تاشپولات: يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-31 11:37يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا تېنىڭىزلارغا سالامەتلىك، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت، كەسپىڭلاردا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىقولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
مەكتىپىمىزنىڭ يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشىدا تارتىلغان. سولدىن 2-سى مەن ۋە 3-سى ئايالىم
بۇ يىل مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ مەنىلىك، ئەڭ خۇشاللىنارلىق پەيتلەرنىڭ بىرى بولسا، ۋەتەنگە بېرىپ ئانا يۇرتۇمنىڭ ئامان-ئېسەن تۇرغان قىياپىتىنى ۋە كۆرۈشمىگىنى ئۇزاق بولغان دوستلار ۋە قان قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگىنىم بولدى. مەن بۇ قېتىمقى ئانا دىيار سەپىرىمدىن شۇنى يەنە بىر قېتىم بىلدىمكى،خەلقىم ئىشچان، خەلقىم مېھمان دوست ۋەخەلقىم ئاق كۆڭۈل! مەن كەلمەكچى بولغان يېڭى يىلدا ھازىر يېزىۋاتقان “ئانا دىيار تەسىراتلىرى” نىڭ داۋامىنى يېزىپ پۈتتۈرىمەن.
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىز قۇتلۇق، بەرىكەتلىك،، نەتىجىلىك ۋە تىنچ-ئامان ئۆتكەي! ۋەئەلەيكوم ئەسسىلام ، تاشپۇلات ئاكا ، سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ۋەئەلەيكوم ئەسسىلام.
سىزنىڭمۇ يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!! مەن سىزنىڭ تىنىڭىزنىڭ سالامەت، ئۆمرىڭىزنىڭ بەرىكەتلىك بۇلۇشىنى، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ئەقلىڭىزنىڭ زىيادە بۇلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تاشپولات ئاكا ! بىزمۇ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەركەت، ئىشلىرىڭىزغا نۇسرەت تىلەيمىز !! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . يىڭى يىلدا ئارزۇلىرىمىزغا يەتكىلى نىسىپ قىلسۇن ۋەئەلەيلۇم ئەسسالام. مۇۋاپىقيەتلەر يار بولسۇن!
بۈگۈن ئەتىنى كىلەر يىلى دەيمىز، ئەتە بۈگۈننى بۇلتۇر دەيمىز. :lol ئەسسالامۇ ئەلايكۇم .!يىڭى يىلڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، يىڭى يىلىدا يىڭى ئۇتۇقلار قازىنشڭىزغا تىلەكداشمەن ، يىڭى يىلىدا بلمڭىزنىڭ زاكاتنى ئايماي بىرىپ،بىزلەرگە يىڭى -يىڭى بىلملەرنى تەقدىم ئىتەرسىز ..!:) ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىزنىڭ ھەم مۇنبەر ئىچى سېرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن. يېڭى بىر يىلدا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ خەلقىمىز بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىشىنى ،مىللىتىمىز كىشىللىرى كۈنلىرىنى ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتېخىمۇ كۆپ .ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىقىلىمەن. سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! شۇنداقلا بارلىق ئىزدىنىشلىقلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭىيىلىڭلارغامۇبارەكبولسۇنباللا ۋەلەيكۇم ئەسسالام تاشپۇلات ئاكا سىزنىڭمۇ يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ۋەئەلەيكۈم-ئەسسالام دىگەنلىرىڭز ئويلىغانلىرىڭزىدەك بولغاي . . . قۇتلۇق بولسۇن يېڭى يىلىڭىز،
ساغلامبولسۇن ئەزىز تىنىڭىز.
ئۈزۈلمىگەي نادىر تىمىڭىز،
ئامان قىلسۇن سىزنى رەببىمىز.
امىن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
بەت:
[1]