ئەرقال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر لېكسىيەسىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 12:01ئەرقال 2014- يىللىق ئاخىرقى مەيدان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر لېكسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى!
2014 –يىلى 12-ئاينىڭ 28- كۈنى ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىش كەچ سائەت 5:30 دا باشلىنىپ 10:30دا ئاخىرلاشتى.
1-باسقۇچ (لېكسىيە):
ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، لىدېرى قۇدرەت ياقۇپ ئەپەندى «ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى 10 ئاساسلىق سەۋەب ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
2-باسقۇچ (ئورتاقلىشىش):
لېكسىيەگە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە شۇغۇللانماقچى بولغان تۈرلەرنى تۇنۇشتۇردى ھەمدە ئۆزلىرىگە ھەمكارلاشقۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى تەكلىپ قىلدى.
3-باسقۇچ (پىكىر ئالماشتۇرۇش):
لېكسىيەگە قاتناشقۇچىلار يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي-مۈلۈك، تور سودىسى، ماشىنىسازلىق، گىرىم بويۇملىرى، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە تۈر ئىزدەش، ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەش، مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتلەردىكى لايىھەلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئارىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلارنىڭ چىقىشىغا تىلەكداشمەن. لىكسىيەگە قاتناشقانلار بولسا قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار سۆزلەپ باقمامسىلەر ئاڭلايلى .
ھەر بىر تۈرنىڭ ئۆزىگە خاس مەخپىيەتلىكى بولىدۇ ، مۇشۇ مەخپىيەتلىك مۇشۇ تۈرنىڭ ئۇتۇق قازنىشىدىكى ئاساسلىق ھالقا ، مەبلەغ كىرگۈزۈش ياكى ياردەمچى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش كېرەك . مەخپىيەتلىككە ياتىدىغان مۇھىم ھالقىنى ئېيتمىسا ئارتۇقچىلىق ئىپادىلەنمەي قالىدۇ ، ئېيتسا باشقىلار دوراپ قىلىۋىلىشى مۇمكىن .
ئۇندىن باشقا نورمال ئەھۋالدا بىر قارارلىق مەبلەغ بولسلا ئىشلار يۈرۈشۈپ كەتكەندەك قىلغان بىلەن كۈچلۈك رىقابەتچىگە ئۇچۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىش ، بولمىسا زەنجىر ئۈزۈلۈپ قېلىپ تاقىلىپ قالىدۇ .
يىغىنغا قاتناشقانلار كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتتىڭلارمۇ؟ يەتكەن ـ يەتمىگەن بولساڭلار قانداق تەكلىپ ـ پىكىرىڭلار بار سۆزلەپ باقساڭلار بىزمۇ ئورتاقلاشساق . ناۋادا قوشۇلساڭلار مۇشۇنداق لېكسىيەلەرنىڭ سىنلىق كۆرۈنۈشىنى بەھرلىگەن بولساڭلار. بىزدەك قاتنىشىش شارائىتى يوقلارغا مەلھەم بوپ قالغان بولاتتى. رەھمەت... alpbeg يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 13:13 static/image/common/back.gif
ناۋادا قوشۇلساڭلار مۇشۇنداق لېكسىيەلەرنىڭ سىنلىق كۆر ...
قوللايمەن بۇ مۇنبەردە بۇ قېتىملىق لېكىسيەگە قاتناشقان بىرىمۇ يوقمۇ نېمە؟ سىنلىق كۆرۈنۈشنى بىزمۇ بىر كۆرسەك بولاتتى لىكسىيە ئاددىرسى تاشقى سودا ئالىي مىسمانسارىيىدا ئىكەنتۇق..ئوقۇۋاتقان بولغاچقا ئىختىساتنى سەل تىجەي دەپ ئىككى يۈز يۈئەن تۈلەپ بېرىپ قاتنىشىشقا كۆزۈم قىيمىغانتى..
بولسا سىننى بىر يوللاپ قويساڭلار. بۇ سىن ئەرقالدىن باشقا ئادەمدە يوق . ئەرقال بۇ سىننى ئاشكارلىسا بۇندىن كىيىن 200كوي تۆلەپ لىكىسيە ئاڭلايدىغانلار ئازىيىپ كىتىدۇ . شۇڭا يەنىلا ئۆز تەسىراتىنى دادىل ئوتتۇرغا قويالايدىغان بىرسىنى ساقلايلى . ئەگەر ئۇنداق ئادەم چىقمىسا بۇندىن كىيىن ئەرقال ئۇيۇشتۇرغان لىكىسيەگە مەن ئىزدىنىشقا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ كىلىپ تىما ساتاي:lol بىزمۇ پۇل تۆلەپ ئىنكاس يازايلى، تېزراق شۇنداق قىلىڭە… ئۆز ئالدىغا كارخانچىلار كۆپ چىقماي، بىرلىشىدىغان، ھەمكارلىق ئورنىتىپ كۈچنى كۆپكە بۆلمەي بىر نىشانغا قارىتىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلار چىقسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەتراپىمىزدا شېركەت ئېچىۋاتقانلار كۆپ، ئەمما ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورناتقانلار ئاز. شۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ زىيالىلار قوشۇنىدا لېدىرلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى زۆرۆردەك. دېمەكچى بولغىنىم ھەممە لېكسىيەلەرنى توردا ھەقسىز تارقىتىش كېرەك دېمىدىم، ھازىرغىچە بولۇپ ئۆتۈلگەن لېكسىيەلەرنىڭ بىرەر قىسىمىنى بولسىمۇ ھەمبەھرلىگەن بولسا دېگەن ئۈمىدتە. قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارمۇ خېلى باركەن، نېمىدىگەن ياخشى...{:112:} Mewdudi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 14:59 static/image/common/back.gif
ئۆز ئالدىغا كارخانچىلار كۆپ چىقماي، بىرلىشىدىغان، ھەم ...
ئىشلەپ چىقىرىشتىمۇ بىرەر كىر ئالغۇ ئىشلىسىمۇ مۇۋەپپىقىيەت بۇلاتتى شۇنىڭدا... قۇدرەت ياقۇپنى قوللايمەن! ئوغۇل بالىنىڭ ئوغۇل بالىسى! ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:31 static/image/common/back.gif
ئىشلەپ چىقىرىشتىمۇ بىرەر كىر ئالغۇ ئىشلىسىمۇ مۇۋەپپى ...
ھەممىنى ئۆزۈم قىلسام بولىتتى دەيدىغانلار كۆپ . باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشسا ، شىرىكلەشسە خۇددى گۇناھ بولىدىغاندەك . بولمىسا ئىلىكتىر قىسمىنى بىرسى ، قاپ قىسمىنى بىرسى ، قۇراشتۇرۇشنى بىرسى ، تېخنىكا قىسمىنى بىرسى ئۈستىگە ئالسا بەك تەسكىمۇ توختىمايدۇ . شۇغۇنىسى ... bedir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 20:12 static/image/common/back.gif
ھەممىنى ئۆزۈم قىلسام بولىتتى دەيدىغانلار كۆپ . باشقىل ...
كىرئالغۇغا ھازىرقى پۇلدارلارنىڭ دەسمايىسى يىتىۋېرىدۇ. مادا ۋە توك يوللېرىنىمۇ نەچچە شىركەتتىن پۈتىدۇ. بىرلا شىركەتتە پۈتتۈرىدىغانلېرى بەك ئاز. مەسلەن ئالساق داڭلىق تۇڭلاتقۇلارغىمۇ كومپىسسورنى ئىتالىيدىن كىرگۈزىدۇ... ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 20:48 static/image/common/back.gif
كىرئالغۇغا ھازىرقى پۇلدارلارنىڭ دەسمايىسى يىتىۋېرىد ...
ئەگەر شۇنداق زاۋۇتلار قۇرۇلسا، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كەسىپ ئېگىلىرى ئارىمىزدىن چىقارمۇ؟ ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن ياشلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيۋاتىدۇ. Mewdudi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 23:31 static/image/common/back.gif
ئەگەر شۇنداق زاۋۇتلار قۇرۇلسا، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىق ...
ئۇنىڭدىن ھەسسىلەپ يۇقىرى تېخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا تېخنىكلار چىقىدۇ. كىر يۇيۇش ماشنىسى ئاددى نەرسە-ئۇ... ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تىز تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسسۇل دەۋرىدىن سانائەت دەۋرىگە يىتەكلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن. KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 08:03 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تىز تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ...
ئسىل ئىنكاس.:handshake
بەت:
[1]
2