گىپىدە تۇرالمىغان ئىنتىرنىت «چوڭاملىرى»(ئىككىنجى قىسىم)
5.«بولقاتېخنىكىسى»:ئەگەر 2500يۈەندىن تۆۋەن بولسا مەن سىلەرگە نەۋرە بولىمەن.2013-يىلى 8-ئايدا بەزى تورداشلار مىكرو بلوگدا «بولقا تېخنىكىسى»بەلكىم گۈرۈچفونغا ئوخشاش 1999يۈەنلىك يانفۇن چىقىرىدۇ دەپ گەپ تارقىتىشتى.بۇنىڭغا «بولقا تېخنىكىسى»نىڭ قۇرغۇچىسى لويۇڭخاۋ :ئەگەر بولقا يانفۇنىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2500يۈەندىن چۈشۈپ كەتسە مەن سىلەرگە نەۋرە بولۇپ سىلەرنى بوۋا دەپ چاقىرىمەن دەپ جار سالدى.
2014-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە بۇ"بولقا" يانفۇنىنىڭ باھاسى بىراقلا مىڭ يۈەن چۈشۈپ 1980يۈەندىن سېتىلىشقا باشلىدى.
6.ۋانكېل سودا تورى( 凡客):بىز ھەرگىزئاياللار كىيىمى ساتمايمىز.
2007-يىلى ۋانكېىل سودا تورى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى:بىز ھەرگىز ئاياللار كىيىمى ساتمايمىز،چۈنكى ئەرلەر كىيىمى ئەڭ ئۆلچەملىك بولىدۇ دەپ جار سالغان.ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ۋانكېل تورى ئاياللاركىيىمىنى سېتىپلا قالماستىن يەنە ئاياق-سومكا،چامادان،ھەتتا گىرىم بۇيۇملىرىنىمۇ سېتىۋاتىدۇ.
7.تىۋىتتىر(Twitter):بىز ھەرگىز ئېلان قوشمايمىز
2009-يىلى 2-ئايدا تىۋىتتىر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى
تىۋىتتىردا ھەرگىز ئېلان كۆرۈنمەيدۇ،بىز ھازىريېڭىچە بىر خىل سودا ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز
بىراق ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ ئېلان پۈتۈن تىۋىتتىرنى قاپلاپ كەتتى.
8.ئالماشىركىتى:ئالما شىركىتى ھەرگىز چوڭ ئېكرانلىق يانفۇن ياسىمايدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس مۇنداق بىرمەشھۇر گەپنى قىلغان:«ئالما يانفۇنى ھەۋەسكارلىرى ھەرگىزمۇ چوڭ ئېكرانلىق يانفۇنغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ»
بىراق بۇ مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەرقىلغاندىن كىيىن، ئالما شىركىتى ئالما ئالتە يانفۇنىنى بازارغا سالدى
بۇ يانفۇن توغرىلىق كۆپ سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتىيوققۇ دەيمەن....
ئەسلى مەنبە:تور دۇنياسى رەتلەپ تەرجىمە قىلغۇچى:مۇھەممەدجان خېۋىر تاۋارىم
http://www.tawarim.com/
ئىش قىلىپ نېمىلا دېمىسۇن ئۇلار پۇل تاپمىسا بولمايدۇ Abdurehman يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 18:43 static/image/common/back.gif
ئىش قىلىپ نېمىلا دېمىسۇن ئۇلار پۇل تاپمىسا بولمايدۇ
قوللاش +200 بازا ئەھۋالىنى خاتا مولچەرلىگەن گەپ غۇجاملا ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئىقتسات ماركىلىق بۇ بۇتنى ھەج قىلىپ كەلگەن ھاجىملارنىڭمۇ چىقىۋىتەلماي لەۋزىدە تۇرمىغانلىرىنى ئۇچراتقان مەن كەچتە قول بېرىپ سودىدا پۇتۇشۇپ بۇلۇپ، بىر كېچە ئۈتۇپلام ئەتىسى خوتۇن قۇشۇلمىدى دەپ يىنىۋالغان نوچىلارنىمۇ كورگەن،،، مەيلى گېپىدا تۇرسۇن ياكى تۇرمىسۇن ئاقىۋەت خېلى پۇل تېپىۋالغاندۇ ، مۇھىمى شۇ بوپ قالدى ھازىر ۋەدىسىدە تۇرغان بولسا نېمە بولماقچى، شۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغاندىن كېيىن پايدىسىنى كۆرىۋاتقانلار يالغۇز شۇ «چوڭاملار» لا ئەمەستۇ؟ باشقا گەپ يوق، شۇ پىلاننى ئۆزگەرتىپتۇ ھەي، بۇمۇ بىر تاكتىكا. خەقنى بىخۇدلاشتۇرۇش دېيىلىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئەجەپ تاپالمايۋاتىمەنغۇ ؟
ۋەدىسىدە تۇرسا نوكىيادەك بازاردىن چىكىنىدۇ !!! نوكىيا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغاندۇ؟ بازاردىن چېكىنىش ئەمەس بەلكى يەرلىككىلا تىقۋەتتى ئۇ نوكىيانى..{:87:}{:87:}{:87:}{:87:} بارمايمەن دىگەن تۇگمەنگە 9قىتىم باردى دىگەندەك .
بىر ئىشنى كىسپلا دەۋىتىشكە بولمايدۇ.
بەت:
[1]