ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بەلگىلىمە چىققاندەك تۇرىدۇ
ئالدىنقى ھەپتە بىر ئىش بىلەن يېڭسارغا بارغان، ئىنىم كەچ سائەت 12 بىلەن ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسە بىر ساقچى ماشىنىسى كېلىپ ماشىنىنىڭ ۋە ئىنىمنىڭ رەسمىيەتلىرىنى كۆرۈپ ئاندىن «ماشىنا سېنىڭ نامىڭدا ئەمەس ئىكەن» دەپ يول يۈرۈش كېنىشكىسى بىلەن پىراۋىنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئەتىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە بارسام ئۇلار «رەسمىيەتلەرنى بىز ئېلىۋالمىدۇق، بازارلىق قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەڭلار» دىدى، ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ، ھازىر ئەمدى ماشىنا باشقۇردىغان يەر ئاز كەلگەندەك «بازارلىق قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتى» دەيدىغان ئورگان قۇرۇلۇپتۇ، تېخى كېچىنى كەچ دىمەي جاپاغا چىداپ سائەت 12 بىلەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ماشىنا رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېلىپ كېتىدىغان گەپ.ئۇلارنى ئىزدىسەم «يېڭى بەلگىلىمە چىقتى، ماشىنا ئىگىسى بىلەن ھەيدىگەن ئادەم بىر بولمىسا بولمايدۇ» دەيدۇ، باشقىلاردىن سورسام قەشقەر ۋىلايەت تەۋەسىدە بۇ ئىشنى بەكلا چىڭ تۇتۇۋېتىپتۇدەك، تۇتۇۋالغانلا يېرىدە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇپتۇدەك، بۇ گەپچە بولغاندا بىر ئائىلىدە قانچە ئادەمنىڭ پىراۋىسى بولسا شۇنچە ماشىنا بولمىسا بولمايمىش، ماشىنا كىمنىڭ نامىدا بولسا شۇ كىشىلا ھەيدەيمىش.
سىلەرنىڭ تەرەپلەردە مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟ بۇ توغرىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارە ئۇقتۇرۇشى بارمۇ؟ يېڭىساردا3نۇمۇر،200سوم جەرىمانە ،باشقۇردىغان ئورۇن بەك كۆپ.مەھەللە كومتىتنىڭ مىنبىڭلىرىمۇ باشقۇرىدۇ ماشىننى بىزنىڭ مەھەللىدە ماشىنىنىڭ مۇتۇر كىنىشكىسىنى ۋە كۆك كىنىشكىدىكى ئىگىدارلىقنى ماشىنىنى يىللىق تەكشۇرۇش ۋاقتىدا بىردەك ھازىرقى ئىگىسىنىڭ نامىغا يۈتكىدى، لىكىن سىز دىگەندەك تەكشۇرۇشكە ئۇچراپ باقمىدۇق. يۇرىتلىرمىزدا لىكىن ئادەمنىڭ ئاچچىق مەسخىرە كۇلكىسىنى قىستايدىغان ئىشلار كوپىيىپ كىتىپ بارىدۇ ، بەزى قائىدىلەرگە ياقىڭىزنى چىشلەپ قويۇپ بولدى قىلمىسىڭىز بىكار ھازىر توۋبە ، توۋبە نىمە ئىشلار بولۇپ كىتىپ بارىدۇ ماۋۇ جەنۇبى شىنجاڭدا خۇددى كوچمەنلەردەك تۇرمۇش كەچۇرۋاتىمىز دىسە . بىزنىڭ ماۋۇ چەرچەندە ھازىرچە ئۇنداق ئەمەس . خوتەندىمۇ ماشىنىنى يىللىق تەكشۈرۈشتە ئىگىسى نامىغا يۆتكىدى، ئەمما كىم ھەيدىسە قائىدىگە خىلاپ بولمىسىلا جازالىمىدى. مەنمۇ بۇ گەپنى ئۆتكەن ھەپتە يېڭسارغا بارغاندا ئاڭلىغان ئىدىم، تۇمىغىنى ئەككەل دىسە بېشنى ئەككەلگەندەك ئشلار جىق جۇمۇ بۇ يۇرتىتا؟ بۇ يىڭى ئامال بۇلىدىكەنغۇ، ھەممە يەردە يولغا قويسا ئىقتىسادى كىرزىس بۇلىۋاتقاندا بۇ ئامال بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ دۆلەتنى بىيىتقىلى بۇلامدۇ-نىمە؟!... مىنىڭ دادام ئاخشام مۇشۇنداق گەپلەرنى قىپ يۈرگەن مىنىڭ ماشىنامنى سەن ھەيدىيەلمەيدىغان بولدۇڭ دەپ . قەشقەرگە بارغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا ئۇنداق گەپ يوقكەن. ئەمما ناھىيلەر ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلغان ئوخشايدۇ. بىرەرسىدىن جەرىمانە ئالغىنىنى كۆرمىدىم ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ جەرىمانە نورمىسى توشمىغان گەپ ،شۇڭا مۇشۇنداق يېڭى يېڭى قائىدىلەرنى چىقىرىپ پۇل تاپمىسا بولمايدۇ-دە. ماشىنىنى خوتون كىشىگە ئوخشىتىپ قالدىمۇ نىمە؟ :lol
بىر ئادەمنىڭ خوتونىنى باشقا ئادەم ھەيدىسە قەتئىي بولمايدۇ. لىكىن تۈمۈر ماشىنىنى كىنىشكە بولسىلا، ماشىنىنى ئوغورلاپ ھەيدىمىگەن بولسا، كىملا ھەيدىسە توغرا بولاتتى.
ھۆكۆمەت ماشىنىلىرىنى شوپورنىڭ نامىغا ئىلىپ بىرەمۇ؟ توۋا دەپ تۇتۇم ياقا:lol
توڭلاتقۇدىن چىقتى پاقا{:136:
قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە بىرنى قويساڭ
خاپا بولما دەيمەن ئاكا
دېگەن جىڭ زامان كەپتۇ مانا :P:P:o كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيىسىگە تېلفون قىپ بېقىڭ. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 15:26 static/image/common/back.gif
ماشىنىنى خوتون كىشىگە ئوخشىتىپ قالدىمۇ نىمە؟
بىر ئ ...
ئەتىگەندە تىلۋىزوردا شىنجاڭنى قانون ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دەۋاتقان، بەلكىم قانوننى مۇشۇنداق ئالدى-ئارقىغا چىقىرىپ جەرىمانە يىغىش ئۈچۈنلا ئىدارە-ئورگانلار ئۆزى چىقىرىپ ئىدارە قىلىدىغان ئۇخشايدۇ. ئاكامۇ پۇل تۆلەپ چىقىتى ئۈچ كۈن ئاۋال تۆۋا دېمىسە بىكار بەزى ئىشلارغا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 18:45
ھازىر ھەممىگە سەۋرى بىلەن سۈكۈت ئۇنىڭدىن باشقىسى ئەقىلسىزلىق ،ھازىر ئاشۇلارنىڭ ھەرقانداق گىپى‹ ئورۇنلۇق›.يۇقۇرىدىن سىياسەت -قانۇن ياخشى لىكىن تۆۋەندىكى ئاز بىرقىسىم ئۆزى قانۇن بىلمەي قانۇن ئىجرا قىلىدىغان قانۇن ئىجراچىلىرى ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىغا چاك پەيدا قىلىپ قويىۋاتىدۇ ....
بەت:
[1]
2