەن غەمكىن ئوزۇمدىن سۇئال,
قىممىتى بۇ ھايات نەلەرگە كەتتى؟!


گەر يېشىم ئاشسىمۇ قىرىقتىن بۈگۈن،
ئاشالمىدىم ئارزۇيۇم چېكىدىن ھالقىپ.
ياشايمەن قول سۈزۈپ ئۈمىدكە ھامان,
خەلقىمنىڭ دەردىگە ئۆزۈمنى زارىقىپ.


يامغۇرلۇق بۇ كېچە، مەن مۇڭغا پاتتىم،
ئۇزىتىپ يىللارنى ئارقامغا ئاتتىم.
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا بولۇپ مۇساپىر،
چۆللەردە نىجاتلىق كارۋىنى تارتتىم…


قەلبىمدە ھەر زامان ”يىللارغا جاۋاب“.
بىلسەڭ ئۇ ئۇيغۇرغا ۋىجدانىي خىتاب!
ھەي يىللار، گىدەيمە، قىلما مەسخىرە,
”ۋەتەن’ دەپ ياشىدۇق، بۇ ساڭا جاۋاب!


تايمىسنىڭ بويىدا يۈردۈم سەرسانە,
چېركاۋدىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ لەرزان.
قۇشلاردىن يوللىدىم ئەرىك سالىمىمنى،
يۈرەكتە قاينىغاچ ۋەتەنگە ۋولقان!


ياشىدىم يىراقتا، ۋەتەن ناتونۇش،
چۇلغىدى غېرىبلىق قەلبىم بېغىنى.
نە ئالاي شادلىقتىن ھۇزۇر- ھالاۋەت،
كۆرمەي ۋەتەننىڭ ئايدەك يۈزىنى!


بارارغا يېرىم يوق، سۆھبەتكە دوستۇم.
كەپەم بار لوندوندا، روھلىرىم مەھكۇم.
ئۇيغۇرچە بوزلايدۇ تىنىقلىرىممۇ،
ھەسرەتتە ئازابقا تولدى بۇ يولۇم!


ئالدىمدا ئادەملەر دېڭىزدەك لەيلەر،
ھەممىسى ناتونۇش قىلسىمۇ سالام.
كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا تۇرار قەلەندەر،
ھەسرەتكە ياندىشىپ چېلىپ ساز تامام.


يېڭى يىل ساليوتى رەڭدار ۋە كۆركەم،
تارىمدا جىن چىراغ، يىغلايدۇ بوۋاي.
”يېڭى يىل مۇبارەك!“ دېدى دوستلىرىم،
ھۇۋقۇشنىڭ ئۈنىگە پەرۋامۇ قىلماي.


ئادەملەر دېڭىزى، يىگانىدۇرمەن،
سۆزلەشكە مەجبۇرمەن باشقا بىر تىلدا.
ئۇيغۇر كىم، مەن كىم؟ بىلمەيدۇ ئۇلار،
تىلغاندى بۇ يۈرەك، پىغانىم دىلدا.


كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرقلىرى يوق،
چۆرگىلەر لوندوننىڭ كۆزى نۇرلىنىپ.
ئالدىراش سائەتنىڭ سىتىرىلكىسمۇ،
خوش دېدىم كونا يىل ساڭا زورۇقۇپ.


2013- يىلى 31- دېكابىر، لوندون.



President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 22:24:57

ۋەتەندىن جۇدا بولغاننىڭ كۆڭلى ئاجايىپ بولىدۇ، سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 07:44:56

بىر يىلنى قوندۇردۇم مىسالى تاغدەك ،
گەۋدەمنىڭ ئىنجىقى چىقتىلەر بەلكىم .
ھەممە ئۆز غەمدە ...جىندى مۇدى تاۋزىشاڭ !
يېڭى ئىتوت يازغاندۇ ئابلىكىم كەلكۈن ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 08:31:33

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە ،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتوق كۆرىمەن ئۈلۈمنى ،
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۈلمە ،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى .

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 08:51:53

يېڭى يېلىڭىزغا مۇبارەك بولمىسۇن.  ھەيران قېلىۋاتامسىىز؟! چۈنكى 2014-يىلىنىڭ چىقىپ كېتىشى 2015-يېلىنىڭ كىرىشى بۇ ئەھۋال پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى خالاس. سىز يەنىلا سىز شۇ، تۆنۈگۈنكى سىز، سىز ئالدىنقى يىلدىكى ھېچبىر ئىشنى ئۇنتالمايسىز، پۇشايمان ۋە ئازابلىنىدىغان ئەسلىمىللىرىڭىز يىڭى يىل كىرىشى بىلەن ئۇنتۇلمايدۇ، ئۆمۈر بويى سىز بىلەن بىللە، ئۇنتۇپ كېتىمەن دەۋاتقانلار بولدى ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۈرمەڭ، ساراڭ بولۇپ قالمىسىڭىزلا ئېسىڭىزدە بار ھەممىسى. يىڭى يىلنىڭ كىرىشى تەبىرىكلەپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر تۇيۇقسىز بىر كۈن ئالدىغا يېنىپ كونا يىلغا كىرىپ قالساق بىرىنچى بولۇپ مەن كونا يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دەپ تەبرىكلىگەن بولاتتىم. يىڭى يىلغا قەدەم باسقىنىڭىز پەقەت سىزنىڭ ئۆلىدىغان كۈنگە ساق-سالامەت بىر كۈن يېقىنلاشقىنىڭىز خالاس. ئۆلىدىغان كۈنىڭىزگە بىر كۈن يېقىنلاشقىنىڭىزغا مۇبارەك بولمىسۇن، ۋاقىتنى قەدىرلەپ توغرا ياشاڭ!

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 10:08:17

يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدە لوندوندا ياشاۋاتقان قېرىندىشىمىز ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ شېئىرىنى ئوقۇش نىسىپ بولدى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچى،سىرتىدىكى بارىلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن!ئىزدىنىشتىكى بارىلىق ئەزىزىلەرگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن!

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 11:32:52

سىزنىڭمۇ يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 17:49:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈن ئەپەندى ئاللاھ سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 20:17:57

                     
                          يىللارغا جاۋاپ


             ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
        يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
        ئاققان سۇلار ،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
        يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
       
       
        ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
        بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
        ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
        يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پولىشىپ.
       
       
        ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
        تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
        يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
        ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر ياپراق.
       
       
        يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ...
        يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.
        يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،
        قىزلار قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.
       
       
        بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
        مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
        ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
        چۆلنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.
       
       
        يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
        تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
        قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
        تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ ،ھە ... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.
       
       
        كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
        كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
        ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
        قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
       
       
        مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
        مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
        ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
        ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.
       
       
        قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
        شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
        ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
        چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.
       
       
        ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا.
        يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
        كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
        كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.
       
       
        يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
        ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
        قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
        ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.
         
       
        يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
        ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
        يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
        ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.
       
        1944- يىلى ئاقسۇ
       

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: ئەلكۈن: يېڭى يىلغا سۇئال