malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 14:01:51

2014- يىلىدىكى ھۆل قەغەز ساتىدىغان بالىلار


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
ھۆل قەغەزنىڭ 1- ۋارىقى
ئۈرۈمچىنىڭ قىشى بۇ يىل كېچىكىپ كەلدى. قارمۇ ئانچىكىم ياغالمىغانلىقتىن، ئىككى ھەپتە بۇرۇن ياغقان قار ھازىر مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى بىلەن قارامتۇل رەڭگە كىرىپ، قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى ئېلىشقۇدەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى. بۇ مەنزىرە ئاپئاق لىباستىن تون كىيگەن دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان شۇ گۈزەل قىشقا ئەسلا ماس كەلمەيتتى. ئەمما يېڭى يىل ھارپىسىدىكى قاتتىق سوغۇق جاندىن ئۆتكىدەك بولۇپ، ھەممە ئادەم دۈگدۈيۈپ ئۆيلىرىگە چاپاتتى.
-      ئاپئاق ئاچا، ئىككى تال ئېلىۋېلىڭ، ئىككىسى بەش كويچەن، شېكەر ئاچا، ناۋاتتەك تاتلىق ئاچا، بۇلبۇل خانىش ئاچا، دۇنيا گۈزىلى ئاچا، ئىككى تاللا قالدى، ئېلىۋېلىڭە بەش كويچەنگىلا بېرىۋېتىمەن. ئوماق ئاچا، گۈزەل ئاچا....
ئەمدىلا بەش ياش چامىسىغا ئۇلاشقان بۇ ئوماق بالىنىڭ ئېغىزىدىن خۇددى تىزىۋالغاندەك كەينى كەينىدىن چىقىۋاتقان ماختاشلارغا قاراپ ھەيران قالدىم، ئەتراپتىكىلەر كۈلۈشتى. يىگىرمە مېتىرچە ئارىلىققا ئالدىمنى توسۇپ، كەينىچە مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. بوپتۇلا، تىلەمچىگە بەرسەممۇ بېرىمەنغۇ، ئالاي ئىككىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھۆل قەغەزدىن مۇشۇ بالىغا قالىدىغان پايدىسى بىر يۈەن بولسىمۇ، شۇنچە جاپادا قەھرىتان سوغۇقتا باشقىلارغا شېرىن شېكەر سۆزلەرنى ياغدۇرۇپ ساتماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس!

ھۆل قەغەزنىڭ 2- ۋارىقى
كونسۇل كوچىسىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، گۈلبەشېكەر تائام رەستىسىدە ھەر كۈنلۈكى ئادەم شۇنداق كۆپ، بىز بارغىنىمىزدا دائىملا مىڭ تەسلىكتە ئورۇن تاپىمىز. بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق بولدى، ئوتتۇرىلىقتا تۆت كىشىلىك ئورۇن بىكار بولۇشىغىلا يۈگرۈپ بېرىپ ئىگەللىۋالدىم. بولمىسا، مەندىن چاققان چىقىپ كېتىدىغانلار بولسا، بىز يەنە قۇرۇق قالاتتۇق-دە!
يەپ كېتەلمەيدىغىنىمىز ئايان، ئەمما كۆزىمىز ئاچلىق قىلىپ جىقلا نەرسە بۇيرىتىۋاپتىمىز. تاماقلار چىقىپ بولۇشىغا، بىر مەكتەپ يېشىدىكى بالا قولىغا بىر مۇنچە ھۆل قەغەزنى كۆتۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدى.
-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، ئېۋىلىڭە ئاچا... ھازىرلا لازىم بولۇپ قالىدۇ...
  يېنىمدىكى دوستۇم ئۇ بالىنى گەپكە سالماقچى بولدى:
-      قانچىدىن سېتىۋاتىسەن؟
-      ئىككىسى بەش كوي ئاچا.
-      نېمانداق قىممەت ساتىسەن؟ دۇكانغا كىرسە بىر كويدىن ساتىدۇغۇ بۇنى؟
-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...- ئەمدى بۇ بالا ماڭا قاراپ يېلىنغىلى تۇردى.
-      مەن بايىلا پەستىن مۇشۇنداق سېتىۋاتقان بالىلاردىن ئىككىنى ئېلىۋالغان ئىدىم. يەنە ئالسام، ھېلىلا يەنە باشقا بالىلار كەلسە، ئۇلاردىنمۇ ئالسام، ئاندىن مەن بېرىپ دۆڭكۆۋرۈككە ياكى ئوغۇزغان يەر ئاستى بازىرىنىڭ پەلەمپىيىدە ئولتۇرۇپ ساتسام بولىدۇ. شۇڭا باشقىچىرەك ئامال قىلاي!
-      تاماق يېدىڭمۇ؟ قورسىقىڭ قانداق؟
ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...-كۆزلىرىدىن شۇنداق بىچارىلىك چىقىپ تۇرىدىكى، قارىغانلىكى ئادەمگە خۇددى، شۇ بىر خالتا ھۆل قەغەز بىر قانچە جاننى قۇتۇلدۇرىۋالىدىغاندەك، ئۇنىڭچە بولسا ئالىيجاناپ بىر كەسپنى قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى.
-      چوڭلار گەپ قىلغاندا، جاۋاب بېرىش كېرەك. قورسىقىڭ ئاچمۇ توق؟- سەل قاپىقىمنى تۈرۈپ، سورىدىم. ئۇ:
-      مەن تېخى تاماق يېمىدىم، سېتىپ بولسام، قايتىپ يەيمەن.
-      ئەمسە، بۇ ياقتا ئولتۇرە، ماۋۇلاردىن يېگىن!- ئۇنى تارتقۇچلاپ ئولتۇرغۇزدۇم. ئالدىغا توخۇ پاچىقى، پىسا قاتلىمىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قويۇپ قويدۇم. ئۇ بىردەم ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، تارتىنىپقىراق يېيىشكە باشلىدى.
  ئەمدى ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم. پوسمىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ھەم كىر پىشىپ، تونۇغۇسىز بىر رەڭگە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئوڭ قۇلىقى تەرەپ قاقچىلىك چوڭلۇقتا تۆشۈك ئىدى. شۇنداقتىمۇ چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان پوسمىسى ئاستىدىن يوغان قارا كۆزلىرىدىن نە كىچىك بالىلارغا خاس سەبىيلىك چىقسۇن؟!
   ئۇنىڭ ئائىلىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيتتىم. بەلكىم، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن شۇنداق سودا قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، ياكى بولمىسا، ئاتا-ئانىسى يوقتۇ...
-      ئۇكام، ئۆيۈڭلار نەدە؟
-      مەشق بازىسى تەرەپتە،- ئۇ قولىدىكى توخۇ پاچىقىنى غاجاپ تۇرۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
-      ھېلىقى ساقچى مەكتەپ باغۇ؟ شۇنىڭدىن ئۆتىمىز.
-      ھە، ئۆيۈڭلاردا قانچە ئادەم بار؟ نېمىش قىلىدۇ؟
-      دادام، بىزگە ھۆل قەغەزنى توپ بازاردىن ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئىنىم ئىككىمىز ساتىمىز. دادام-ئانام باققالچىلىق قىلىدۇ.
ئەسلى مۇنداقكەندە، ئەمما، بۇ بالا ئوقۇش يېشىغا ئاللىبۇرۇن توشۇپ بوپتۇ. ئوقۇماي مۇشۇنداق ھۆل قەغەز سېتىپ قاچانغىچە ئۆتىدۇ؟ كىچىك ۋاقتىدىغۇ باشقىلار ئىچ ئاغرىتىپ ئالسۇن، ئون ياشتىن ئاشقاندا، باشقا ئىش قىلاي دېسە، نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ ئوقۇمىغان ئادەم بۇندىن كېيىن قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!

ھۆل قەغەزنىڭ 3- ۋارىقى
  ئەتىياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئوبدانلا يامغۇر يېغىپ ئۈرۈمچىنى پاك پاكىزە يۇيىۋەتكەنىدى. شەھەرنى يۇيغان شۇ يامغۇر سۈيى، كىشىلەر قەلبىدىكى شۇ كىرنى ھەم يۇيىۋەتكەنمىدۇ؟ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قەلبىدەك غۇبارسىز بولۇپ قالغانمىدۇ؟
   يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانىسى كەينى يەنى ھەرەمباغ كەينىدىكى ئاباد ساماۋەر شورپىخانىسىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ. مۇشۇ ئادەملەر توپىدا، قازاندىن چىققان ئاچچىق ئارىلاش ھور ئارىسىدىن مېنىمۇ كۆرەلەيسىز. يامغۇر ياغقان كۈنلىرى بىز تۆت دوست ساماۋەر شورپىسى ئىچكىلى كېلەتتۇق. بۈگۈنمۇ شۇنداق ھۇزۇر بىلەن تەرلەپ پىشىپ يەۋاتساق، يەنە شۇ ھۆل قەغەز ساتىدىغان بالىلار كىرىپ كەلدى. تۆت بالا تەڭ كىردى-دە، بىر بىرىگە رايون بۆلۈشىۋېلىپ، ئەڭ كىچىك بىرى بىز تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، ئاكا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...
ياندىكى ئۈستەلدىكىلەر قازاق مىللىتىدىكى ياشلار بولۇپ، ئۇ بالىنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەك، قارىماي ئولتۇراتتى. ئۇ بالا بولسا، قازاق ئىكەنلىكىنى ئۇقمامدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ قالدىمۇ، ئەتىمالىم، بايىقى سۆزىنى تەكرارلاۋەردى. بۇ چاغدا، قازاق يىگىت، بۇ بالىنىڭ قولىدىكى قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ، ئۈچ يۈەن پۇل تەڭلىدى.
-      ئىككىنى بەش كويغا بېرەتتىم ئاكا، ئىككىنى ئېۋىلىڭە.
-      بولدى، قويساڭشې. ئېككې جارىم يۋانغا بىر قالتا بېر!
-      ئاكا، ئىككىنى ئېۋىلىڭە.
-      ساتاسىڭبا، ساتمايسىڭبا؟!
شۇنداق قىلىپ، بىرنى ئاران سېتىپ، پۇلىنى يانچۇقىغا سالدى-دە، بىزنىڭ ئۈستىلىمىزگە يېقىنلا بولغان ئۈستەل تۈۋىدە توختىدى. بۇ ئۈستەلدە ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئالتە ئايال ئولتۇرغان بولۇپ، قارىماققا قاتار چاي سورۇنىدەك قىلاتتى.
-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېلىۋېلىڭە، ئىككىسى بەش كوي. بەشنى ئون كويغا بېرىمەن، مۇشۇ بەشلا قالدى.
-      ھەي، سەن نېمىش قىلىۋاتىسەن بۇ يەردە؟ - تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ ھەيرانلىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا دېگەن بۇ سۆزى ھەممەيلەننى ئۆزىگە قاراتتى. بىچارە كىچىك بالا جايىدا تۇرۇپلا قالغانىدى. ئايالنىڭ يېنىدىكىلىرى نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقرالماي، ئايالدىن سورىدى:
-      نېمە بولدى ئاداش؟ تونۇمسەن بۇ بالىنى؟
-      ۋاي، بۇ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى كېرەمنىڭ ئوغلى، دادىسى ئۇقمايدۇ بالىسىنىڭ بۇنداق سودا قىلىپ يۈرگىنىنى!
گەپنىڭ ئايىقى چىقىپ بولغۇچە، ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالىلار دۈررىدە يۈگرۈپلا قېچىپ كەتتى. ھە، ئەسلى راستكەندە! ئۇ ئايال، توختىماي سورۇندىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقلاپ كېتىۋاتاتتى. ئاتا-ئانىسىدىن بىسوراق شۇنداق سودا قىلىۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.

ھۆل قەغەزنىڭ 4- ۋارىقى
  خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئاۋاتلىقى يەنە شۇ ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەردىن باشقا، كۆپ ساندىكى ئېلىم-سېتىمنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.
-             سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى ئوغۇل بالا، قولىغا ھۆل قەغەز سېلىنغان خالتىنى كۆتۈرگەن پېتى، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئېسىلىپ، سودىلىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇلار بىلەن قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقاچقا، بىردەمدىلا يېنىمدا ئۈنگەن بۇ ئىككى شاكىچىككە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمىدىم. ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن قولۇمغا چىڭ ئېسىلىۋالدى، شۇنچە يۇلقۇنۇپمۇ قولۇمنى بوشىتالمىدىم:
-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، مېنىڭكىنى ئېلىڭە، مېنىڭكىنى ...
-      مەن ئەرزان بېرىمەن، ئاچا، مېنىڭكىنى ئېلىڭە...
مەن ئۆزۈمچە، بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ئەقىل ئويلاپ تاپتىم:
-      ھەي، مەن سېنىڭ داداڭنى تونۇيمەن جۇمۇ، ھۆل قەغەز سېتىپ يۈرگىنىڭنى داداڭغا دەپ قويىمەن!
-      ھە شۇنداقمۇ؟ ئەمسە دەپ بېقىڭە، دادىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ھەي! خان، دەپ بېقىڭە!
بۇ كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ ئادەمنى «خان» دەپ ئاتىشى، ھەم تەڭتۇتەڭ ئېغىز غېرىچلاپ «شوخلۇق» قىلىشى ھەيرانلىقىمنى قوزغاتماستىن، ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويدى. يۈگرىگەن پېتى، ئۇدۇل كەلگەن بىر دۇكانغا كىرىپ كەتتىم-دە، ئۇلارنىڭ يىراقلاپ كېتىشىگە ئۇدۇللاپ چىقتىم. كەينىدىن قارىغۇدەك بولسام، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر قىزغا بايا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى قىلىپ چاپلىشىۋاپتۇ. ئۇ قىزمۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، ئەتراپقا قاراپ ياردەم تەلەپ قىلغاندەك يۇلقۇنۇپ تۇراتتى....

كېلىسەن قولۇڭدا قەغەز، قاردا ھەم شىۋىرغاندا،
ئۇچىسەن جۇد بوراندا، كۆيىسەن ھەم پىژغىرىمدا.
نە ئالۇر كىشىلەر سەندىن جۈپ ساتقان ھۆل قەغەزنى،
چاپلاشساڭ ئىتتىرىپ يۈرەر بەش سوم دەپ ئېيتقىنىڭدا.

ئاھ،ساتماق ئۈچۈن ھۆل قەغەز، تاتلىق تىلى چىققانمۇ؟
سەبىيلىكتىن ئەسەر يوق، دۇنيا غېمىدە قالغانمۇ؟
ئەقلى توشۇپ يۈرەر ئىدى، مەكتەپ قوينىدا بولسا،
ۋەسىيدىن سوراي بىر سۆز، سودا ئۈچۈنلا تۇغقانمۇ؟
2015- يىلىغا ئىككى كۈن قالغان ۋاقىت


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-31 10:31):
رەسىملەر بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى. مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز!

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 18:29:14

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 19:09:53

جوڭگو




ئافرىقا




ئامېرىكا




yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 19:25:51

رەسىمگە تارتساڭلار ئاۋۇ بالىلارنىڭ كۆزىنى تارتمىساڭلار بولمامدۇ ...

تۆنۈگۈنكى سوغۇقتا ( نۆلدىن تۆۋەن 10) بوۋاقلار ھارۋىسىدا يېتىپ ئاپىسىغا ھەسەل 'سېتىشىپ بېرىۋاتقان' بوۋاقنى كۆرمىگەن بولاي، بوۋاق بىلەن قۇتىلىق ھەسەللەر بوشلۇق تالىشىدۇ، ئاپا يول بويى ئىتتىرىپ ماڭغاچ ساتىدۇ. بالىنىڭ دادىسى ھاياتمۇ-ئەمەسمۇ، نەلەردە يۈرىدۇ بىلمەيمەن، ئەيىپلەشكە تىلىم بارمايدۇ.
ساخاۋەت ئىگىلىرى ساخاۋەت ئوبىكتىغا يالغۇز ئانىلارنىمۇ تىزىپ قويىلى.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 19:45:54

يازغۇچىغا بىر تەكلىپ:

فوتو-سۈرەتلەرنى قىستۇرۇپ ئەسەر يېزىشنىڭ بىر خەتەرلىك يېرى بارمىكىن دەيمەن. سىز تەجرىبە ۋە تەسەۋۋۇرلىرىڭىز بىلەن بىر ئەسەر يازىسىز. سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق بىر كۆرۈنۈش، مەنزىرە، بىر تۇرمۇشنى يېزىپ(ياكى سىزىپ) چىقىسىز. يازغانلىرىڭىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا ئالاقىدار كۆرۈنۈش، مەنزىرە ياكى تۇرمۇشنى جانلاندۇرىشى مۇمكىن، ئوقۇرمەنلەرمۇ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشلىتىپ سىزنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە تەجرىبىڭىزنىڭ مەھسۇلى بولغان كۆرۈنۈشلەرنى خىيالىدا جانلاندۇرىدۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەرنى قىستۇرغاندا ھەممە نەرسە ئوقۇرمەننىڭ ئالدىدا مانا مەن، دەپ ئايان بولۇپ كېتىپ، ئۇلارغا تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالماسلىقى، قالسىمۇ بەك ئاز قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە فوتو-سۈرەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى يېزىقچىلىققا، تەسۋىرلەشكە زور بېسىم ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. بىر پارچە ياخشى تارتىلغان سۈرەتكە ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز، نورمال كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەر ھەممە نەرسىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلەيدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەرگىمۇ سۈرەت ھاجەتسىز، ھەرقانچە تەرەققىي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ تەسەۋۋۇرنى ئەينەن تارتىپ چىقىرىپ بېرەلەيدىغان فوتو-ئاپاراتى تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق، بۇ يازىدىغانلار ئۈچۈن چوڭ بىر تەسەللى.

مەن پەقەت ئويلىغىنىمنى دەپ باقتىم. سىزنى بۇنداق قىلماسلىققا كۈشكۈرتكىنىم ياكى ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلغىنىم ئەمەس. مۇنداقلا دەپ قويدۇم...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 20:58:44

بازادا بىرنەرسە ساتسىلا مۇھتاجلىقتا قالغان دەپ قالغىلىمۇ بولمايدىكەن. 15 يىلنىڭ ئالدىدا سەنئەت ئۆمەكنىڭ يېنىدا بىر يۈرۈش مايلامچى بالىلار بارتى. بىر كۈنى بىرسىگە ئاياغ مايلىتىپ گەپكە سالدىم، تۈنۈگۈن بىر پاكىستانلىق بىزگە 100 كويدىن پۇل تارقاتتى، ئۆزىچە بىزنى پۇل تاپالمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قاپتۇ دەپ گەپ قىپ بەرگەن. 10-11 ياشلاردا بار، بەك جانلىق بالىتىكەن، كەينىدە ئاپىسى پەخىرلىنىپ قاراپ تۇرىدۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 08:30:51

ئەسەرگە قىستۇرۇلغان رەسىملەرنىڭ ئەسەر بىرلە ساپلا مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىس قىلدىمغۇ؟ :)
بەت: [1]
: 2014- يىلىدىكى ھۆل قەغەز ساتىدىغان بالىلار