ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھايتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم
ما فىلىمنى ئىشلىگەن گۇيلاغا يامان ئىچىم كۆيدى، 10 يىللار بۇرۇنقى تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى ئەسلىتىپ قويدى، لېكىن 10 يىلدا يامان زور ئۆزگىرىش بولدىمۇ تاڭ، جىق ئىشلار ئۆزگىرىپ كەتكەندەك. قېنى كۆرۈپ بېقىپ بىر نېمە دەيلى...http://player.youku.com/player.php/sid/XODU3NDExNTY0/v.swf :lol ياقتۇردۇم مەن تېخى ھايتىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى تەسۋىرلەنگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن:lol dawanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:39 static/image/common/back.gif
مەن تېخى ھايتىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى تەسۋىرلەنگ ...
{:181:} dawanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:39 static/image/common/back.gif
مەن تېخى ھايتىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى تەسۋىرلەنگ ...
:lol :lol :lol ماۋۇ بالىلارنىڭ مۇھەببەت ئۇرۇنۇشلىرىنى كۈرۈپ راست گەپ قىلسام ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم ، ياخشى ئىشلىنىپتۇ . dawanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:39 static/image/common/back.gif
مەن تېخى ھايتىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى تەسۋىرلەنگ ...
:lol تەھرىرلاپ قوياي دېسەم كۈچۈم يەتمەيدىكەن، باشقۇرغۇچىلار بى تەھرىرلەپ قويساڭلاچۇ مەنمۇ كۆرىۋاتسام بالام يۈگرەپ كېرىپتۇ نىمە كۆرىۋاتىسەن دەپ ، ئۇمۇ ئاخرىنى كۆرۈپ بەك قىززىقكەن دەپ قايتىدىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتى. بەك تەبىئى ياخشى چىقىپتۇ.بالامغا« 15،16ياش دىگەن بۇرۇنلاردا پادىشاھ بولۇپ يۇرت سورايدىغان چاغ، ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىنمۇ بۇنچىلىك يېشىدا خېلى ئىشلارنى قىلغان...»دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ قويسام ھىجاراپ كەتتى. بىچارە بالىلىلارنى 6،8سائەت سىنىپقا سولىۋىلىپ ، تەقلىدى ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتايلا دەپ قالدى بۇ مائارىپىمىز. 106 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:06 static/image/common/back.gif
مەنمۇ كۆرىۋاتسام بالام يۈگرەپ كېرىپتۇ نىمە كۆرىۋاتىسە ...
سەنچۇ ئاپا ، 15 ياش ۋاقتىڭدا نېمە ئىشلارنى تەۋرەتكەن دېمىدىما؟{:181:} ھابابام سىنىپىدەك يۇمۇرلۇق چىقسقان بولسا ھە dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:29 static/image/common/back.gif
سەنچۇ ئاپا ، 15 ياش ۋاقتىڭدا نېمە ئىشلارنى تەۋرەتكەن د ...
تولا سۆزلەپ كەتكەن كونا ھىكايىلەر ئۇ. ئاخشاممۇ بىر قۇر سۆزلەپ كەتتىم. 15ياش چېغىمدا ھازىرقىدەكلا ئالدىراش ئىدى. ئاپام بىر ئۆينى بېشىمغا كەيگۈزۈپ قويغانتى، مەكتەپتىن قايتىپ ئۇدۇل سەي بازىرىغا باراتتىم. ئۆيگە كېلىپ تاماق ئېتەتتىم. مەزناخۇنۇمنىڭ سەللىسىدىنمۇ ئىگىز لەغمەن پىلتىسىنى سوزۇپ تۈگەتكۈچە كېچە بولاتتى. خانىش ئاپام ئىشتىن قايتىپ كېلىپ تاماقنى يەپ بولۇپ «قاچىنى يۈيۋىتىڭ-ھە»دەپ قويۇپ ، سىڭلىمنى يىتىلەپ خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كىتەتتى. مەن ھەممىنى تەق قىلىپ بولۇپ، لەغمەن سوزغان جوزىنى پاكىز سۈرتۈپ دەرس تەكرار قىلاتتىم. ئاپام بىر چاغدا چىقىپ « ئوتلارنى كۆمدىڭىزمۇ ، سۇ توڭلاردا سۇ لىقمۇ؟ كېچىدە قالايدىغان كۆمۈرلەرنى ئەپچىقىپ قويدىڭىزمۇ ؟ ئىككى ئۆينىڭ ئورۇنلىرىنى سېلىپ قويدىڭىزمۇ »دەپ بۇيرۇق سوقاتتى. مەن «ھەئە» دەپ ئاران ئۈلگۈرەتتىم. ................................................................
لېكىن ھازىرقى بالىلار بۇنىڭ بىرسىنىمۇ قىلمايدۇ. بالامنىڭ ھورۇنلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى- يېڭى ئاماللارنى ئويلاپ چىقىمەن. مەسىلەن ئايىقىنى يېشىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ ، گىلەم -پىلەملىنى دەسسەپ چەيلىگىلى تۇرغانغا خېلى بولدى . مەن يېشىپ قوياي دىسەم سەت تۇرىدۇ ھې ھې، شۇنىڭ بىلەن 华瑞 گە بېرىپ يوغان پالازدىن بىرسى سىتىۋىلىپ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە سېلىپ قويدۇم. ياخشى ئىشلەپتۇ. فىلىم بەك نوچى چىقىپتۇ . . . .
ئانايۇرت سىتودىيەسى دىگەن قايسى شىركەت بولۇپ كەتتى ئەمدى ؟
ئەگەر مۇشۇ بالىلار ئۆزى ئىشلىگەن بولسا بالىلاردا ئۇمۇت بار.
خۇدا ياشلارنى پاناھىڭدا ساقلىغايسەن . 106 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:06 static/image/common/back.gif
مەنمۇ كۆرىۋاتسام بالام يۈگرەپ كېرىپتۇ نىمە كۆرىۋاتىسە ...
راس دەيسىز ! قاچانمۇ تۈزىلە بۇ ئىشلا ، بىر - ئەۋلات ، بىر -ئەۋلاتتىن قۇربانلىققا ئايلىنىپ كىتىپ بارىدۇ بالىلا:funk: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oqmeas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 10:22
ئوقۇغۇچى كاللىسىغا خىش يەپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قالسا ،10مىڭ كوينى مەن تۆلەي ، ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلمايلى دېگەن گالۋاڭ مۇئەللىمنىڭ ئوبرازىنى قايسى گالۋاڭ ياراتقاندۇ، دېمەكچى ئاشۇ كۆرۈنۈشنى قانداق ساراڭ تاپقاندۇ دەيمەن. خىش بىلەن ئۇرغان بالىچۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەمدۇ. يەنە بىرسى تولۇق ئوتتۇرىدا بىر كۈندە 10سائەت دەرس تۇرسا سىنىپتا ئولتۇرغان بالا باغچىغا بېرىپ ئۇسۇل ئويناپ يەنە ئەتىگەنلىك دەرسكە قانداق ئۈلگۈرۈپ كېلىدىغاندۇ؟قىش ۋاقتى ئەمەس ياز ۋاقتىدىمۇ كۈن تېخى تولۇق چىقىپ بولالماستا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك تەشكىللىك پائالىيىتى باشلىنىپ بولىدىغان تۇرسا مېنىڭچە ئاتا-ئانىلار ۋە جەمىيەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالى مەكتەپكە قانچە ئوقۇغۇچى ئۆتكەنلىكى بىلەن باھالىمايدىغان بولغاندا ئاندىن تولۇق ئوتتۇرا سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلاردىكىدەك «ئاتالمىش:ئۆزگىرەيدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oqmeas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 10:22
قايتىلىنىپ كەتكەن ئىنكاس تەھرىرلەندى oqmeas يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 10:18 static/image/common/back.gif
ئوقۇغۇچى كاللىسىغا خىش يەپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قا ...
جەنۇپ تەرەپلەردە تولۇق ئوتتۇرىدا ئادەتتە 8 سائەت دەرىس ئوقۇلىدۇ. ياز ۋاقتىدا ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە قىلمايدىغان ئىش بولسا خېلى ۋاقىت چىقىدۇ. ھەۋەس بىلەن كۆرگەن، ساتارىم دېگەن ناخشا بەك ياراپ كىتىپ ھازىرمۇ شۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ ئىنكاس يېزىۋاتىمەن. بۇ مىكروفىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخسىنى ساقلىۋالغان بولساقچۇ ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن خىلى راۋرۇس ياخشى چىقىپتۇ {:112:}
بەت:
[1]
2