kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:34:42

ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر

ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر
تېببىي ئالىملار ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولۇشنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارايدۇ :
ئاشقازان كېسىلى ئەرلەر ھاراق ، تاماكىغا ئامراق . يەنە تاماقنى تېز ھەم كۆپ يەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .
تېرە كېسىلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىشقا ، تېرىسىنى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ قارا پېگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى .
يۈرەك كېسىلى ئادەتتە ، ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاياللارغا قارىغاندا جىددىيرەك ، خىزمەت بېسىمىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاياللارغا قارىغاندا 7–10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، تاماكا ، ھاراققا چەك قويغاندىن باشقا ، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال ساقلىشى ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .
جىگەر كېسلى ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا ، ئاسانلا ھەر خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ . ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنە ھاراق ئىچىدۇ . جىگەر ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 60–80 گىرام ئىسپىرتنى پارچىلىيالايدۇ ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ .
تۈز ئۈچەي كېسىلى ئەرلەر ئادەتتە تەركىبىدە ياغ ۋە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ . ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، ياغ ۋە ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن . شۇڭا ، تۈز ئۈچەي راكى ۋە باشقا ئۈچەي كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم .
مەزى بېزى كېسىلى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ %60 ىدە مەزى بېزى كېسىلى بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرىنچىدىن ، ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتمەسلىك . ئىككىنچىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىش . ئۈچىنچىدىن ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك .

كۆكنۇر توردىن

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 12:24:41

ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە بولغان تەسىرى تىلغا ئېلىماپتۇ...

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 12:55:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sewirchan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 13:52

كۇن نۇرنىڭ پايدىسىنى نەزەردىن ساقىت قىپتۇ، مەن بىرەر ئۇيغۇر دىھقاننىڭ ئاپتاپتا بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ قارا پىگمىنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:48:31

ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئورىنى ئالمىشىپ باقمىسۇنمۇ...

ئەر كىشى كۈنىگە ئۈچ تۆت سائەت گېرىم ئۈستىلىدىن نىرى بارالماي ئالغان يىڭى ئايىقىغا قانداق رەڭلىك ئىشتان ئىلىش،قانداق پورىتمال ئىشلىتىش،چاچنى قانداق تاراش،يۈزگە چىقىپ قالغان بىرەر ئىككى تۈكنى چۈشۈرۋىتىش كىرەكمۇ ئۆستۈرۈش كىرەكمۇ.ئالغان ئىشتىنى ساغرىسىدا تولۇق جىلۋىلەندىمۇ ياكى بايراقتەك لەپىلدەۋاتامدۇ.ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ بۈگۈنكى تىرىدىكى تەسىرى قانداقراق.....

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 14:07:38

aypalta يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 12:24 static/image/common/back.gif
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە بولغان تەسىرى تىلغا ئېل ...

توغرا دەيسىز. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە بولغان تەسىرى ھەقىقەتەن بەك چوڭ . مىجەزى ياخشى مىھرىبان ئايالغا ئۆيلەنسەڭ ئۆمرۈڭ 10 يىل ئۇزىرىشى مۈمكىن ، مىجەزى ناچار ئايالغا ئۆيلەنسەڭ ئۆمرۈڭ 10 يىل قىسقىرىشى مۈمكىن . ئەرلەرگە كېلىۋاتقان بىسىم ھازىر ھەر قانداق بىر دەۋردىنمۇ ئېغىر بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئەرلىرىمىزگە كۈيۈنەيلى !

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 14:09:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sewirchan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 14:19

مەزى بېزى ياللۈغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قوشۇمچە چارىلەر دىيىلىپتۇ ئەمما مەزىبېزى ياللۇغىنىڭ ھەقىيقى ئالدىنىم ئالالايدىغان چارىنى بىلەلمەپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن (ئۆز جۈپتىدىن سىرىت)شەھۋەت قوزغىغۇچ ھەر قانداق ئامىلدىن ساقلىنىش كۇپايە قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قوزغاتقۇچ ئامىللار بىلەن تەكرار-تەكرار ۋە قەستەن ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزى مەزى بېزىنىڭ ھەقىيقى قاتىلى!
   

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 14:36:08

aypalta يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 12:24 static/image/common/back.gif
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە بولغان تەسىرى تىلغا ئېل ...

سىزنىڭباشقا يازمىلىرىڭىزنى كۇرگۇۇم بارتىنەدىن تاپقىلى بۇلار (2يىل بۇرۇنقىسى ). يانا ئۇچۇرسڭىز يانا يازىمەن ئالىپ ئەپەندى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 16:10:30

يۈرەك كېسىلى بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى دىگەندىن باشقىسىنىڭ تۈكى يوق گەپلەر ئىكەن.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 16:14:25

دونيادا پارنىڭ ئىجات قىلىنغاندىن تارتىپ ئەرلەرنىڭ ئىممۇنت كۈچى چىكىنىشكە باشلىدى دەپ بىر گەپ ئاڭلىغانتىم. بۇ گەپنىڭ ئىلمى ئاساسىنى بىلىدىغانلار بارمىدۇ؟

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 16:14:47

ھاراق تاماكا يەنە بىرنىمە دىگۈچە زىيادە ھېرىپ چارچاش، ئىلمى ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، ھەركەت ئاز بولۇش دەپ قوشۇپ قويسا بوپتىكەن.

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 18:50:45

ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ. ئىش قىلىپ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا بېسىمى ئېغىر. ئەمما، جەمئىيىتىمىزدا ئەرلىرىدىن نەتچە ھەسسە ئېغىر بېسىمنى كۆتۈرۈپ يۈرىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمىز. دېمەك زىيانلىق دەپ چەكلەنگەن ئىش ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرغىنىمىز ياخشى

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 19:20:38

ئەرلەر باش،بەل بىلەن پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 21:29:07

ھەي! ئەر كىشى بولماق تەس جۇمۇڭلار.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 21:33:58

«كۇرتلار ۋادىسى» دا ئارون فەللەر دېگەن تاقىر باشنىڭ بىر گېپى بولىدىغان، شۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى: سىلەر تۈركلەر يا ئاغزىڭلارنى باشقۇرالمايسىلەر، ياكى بولمىسا ئىشتان بېغىڭلارنى:lol
بەت: [1]
: ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان سەۋەبلەر