ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 12-30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 17:17ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.9 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1203.46 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى1170.78 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1196.1 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 90.29 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1189 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن ئامېرىكا ۋاقتىدا دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ 8 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى ، دوللار كۆرسەتكۈچ ئۆسۈپ پۈتۈن مالىيە بازىرىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بىر قەدەر ئاز بولۇپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى چەكلىك بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئەنگلىيە Nationwide ئۆي باھا كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا ئىتالىيە سودا ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ۋە PPI سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر ياۋرو رايونى مەلۇماتى ئاجىز بولسا دوللار كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1189-1180 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىۇ تەۋرىنىشى سۇس بۇلۇپ كىچىك كرلەشنى ئاساس قىلدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ 1192 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1180-1180 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3. ياۋرۇپا بازىرىدا 1178-1180 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1190 دوللار نىڭ يۇقىرىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
4. كەچلىك ئامىرىكا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1178 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1170-1168 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . بۈگۈن مۇھىم سانلىق ئۇچۇر يۇق ، نۆۋەتتە مۇھىم تۇردىغىنى يىللىق سىزىق بىلەن ئايلىق سىزىقنىڭ يىپىلىش ۋە بۇ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندىغان غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممتى . ئالتۇن باھاسى 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرمىغىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى ئىچىلمايدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1200 1193
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1178 1168
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1195-1173
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1168
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1200
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى
گرېتسىيە زۇڭلى سامارادېس كۆرسەتكەن نامزاتى Stavros Dimas 3 - قېتىملىق زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمىدا يېتەرلىك بولغان ئاۋاز سانىغا يېتەلمىدى ، گرېتسىيە 10 كۈن ئىچىدە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشى كېرەك ، كېيىنكى 30 كۈندە مەملىكەتلىك چوڭ سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرىدۇ . گرېتسىيە 3 - قېتىملىق زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمى مەغلۇپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ياۋرو تۆۋەنلىگەن ، دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ 2006 - يىلى 4 - ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ 20 دوللار تۆۋەنلەپ 1179.00 دوللارغا چۈشۈپ قالغان .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 234.64 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.14 يۈەن ؛
1ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
2015 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 3 چوڭ ئامىل
1 . دوللارنىڭ ئەمەلىي پايدا نىسبىتى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ؛
2 . پۇل پاخاللىقىنىڭ كاساتلىشىشى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئالتۇن باھاسىنى ئىنتايىن چوڭ بېسىمغا ئۇچراتقان ؛
3 . ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا مەركىزى بانكىنىڭ پۇل سىياسىتى ؛ شۇڭا 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن .
گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى مەغلۇپ بولۇپ دوللار قايتىدىن ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى
12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى مەغلۇپ بولۇپ ، دوللار كۆرسەتكۈچى يۆنىلىشى قايتىدىن ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ، ياۋرو يۆنىلىشى تۆۋەنلەپ يېقىنقى 30 ئايدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ياخشىلاندى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا رايونى PPI سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى تەسىرىدە ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى ، شۇ سەۋەپتىن نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قەرەللىك ئالتۇن باھاسىمۇ چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى .
لىۋىيە ۋەزىيىتى تەلەپ ۋە تەمىنلەش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى .
2015 - يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن
12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭگو دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى ماكرو ئىقتىسادىي فورماتسىيە تېما گۇرۇپپىسى ئىلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىشىچە ، 2015 - يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي ھازىرقىدەك مۇقىم ھالەتتىن ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن ؛ مۆلچەرلىنىشىچە ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 7% ئەتىراپىدا ئاشقان بولۇپ ، سىياسەت جەھەتتە مالىيە سىياسىتى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمىنى كېڭەيتىشكە مۇۋاپىق كەلگەن ؛ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىل جۇڭگو GDP 7.3% ئەتىراپىدا ئاشقان ، ئاھالە ئىستېمال كۆرسەتكۈچى (CPI) 2.0% ئەتىراپىدا ئۆرلىگەن ، ئېكسپورت كېلىشكەندىن 6% ئاشقان ؛ 2015 - يىلى CPI ئۆرلەش ئاساسى 2% دائىرىسىدە مۆلچەرلەنگەن ، ئېكسپورت ئىشىش سۈرئىتىنى 7% ئەتىراپىدا يۇقىرى كۆتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن ؛
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىللار
12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى نيۇ يورك ۋاقتىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنە ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ؛ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ چوڭ ئاساستا ئۆرلىشى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيىسىگە ئايلاندى ؛ ئامېرىكا ئىقتىساد سېستىمىسىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاشقان ئەھۋال ئاستىدا ، ئامېرىكا ئقتىسادى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن ؛ تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە ، تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچيىشىدىكى كونكرېت سەۋەب ، ئامېرىكا مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئىلان قىلمىغان ، ھەم چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن ، شۇڭا دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساسلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كەيپىياتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەپ بولدى .
دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 6.1224 يۈەن بولۇپ 19 نۇقتا يۇقىرىغا يۆتكەلدى
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسىنىڭ بۈگۈنكى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1224 يۈەن بولۇپ ئالدىنقى كۈندىكىدىن 19 نۇقتا يۇقىرىغا يۆتكەلگەن ؛ ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1205 يۈەن ، بازار يېپىلىش باھاسى 6.2218 يۈەن بولغان ؛
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى باھاسىنىڭ ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1224 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.4640 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.0953 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78917 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5250 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9958 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7819 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ سىنگاپور دوللىرى 4.6381 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2607 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56724 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 9.5926 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6742 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3739 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى جوڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟ ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى جوڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟
ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى جوڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟
ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى جوڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟
shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 13:44 static/image/common/back.gif
ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى جوڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قاند ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ يېقىنقى مەزگىللەردە جۇڭگو ئىقتىسادى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا ؛ ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى ئاجىز بولسا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەيدۇ ؛ مېنىڭچە ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىمۇ ئىقتىسادقا بېرىپ تاقىلدىغان بولغاچقا جۇڭگو ئىقتىسادى ئاجىزلاشسا ئەلۋەتتە ئۆي باھاسىمۇ چۈشىدۇ ؛ uyaltun يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 17:01 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ يېقىنقى مەزگىللەر ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشىمۇسىز . جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا تاشقى سەۋەپنىڭ تەسىرى چوڭمۇ ياكى ئىچكى سەۋەپنىڭمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 14:25
shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 17:54 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشىمۇسىز . جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ ...
ياخشىمۇ سىز ؟ 2014 - يىلى دۇنيا خاراكتىرلىك ئىقتىسادى چېكىنىش كۆرۈلدى ، شۇڭا بۇ پەقەت بىر تەرەپكىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ؛
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈششى جۇڭگو ئۆي-مۆلۈك بازىرىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ؛ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشى يامانلىقى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا باغلانغان بولسا ، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقىدارىغا باغلانغان بولىدۇ ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتسە ئالتۇن زاپاس مىقدارىنىڭ قىممىتىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ؛ شۇڭا بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈششى جۇڭگو ئۆي-مۆلۈك بازىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئەمەس . كۆپ رەھمەت سىزگە . ئالتۇن باھاسى نىمە سەۋەپتىن چۈشىدۇ ؟ shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 09:00 static/image/common/back.gif
كۆپ رەھمەت سىزگە . ئالتۇن باھاسى نىمە سەۋەپتىن چۈشىدۇ ؟ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئاساسلىقى : دوللار ، نېفىت باھاسى ، ياۋرو ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ، پۇل پاخاللىشىش قاتارلىقلار ؛
1 . دوللار ھالىتى : دوللار كۈچلۈك بولسا ئالتۇن ئاجىز بولىدۇ ، ئالتۇن كۈچلۈك بولسا دوللار ئاجىزلايدۇ .
2 . ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت تەۋرەنگەن مەزگىل : ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۈز بەرسە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ .
3 . ئالتۇن بىلەن مەركىزى بانكىلارنىڭ ھالىتى : ئامېرىكا ئىقتىسادى ياخشىلانسا ۋە ئامېرىكا ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرسە ئالتۇنغا پايدىسىز بولىدۇ .
4 . SPDR خەلقئارا ئالتۇن فوند زاپىسى : ئالتۇن فوند زاپىسى كۆپەيسە ئالتۇنغا پايدىلىق ، ئالتۇن فوند زاپىسى كېمەيسە ئالتۇنغا پايدىسىز بولىدۇ .
5 . نېفىت باھاسى : خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىسە ئالتۇن مۇ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ، ئەگەر نېفىت باھاسى چۈشسە ئالتۇن باھاسىمۇ چۈشىدۇ .
6 . ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلارنىڭ ئالتۇن زاپىسى : ئالتۇن زاپىسى بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى بەلگىلەيدۇ .
7 . ئالتۇن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى : ئالتۇن ئېھتىياجى ئاشسا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ .
8 . پۇل پاخاللىشىش .
ئەسكەرتىش :
ئالتۇن باھاسى بۇشۇ ئامىللار تەسىرىدە ئۆرلەيدۇ ياكى چۈشىدۇ ؛ بۇ ئامىللاريەنەكۈمۈش باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ؛
سىز ئۆي-مۆلۈك سودىسى قىلىمسىز ؟ ئالتۇن سودىسىغا قىزىقىدىغان ئوخشىمامسىز ؟ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن ئۆي مۈلۈك شىركەتتە ئىشلەيمەن . ئالتۇن سودىسىغىمۇ قىزىقپ قېلىۋاتىمەن . shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 17:51 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن ئۆي مۈلۈك شىركەتتە ئىشلەيمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھە - شۇنداقمۇ ، بۇ سودا تۈرى ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلار ئارسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، كىشلەرنىڭ قىزقىشى بىلەن خىلى كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا ھەتتا ئۇيغۇرلارغىچە يېتىپ كېلىپ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قىزقىشى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كۈندىن - كۈنگە تەرەققى قىلۋاتىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان بولغاچقا نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ دىقتىنى تارتتى ۋە قىزقىىشىغا ئېرشتى ؛ بىز يەنە دەل سىزگە ئوخشاش بۇ سودىغا قىزققۇچىلارغا ۋە تېخىمۇ كۆپ قوللىغۇچىلارغا مۇھتاج . سىز بۇ سودا تۈرگە قىزىققان بولسىڭىز بىز سىزنى ھەر جەھەتتىن قوللايمىز ، ئەگەر بۇ سودا تۈرنى چۈشنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزنىڭ مەخسۇس ئالتۇن كۈمۈش تور سودىسى ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك يېڭى ماقالىلەر يوللىنىلدىغان تور بېكتىمىز بار ، تور ئادېرىسى : www.uyaltun.com ، مۇشۇ تور ئادېرىسى ئارقىلىق كېرىپ كۆرۈپ چۈشنىپ باقسىڭىز بولىدۇ ، بىزنىڭ يەنە مەخسۇس سودا ئېلىپ باردىغان ئۇيغۇرچە سودا دېتالىمىز بار ، ئىنتايىن بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك ؛ ئۇنداختا مەن زىيارەت قىلىپ باقاي. رەھمەت سىزگە shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:21 static/image/common/back.gif
ئۇنداختا مەن زىيارەت قىلىپ باقاي. رەھمەت سىزگە
ھە ، بولىدۇ ، ئەرزىمەيدۇ ؛ ئەگەر چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولسا سورسىڭىز بولىدۇ ؛
بەت:
[1]