uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 16:42:10

ئالتۇن سودا ۋە پۇل مۇمىلە ئۇچۇرلىرى 12-31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 16:46  

ئالتۇن باھاسى نېمە سەۋەبدىن يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتى

     خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان ،ئاخشام دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشى ھەمدە گرېتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەندىشىسى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىاتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1209 دوللارغا چىقىپ بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى .
     پۈتۈن دۇنيا بازىرى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خېيىم-خەتەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كەيپىياتىنى كۆرسەتتى . نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە گرېتسىيە سىياسىتىنىڭ ياۋرو رايونىغا ئېلىپ كەلگەن ئەندىشىسى ياۋرۇپا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
     FXStreet نىڭ تەھلىلچى ئۇستازى Dhwani Mehta چارشەنبە كۈنى كۆرسەتمە بەرگىنىدە ، گەرچە ئاخشام دوللار چۈشكەن بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا نەچچە يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ساقلاپ قالغان ، دوللار داۋاملىق ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .

ئەسكەرتىش :
بۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 236.90 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.18 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ :



گرېتسىينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى دوللار ۋە ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى

      12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلەپ ، دوللار / يېن قايتىدىن تۆۋەنلەپ 1 يېرىم ھەپتىدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتى بازاردىكەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      يەنە كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، گرېتسىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تەسىرىدە دوللار ئاجىزلىشىپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىدى ؛ ئامېرىكا نېفىت زاپىسى تېخىمۇ كۆپىيىپ ، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى .




دوللارنى يېنغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەپ

        12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، دوللارنى يېنغا ئالماشتۇرۇش كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتىكى بازار باھاسى 119.30 ئەتىراپىدا بولدى ؛ ئاخشام پېرېۋوت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن بولۇپ ،  ئاساسلىقى پاي چېكى بازىرى ۋە نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ بازاردا خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى پەيدا قىلغانلىقى سەۋەپ بولدى ؛ بۈگۈن ياپونىيە بازىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئارام ئالغان بولۇپ ، ياۋرو ئامېرىكا بازىرى كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، بۇنىڭدىن سىرت ، بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا نۇرغۇن ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىلان قىلىدۇ .  





2014 - يىلى دوللارنىڭ ئۇدا كۈچىيشىدىكى 6 چوڭ سەۋەپ

         بۈگۈن 2014 - يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنى ، ھەم پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنى ؛ دوللار تۆت پەسىل ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىدى ، ھەم ئۇدا 6 ئاي مۇسبەت سىزىقى پەيدا بولۇپ ، ئىتتىك بازار  ئالامىتىنى كۆرسىتىپ بەردى ؛ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى :  
1 . ئامېرىكا ئىقتىسادى جانلىنىپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى 2014 - يىللىق QE سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇردى ، ھەم 2015 - يىلى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئۆسۈم قوشۇشنى مۆلچەرلىدى ؛
2 . ياۋروپا رايونى ئىقتىسادى ئاجىزلىشىپ ، ئېغىر پۇل قىسلىقى خەۋىپ- خەتىرى يۈز بەردى ، ھەم ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 2015 - يىلى 1 - ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك QE سىياسىتىنى پىلانلىغان بولىشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ ، دوللار يۇقىرى ئۆرلىدى ؛
3 . ياپونىيە ئىقتىسادى كاساتلىشىپ ، ياپونىيە مەركىزى بانكا ئىقتىسادى ئاجىزلاشتى ، ھەم يەنە QE سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە يېنىنىڭ چوڭ ئاساستا قىممىتى چۈشتى ؛
4 . شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ، شۋېيتسارىيە فرانكىنىڭ ياۋرو بولغان قىممىتىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ، ھەم مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتتى ؛
5 .  جۇڭگو ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن ، تاۋارلار ئۇزۇن مەزگىل پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىدى ، ھەم تاۋار پۇللارنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، بۇ ئەھۋاللار دوللارغا پايدىلىق بولىدى ؛
6 . يەرلىك سىياسەت تەرەپتە ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە روسسىيە ۋە ياۋرو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ، دوللار خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى قاتارلىق ئامىللار دوللارغا پايدىلىق بولدى ؛  



12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

         2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى باھاسىنىڭ ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1190 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.4556 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1371 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78887 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.5437 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0174 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8034 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6396 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2755 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56737 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.0536 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6663 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3750 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .



دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى

          12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 90.066 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 89.87 ، ئوتتۇرچە باھاسى 89.97 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.01% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 89.9582 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  89.90 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 89.9772 ، سېتىلىش باھاسى 89.9872 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  89.958 بولدى .  

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 21:42:22

بېنزىننىڭ  باھاسى قانداق  بۇلار   ئالدىمىزدا .

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 09:54:36

bityon3 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 21:42 static/image/common/back.gif
بېنزىننىڭ  باھاسى قانداق  بۇلار   ئالدىمىزدا .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ بۈگۈن بېنزىننىڭ باھاسى :
90- نومۇرلۇق بېنزىن 6.64 يۈەن / لىتر ؛
93- نومۇرلۇق بېنزىن 5.96 يۈەن / لىتر ؛
97- نومۇرلۇق بېنزىن 7.74 يۈەن / لىتر ؛
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن كېيىن بېنزىننىڭ باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن ؛
ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت خەۋەرگە ئاساسەن چىقارغان يەكۈن ، بۇ يۆنلىشنى ئاساس قىلۋالماڭ ؛
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا ۋە پۇل مۇمىلە ئۇچۇرلىرى 12-31