wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 18:49:28

"بىر سوم پىلانى"نىڭ 9-يىللىق خۇلاسىسى

ئەسســـــالامــۇ ئەلەيـــــكۇم  قەدىردانــــلار   ،" بىر سوم پىـــــلانى" مېھرىبـــــانلىق يەتكـــــۈزۈش پائالــــىيىتىنىڭ   بارلىق خەيــــر -ساخاۋەت يەتكـــۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن   ھەر يىـــلنىڭ ئاخىــــرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىـــــڭغا قاتناشقان  ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلـــــگەنــــــگەسەككىز يىل بولۇپتىكەن ،مانا مۇشۇ يېڭى يىل دەقىقىلىرى، سىلەرگە بۇ پائالىيەتنىڭ 9-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە بەرمەكچى بولۇپ ئولتـــــــــۇرۇپتىمەن .

2013-يىلىدىن ئاشقان پۇل  4442.90(تۆتمىڭ تۆت يۈز قىرىق ئىككى سوم توقسان تىيىن)
2014-يىلى  يىغىلغان پۇل ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ .بىرى ،كارتىغا بىۋاستە ئۇرۇلغان پۇل ،يەنە بىرى بىر سوم پىلانىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى قاتناشقۇچىلىرى بىز يازغان مۇراجەتلەرگە  ياردەم قىلىپ،بىزنىڭ ۋاستىچىلىكىمىز ئارقىلىق  بىۋاستە ئۇرغان پۇلدۇر ،شۇڭا بۇنى ئايرىم -ئايرىم كۆرسىتىپ ئۆتىمەن .
كارتىغا ئۇرۇلغان پۇل     58864.44(ئەللىك سەككىزمىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش تۆت سوم ئاتمىش تۆت تىيىن)
بانكىدىن چىققان ئۆسۈم پۇلى   60.16(ئاتمىش سوم ئون ئالتە تىيىن )
يۇقارى  پۇللار قېتىلسا بۇ يىل كارتىغا ئۇرۇلغان پۇل جەمىئىي 4442.9+58864.44+60.16=63367.5
(ئاتمىش ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش يەتتە سوم ئەللىك تىيىن )

كارتىغا ئۇرغان پۇللىرىنىڭ  ئىشلىتىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
1.    كېرىيەدە يەر تەۋرىگەندىن كىيىن بىر سوم پىلانى نامىدا شەخسىي ئۈندىدارىم ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەققىدىكى تېمام ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن قىسقىغىنا 7كۈن ئىچىدە  يىغىلغان پۇل 100 مىڭ سومغا يېقىن  ،بۇنىڭ ئىچىدە  ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزالىرى كارتىغا ئۇرغان پۇل  16700 (ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز سوم) سوم ،بورتالا شەھىرى دائىرىسىدە يىغىلغان پۇل 83300(سەكسەن ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز سوم)  .96تاغارغا 4000غا يېقىن قۇر يېپيېڭى ۋە تاللانغان كىيىم-كېچەكلەرنى بېسىپ بورتالادىن ئۈچ نەپەر ساخاۋەتچىمىز ئۇزۇن يوللارنى بېرىپ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئەڭ يىراق كەنىتلىرى بولغان ئاتچان،  كۈنەس يېزىلىغا بېرىپ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن نەق پۇل ۋە ماددي ئەشيالارنى ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزدى .ئۈچ ئائىلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيى قۇرۇلىشىغا كېتىدىغان شەخىس خىراجىتىنى تۆلەپ ئۆي سالدۇردۇق .بۇ ھەقتە ئىزدىنىش تورىغا تېما ۋە مەخسۇس فىلىم ئەۋەتىلگەن،شۇنىڭدىن تەپسىلىي ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىز .
http://bbs.izdinix.com/thread-57530-1-1.html
2.    مۇز چېلەك ئويۇنى دىيارىمىزغا كىرگەندىن كىيىن   بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈپ ئىلتىماسلىرى بىزگە يەتكەن سىتۇدىنىتلارغا بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئەركانلىرى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ "تەڭ تارتىلى بۇ دەتنى "دەپ تېما يازدىم .تورداشلار ،كارخانىچىلار ۋە باشقىلار بۇ ساخاۋەت ئويۇنىغا تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ
34800  )ئوتتۇز تۆت مىڭ سەككىز يۈز سوم ( پۇل يىغىلدى .بۇنىڭ ئىچىدە كارتىغا ئۇرۇلغان پۇل  12700  )ئون ئىككى مىڭ يەتتە يۈز سوم ( ،ئۈرۈمچىدىكى مەسئۇل ،ئىزدىنىش مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى ئەنۋەرجانغا ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە قاتناشقۇچى ساخاۋەتچىلەر بەرگەن پۇل 22100  )يىگىرمە ئىككى مىڭ بىر يۈز سوم (  ،بۇ پۇللارنى 9نەپەر سىتۇدىنىت ۋە ماگىستىر ئاسپىرانىتقا بۆلۈپ ئەۋەتىپ بەردۇق .بۇ ھەقتە يېزىلغان مەخسۇس تېما
http://bbs.izdinix.com/thread-59809-1-1.html

3.    30-سېنتەبىر بورتالا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ تەۋسىيە قىلىپ كۆرسەتكەن ئۈچ نەپەر بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن مۇڭغۇل ،قازاق ۋە خەنزۇ  سىتۇدىنىتنىڭ ھەر بىرىگە ئىدارە ئىتتىپاق ئەزالىرى تەشكىللەپ ھەر بىرىگە 2000سومدىن 6000سوم پۇل ئەۋەتىپ بەردۇق .
4. 30-سېنتەبىر كۈنى  بورتالا شەھەرلىك ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ياردەم ئوبىكتىمىزغا 600سوم بەردۇق .
5.بانكا كارتىسىنىڭ يىللىق ھەققى 10 سوم .
6. بىر يىللىق قىسقا ئۇچۇر ھەققى 36سوم .
7.باشقا يەرلەردىن كارتىغا ئۇرۇلغان پۇلدىن بىزدىن تۇتۇلغان رەسمىيەت ھەققى 109سوم .
دېمەك بۇ يىل كارتىغا ئۇرۇلغان پۇلدىن خىراجەت قىلىنغىنى 6000+600+12700+16700+10+36+109=36155     )ئوتتۇز ئالتە مىڭ بىر يۈز ئەللىك بەش سوم )
63367.5-36155=27212.5
31-دېكابىرغىچە   كارتىدا بار ئەمەلىي قالدۇق 27415.5
27415.5-27212.5=202.9 (ئىككى يۈز ئىككى سوم توقسان تىيىن ) پۇل ئارتۇق چىقتى .

نەق مەيدان نەق پۇل ۋە باشقا يەردىكى ئەزالار نىڭ بىز تەۋسىيە قىلغان مۇراجەتلەرگە ئەۋەتكەن پۇلىنىڭ   ئىشلىتىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
بۇ خىلدىكى ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلگەن پۇل جەمىئىي 195235(بىر يۈز توقسان بەش مىڭ ئىككى يۈز ئوتتۇز بەش سوم)بولۇپ تەپسىلى ئەھۋالى تۆۋەندىكىگە :

1. 25-يانىۋار  ئۈندىداردا مۇراجەتنامىسى چىققان ئىككى ياشلىق يۈرەك كېسىلى بىمارىغا 900سوم پۇلنى  كارتىسىغا ئۇرۇپ بەردۇق .

2.  بورتالا ئوبلاسىتلىق دوختۇرخانىدىكى بىر بىمارنى بالىلار بىلەن 725سوم   يىغىپ يوقلاپ كەلدۇق .

3. 15-مارت  ئۈرۈمچى ۋە شىئەندىكى ئىككى سىتۇدىنىت قىزغا 2400سوم پۇل ئۇرۇپ بەردۇق .

4.  ئىزدىنىش تورىدا مۇراجەتنامىسى چىققان يۈرەك كېسىلى بىمارى ،خوتەنلىك سىڭلىمىز زۇلھاياغا يىغىلغان 12600سوم پۇلنى كارتىغا ئۇردۇق .بېجىرگۈچى ‏-ئەنۋەرجان ئەمەر

5.    4-ماي ئۈرۈمچى ،شىئەندىكى  ئۈچ نەپەر سىتۇدىنىت قىزغا 3000سوم پۇل ئۇرۇپ بەردۇق .

6.  8-ماي ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاشخانىدا كۆيۈپ يارىلانغان بورتالالىق بىر قىزنى 5000سوم بىلەن يوقلاپ  كەلدى  .

7.  29-ماي ،خاربىندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۋۋاتقان بىر سىتۇدىنىت قىزغا 1150سوم پۇل ئۇرۇپ بەردۇق .

8.   30-ماي  بورتالا سېلىمھاشىم باشلانغۇچ مەكتىپى ،چىندىل يېزا مەركىزى مەكتەپ ۋە مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە 50سومكا مېھرىبانلىق پائاليىتى ئېلىپ بېرىپ قىممىتى 2250سوملۇق سومكا ۋە ئوقۇش ماتىرىياللىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدۇق (مەكتەپتىكى ھەممە بالىغا  سومكا تارقىتىلغانلىقى ئۈچۈن رەسىمگە تارتىپ ئاشكارا ئېلان قىلدۇق )

9.  30-ماي بورتالا شەھەرلىك يەتتىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق سىنىپلاردىكى 18نەپەر تىرىشچان ئوقۇغۇچىنى ئىلھاملاندۇرۇپ 7000سوم  پۇل ياردەم قىلدۇق .

10.   31-ماي ، ئۈندىداردا مۇراجەتنامىسى چىققان ،بېيجىڭدا داۋالىنىۋاتقان مەدىنە ئىسىملىك سىڭلىمىزنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان ئەزالار ئارقىلىق يوقلاپ 2000سوم يەتكۈزدۇق .

11.   15-ئىيۇل ،بورتالادىكى ئۈچ يىلدىن بېرى ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئوبىكتىمىزنى 1200سوم پۇل بىلەن يوقلىدۇق .

12.    27-ئىيۇل ، بورتالادىكى بالىلار بىلەن پۇل يىغىپ   موھتاجلىقتا قالغان بىر بىمارنى 2000سوم ،ئىككى ئائىلىنى 1920سوم بىلەن يوقلىدۇق .

13.  9-ئاۋغۇسىت ، غۇلجا شەھىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۋۋاتقان ، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى  مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان تولۇق ئىككىنچى يىللىقتىكى بىر قىزغا 2000سوم ئاجرىتىپ ئائىلىسىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كەلدۇق ،ئەھۋالغا قاراپ كېلەر يىلى يەنە ياردەم قىلىمىز ،ناۋادا نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتسە ئاخىرغىچە ياردەم قىلىمىز .

14.  20-ئاۋغۇسىت ،ئۈندىداردا ئۇچۇرى ئېلان قىلىنغان ،ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزى كەلگەن ،لېكىن بېرىشقا قۇربىتى يەتمىگەن ئۈرۈمچىلىك سىڭلىمىزنى ئىزدىنىش تورداشلىرى 4000سوم يىغىش قىلىپ دەل ۋاقتىدا يوقلاپ ئەھۋاللاشتۇق ۋە ئۈندىدارچىلاردىن بۇ قىزنىڭ شەخىسى ئۇچۇرلىرىنى تازلاشنى تەشەببۇس قىلدۇق ،بۇ قىز بىلەن ئالاقىنى ساقلاۋاتىمىز ،ئەلبەتتە ئوقۇشى ئۈنۈملۈك بولۇپ ياردەمگە ئېھتىياجى بولسىلا ھەر ۋاقىت تەييار بىز !

15.   10-سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان ،تولىمۇ تىرىشچان بىر سىڭلىمىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئۇنىڭغا  ياردەم بېرىدىغانغا كېلىشىپ 4 ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 4300سوم پۇل ئۇرۇپ بەردۇق .

16.   بۇ يىل10-سېنتبىردىن باشلاپ خوتەندە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن 4 ئايدا 2200سوم  تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ بەردۇق .

17.   23-سېنتەبىر ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدىكى  بىر ئوقۇتقۇچى بىر قىزنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدى ،دەل شۇ ۋاقىتلار ئىزدىنىشتىكى بىر تورداش 3000سوم پۇل چىقاردى ،مەكتەپتە بېرىپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىللە بۇ قىزنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق .  بېجىرگۈچى ‏-ئەنۋەرجان ئەمەر

18.   20-نويابىر بىزگە ۋاقتىلىق ياردەم ئىلتىماسى يازغان بىر قىز سىتۇدىنىتقا 500سوم تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئەۋەتىپ بەردۇق .

19.   بۇ يىل سەككىزىنچى ئايدىن باشلاپ بورتالا تەۋەسىدە سىناق قىلىپ بىر سوم پىلانى "سىتۇدىنىتلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى"تۈرىنى يولغا قويغان ئىدۇق .(يەنى 100نەپەر ساخاۋەتچى ھەر ئايدا مۇقىم 50سومدىن پۇل ئاجرىتىپ  ئايدا 5000سوم يىغىلىدۇ ،شۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن شەرتكە ئۇيغۇن 10سىتۇدىنتىت بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ھەر ئايدا 500سومدىن تۇرمۇش ياردىمى بېرىدىغان ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆت ئايلىق تەتىل ۋاقتىدا يىغىلغان 20مىڭ سوم پۇل شۇ 10 سىتۇدىنىتنىڭ يىللىق ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇش مۇكاپاتى قىلىپ تارقىتىلىپ بېرىدىغان)    ،بورتالادىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن 9قىز ۋە بىر ئوغول سىتۇدىنىت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدۇق ،تۆت ئايدا بالىلارغا ئەۋەتكەن پۇل 20مىڭ سوم .

20.  ئاۋغۇسۇت ئايلىرى ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە كۇچالىق بىر بىمار قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇراجەتنامىسىنى تارقىتىپ بىر ئاي ئىچىدە ئالدى ئاخىر 5000سوم پۇل شۇلارنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇلدى .(بۇ قىزنىڭ باشقىلار ئىئانە قىلغان پۇلنى ھوشسىز ياتقان سىڭلىسىنىڭ كارۋىتىغا يېيىپ ،يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم بەرگۈچى ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلىرىغا ئاللاھتىن  ساقلىق تىلەپ دۇئا قىلغانلىرىنى ۋە بىز دوختۇردىن چىقاردا  ئائىلىدىكىلىرى بىلەن رەھمەت ئېيتىپ ئۇنىمىساق ئۇنىماي بىر تاماق قاچىسى سوۋغا قىلىپ  كۆز يېشى قىلغانلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن . بۇ مۇراجەتنى ئۈندىدارىمدا تارقاتقاندا رەسىمىنى ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تارقاتقان ئىدىم ،بۇ تۈپەيلى بىر تورداش بىلەن دېيىشىپ قالدىم ،ناۋادا شۇ تورداشنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولسام كەچۈرۈم سورايمەن )

21.  بورتالا شەھەرلىك يەتتىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق  ئوتتۇرىدىكى بىر  ئوقۇغۇچىنى 1000سوم پۇل يىغىش قىلىپ مەكتەپ قوينىغا  قايتۇرۇپ كەلدۇق .
22.   ياخشىلىق ئىسىملىك بىر قازاق بالىنىڭ  كېسەل بالىسىنى داۋالىتىش مۇراجەتنامىسىنى يېزىپ  تارقىتىشىپ بېرىپ يىغىلغان 1000سوم پۇلنى قولىغا تۇتقۇزدۇق .
23.  4-ئايدا بورتالا شەھەرلىك ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ياردەم ئوبىكتىمىزغا 900سوم بەردۇق .
24.   15-ماي  ،بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ 200دىن ئارتۇق ئىتتىپاق ئەزاسى پۇل ئىئانە قىلىپ جىڭ ناھىيە ماندان يېزىسىدا  ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ 3920سوم پۇل ئىئانە قىلدۇق .
25.   17-دېكابىر ،ئاتاقلىق رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا  غۇلجىغا بېرىپ  رامىلەنى يوقلىماقچى بولغاندا پىلانىمىز نامىدا 500 سوم ياردەم قىلدۇق .
26.   ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇز چېلەك ئويۇنى رىقابىتىگە 34800  (ئوتتۇز تۆت مىڭ سەككىز يۈز سوم) پۇل يىغىلدى .بۇنىڭ ئىچىدە كارتىغا ئۇرۇلغان پۇل  12700 (ئون ئىككى مىڭ يەتتە يۈز سوم) ،ئۈرۈمچىدىكى مەسئۇل ،ئىزدىنىش مۇنبىرى باشقۇرغۇچىسى ئەنۋەرجانغا ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە قاتناشقۇچى ساخاۋەتچىلەر بەرگەن پۇل 22100 (يىگىرمە ئىككى مىڭ بىر يۈز سوم ) ،بۇ پۇللارنى 9نەپەر سىتۇدىنىت ۋە ماگىستىر ئاسپىرانىتقا بۆلۈپ ئەۋەتىپ بەردۇق .بۇ يەردە دېيىلگىنى 22100سوم پۇلدۇر .
http://bbs.izdinix.com/thread-59809-1-1.html

26.   كېرىيەگە ياردەم ھەققىدىكى تېمام ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن قىسقىغىنا 7كۈن ئىچىدە  يىغىلغان پۇل 100 مىڭ سومغا يېقىن  ،بۇنىڭ ئىچىدە  ئىزدىنىش مۇنبىرى ئەزالىرى كارتىغا ئۇرغان پۇل  16700  (ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز سوم )سوم ،بورتالا شەھىرى دائىرىسىدە يىغىلغان پۇل 83300 (سەكسەن ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز سوم)  .96تاغارغا 4000غا يېقىن قۇر يېپيېڭى ۋە تاللانغان كىيىم-كېچەك. بۇ يەردە دېيىلگىنى نەق پۇل بولغان  83300  سوم پۇلدۇر .

شۇنداق قىلىپ بۇ يىلقى كارتا ھېسابى ئارقىلىق قىلىنغان پۇل ۋە باشقىلار  نۇقتىلىق ئەۋەتكەن نەق پۇل ھېسابىنىڭ جۇغلانمىسى تۆۋەندىكىچە :

2013-يىلىدىن ئاشقان پۇل  4442.90(تۆتمىڭ تۆت يۈز قىرىق ئىككى سوم توقسان تىيىن)
كارتىغا ئۇرۇلغان پۇل     58864.44 (ئەللىك سەككىزمىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش تۆت سوم ئاتمىش تۆت تىيىن )
بانكىدىن چىققان ئۆسۈم پۇلى   60.16  (ئاتمىش سوم ئون ئالتە تىيىن )
  نەق مەيدان نەق پۇل ۋە باشقا يەردىكى ئەزالار نىڭ بىز تەۋسىيە قىلغان مۇراجەتلەرگە ئەۋەتكەن پۇل195325   (بىر يۈز توقسان بەش مىڭ ئىككى يۈز ئوتتۇز بەش سوم)
جەمىئىي 2014-يىلىغا تەۋە كىرىم :   258602.5 (ئىككى يۈز ئەللىك سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئىككى سوم ئەللىك تىيىن)
2014-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە كارتىدا بار ئەمەلىي قالدۇق 27415.5
27415.5-27212.5=202.9 (ئىككى يۈز ئىككى سوم توقسان تىيىن) پۇل ئارتۇق چىقتى .

شۇنداق قىلىپ 2006-يىلى 4-مارت كۈنى بۇ ئىش باشلانغاندىن تا 2014-يىلى 31-دېكابىرغىچە يىغىلغان پۇل 402065.1  (تۆت يۈز ئىككى مىڭ ئاتمىش بەش سوم ئون تىيىن)

ئىزاھاتلار :
1. ئۈندىدار نىڭ پەيدا بولۇشى ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ،شۇڭا بۇ بىر يىل بىر سوم پىلانىنىڭ ئەڭ كۆپ پائالىيەت قىلغان بىر يىلى بولۇپ قالدى .قىلغان بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ قىسقا خۇلاسىسى مەخسۇس خاتىرىگە ئارخىپ قىلىنىش بىلەن تەڭ ئۈندىدار ۋە سالوندا دەل ۋاقتىدا تارقىتىلدى ،قىززىققۇچىلارنىڭ ئۈندىدارىمنىڭ بۇرۇنقى خاتىرىلىرىدىن كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،دەپتەرلەرنى كۆرۈشنى خالىغۇچىلارغا ئەلبەتتە رەسىم شەكلىدە ياكى ئېلىكتىرونلۇق نۇسخسىنى ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ .
2.  بىر سوم پىلانىنىڭ ساغلام راۋاجى ،ساخاۋەت  مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكى ،ئاشكارا بولۇشى ئۈچۈن ،بۇلتۇر  ئىدارە ئىتتىپاق كومېتىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ بانكا كارتىسىنىڭ مەخپى نومۇر ھوقۇقىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ،پۇل ئىشلىتىش ۋاقتىدا بىرلىكتە بېرىپ بانكىدىن ئالىدىغان بولغان ئىدۇق .ھەر يىللىق خۇلاسىنى قىلغاندا بانكا چىقىرىپ بەرگەن تەپسىلىي تىزىمغا ئاساسەن  مېنىڭ قىسقا ئۇچۇرغا ئاساسەن دەپتەرگە قوندۇرغانلىرىم بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇلدى .
3.بۇ يىلدىن باشلاپ قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپەيگىنى ، پائالىيەت قىلىش ئىستەكلىرىمىز ھەم ئارتىپ بارغىنى ئۈچۈن بىر تۈركۈم دوسىتلىرىم بىلەن بىرلىكتە ھەمدەم بولۇپ پائالىيەت قىلدۇق .ئۈمىد شۇكى كىيىنچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىدارە ئىتتىپاق كومېتىتى نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرىشىدىن خەلق ئىشلار ئىدارىلىرى ياكى خەيىر-ساخاۋەت جەمىئىيەتلىرىگە ئەنگە ئالدۇرۇش .بۇ بىر يىلدىن بۇيان مەن بىلەن بىللە بارلىق ئىشلارغا ھەمدەم بولغان ئەنۋەرجان ،ئابدۇسەمەت ،مەمتىمىن قاتارلىق بارلىق دوسىتلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .جاپا چەكتىڭلار !

كۆڭول سۆزلىرىم
"بىر يۈەن پىلانى "تەستىقىڭلارنى كۈتمەكتە دېگەن تېمام ھېلىھەم بىلىك تورىدا ئوچۇق تۇرۇپتۇ ، ھەر  يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى ئەڭ مۇھىم ،ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بىر سوم پىلانى خۇلاسىسىنى مانا توققۇزىنچى قېتىملاپ يېزىشقا نىسىپ بولدى. توققۇز يىل جەريانىدا قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ،ياخشى سۆز ئىلھاملار بەرگەن ،يول كۆرسەتكەن ،خاتالىقىملىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا كۆپتىن كۆپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
بۇ پائالىيەتنى  ھېچقانداق ئۆرنەك يوق ، قىزغىنلىققا تايىنىپلا باشلىغان ئىدىم ،لېكىن  شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى مەن سەمىمىيىتىم  بىلەن  چوقۇم قوللاشقا ئېرىشەلەيمەن دەپ قارايتىم ،راسىت ،سىلەر ماڭا ئىشەندىڭلار ،قوللىدىڭلار .ماناتوققۇز ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە  ئۇ ھەممىمىزنىڭ بىر سوم پىلانىغا ئايلاندى .
بىر سوم بىر كىشى ئۈچۈن ھېچنېمە  ئەمەس ، بىر سوم پىلانىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ،ئۇنىڭ  ھەرگىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئېتىشى ئۈچۈن  ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ،سەمىمىيىتى كېرەك ئەلۋەتتە ،چۈنكى مىڭلىغان  يانچۇقلاردىن بىر سومدىن چىقىرىدىغان بولساق  كېسەل كارىۋىتىدا ئېڭراۋاتـــقـــان تالايلـــــىغان كېسەل قېرىنداشلىرىمىزغا ، ئالىي مەكتەپلەردە  جاپالىق ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتىدا تىرىشىپ تىرمىشىپ ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان سىتۇدىنىتلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز .شۇڭا دەيمەنكى بىر سوم پىلانىنىڭ خاسىيىتى    ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكىدە ئەمەس بەلكى كۆڭۈلدە ،داۋام ئېتىشتە !
بىر سوم پىلانىنىڭ خاسلىقى بولمىش سىتۇدىنىتلار ياردەم  پىلانىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل تۇنجى قېتىم بورتالادا 100 نەپەر ساخاۋەتچىنى تەشكىللەپ 10 نەپەر سىتۇدىنىتقا ئۇزۇن مۇددەت ياردەم بېرىش تۈرىنى باشلىدۇق . ئارزۇيىمىز   كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە  ئوقۇغۇچىلار سانىنى  رايونىمىز دائىرىسىدە 30قا يەتكۈزۈش .
قېرىندىشىم :تورلاردا مۇراجەتنامىلەر ساماندەك يۈرۈپتۇ ،بەلكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە پۇل سالماقچى بولۇپ بانكىغا مېڭىش پىلانىڭىز باريۇ ،ئۇ ئىش ،بۇ ئىش بىلەن بانكا ئالدىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۈپ كەتكەنسىز ،سىزنىڭ پۇلنى غاچچىدە ئاغدۇرىۋەتكىڭىز باريۇ لېكىن ئۇنتۇلۇپ قالدى ،ياق ،قېرىندىشىم ياق ،كارتىدىن كارتىغا پۇل ئاغدۇرۇشقا پەقەت ۋە پەقەت 1مىنۇتلا  ۋاقىت كېتەر ،كارتىڭىزدا  يىلدىن يىلغا  ئېشىنىپ تۇرغان نەچچە ئون سوم پۇلنى ئەنە شۇنداق مۇراجىئەتنامە ئىگىلىرىگە ئەۋەتىپ قويۇڭ ، قولىمىزدىن كەلسە بارلىق تور ئەھلى مۇشۇ ئىشقا ئادەتلىنەيلى ،بىر سوم ئاز ئەمەس ،100 سوم كۆپ ئەمەس ،لېكىن  تەشنالىقتا قالغان ئەشۇ بىچارىلەرگە شۇ نەچچە سوم پۇل ھېچ دال بولالمىسىمۇ لېكىن  پۇل  كىرگەن ئۇچۇرلار نى كۆرگەن شۇ بىچارىلەرنىڭ كۆڭلى ئاۋۇپ قېلىشى ، سۆيۈنۈپ قېلىشى ئېھتىمال ،شۇڭا دەيمەن ھەممىمىز ساخاۋەتچىگە ئايلىنايلى !
ئاخىرقى سۆز :
بىر سوم پىلانىنىڭ ئونىنچى  يىلى باشلاندى ،تىـــــرىشايــــلى ،سىزنـــــىڭ ،مېنــــىڭ مىننەتســـــىز بەرگەن بىر سوم پۇللىرىمىزنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن بىر سوم پىلانى تېخىـــــمۇ راۋاج تاپســــۇن ،تېخىمۇ كۆپ سىتۇدىنىتلار ئالىي مەكتەپنى خاتىرجەم پۈتتــــۈرۈپ ياراملىق كىشىلەردىن بولسۇن  ،تېخىمۇ كۆپ ھاجەتمەنلەر نىڭ ھاجىتى راۋا بولسۇن ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن ،دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولسۇن ،سەمىمىيەت ،ئىناقلىق گۈللىرى پورەك ئاچسۇن ،ئىناق ئائىلە ،ئىناق تور مۇھىتى بەرپا قىلىش بولسا ئىناق جەمئىيەت بەرپا  قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر .
بىر سوم پىلانىنىڭ شوئارى شۇكى ‏-‏-ساخاۋەت ئادەتكە ئايلانسۇن !

بىر سوم پىلانىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى :ئەيساجان نىزامىدىن
دۆلەت ئېلېكتر تورى بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى
كىملىك نومۇرى 652701198208140437   :   
يانفۇن نومۇرى 13565777257:
چ چ نومۇرى 365199404
تور تەخەللۇسى ۋە ئۈندىدار نامى wapadarim912     
2014-يىلى 31-دېكابىر كەچتە شەھرى بورتالادا تورغا يوللاندى .




















   
   

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 19:08:00

بىر سوم پىلانىنىڭ 1-يىللىق خۇلاسىسى

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 19:11:49

بىر سوم پىلانى 1-يىللىق خۇلاسىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-24756-1-1.html

بىر سوم پىلانى ئۈچ ياشقا كىردى
http://bbs.izdinix.com/thread-34712-1-1.html

بىر سوم پىلانى 4-يىللىق خۇلاسىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-37497-1-1.html

بىر سوم پىلانى 5-يىللىق خۇلاسىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-39914-1-1.html

بىر سوم پىلانى 6-يىللىق خۇلاسىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-44550-1-1.html

بىر سوم پىلانى 7-يىللىق خۇلاسىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-51993-1-1.html

بىر سوم پىلانى 8-يىللىق خۇلاسىسى
http://bbs.izdinix.com/thread-56500-1-1.html



wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 19:12:30

تەڭ تارتىلى بۇ دەتنى
http://bbs.izdinix.com/thread-59570-1-1.html

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 19:12:57

http://bbs.izdinix.com/thread-59809-1-1.html

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 20:52:14

ئاللاھ  سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن قېرىندىشىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 20:53:59

بىر سوم پىلانىنى يېقىندىن قوللاپ، ئەتراپىدىكى ھەر تۈرلۈك قېيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە بىر سوم پىلانى ئارقىلىق ياردىمىنى ئايىماي كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.
مۇشۇ ئىشتا ھەر تۈرلۈك ئىسسىق-سوغۇقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، توققۇزىنچى يىلنى بېسىپ ئۆتەلىگەن ئەيساجانغا ھەم ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ھارمىغايسىز!

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 21:15:16

ئاتاڭلارغا رەھمەت!

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 02:36:18

58864.44(ئەللىك سەككىزمىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش تۆت سوم ئاتمىش تۆت تىيىن)  ئەيساجانكا ماۋۇ ھىساۋاتكا قايتا قاراپ باقسىلا، قىرىق تۆت تىيىن ئاتىمىش تۆت تىيىن بۇلاپ قاپتۇ. قايسى توغرا قايسى خاتا ؟!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 07:36:13

58864.44(ئەللىك سەككىزمىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش تۆت سوم قىرىق  تۆت تىيىن) .   بۇنىسى توغرا ،مەن خاتا بېسىپ قويۇپتىمەن .تېمىنى تەھرىرلەش دېگەن يەرنى تاپالمىدىما

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 07:56:33

http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=138&extra=page%3D1

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 12:46:04

مەن« بىر سوم پىلان»ىنى 2014-يىلى 4-ئايدا ئىزدىنىشقا كىرگەندىن كېيىن بىلگەن ئىدىم،بۆگۈن بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.2015-يىلى ئىچىدە ئەمەلىيتىم ئارقىلىق بۇ پىلانغا ئاۋاز قوشىمەن.ئەيساجانغا تەشەككۈر!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 15:52:16

ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشنى ئاددىي كۆرمەي، ئاز دېمەي ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان كىشىلەرگە ھۆرمىتىم زىيادە!
بەت: [1]
: "بىر سوم پىلانى"نىڭ 9-يىللىق خۇلاسىسى