intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 07:50:13

ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى: يەرشارىدىن باشلانغان قىسمەت

پىلانىتلار ئەركىسى
1-قىسىم يەرشارىدىن باشلانغان قىسمەت
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)

     سامان يولى گالاكسى سىستېمىسى، 10351-يىلى باھار ئېيىنىڭ بىر كۈنى، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى داۋاملىق يەرشارىغا ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ كەلمەكتە، شەرقى مىردىئان 75 گىرادۇس بىلەن 76 گىرادۇس ئارلىقىدىكى مەلۇم جايدا سۈپسۈزۈك سۇلۇق كۆل بۇيدىكى مەجنۇنتاللار مەيىن شامالدا يىنىك لەپىلدەۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يىقىنلىغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمجىتلىق بۇزۇلىدى ۋە بۈركۈت شەكلىدىكى بىر ئالەم كېمىسى كۆل بۇيىغا قوندى. كېمە ئىچىدىن چىرايى نۇرانە، چوڭ ئويما كۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچ بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت چىقىپ كەلدى. ئۇ تۆت ئەتراپقا ئەستايدىل نەزەر تاشلاپ، قاراشقا بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. يىگىت كۆل غەربىدىكى توغراقلىقتىكى چىغىر يولغا قاراپ ماڭدى. چىغىر يولدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدا چىمەن دوپپا كەيگەن بىر قىز پەيدا بولدى. جۈپ كۆزلىرى خۇددى مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلۇق كۆلدەك، چېھرىدىن مىھر-ئىللىقلىق يىغىپ تۇرىدىغان بۇ گۈزەل قىز ناتۇنۇش يىگىتنى كۆرۈپ يىنىك، تېز قەدەملەر بىلەن يىگىتتىن يىراقلىشىشقا تەمشەلدى. يىگىت بولسا دەرھاللا قىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ سۆز باشلىدى:'ئىغىر ئالمىسىڭىز سىزدىن بىر سۇئال سورىسام بۇلامدۇ ؟!'. قىز يىگىتتىن بىرخىل سەمىمىيەت ۋە ياخشىلىقنى ھىس قىلدى بولغاي ئۇنىڭغا جاۋابەن باش لىڭشىتتى.
يىگىت:'بىزنىڭ بىر كۆك قۇتىمىز مۇشۇ ئەتراپتا چۈشۈپ كەتكەنتى، سىز بۇ توغرىسىدا بىرەر نەرسە ئاڭلىدىڭىزمۇ؟'.
قىز:'كۆك قۇتا؟ ئۇستىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنمۇ؟'.
يىگىت ھاياجانلانغان ھالدا:'توغرا، توغرا'.
قىز ھەيرانلىق ئىچىدە:'ئۇ قۇتىنى ئىزدەپ نىمە قىلىسىز؟ ئاۋۇ ئالەم كېمىسى ۋە كىينىشڭىزدىن قارىسام بۇ يەرلىك(يەرشارىلىك) ئەمەسسىز، سىز قانداقسىگە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيسىز؟'.
يىگىت:'بىز كۆپ خىل تىللارنى بىلىمىز. ئۇ قۇتا بىزنىڭ تەۋەرۇككىمىز ئىدى، ئادەملىرىمىز مۇسۇما پىلانىتىدىن يۇپۇق پىلانىتىغا يۆتكەش جەريانىدا بىزگە قارشى كۈچلەرگە ئۇچراپ قىلىپ، كۆپ ھەم كۈچلۈك بولغان قارشى تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ سامان يولى گالاكسى سىستېمىسىغا كەلگەن ھەم قۇتىنىڭ  قارشى كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەرشارنىڭ مۇشۇ رايۇنىغا توغرا كىلىدىغان بوشلۇقتىن قۇتىنى تاشلىۋېتىپ ئۆزى قارشى كۈچلەرنى  باشلاپ باشقا ياققا كىتىپ قالغان. مەن شۇ قۇتىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كىتىش ۋەزىپىسى بىلەن بۇيەرگە كەلدىم.'
قىز:'ئۇنداقتا سىز پەرىشتە  گالاكسى سىستېمىسىدىكى ئىككى پىلانىتتا ياشايدىغان كىشىلەردىن ئىكەنسىزدە؟'(قىزنىڭ بۇ توغرىسىدا ئوقىغان ۋە بىلىدىغانلىرى كۆپ بولغاچقا ئانچە ھەيران قالمىغان ئىدى.)
يىگىت جاۋابەن بېشىنى لىڭشىتتى. قىز سۆزنى داۋام قىلىپ:'راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بۇتا بىزنىڭ ئۆيدە.'
يىگىت:'قانداق قىلىپ؟!'. قىز:'مېنىڭ بەش ياشلىق ئوغلۇم ئوغۇز دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتقاندا ئۇ قۇتىنى تېپىۋېلىپ ئۆيگە ئاپىرىپتىكەن. مەن نەدىن ئالغانلىقنى، نىمە سەۋەبتىن ئەكەلگەنلىكىنى سورىسام، ئوغلۇم پەقەت قىزىقىپ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە قۇتىنى مېنىڭ قېشىمغا ئەكەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.'
يىگىت مەمنۇنلىك بىلەن:'بەك ياخشى بولدى، قۇتا تېپىلدى، رەھمەت سىزگە.'

ئىككەيلەن قىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى، ماڭغاچ يىگىت يەنە سۆز باشلىدى:'ئىسمىم مالىك، سىزنىڭ؟'. قىز جاۋابەن:'زۆھرە'، ۋە سۆزنى داۋاملاشتۇرۇپ:'سىلەرنىڭ چىراي شەكىلىڭلار ۋە ئىسمىڭلار بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە تىلىمىزنىمۇ شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز.'.
مالىك چۇشەنچە بىرىپ:'بىز بۇ ئوخشاشلىقلارنى بۇرۇنلا بايقىغان. مۇسۇما، يۇپۇق پىلانىتىدىكىلەر بىر قەۋىمدىن ، بىزنىڭ ئالىملىرىمىز ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلق سامان يولى سىستېمىسىدىكى يەرشارىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنى سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھەرقايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بىزنىڭ  كەلگۈسى پىلانلىرىمىز ئىچىدە سىلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە بۇ ياخشى پىلان.'
زۆھرە دەرھاللا :'ئۇنداقتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھىچقانداق پەرقىڭلار يوقما؟ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدىگەن چەكسىز ھە!'
مالىك؛'پەرقىمىز بار، بىز ئۇزۇنراق ياشايمىز، بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىمىز بار. بىزنىڭ ئېتىقادىمىزمۇ بىر، توغرا، ئالاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ. ئوخشىمىغان ئىككى گالاكسى سىستېمىسىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ جەھەتتىن ئوخشاش يارتىلىشىغا قاراڭ.'

ئۇلار پاراڭلاشقاچ زۆھرەنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قالغان ئىدى. قىزنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلار ھەرخىل چىرايلىق نەقىشلىك دەرۋازىدىن قەدەم تاشلاپ گۈزەل ھويلىغا كىردى. زۆھرە يىگىتنى ئىچىگە كىرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى، ئەمما مالىك ۋەزىپىسىنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. چېچەن زۆھرە قۇتىنى ئىلىپ چىقتى، ئارقىسىدىن بوتىلاق كۆز، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈردىغان ئوغۇز مالىك ئالدىغا كىلىپ قول ئىلىپ كۆرۈشتى. مالىك ئوغۇزنى كۆرۇپ خۇددى بىر چاقنىغان ئۈمىد يۇلتۇزنى كۆرگەندەك بولغان ئىدى، ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشتى. لىكىن تۇيۇقسىز گۆكىرگەن ئاۋاز ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىرقانچە قاغاسىمان ئالەم كېمىسى زۆھرەنىڭ ئۆيى تەرەپكە يىقىنلىشىۋاتاتتى، يىگىت دەرھاللا 'شۇملۇق، ئۆكۈز پىلانىتىدىكىلەر' دېگىنىچە ئۇلار بىلەن  ئۆي ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى. زۆھرە:'ئۇلار سىلەرگە قارشىلار شۇمۇ؟'. مالىك:'دەل ئۆزى، مۇشۇك كۆز گالاكسىسى، ئۆكۈز پىلانىتدىكىلەر، ئۇلار نۇرغۇن پىلانىتلارنى بۇلاپ-تالاش، ۋەيران قىلىش قاتارلىق جىق ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بىزگە كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، مۇشۇ قۇتىغا تاينىپ بىزگە زەربە بىرىش پىلانىدا. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز.'.

قاغاسىمان ئالەم كېمىسى زۆھرە ئۆيىنى بىر ئوققا تۇتقاندىن كېيىن، ئۆي ئەتراپىغا قوندى، كېمە ئىچىدىن بىر توپ نىقابلانغان بەستلىكلەر چۈشۈپ ئۆينى قورشىدى. بۇنى كۆرگەن مالىك، زۆھرە بىر-بىرگە قارشىپ بىردەم شۈك بۇلۇشتى. زۆھرە سۆز باشلىدى:'ھازىر پەقەت بىرلا ئامال بار، يەنى سىز ئوغۇزنى ئىلىپ بىزنىڭ يەرئاستى مەخپىي يولىمىز ئارقىلىق بىز كەلگەن توغراقلىققا بېرىپ ئالەم كېمىڭىزگە چىقىپ بۇ يەردىن كېتىش.'. بۇنى ئاڭلىغان مالىك دەرھاللا:'سىزچۇ؟ بۇنداق قىلساق سىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەن بىلەن باراۋەر. بىز ئەزەلدىن مەرتلىكىنى ئەزىزلەپ كەلگەن، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمىز.' دەل شۇ پەيىتتە ئۆكۈزلىكلەر ئۆيگە قاراپ ئوق ئاچتى. زۆھرە:'ۋەزىپىڭىزنى ئويلاڭ، ئۇچىمىز تەڭ تۈگەشكەندىن سىلەرمۇ بولسا قۇتۇلساڭلا، مېنىڭ ئوغۇزدىن باشقا يىقىنىم يوق، ئۇنىڭ ئۇستىگە كېمىنى ھەيدەشنى بىلمىسەم. بىرىمىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئازىراق بولسىمۇ قىچىش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرشىمىز كېرەك. ' زۆھرە گىپىنى دەپ بۇلۇپلا تارتمىدىن ئۆزنىڭ قۇرالىنى ئالدى-دە پۇتىغا بىر پاي ئوق ئۈزدى ۋە مالىكقا:'ئەمدى ماڭمىساڭلا ھەممىمىز تەڭلا ھالاك بۇلىمىز.' دەپ ۋارقىراپ يەرئاستى يولىنى كۆرسەتتى ئارقىدىنلا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئوق ئاتتى. مالىك ئوغۇزنى كۆتۈرۈپ زۆھرەگە قارىدى زۆھرە ئۇنىڭغا خۇددى بىر قەيسەر پەرىشتە  بۇلۇپ كۆرۇندى. زۆھرە چەكسىز ئانىلىق مىھىرى ۋە قىيماسلىق نەزىرىدە ئوغۇزغا قاراپ:'خەيىر جان-جىگەر ئوغلۇم، تەقدىر مۇشۇنداقكەن، ئاللاھقا تاپشۇردۇم.' دېگىنىچە ئازاپ-ھەسىرەتلىرىنى يۇشۇرۇپ مەردانىلىك بىلەن ئۇلار بىلەن خوشلاشتى. ئوغۇز بولسا .ئانا دەپ تولغىنىچە مالىكنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن مەخپىي يولغا كېرىپ كەتتى ۋە مەخپىي يولدا قويۇلغان تېز-كېزەر ھارۋا بىلەن ھەش-پەش دېگۈچە توغراقلىقتىكى چىقىش ئىغىزىغا كىلىۋالدى. ھەم ئالەم كېمىسىگە چىقىپ كۆككە ئوڭۇشلۇق كۆتۈرۈلدى. مالىك ۋە ئوغۇز بوشلۇقتا ئۆينىڭ  ئوتتا لاۋۇلداپ كۆيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىدىن مارجان-مارجان ياشلار تاراملاشقا باشلىدى. مالىك كېمىنى نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرەتتە سالدى-دە دەقىقىدە كۆزدىن غايىپ بولدى.

1-قىسىم تۈگىدى.
2-قىسىمدا ئوغۇزنىڭ پەرىشتە گالاكسىسىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلايسىز.

2014-12-30
نەنجىڭ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 11:31:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 11:53  

   ئالدىنقى ئەسىرلەردە غەرپتە ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەر قىزغىنلىقى بولغاندەكلا بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىلمىي فانتازىيىلىك ئەسەرلەر ئوتتۇرىقا چىقىشقا باشلىدى، ياۋروپانىڭ فانتازىيىلىك ئەسەرلىرى ئۇلاردىكى ئالەمشۇمۇل پەن-تېخنىكا ئىجادىيەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەندەك ئۈمۈتكى پات پۇرسەتتە مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ ئىلىم-پەن تەتقىيقاتى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ (خۇددى ياۋروپانىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكىدەك) تەبىي پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئالىم-ئنىژىنىرلىرىمىز يېتىشىپ چىقسا نىمە دىگەن كاتتا ئىش بولار-ھە! (شۇنداق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!)
      يېزىڭ بۇرادىرىم يېزىڭ، بىز قوللايمىز ۋە قىززىقىپ ئوقۇيمىز. ئىلمىي ماقالىلىرىڭىز ۋە مۇشۇنداق ئىلمىي فانتازىيىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ياراتقان زاتنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغان ۋە يازغانلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى چوقۇمدۇر.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 11:38:22

   ئۆتمۈش زامانلاردىكىلەرنىڭ جاھان ئەينىكى، ئۇچار ئات، تۆمۈر بېلىق قاتارلىق بىر قاتار ئىلمىي فانتازىيىلىك ھىكايە-چۆچەكلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تامامەن ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىغا شاھىت بولۇپ تۇرۇپتۇق مانا.  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 11:46:36

ئىلمىي فانتازىيەنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىللىرىدىن بىر-نەچچە قەدەم ئالدىدا ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى غايىۋىي توقۇلما بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولسا ئىلىم-پەن تەتقىيقاتىدا يېڭى نىشان تۇرغۇزۇشقا بەك پايدىلىق، شۇنداقلا بەزى ئىلىم تەتقىيقاتىغا ئۆزىنى ئاتىغان ياشلارنىڭ مىڭىسىنى پىروگراممىلاشقا (شۇ خىل تەتقىيقات يۆنۈلۈشىگە كىرگۈزۈشكە) ئېلىپ بېرىش مۈمكىنچىلىكى بەك چوڭ. شۇڭا بۇنداق ئىجادىيەتلەرنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ!

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 17:03:45

ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىغا رەھمەت ، ھارمىغايسىز
ئىككىمىز ئئېلمى فانتازىيەگە تۇتۇش قىلىپتىمىز.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 18:19:38

يېڭى-يېڭى يازمىلىرىڭىزلارغا تەشنامىز!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 09:48:42

   ئىنتىلگۈچ ئەپەندىم:handshake، يېڭى يىللىق ئارام كۈنلىرىڭىزدە ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىنى يوللىۋەتمەمسىز دەيمەن، ساقلاپ كەتتۇق...

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:09:45

مەرھۇم سۇلتان ھاشىم ئاكىنى ئەسلەپ قالدىم.:(

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 19:07:18

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 09:48 static/image/common/back.gif
ئىنتىلگۈچ ئەپەندىم، يېڭى يىللىق ئارام كۈنلىرىڭ ...

:handshake ،رەھمەت، يېزىۋاتىمەن، ئاز قالدى، نەچچە كۈندىن كېىيىن يوللايمەن.
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى: يەرشارىدىن باشلانغان قىسمەت