NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:25:49

30-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى



30-دىكابىر ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1186 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ.  تۈنۆگۈن گىرىتسىيەنىڭ سىياسى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئامرىكا دوللىرىنىڭ توختىماي ئۆسۈشى ھەمدە نىفىت باھاسىنىڭ قاتتىق چۈشۈپ 5 يىلدىن  بۇيانقى تۈۋەن باھانى ياراتتى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن 1179 ئەتراپىغا چۈشكەن ئىدى.

بۇ ھەپتىدە بازاردا تەۋرىنىش چوڭ ئەمەس، لېكىن يەنە بەزى ئىقتىسادى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، بۇلاردىن ئامرىكىنىڭ ئستىمالچىلارنىڭ ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشىلىنىۋاتقان، ناستاك كۆرسەتكۈچى ئۆسىۋاتقان ھەمدە نىفىت باھاسى چۈشۈۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاسىتدا، ئامرىكىنىڭ ئىستىمالچىلار ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى ياخشى چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئەگەر ئۇچۇر ياخشى چىقسا دوللار ئۆسۈپ ئالتۇن چۈشىدۇ.



ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  


تۈنۈگۈنكى تەھلىلدە 1190 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىش دىگەن تەھلىلدە زىيان كۆرۈلدى، لېكىن 1180 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىش تەھلىلدە پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل

1193 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1198،نىشان 1188~1183

1177 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زنيان 1172،نىشان 1183~1188

1207 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ،زىيان 1212،نىشان 1202~1197

1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ، زنيان 1155،نىشان 1165~1170



بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  237   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.23  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 30-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى