huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:18:45

ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى

ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى

ئامېرىكىدىكى «مەملىكەتلىك 100 ياشلىق كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش تۈرى» ناملىق پايدا ئالمايدىغان شىركەتنى قۇرغان، 100 ياشلىق ئۆمۈر چولپانلىرىغا تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ياشانغانلارنى خورلاشقا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مۇتەخەسسىس لىنئېن پېتتىراس ئادلېر يېقىندا نەشر قىلدۇرغان «100 ياشلىق كشىلەر قانداق قىلغاندا كەسىپ ۋە تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ؟» كىتابىدا 100 ياشتىن ئاشقان 500 ئادەمنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئۆمۈر چولپانلىرىدىكى يەتتە ئورتاق ئالاھىدىلىكنى يەكۈنلىدى.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ قىممەت يارىتىش. ئارىزونالىق تېرو فورايىچ ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك سەنئەتكار، ئۇ يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولدى. تېخى يېقىندىلا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ يېڭى سەنئەت ئۇسلۇبىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى «توختاۋسىز يېڭىلىق يارىتىش پوزىتسىيەسى». زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 100 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئاكتىپ ۋە ئەمىلى ياشاش پوزىتسىيەسىدە بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ ھايات تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
تاماقنى ئاز يېيىش. 100 ياشتىن ئاشقان بۇ كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىلىدىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھازىرقى كىشىلەر ئادەتلەنگەن ئېنىرگىيەسى يۇقىرى تائاملارنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدۇ، يەنە ئاز تاماق يېيىش ئادىتىنى باشتىن ئاخىرى داۋام قىلىپ كەلگەن. 107 ياشلىق رىلان كوكس ھەرخىل مەزىلىك يېمەكلىكلەرنى تېتىپ بېقىشقا ئامراق، ئەمما ھەر خىلىدىن پەقەت بىر كاپامدىنلا يەپ قويىدۇ، شۇڭا ھازىرمۇ بەدەن ساپاسى شۇنچىلىك ياخشى.
ياشانغاندا يېڭىچە ھەرىكەت تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش. بەدەننىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىشقا بولمايدۇ. 101 ياشلىق لوبىس كوربېد مۇنداق دېدى: «مەن ھەركۈنى سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن 30 مىنۇت بەدەن سوزۇش ھەركىتى ئىشلەيمەن، ئاندىن بىر يېرىم كىلومېتىر پىيادە ماڭىمەن، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم توپ ئوينايمەن». 100 ياشتىن ئاشقان نۇرغۇن ئادەم ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەنە شۇنداق ساقلاپ قالغان، ياشانغاندىن كېيىنمۇ يېڭى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆگەنگەن، ھەتتا ئۇلار ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشانغانلار تۈرىگە قاتنىشىدىغان دائىملىق ماھىرى بولۇپ قالغان. 102 ياشلىق جونىس مىتان 70 يېشىدىن باشلاپ گولف توپ ئويناشقا كىرىشكەن،ئۇ ھازىر ھەر يىلى پىكاپىنى ئۆزى ھەيدەپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن گولف توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، 100 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تېخى ئالتۇن مېدال ئالغان.
تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ئالاھىدە يۈكسەك. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 100 ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشقا بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچنىڭ ئۇلارنىڭ شۇ چاغقىچە ياشىيالىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى، بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا تېگىشلىك قىممەت ياراتقانلىق ۋە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 109 ياشلىق روبىرىنا ماكلاند تېخى يېقىندىلا چاقماق سوقىۋەتكەن ئۆيىنى قايتىلاپ تېخىمۇ ياخشى سالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئاشۇ ئۆزىنى قىيىن كۈندە قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدىغانلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ياشايمىز»
ئەزەلدىن ئۆزىگە ئۆزى ئاۋارىچىلىق تاپمايدۇ. 109 ياشلىق خېلىل ئادىل مۇنداق دېدى: «بۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرەلىشىمدىكى سەۋەب ئىنتايىن ئاددى، ئۇ بولسىمۇ ئەزەلدىن ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئاۋارىچىلىق تاپماسلىق». 100 ياشتىن ھالقىغان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ مەيدانى ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئۇلاردا ئورتاق مۇنداق بىر ئىدىيە بار: «پەقەت توغرا ئىشنى قىلىپ، ۋىجدانىمىزغا يۈر كەلگۈدەك ياشايمىز».
جەمەتىدە ئورنى يۈكسەك، چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر. مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ داۋاملىق خۇشال ياشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، ئۇلار بۇندا جەمەتتە يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، ئورۇنلۇق گەپ-سۆزلىرى بىلەن ھەممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋاپادار، ھەتتا ئۇلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە روناق تېپىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىدۇ.
سۈپەتلىك گېن. قانداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارىسىدا باغلىنىش بار، ئەمما گېنمۇ ئۆمۈرگە ھالىقىلىق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. 100 ياشقا كىرگەن ئاندى ۋىندى مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا-ئانامنىڭ گېنى ياخشى بولغاچقا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تۈرتكە بولغان». دېمىسىمۇ تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش گېنى بارلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى دەلىللەپ بولغان.
گەرچە تۇرمۇش مۇساپىسى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تولغان بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئۆمۈر چولپانلىرىغا ئورتاق بولغان ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىك مۇنداق: «100 ياشقىچە ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ». خۇددى تاغقا چىققانغا ئوخشاش ئادەم ھايات ياشىغانىكەن، چوقۇم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئىنتىلىشى كېرەك، پەقەت كۆزلىگەن چوققىغا چىققاندىلا، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەقىقي يوسۇندا ئۇرغۇيدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:59:54

   بۇ ھاياتتا ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ياشاشنى ئىستەيدىغانلار ئۈچۈن ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولغىنى ياخشى، چۈنكى كۆپرەك ياخشىلىق قىلىۋالىدۇ.
   قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى زۇلۇمغا گىرىپتار قىلىپ ، ئاجىزلارنى زار قاخشاتقانلار ئۈچۈن ئۆمۈرىنىڭ قىسقا بولغىنى ئىككىلىي تەرەپكە پايدىلىق،چۈنكى مەزلۇم تەرەپ ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
   

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:53:47

ئاچچىقلانماسلىق مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مومكىن

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:14:08

كەڭ قۇرساقلىق، ئۆزىنى قەدىرلەش، دائىم ئاكتىپ بولغان روھى ھالەتتە بۇلۇشمۇ ئۆمۇرنى ئۇزارتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:59:15

راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپلا كەتمىسىڭىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مۇمكىنچىلىكىڭىز بار
بەت: [1]
: ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى