huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:24:23

دادا بولۇشنىڭمۇ ۋاختى بار

دادا بولۇشنىڭمۇ  ۋاختى بار



توي قىلىشتىكى ئىنكار قىلىشقا ئەسلا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەخسەتنىڭ بىرى بالىلىق بولۇش-ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈندۈر.بىز نىكاھتىكى بۇ بۇرچقا سەمىمىيلىك بىلەن يۈز تۇتىشىمىز ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ئاسىيلىقنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز كىرەك.دۇنيادا ئارىمىزدا بالىنى يۈك،بوپا ئورنىدا كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قاچىدىغان،تۇغۇشنى خالىمايدىغان ئاياللارمۇ يوق ئەمەس.ۋاھالەنكى،ئاشۇ تەنتەكلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنى يۈك،بوپا،پوق-سۈيدۈك كۆرمەي تۇغۇپ،تەربىيلەپ قاتارغا قاتقىنىنى ئەگەر ئاتا-ئانىسىمۇ بالىلىق بولۇشنى غەم كۆپەيتىش قاتارىدا كۆرگەن بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەركە،ھارامزادە،پوچى ھالىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇشىدۇ.سىزنىڭ تۇغۇلىشىڭىز يۈك بولمىغان ئىكەن ،سىزنىڭ تۇغۇشىڭىزمۇ بەرھەقكى جاپا،قۇربانلىق ئەمەس.بەلكى،ئەرنىڭ بالا تىپىش ئىقتىدارىنىڭ ،ئايالنىڭ تۇغۇش تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئەزەلىي مۇتلەقتە بەخشەندە قىلىۋىتىلگەن تۇغما ئىقتىدارىنىڭ ئۆز يولىدا لايىقىدا جارى بولىشىدىن ئىبارەت.


بۇرادەر،تويدىن كىيىنلا ئايالىڭىز بىلەن سەمىمى ھالدا مەسلەھەتلىشىپ،ئەھۋالىڭىزغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشىڭىز بالىلىق بولۇش-دادا بولۇشتۇر.ئەمما دادا بولۇشنىڭمۇ ۋاختى سائىتى بار.بۇنىڭغا سەل قارىماڭ.


ئايالىڭىز بىلەن ئىككىڭىزنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراڭ.توينى قىلىپلا ئارقىدىن بالىلىق بولۇۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ.ھىچكىم ئاجرىشىپ كىتىمەن بالىنى يىتىم قىلىمەن دەپ توي قىلمايدۇ.ئەمما نىكاھتىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىشى بەندىگە قاراڭغۇ،غايىبنى بىلىش بىر ئاللاغا خاستۇر.شۇڭا تويدىن كىيىن بىر مەزگىل ئايالىڭىزنىڭ مىجەزى،تۇرمۇش ئادىتى،ئۆي تۇتۇش ماھارىتى ۋە ئۆز كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشتىكى تىرىشچانلىقى،سىزگە بولغان پوزىتسىيىسى،ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى....قاتارلىقلارنى ئەستايدىل ئويلىنىپ ئۇزاق كەلگۈسىگە بىر-بىرىڭلارغا ھەمجور بولۇپ بىرىشقا كۆزىڭىز يەتسە ،ئاندىن بالىلىق بولۇشنىڭ كويىغا كىرىڭ.بولمىسا ئالدى-كەينىنى ئويلىمايلا بالىلىق بولۇپ قويۇپ ،كىيىن ئۇنى يىتىم قىلىپ قويسىڭىز بىچارە پەرزەنىتلەرنىڭ بىغۇبار دىلىغا مەڭگۈ ساقايماس يارا سىلىپ قويىسىز.


يىشىڭىزنى ئويلىشىڭ.نۇرغۇن كىشى ياشلىقىدا ئىشلەپ،پۇل تىپىپ ئىگىلىك تىكلىۋالغۇلۇق،تىخى قىرىپ قالمىغاندىن كىيىن بالىلىق بولۇشقا ئالدىرىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمىلىيەتتە مۇتۇخەسسىسلەر ئەر-ئايالنىڭ25ياشقىچە بولغان مەزگىلدىكى بەدەن ھالىتى ،روھى ھالىتىنىڭ بالىلىق بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ ۋە بۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تىنى تىخمۇ ساغلام ،ئەقلى قۇۋىتى تىخىمۇ كۈچلۈك،ئىنكاسى تىز چوڭ بولىدۇ،دەپ قارايدۇ.25ياشتىن ھالقىغان ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بالىنىڭ  تەن ساپاسى ،ئەقلى قۇۋىتى،ئىنكاسى ياش پەرقىگە قاراپ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ،دەپ قارايدۇ.شۇڭا ياشلىقتىكى جۇشقۇن ،قىزغىن،ھاياتى كۈچكە ھىسىياتقا تولغان ۋۇجۇدىڭىزدىن ئەۋلاتلىرىڭىزغا بىر تامچە ئايرىشنى ئاتىلىق مەسئۇلىيەت دەپ بىلىڭ ھەم بالا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتنى  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.ئوتاق بىر كۆيۈم نوقتىسى ئائىلىدىكى ئەرزىمەس ،قۇرۇق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان نىزانى پەسەيتىدۇ.


ئائىلە ئىخدىزادىڭىزغىمۇ سەل قارىماڭ. بالا ئۆز رىسقى بىلەن تۇغۇلىدۇ،دەيدىغان گەپ بار.ئەمما ئائىلە ئىخدىزادىڭلار ھەقىقەتەن ناچار ،بىر بالىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمىغۇدەك بولسا،ۋاختىنچە توختاپ تۇرساڭلارمۇ ھىچقىسى يوق.ئەمما ئاي، يىللىق تىپىشى بىرنەچچەيۈز يۈئەنگىمۇ بارمايدىغان نامرات دىھقانمۇ بالىلىق بولۇپ ئەۋلات تىرىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ،ئىخدىزادى ھالنى بالىلىق بولۇشنى چەتكە قىقىشنىڭ مۇھىم ئامىلى قىلىۋىلىشقىمۇ بولمايدۇ.ئەگەر نامرات بولسىڭىز،بالىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ تىخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيسىز.

بەلكم ئايالىڭىزنىڭ ئەركىن قول سىلىپ مىڭىۋالغۇسى باردۇ؟ئۆزىگە يۈك كۆپەيتىشنى خالىمايدىغاندۇ؟تىخى ۋاختى ئەمەس دەپ قارايدىغاندۇ؟ياكى كۆڭلىدە نامەلۇم جىن باردۇر؟(ئاجرىشىش ياكى باشقىچە ناشايان قىلىق دىگەندەك)ئۇنى بالىلىق بولۇشقا كۆندۈرۈڭ.بارلىق بەدنىيەتلەر بەلكىم بالىلىق بولۇش بىلەن يوقاپ كىتىشىمۇ،ئارىدىكى نىزا،چۈشىنىشمەسلىك ،كىلىشمەسلىكلەر بىسىقىپ قىلىشىمۇ مۈمكىن.


مەنبە:نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101تەكلىپ دىگەن كىتاۋى.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:22:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 09:29  

      ئىنسانىيەتنىڭ تۈپكى مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشىدىغان ياخشى ھەم سەرخىل كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى ناھايتى كۆپەيگىنى ياخشى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە يېتىلىپ تەربىيىلەنگەن ئەۋلاتلارنىڭمۇ ياخشى بوپ چىقىشى ئېھتىمالى زور.
      زىمىندا ھايۋانلارچە ياشايدىغان، زىمىننى پىتنە ۋە بۇزغۇنچىلىققا تولدۇرۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بالايى ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان  ھايۋانسىمان ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجەللىك ئىللىتى بولغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىماسلىقلىرى نەتىجىسىدە نەسلى داۋاملاشماي زىمىن يۈزىدىن يوقالغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە تەربىيەلەنگەن ئەۋلاتلارمۇ بۇزۇق ئىنسانلاردىن بولۇپ يېتىلىشى ئېھتىمالى چوڭ.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:00:18

دۇنياغا كېلىدىغان بالا ھامان كەلگۈسى.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:18:50

باش ئاخىرى زىدىيەتلىك گەپلەرمۇ نىمە، بېشىدا كىچىكىپ بالىلىق بۇلۇڭ دەپتۇ، ئاخىرىدا 25 ياشتىن بۇرۇن بالىلىق بۇلۇڭ دەپتۇ.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:24:07

كەلگۈسنىڭ ئىز باسارلىرىنىڭ قانداقىراق بىر ئېتىقاد بىلەن ياشىشى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ھاياتتا تۇتقان يولىغا زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بالىلىق بولۇشتىنمۇ مۇھىمراقى ئۇلارنى تەربىيلىگۈدەك ساپانى ھازىرلىشىمىز كېرەككەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:45:14

ئۆيلەپ قويساق ئوڭشىلار -دەپ بالىسىنى ئۆيلەپ قويىدۇ، بەك ئاددى، بالا ئىككى ئارىدا قالغان.

نىكاھنىڭ كۈچى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كېتىپ بارغان چاغدا  ئائىلىنى قوغداشقا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق باھانە تاپمىساق بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:58:50

15يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلغان بىر تەرەپلىمە ماقالىكەنغۇ بۇ؟باش ئاخىرى بىر- بىرىگە زىت ئىكەن. بالىلىق بولىمەن دەپ بالىلىق بولىدىغان، قالغان چاغدا بىر ئامالىنى قىلدىغان ،بالىنى ياخشى ئاي ياخشى كۈنلەرگە توغرىلاپ تۇغىدىغان بىزنىڭ ئادىتىمىز ئەمەس.قىز- يىگىت توي قىلىش يېشىغا يەتتىمۇ بولدى توي قىلدى. بالىنى خۇدايىم قاچان بەرسە شۇ چاغدا تۇغىدۇ.خوتۇننىڭ خۇي -پەيلىگە قاراپ بېقىش، پۇل بارمۇ- يوق ساقلاپ بېقىش دىگەن نىمە گەپ.
مۇشۇ يېشىمغۇچە توي قىلىپ تۇغۇلماي دەرت-ھەسرات چېكىپ يۈرگەنلەرنى كۆرسەم كۆردۈمكى، لېكىن بوي بەستىم بۇزۇلۇپ كېتىدۇ يەنە بىر يەرىم بىرقانداق بولۇپ كېتىدۇ دەپ تۇغماي ئولتۇرۋالغانلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. چۈنكى مۇسۇلمان ئەرلىرى خوتۇننى تىزىپ قويغىلى ئالمايدۇ-دە.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 16:18:20

مەن بۇ يىل 28 ياش.خۇتۇن 33 ياش.قانداق قىلىمەن ئەمدى،كۆڭۈل چۈشۈپتىكەن.ئەمما بەدەندە ئىنىق بىر چوڭ كىسەل يوق،بىراق ئۇششاق كىسەلدىن نىرى ئەمەس.توي قىلغىلى ئۈچ يىلدىن ئاشتى.ئوقۇشقا ئەۋەتىپ كادىر قىلىپ قۇيدۇق.تاپقان پۇل ئۇنىڭ تۈگمەس كىسىلى بىلەن ئۇنىڭ ئۇچىسىغا كىيدىغان كىيىمىگە ئۇلىشىپ بولالمايۋاتىدۇ.قىينى ئاتا ئانىسىنى يا دادام ئاپام دىمىگەن،ئۆز قەدىمى بىلەن باراي دىمىگە،ئۆزىنىڭ ئۈيىدە ئىش چىقسا(يېزا مۇھىتى)مىنى ئىلىۋالمىسا ،مىنى قاراشتۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمىغان.سەل ئاچچىقىم كەپ قالدى .سىرىتتىن قارىسا يۇۋاش،خىزمەتتە خەقتىن ئازراق گەپ ئاڭلىۋالسا يىغىسىنى ئىقىتىپ خەققە ئىككى ئىغىز گەپ تىپىپ بىرەلمىگىنى بىلەن،ئۆيدە ئەرگە زۇڭتۇڭ. مىنىڭ چوڭ ئۆيۈمگە زورلاپ ئاپارمىسا بارمايدۇ.ئۈچ يىلدىن بىرى قىينى ئاتامنىڭ ئۈيىدە ئىتىز ئىشى بىلەن خىزمەتنى تەڭ قىلىۋاتىمەن.بىر نىمە دەي دىسە ئەھۋال شۇنداق.ئاچچىق كىپ قالغاندا بىرەر يىرىم ئۇرۇپ قۇياي دىسە تاياق كۆتۈرمەيدۇ.كۆڭۈل ئاياپ ھاردىم.بىر تەرەپ قىلىپلا ۋىتەي دەپمۇ قالىمەن بەزىدە...
تۇرمۇش ئىشىنى دەپ يۈردىغان ئىش ئەمەستى،دەپ سالدىم.

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 19:39:04

ھايات كەچۈرۈش ئۇنچىۋالا مۇرەككەپمۇ ئەمەس. ئەمما، بىز ئويلىغاندەكمۇ ئەمەس...

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 21:15:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 21:20  

تۇرمۇش ئىشىنى دەپ يۈردىغان ئىش ئەمەستى،دەپ سالدىم.
جاھان رەنالىرى ئىچىدە بىلىمدەك بىر گۇزەل يار يۆق .  
قىممەتلىك بۇ ھاياتلىقنى ئەقلى يۆق دۆت خۆتۇن خەقلەر  بىلەن جىدەللىشىپ ئىېتىشىپ ئىسىراپ قىلىۋەتكەندىن نىمە قىلساڭ  قانداق قىلساڭ قىلە مانا دەپ تاشلاپلام بېرىپ  شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ  بۇ ھاياتلىقتا زۇرۇر بولغان بىلىلملەرنى ئىگەللەپ بىلىمنى يار تۇتۇپ راۋرۇس ياشاپ ئۆتكەن مىڭ ئەۋزەل

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 07:29:38

خوتۇنسىز ياشىغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 13:21:44

گۈزەللەر بەزىدە بار، بەزىدە يوق- دەپتىكەن، ئەر كىشىگە سادىق ھەمرا بولىدىغىنى ئۇنىڭ كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيىتى، قىلغان ياخشىلىقلىرى ۋە پەرزەنتلىرى. ' كۆيۈپ-پىشىش دىگەن قىزلارنىڭ ئىشى، ئەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى تاللاش' دەپتىكەن كونىلار :lol، ئەر-ئايال، ئاتا-بالا مۇھەببىتىنى زىيادە تەكىتلەش پۇت-قولنى چۈشەپ قويسا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئوغۇللارنى قۇتقۇزۋالايلى {:92:}
بەت: [1]
: دادا بولۇشنىڭمۇ ۋاختى بار