بوۋىقىڭلارغا نىمە تاماق بېرىۋاتىسىلەر?
ەسسالام تورداشلاريىتىپ كىلىش الدىدىكى يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
قىزىم ھازىر 10 ايلىق بولدى, 5 ايلىقتىن باشلاپ تاماق بېرىشكە باشلىغان . تاماقنى شۇنداق ياخشى يەيدۇ لىكىن بۇلماقنى پەقەتلا يىمەيدۇ ھەم مەنمۇ زورلىمىدىم. داىملىق تامىقىغا سۆڭەك شورپىسىغا نىپىز يېيىلغان چۆپ, شويلا, لەغمەننى نىپىز بېسىپ سېلىپ بېرەتتىم . نەچچە كۇن بولدى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمايۋاتىدۇ چۆپـتىن باشقا تاماق بەرسەملا ھەزىم قىلالماي قورسىقى اغرىپ قېلىۋاتىدۇ. بىلىشىمچە مۇنبەردە بالىسى بار خانىم-قىزلارمۇ خېلى كۆپ. شۇڭا ماڭا بىر ياردەم قىلىپ ۆزەڭلار بىلىدىغان بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان,سىڭىشلىك تاماق تۈرلىرىنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. رەھمەت تىۋىپلارنىڭ بىر دورىسى بولىدىغان ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئۆزى ئەرزان بالىلارنىڭ ئاشقازىنىغا بەك پايدا قىلىدۇ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
مەن ئادەتتە قىزىم 10 ئايلىق ۋاقتىدا تۇزمۇ سالماي سەي كۆكتاتلارنى سۇدىلا پىشۇرۇپ بىرەتتىم.ئالما بانان دىگەندەك مىۋىلەرنى مىۋە ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىپ شۇنى بىرەتتىم.ئەتتىگەندە ناننى چىلاپ ئازراق شىكەر بىلەن بىرەتتىم.ئۇستىخاننى ئۇزاق قاينىتىپ سەۋزە-چامغۇرلارنى ئىزىلدۇرۇپ پىشۇرۇپ ئازراق چۆپ سەپ بىرەتتىم.
بەزى كۇنلىرى تۇخۇم پىشۇرۇپ بىرەتتىم.ئاندىن ئالمىنڭ شۆپىكىنى سويىۋىتىپ پارچىلاپ قازانغا سىلىپ ،ئالما چۆككىدەك سۇ قۇيۇپ سۇيى قالمىغۇچە قايتىنىپ پىشۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ ياخشى يەيدۇ بوۋاق.10 ئايلىق بولغان بولسا مىۋىلەرنى ئۆزى يىيەلەيدۇ بەلكىم،تىقىلىپ قالمايدىغان غاجاپ يىيىشكە ماس كىلىدىغان مىۋىلەرنى تۇتقۇزۇپ قويۇڭ.ئۆزىنى ئۆزى باقسۇن.
بالىنى ئىمىتىۋاتقان بولسىڭىز ئىشتىھاسى بىر نەچچە كۈن تۇتۇلۇپ قالغانغا ئەنسىرەش كەتمەيدۇ،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۆزى ياخشى بوپ قالىدۇ ئەنسىرمەڭ.بوۋاقلاردا دائىم كۆرىلىدىكەن ئىشتىھاسى بىر ياخشى بىردە ناچار بولۇش. جاۋارىش ھەزىم
بىر خىل تاماقنى بېرىۋەرمەڭلار
مېنىڭ بالام 21 ئايلىق بولدى،ھازىرغىچە پات پات قۇسۇپ،پاتپات ئوڭشىلىپ قالىدۇ،بۇ قۇسۇشنى ھازىرغىچە ھەل قىلالمىدۇق
ئەنسىرىمەڭ بىر تېما يوللىسام باشقۇرغۇچى جاناپلار تەستىقلىمايۋاتىدۇ
قىزىم 21 ئايلىق بولدى، تۈنۈگۈن بىچاۋدا يۈرەك تەكشۈرتسەم يۈرەك ساق ئەمما سوقۇشى 137 چىقتى،ئىككى ياشتا 110-120 بولسا نورمالكەن،تېز سوقىدىكەن
يەنە بىرى ckmb心肌酶谱 سى يۇقىرىكەن
مەن دوختۇر،ئەمچى،بىئولوگلاردىن مۇشۇ توغرىلىق مەسلىھەت سورىماقچىمەن kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 22:28 static/image/common/back.gif
تىۋىپلارنىڭ بىر دورىسى بولىدىغان ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتى ...
ئامىنۇش تارى ئامىلە نۇشدارى 2 ياشتىن بۇرۇن بالىلارغا گۆش - شورپا بەرمىگەن ياخشى . بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى بۇزۇپ قويىدۇ . ھەزىم قىلالمايدۇ . مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 11:15
سىڭلىمىزنىڭ 21 ئايلىق بولغان ئوغلى ئەمچەكتىن ئايرىلىپ سۈت پاراشۇكىغا كۆنىۋالدى. ھەممە نەرسىدىن ئازراق يەپ باقىدۇ، ھەرقانداق تاماقنى قەتئىي يىگىلى ئۇنىمايدۇ، يىسىمۇ يۇتماي ئاغزىدا يېغىپ تۈكۈرىۋېتىدۇ. سۈت پاراشۇكىنى تەڭشەپ بەرسە ئۆزى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئېمىدۇ. ئەمما ئۇ بالا خېلى مەزمۇت، ئەقىللىك، جىم تۇرماي گەپ قىلىدۇ، كۆپ ھەركەت قىلىدۇ، ئۆيدە تېلۋىزور، يانفۇن باشقىلارغا تەگمەيدۇ. پىيادە ماڭغىلى بەك ئامراق. ھەزىم قىلىش دورىسى 健胃消食片 بىلەن لوقى بادام دىگەن دورىنى ئۆزى تالىشىپ تۇرۇپ يەۋالىدۇ. ئۇنىڭ تاماق يىگىلى ئۇنىماي سۈت پاراشۇكى بىلەن يۈرۈپ يەنە بۇنچە ساغلام تۇرغىنىدىن ھەيران قالدۇق.
قانداق قىلدا تاماققا كۆندۈرگىلى بولا. مىنىڭ بالام15ئايلىق بولدى ئىچى قېتىپلا قالغان. تاماق بەرمەي ئۇدا 3كۈن سۈيۈق سەلەڭ بەرسەكمۇ يەنە ئوخشاش. بانان دەمسىلە يانتاق شېكىرى دەمسىلە ھېچ ئۈنىمى يوق. ئىچىۋاتقان سۈت پاراشوكىدىكى گەپمۇ يا... ۋۇججۇن 10ئايلىق بولغان قىز بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقى مېنىڭ 15ياشلىق ئوغلۇمنىڭكىدىنمۇ مولكەنغۇ؟ ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كورسۇتۇپ بېقىڭ.
بەت:
[1]