obul21c يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 15:17:15

ئىزدىنىشتىن«كىتاب يىلى»غا ئېسىل سوۋغا

ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن «كىتاب يىلى»غا ئازغىنە سوۋغات

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق قەدەملەردە سىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولىۋاتقىنىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز.كىتاب ئوقۇش ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق پائالىيەت،ئۇ يەنە كېلىپ گۈزەل بىر پائالىيەتتۇر.دەل ئەشۇ گۈزەل پائالىيەتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلايلى دەپ ۋە 2015-يىل كىتاب يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى دېگەن مەخسەتتە ئىزدىنىش كىتابخانسى،ئىزدىنىش تور كىتابخانسى بۇ بىر يىلدا 15000 (ئون بەش مىڭ)يۈەنلىك كىتابنى ئوقۇرمەنلەرگە سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردۇق.(تور كىتابخانىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان،دوستلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشى،2014-يىلى تاۋباۋ تورى تەرىپىدىن 6يىللىق كونا دۇكان دېگەن شەرەپكە مايىل بولدى) بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەخستىمىز: كىتاب يىلغا ئاۋاز قوشۇش،تېخىمۇ كۆپ قېرىندىشىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش،كىتاب سىتىۋالالمايۋاتقانلارغا پۇرسەت يارتىپ بىرىشتۇر.
ئىزدىنىش تور كىتابخانىسىنىڭ تور ئادرېسى :
http://izdinix.taobao.com
پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۆلچىمى تۈۋەندىكىچە :
    سىز بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغان ھەمدە ئوقۇغان كىتابىڭىزدىن تەسىرات يازغانلا بولسىڭىز،كىتاپخانىمىزدىن ھەقسىز كىتابقا ئېرشەلەيسىز.ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقۇپ تەسىرات يېزىش سىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىليىتىڭىز ۋە ئەستە تۇتۇش قابىليىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بار.(دىققەت ئوقۇغان كىتابنىڭ قايسى يىلى نەشر قىلىنغانلىقىغا چەكلىمە يوق.مەكتەپتىكى دەرسلىك كىتابلار بۇ تۈرگە كىرمەيدۇ)
1.پائالىيەت ۋاختى:2015-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،پائالىيتىمىزگە قاتنىشىشنى ئويلىغان ھەر بىر ئوقۇرمەن 2015-يىلى ئۆز ئوقۇغان كىتاب ھەققىدە يېزىلغان تەپسىلىي كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى(خەت سانى 500 دىن كەم بولمىسۇن)بىزگە يوللىسا بولىدۇ.
2.تەسىرات ماقالىسىنى چوقۇم ئەتراپلىق،ئەستايدىللىق بىلەن يېزىش كېرەك،ياخشى يېزىلغان تەسىرات ماقاللىرىنى تاللاپ چىقىپ،تاللانغان ئوقۇرمەنلەرگە كىتاب سوۋغا قىلىمىز،ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئېلان قىلىمىز.(ئوقۇرمەنلەرنىڭ رازلىقنى ئالغاندىن كېيىن ئاپتورنىڭ نامى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ.)
3.كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى بىردەك ئەلكاتىپ خەت نۇسخسىدا يېزىلىپ، word ھۆججەت شەكلىدە ساقلاپ، خەت ساندۇقىغا ئەۋەتىلىشى كېرەك. (يازمىڭىزنىڭ ئۇزاق ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۈندىداردا ئەۋەتمەڭ)ۋە ياكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلسىمۇ بولىدۇ. (قوليازما بولسا،ئېنىق قىلىپ رەسىمگە تارتىلىپ ئەۋەتىلسىمۇ بولىدۇ)
دىققەت : ھەربىر تەسىرات ماقالسى ئاخىرغا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى ئامال بار تولۇق يېزىپ قالدۇرۇڭ.
(سىز بۇ كىتابنى قاچاندىن-قاچانغىچە ئوقۇپ تۈگەتتىڭىز.سىز ئوقۇغان كىتابنىڭ نامى،نەشر قىلىنغان ۋاقتى،باھاسى،كىتاب نومۇرى،ئالاقىلىشىش ئادرېسى(كىتاب ئەۋەتشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ئادرېسى ئامال بار خەنزۇچە يېزىلسۇن) قاتارلىقلارنى تەسىرات ماقالىسنىڭ ئاستىغا ئېنىق يېزىڭ.)
1.كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى مەزكۇر ئوقۇرمەن چوقۇم ئۆز يازغان بولۇشى،توردىن كۆچۈرۈلگەن بولماسلىقى كېرەك.
2.ھەر ئايىنىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئەۋەتلىگەن ئارگىنال بېسىپ چىقىرىلىپ تەپسىلىي كۆرۈلىدۇ.ۋە شۇ ئايلىق ئوقۇرمەنلەر باھالاپ چىقىلىدۇ.25-چىسلادىن 30- چىسىلاغىچە مۇكاپاتلار ئەۋتىلىدۇ.ھەر بىر ئوقۇرمەن 50 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب بىلەن تارتۇقلىنىدۇ،ناۋادا ئوقۇرمەن مۇكاپات ئۈچۈن تاللىغان كىتاب 100 يۈەنلىك بولسا قالغان قىسمى 50يۈەن ۋە پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەققىنى ئەۋەتسىلا كىتابنى يەتكۈزىپ بىرىمىز.(كىتاب ئىۋەرتىش ھەققى،كىتابلار بىردەك شىنتۇڭ تىز يەتكۈزۈش شىركىتىدىن يوللىندۇ،شىنجاڭ ئىچى 8يۈەن\كىلو،باشقا جايلار 10يۈەن\كىلو.سوۋغات كىتابنىڭ كىراسىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.)
3.تارتۇقلىندىغان ئوقۇرمەنلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،تور كىتاپخانىمىزغا كىرىپ،ئۆزى خالىغان كىتابنى تور كىتابخانىمىزدىن تاللىۋالسا بولىدۇ.ھەر ئايدا مۇكاپاتقا ئىرشىدىغان 20 نەپەر ئوقۇرمەن تاللاپ چىقىلىدۇ،ھەر ئايلىق سوۋغان كىتاب سوممىسى 1000 قىممىتىدە بولىدۇ.ھەر ئايدا بىر ئوقۇرمەننىڭ بىرلا خاتىرىسى باھالىنىدۇ.
4.بۇ بىر يىلدا،تەسىرات يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان،يازغان تەسىراتى ھەرقايسى جەھەتلەردە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن،كىتاپ ئوقۇش سانى كۆپ بولغان ئوقۇرمەنلەرنى يىل ئاخىردا تاللاپ چىقىپ،3000يۈەن قىممىتىدىكى كىتاپ سوۋغا قىلنىدۇ.(تەپسىلاتى شۇ ۋاختىكى ئەھۋالغا ئاساسەن بىكتىلدۇ.)
5.ئوقۇپ تەسىرات يازىدىغان كىتابلار ۋە مۇكاپات ئۈچۈن ئالدىغان كىتابلار قانۇنلۇق نەشر قىلىنغان ،دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە خىلاپ بولمىغان كىتابلار بولۇشى كېرەك.
6.تېلېفون ئۇرۇش ياكى باشقا ئالاقە ۋاستىللىرى ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۇرۇش ھاجەتسىز،سىز پەقەت ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئوقۇغان كىتابىڭىزنىڭ تەسىراتىنى ياخشى يازسىڭىزلا ئەجىرىڭىز يەردە قالمايدۇ.
7.ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغان ئارگىنالىنى كۆرۈپ باھالاشقا 2015-يىلىنى كىتاب يىلى قىلىش تەشەببۇسچىسى رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ.(يېزىقچىلىق ئىقدىدارى بارلار،ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىقدىدارىنى ئۆستۈرۈشكە خالىسانە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا، باھالاش گۇرپىمىزغا قاتنششىنى قارشى ئالىمىز.ھەر ئايلىق تەسىرات ماقالسىنى سىزگە تور ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرسەك بولىدۇ.)( ئۈندىدار : artuq77)
پائالىيەتتە نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرنىڭ ئىسملىكى ھەر ئايىنىڭ ئاخىرقى 2-3 كۈن ئىچىدە، ئىزدىنىش كىتابخانىسى تور بىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مۇكاپات ئالدىغان كىتابلارنىتاللىغاندا تاپماق بەك تەس بولغان بۇرۇنقى كىتابلارنى يېزىپ بىزنى خىجىل قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
كىتاب ئوقۇش خاتىرىسنى (تەسىراتىنى) ئەۋەتىش ئىلخەت ئادرېسى :
1574027108@qq.com
obul21c@126.com
دىققەت:يۇقارقى ئىككى ئادرېسقا تەڭلا يوللاپ بىرىڭ.
مەسلىھەت سوراش ئۇسۇللىرى :
1.ئىزدىنىش qq : 124596386
2.باھالاش گوروپپىسى تېلېفون : 18709082755

2015-يىلنىڭ ھەممىمىزگە خەيرلىك يىل بولۇشى ئۈچۈن كۆپرەك كىتاب ئوقۇيلى !
(ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ ئالاھىدە ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى)
مەزكۇر پائاليەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئىزدىنىش كىتاپخانسىغا مەنسۇپ.
پائاليەتكە قارتا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەر بولسا بىزگە خەت يوللاش شەكلى ئارقىلىق دىسىڭىز بولىدۇ.
خەت ساندۇقى:obul21c@126.com
ئىزدىنىش كىتاپخانىسى
http://izdinix.taobao.com
2014-يىلى 12-ئاي
بەت: [1]
: ئىزدىنىشتىن«كىتاب يىلى»غا ئېسىل سوۋغا