tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 14:32:20

ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم

1. تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ قالدىم .ۋە ئېچىپ كۆرۇپ باقتىم . مەن ئاددى بىر ئىنسان ، نۆۋىتى كەلگەندە بىر تورداش بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر بىر يىڭلىق ، ھەر بىر ئىجادىلىق ھەر يۇكىسلىش ناھايىتى تەبىئى ھالدا دىققىتىمنى غىدىقلايدۇ ، چۇنكى مەن ئۇيغۇر .ئەلھەمدۇلىللا  . ئەلۋەتتە ئانا تىلىم بولغان ئۇيغۇر تىلغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر يېڭىلىق تېخىمۇ بەك دىققتىمنى قوزغايدۇ ، جۈملىدىن بۇ قېتىم بېيجىڭدا داغدۇغا قوزغاپ ئېچىلىش مۇراسىمى ئېچىلغان  ئاز سانلىق مىللەتلەر تارقىتىش سۇپۇسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئۆيۇمدە ئولتۇرۇپلا تەبرىكلىدىم . بۇ نىمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۇيغۇر تور مەدىنيىتى شۇنداقلا پۇتكۇل ئۇيغۇر مەدىنيىتى  ئۇچۇن ئېيتقاندىمۇ بىر خەيرىلىك ئىلگىرلەش بولۇپ قالغۇسى .

2. تور تېلۋۇزىيەسنىڭ  بەتلىرىنى كۆرۇپ باقتىم . مەدىنيەت بوستانى ۋە باشقا بەزى سەھىپىلەرنى كۆرۇپ سىناق قىلىپمۇ ئۇلگۇردۇم . ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى ئىزدەش ۋە خەۋەرلەرمۇ  بىر تور بەتتە بولۇشقا تىگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساسەن ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ  مېنى خېلى رازى قىلدى ، ئەلۋەتتە بەزى رازى بولمىغان جايلىرىم ۋە پىكىر تەكلىپلىرىمنىمۇ ئاستىدىكى قۇرلاردا ئاياپ ئولتۇرماي يازماقچى

3. كۆپچىلىككە مەلۇمكى ھەر قانداق بىر يېڭى شەيئى ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن كەڭ تورداشلارنى ئاممىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . مەن بۇ تور بەتنىڭ بىردىنبىر خاسلىقى بولغان تورىمىز پىراگىراممىلىرى دىگەن بېتىنى قىزىقىش ئىچىدە كۆرۇپ چىقتىم ، ناۋادا بۇ تور بەت موشۇ تورىمىز پىراگىراممىلىرى دىگەن بېتىدە يېڭىلىق ۋە خاسلىق ياراتسا بۇمۇ ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ بىر ئۇتۇقى بولۇپ قالىدۇ .

4. جۇغلانما   كەمچىلكەن .مېنىڭچە ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېلۋۇزوردا بىرىلگەن نادىر خەلق قىزىقىپ كۆرگەن پىراگىراممىلارنىڭ مەسلەن دىقانلار بېيشى يولى ۋە بىر كىتاپ بىر ئالەم ، تاماق رىسالىسى دىگەندەك پىراگىراممىلارنىڭ نەچچە يىللىق جۇغلانمىسىنى پەيدا قىلالىسا ئۇ ھالدا بۇ خىل جۇغلانما  تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ بىر خىل كىلاسسىك ئالاھىدىكى بولۇپ دەمەللىقا تورداشلارنىڭ ئىسىگە كىلىدىغان بولىدۇ .
خەنسوچە تور تېلۋۇزىيەسىنىڭ كام قالغان ئۇچۇر بوشلىقىنى باشقا تور بەتلەر ئاساسەن تولۇقلىيالايدۇ ،دىمەككىم خەنسوچە تورنىڭ ئۇچۇر زاپىسى بەك مول ، ئەمما ئۇيغۇر چە تور دىكى ئۇچۇر زاپىسى دىگەندەك مول ئەمەس ،بولۇپمۇ رادىئو تىلۋۇزىيەدە ئېلان قىلىنغان ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى باشقا تورلاردىن ئاسان تاپالمايمىز ، موشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ مەيدانغا كەلگىنى  بىر ياخشى ئىش بولدى . ئەمما يەنىلا شۇ گەپ جۇغلانما كەمچىلكەن .


5. ئۇيغۇر كۆرۇرمەن ، تورداشلار بىلەن يەنىلا ئارلىق ساقلانغان ، يەنى ئىنكاس قايتۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلمىغان ، مەسلەن ئۇيغۇر كۆرۇرمەنلەر ھەر بىر خەۋەرگە ، ھەر بىر پىراگىراممىغا ئۆزىنىڭ نەق مەيداندىكى ئىنكاسى ۋە تەسراتلىرىنى كىچە كۇندۇز چەكلىمىسىز  ئوتتۇرغا قويالىسا دىگەن ئۇمۇتنى بەك جىق قىپ كەتتۇق ، خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچسىىمۇ  بۇ نۇقتىنى ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدى .
بىز ئۇيغۇرچە تور تىلۋۇزىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاۋام بىلەن رەھبەرلەر ئارىسدا كۆرۇكلۇك رول ئوينىشىنى  بۇ خىل قوش يولىنىشلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ تىزدىن بارلىققا كىلىشىگە تەقەززامىز ،   بۇ توغۇرسىدا ئىقتىسات كامچىل ئادەم كامچىل دىگەندەك تۇكى يوق باھانە سەۋەپلەرنى ئاڭلىغىمىز يوق . بۇ دىگەن بېيجىڭدىن داغدۇغۇلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلۋاتقان مەدىنيەت ئاقارتىش ھەركەتلىرى  رەسمى مۇكەممەل ئەل رازى بولغۇدەك مەيدانغا كەلتۇرۇشىڭىزلارنى چىن قەلبىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .

6. بىز ئۇيغۇرلاردا ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە سۇغا كىرسەڭ بىلىڭچە دىگەن گەپ بار ، شۇڭا بۇ تور تىلۋۇزىيەسىنى  نوقۇل ھالدا تاق يۆلىنىشلىك تارقىتىش ۋاستىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئېچىۋېتىلگەن شۇنداقلا ھەر قانhttp://uyntv.cntv.cn/2014/10/09/VIDE1412824205233193.shtmlداق بىر تورداش كىرىپ ئۆز پىكىرىنى نورمال تەرتىپلەر بىلەن بايان قىلالايدىغان ھالغا كەلتۇرۇشىڭىزلەرنى ئۇمۇت قىلىمەن ، ئۇمۇمەن  بۇ يېڭىلىق باشلىنىشتىن بەك خوشال بولدۇم .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 15:13:01

ئۇيغۇرچە تور تىلىۋىزىيسى ئوتتورىغا چىققىلى نەچچە يىللار بولدى.  بۇرۇن ھازىرقىدىن قويۇلۇش سۈرئىتى ياخشى ئىدى. لىكىن ئاۋاز سۈپىتى تۆۋەن ئىدى.

ھازىر بۇ تور تىلىۋىزىيسىنى كۆرمەس بولدۇم، چۈنكى تىلىۋىزۇر كۆرۆشكە توغرا كەلسە، بىۋاستە تىلىۋىزىۇردىنلا كۆرسە ياخشىكەن.

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 16:14:40

http://uyntv.cntv.cn/2014/07/07/VIDE1404724324898337.shtml

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 17:01:00

تور تىلۋىزىيىسى دىگەن ئاتالغۇ خاتا بوپ قالدىمۇ قانداق ؟   بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان توردا كۆرىدىغىنىمىز تىلىۋىزۇردا بىرىلگەن پىروگىرراممىلار ، پەقەت قايتا كۆرىمىز خالاس ، بۇنى توردىكى كۆرۈش بىتى دىسەك بولىدۇ .
  
  مۇنداق ئويلاپ قالدىم ، ھەقىقى مەنىدىكى تور تىلىۋىزىيىسى قۇرساق ، يەنى ئۆزىمىز پىروگىرامما ، كىنو -تىلىۋىزىيە تىياتىرى ، ئىلان تەييارلاپ توردا تارقاتساق ،  بۇنى تور تىلىۋىزىيىسى دەپ ئاتىساق قانداق بولار .  
      ھازىر تىلىۋۇزۇرلار تور بىلەن بىرلىشىپ كەتتى ،  تورنى تىلىۋۇزۇرغا چىتىپ ياكى تىلۋۇزۇردەك يوغان ئىكرانغا چىتىپ  توربىتىمىز ئارلىق تور  تىلىۋىزىيىسى قاناللىرىمىزنى كۆرسەك ،    پىروگىراممىلارنى سۈزۈك ئىشلىمىسەك بولمايدۇ ئەلۋەتتە   

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 17:04:42

تىلىۋۇزۇردىكى پىروگىرامما ، ھەلەق كىنو ، ماز ئىلانلاردىن ئاغرىنىپ قاقشاپ يۈرگەندىن ئۆزىمىز    تور تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇپ     ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىلەن رىقابەتلەشسەك

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 18:41:20

تور سۈرئىتى خىلى ياخشىكەن ھە ئاۋۇ تېلۋىزىيە قاناللىرىنىڭ. چىكىپ بولغىچە تېلۋىزۇردەك راۋان قويىلىۋاتىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 19:28:34

تورغا ئۇلايدىغان ئاندىرويىد قۇتىسىدا ئۇيغۇرچە كاناللارنى پەقەتلا چىقارغىلى بولمامدۇ.

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 09:05:46

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 17:01 static/image/common/back.gif
تور تىلۋىزىيىسى دىگەن ئاتالغۇ خاتا بوپ قالدىمۇ قانداق  ...

بۇنىڭ ئاۋۇ ئايرىم تور تىلۋۇزىيە پىراگىراممىلىرى دەيدىغان بىر يېڭى نۇقتىسى باركەن ، مەن بايىلا بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىريەت ھەقىدىكى بايانلىرىنى ۋىديوسىنى كۆردۇم ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ، قىلىمەن دىسە ئۇيغۇر جەمىيتىنى موشۇندا قېدرىپ تەكشۇرۇپ نامدارلارنى زىيارەت قىلىشنى قويۇپ تۇرايلى ، پەقەت ئەدىبيات كوچىسىدىكى نامدارلارمۇ بايىلا يۇزدىن ئاشامدىكىن ،

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 09:37:13

:o{:136:}
بەت: [1]
: ئۇيغۇر تور تىلۋۇزىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم