altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 19:59:43

ئەڭ داڭلىق نادىر كىتابلار سېتىلىدۇ

بىر دوستۇم كىتاب يىغىپ ساقلاشقا بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. يېقىندا ئۇ كىتابلىرىنى رەتلەش جەريانىدا بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تەكرار بولۇپ قالغىنىنى بايقاپ، بىر قىسىم كىتابلارنى 2015-يىللىق ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش يىلى ھوزۇرىغا سۇنۇش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ دوستۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كۆرۈرمىنى بولسىمۇ، ئەمما ئەزاسى ئەمەس ئىكەن. شۇڭا مەن بۇ تېمىنى ۋاكالىتەن يوللىدىم. قارىسام، بۇ كىتابلار بىر بىرىدىن ئېسىل كىتابلار ئىكەن. ئىزدىنىشلىقلارنىڭ بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

***********************************************************

كىتاب نامى: كەلىلە ۋە دېمنە
ئاپتۇرى: ئوبۇلھەسەن ئابدۇللامۇقەففا
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1984-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 200.00 يۈەن

كىتاب نامى: فائۇست (ئىككى كىتاب)
ئاپتۇرى: گىيوتى
مۇقاۋىسى: قاتتىق
نەشىرى:1986-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 500.00 يۈەن

كىتاب نامى: يۈز يىل غېرىپلىق
ئاپتۇرى: گارسىيا ماركوز
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1989-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 300.00يۈەن

كىتاب نامى: بوۋارى خانىم
ئاپتۇرى: فلوبېر
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1985-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 150.00 يۈەن

كىتاب نامى: غازاڭ پەسىلى
ئاپتۇرى:تاللانغان دۇنياۋى داڭلىق پوۋستلاردىن ئۇچرىشىش (مىخائىل نۇئەيمە)، غازاڭ پەسلى (س.باروزبىن)، بوۋاي ۋە دېڭىز (ئېرنېست ھېمىڭۋاي)، جاڭ تۆمۈرچىنىڭ رومانتىك تارىخى (جاڭ يىگۇڭ)، يىگانە ئادەم (ئالبېرت كامۇس)، ھالاكەتكە يۈزلىنىش (سالىھ مارش) قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1985-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 150.00 يۈەن

كىتاب نامى: ھارۇن رەشىدنىڭ سىڭلىسى
ئاپتۇرى: جۇرجى زەيدان
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:2000-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 100 يۈەن

كىتاب نامى: پارىس مەكتۇپلىرى
ئاپتۇرى: مۇنتېسكىيۇ
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1985-يىل 1-نەشىرى، 1999-يىل 2-بېسىلىشى
باھاسى: 120.00 يۈەن

كىتاب نامى: نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە
ئاپتۇرى: لېئونىد سولويوۋ
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1989-يىل 1-نەشىرى، 1999-يىل 2-بېسىلىشى
باھاسى: 150.00 يۈەن

كىتاب نامى: سەھرايى كەبىردىكى ئاجايىپ ئىشلار
ئاپتۇرى: سەنماۋ
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1990-يىل 1-نەشىرى، 1997-يىل 2-بېسىلىشى
باھاسى: 100.00يۈەن

ھومېر ئەسەرلىرى
كىتاب نامى: ئىليادا
ئاپتۇرى: ھومېر
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1983-يىل 1-نەشىرى

كىتاب نامى: ئودىسسا
ئاپتۇرى: ھومېر
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1988-يىل 1-نەشىرى
بۇ ئىككى كىتاب 300.00 يۈەن

كىتاب نامى: ئون كۈنلۈك سۆھبەت (ئىككى كىتاب)
ئاپتۇرى: ژوۋاننې بوككاچچو
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1992-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 150.00 يۈەن

كىتاب نامى: ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن (ئىككى قىسىم)
ئاپتۇرى: مارگارېت مىچېل
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1997-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 150.00 يۈەن

كىتاب نامى: دونكىخوت (ئىككى كىتاب)
ئاپتۇرى: سېرۋانتېس
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1982-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 200.00 يۈەن

نەجىپ مەھبۇز ئەسەرلىرى
كىتاب نامى: ئۈچ كوچا تىرىلوگىيىسى (ئۈچ قىسىم)
ئاپتۇرى: نەجىپ مەھبۇز
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1992-يىل 1-نەشىرى

كىتاب نامى: خۇدالىق ئالەم
ئاپتۇرى: نەجىپ مەھبۇز
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1998-يىل 1-نەشىرى

كىتاب نامى: يېڭى قاھىرە
ئاپتۇرى: نەجىپ مەھپۇز
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1998-يىل 1-نەشىرى

كىتاب نامى:سادات زوڭتۇڭ قەستكە ئۇچرىغان كۈنلەردە
ئاپتۇرى: نەجىپ مەھپۇز
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:2000-يىل 1-نەشىرى
نەجىپ مەھبۇز ئەسەلىرى ئومۇمى باھاسى: 380.00 يۈەن

كىتاب نامى: ئىسكەندەرنامە (ئۈچ كىتاب)
ئاپتۇرى: سەيىد مەھدى ھەمدانى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1998-يىل 1-نەشىرى، 2006-يىل 2-بېسىلىشى
باھاسى: 200.00

كىتاب نامى: سىرلىق ئارال (ئۈچ كىتاب)
ئاپتۇرى: ژۇلى ۋېرن
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1984-يىل 1-نەشىرى، 1999-يىل 2-بېسىلىشى
باھاسى: 150.00

كىتاب نامى: بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز
ئاپتۇرى: قۇربان ۋەلى
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:1986-يىل 1-نەشىرى
باھاسى: 150.00

كىتاب نامى: ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى
ئاپتۇرى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:2000-يىل 1-نەشىرى

كىتاب نامى: ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا
ئاپتۇرى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
مۇقاۋىسى: يۇمشاق
نەشىرى:2005-يىل 1-نەشىرى
بۇ ئىككى كىتابنىڭ باھاسى: 300.00 يۈەن

يۇقارقى كىتابلار قانۇنلۇق نەشىرىياتلاردا نەشىر قىلىنغان، سۈپەتلىك، پاكىزە ساقلانغان كىتابلار بولۇپ، سېتىۋالماقچى بولغان دوستىلار مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يېزىپ مەن بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ، ياكى تۆۋەندىكى مۇڭداشقۇ (كىيۇ كىيۇ)نى قېتىۋىلىپ ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ.
كىتابلارغا باھا قويۇشتا رايۇنىمىز كىتابخانلىرىدا قويۇلغان باھا ئاساسىدا ئاز تولا تۆۋەنلىتىپ تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولساممۇ، ئەمما تورداشلارنىڭ قىياسىدىن ئانچە-مۇنچە پەرقلىنىشى مۇمكىن.
ناۋادا يۇقارقى كىتابلارنىڭ ھەممىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئايرىم كېڭەشسەك بولىدۇ.
مۇڭداشقۇ نومۇرى: 337351767

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:25:13

بەزى كىتابلارھازىرمۇ كىتابخانلاردا تاپقىلى بولدىغان كىتابلاركەن ۋە بەزىللىرىنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ ئېلكىتابى بار.كىتابلارنىڭ باھاسى ھەددىدىن زىيادە قىممەت بۇلۇپ كىتىپتۇ.ئىككى كىتابنىڭ پۇلىغا گوگىلنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان ئۈسكىنىسىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئېلكىتاب چۇشۇرۇپ ئوقۇسىمۇ نەچچە مىڭ پارچە كىتاب پاتىدۇ، ئوخشاشلا كىتاب ئوقۇش يىلىدا مەقسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ،

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:50:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 09:52

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
ئالدى بىلەن سىزنىڭ قىممەتلىك كىتابلارنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، بىر مەزگىللەردە بۇ كىتابلارنى شۇنداق ئىزدىگەن ئېدىم. «يېگانە ئادەم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارلىقىنى ئاڭلىغان چېغىمدا 200 سوم بولسمۇ ئالىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن تەلىيمگە ئەرزان ئۇچراپ قالدى.كىتابلىرىڭىز ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدىغان كىتابلاركەن، لېكىن باھاسىنى بەك ئۆرە قويۇۋاپسىز. بۇ كىتابنى ئىزدىگەنلەر چوقۇم قەدىرلەپ ئوقۇيدىغانلار، شۇڭا باھاسىنى تەڭشەپ باقسىڭىز دىگەن ئۈمىدتىمەن.

ئاۋۇ غازاڭ پەسلىدىكى كامۇنىڭ «يىگانە ئادەم»دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ بېقىش ئىستىكىدە شۇنداق ئىزدەپ ئاخىرى لوپنورى دىگەن كىتاب ساتىدىغان توردىشىمىزدىن 30 سومغا ئاپتىمەن. 10 كۈنلۈك سۆھبەتنى 100 گە. پارس مەكتۈپلىرى بىلەن فائۇسىت ئىككىسىنى قوشۇپ 100 سومغان. بوۋارى خانىمنى 30 سومغا.دونكىخوتنى 150 كە ئالغان ئىدىم.
«دونكىخوت»،« غېرىبانە يۈز يىل»، «ئەنسىز يىللاردىكى نازنىن »(پەرۋاز )،« نەسىرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە»، «كەلىلە ۋە دېمىنە» نى ھەرقايسى كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ.

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:55:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 09:57

ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلى يازغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
«ئىلىيادا» بىلەن «ئودىسسا» ئىككىسىنى مۇۋاپىق باھادا بەرسىڭىز سېتىۋالاي.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:06:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 10:07

ئۇيغۇرچىمۇ يە؟


ئارتۇق بوپ كەتمىگەندۇ ....


ئەنسىز يىللاردائەنسىزلكتىن يىراق تۇراي دىگەنسىزھەقچان....

كىتاپ ساتىدىغانلار يامان جېقلاپ كەتتى شۇنى دەيمە ...


سەل پەل راسگە قىپ سالدىممۇ نىمە....


يۇقارقى گەپنىڭ ھەمىسى تىما ئىگىسىگە ئەمەسكىتاب ئىگىسىگە قارتىلىپ يېزىلغان

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:08:40

كۆپىنچە كىتابلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق ئىكەن. لېكىن «فائۇسىت»، «ئىسكەندەرنامە-ئۈچ قىسىم»، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، « ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا» دېگەن كىتابلار بەك قىممەت بولۇپ قاپتۇ. «فائۇسىت» 150.00 يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە قىممەت ھېسابلىنىدۇ. «ئىسكەندەرنامە-ئۈچ قىسىم» بۇ كىتابنى 120.00 يۈەنگە تاپقىلى بولىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىككى كىتابىنىڭ تۇنجى نەشرىنىمۇ 150.00 يۈەنگە تاپقىلى بولىدۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:09:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-30 10:10

يا ئەمدى دەيمە... كىتابىنى قەدىرلەش ،قەدرنى قىلىش ،نۆۋىتىكەلسە كىتابىنى ئالتۇنغا تىگىشىش ( بىر گىرام ئالتۇنمۇ ئالتۇن ، ھى ھى ...)،بۇ ياخشى خىسلەت ، ياخشى يۈزلىنىشبۇلىۋاتىدۇ ....


ئەمما بۇنىڭدىن پايدىلنىپ ، كىتاپ ھايانكەشچىسى بۇلۇپ قالمايلى دەيمە ...


كەچۈرۈڭلا....

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:09:58

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 10:06 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچىمۇ يە؟




كىتاب ساتىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى ياخشى ئىش، لېكىن كىتابلار بەك قىممەت بولۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس!

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:10:01

مەندىمۇ كونا رازۋىتكا ھېكايىسىدىن يەتتە مېنۇتلۇق كېچە دېگەن كىتاپ بار، نەچچە باھا قويسام بولار؟ كېتاپ ئوقۇش يىلى دەپ كېتاپپۇرۇشلار بىزنى دەي دەيگە سېلىپ قويۇپ كىتاپلىرىنى گۆشتىنمۇ قىممەت قىلىپ ساتقىلى تۇردىمۇ نېمە؟

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:16:03

perwazqil يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 08:25 static/image/common/back.gif
بەزى كىتابلارھازىرمۇ كىتابخانلاردا تاپقىلى بولدىغان ...

توغرا دەيسىز، مېنىڭچە گوگۇلنىڭ ئېلكىتاب ئوقۇغۇچىنى سېتىۋىلىشمۇ بىھاجەت. كومپيۇتېرىڭىزغا PDF ئوقۇيدىغان يۇمشاق دېتالدىن بىرنىلا قاچىلىسىڭىز، نۇرغۇن كىتابلارنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايسىز!
ئاۋۇ گېپىڭىزگە مۇنداق جاۋاب بېرىمەن: بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كىتابخانىدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ نەشىر ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، نەشىر سۈپىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ساقلاش قىممىتى باركەن دەپ قارىغان بولسىڭىز كىتاب ئىگىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، پۈتۈشسىڭىز بولىدۇ.ئېلكىتاب ئوقۇپمۇ كىتاب ئوقۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق كۆپ ئېلكىتاب ئوقۇشنىڭ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان تەسىرىنى چەتكە قاققىلىمۇ بولماس. يەنە كېلىپ بۇ كىتابلار ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.
كىتاب ئىگىىسىنىڭ مۇڭداشقۇ نومۇرى: 337351767

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:17:37

nirvana يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 09:50 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
ئالدى بىلەن سىزنىڭ قىممەتلىك كىتا ...

ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت! پىكىرىڭىزنى كىتاب ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ قويىمەن!

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:18:19

nirvana يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 09:55 static/image/common/back.gif
ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلى يازغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
«ئىل ...

كىتاب ئىگىسى بىلەن ئايرىم پىكىرلەشكەيسىز!
مۇڭداشقۇ نومۇرى: 337351767

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:24:40

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 10:09 static/image/common/back.gif
يا ئەمدى دەيمە... كىتابىنى قەدىرلەش ،قەدرنى قىلىش ،نۆ ...

ئارتۇقچە ئەنسىرەۋاتقاندەك قىلىسىز! بۇ يەردە ھايانكەشلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس! بۇ پەقەت ئاۋۇ كىتابلارنىڭ سېتىۋىلىش تەننەرقىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. دوستۇم بۇ كىتابلارغا مۇۋاپىق باھا قويۇش ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ، كىتابخانىلاردا قويۇلغان باھادىن سەل تۆۋەنرەك باھا قويۇپتۇ.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:27:07

xirhan0999 يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 10:10 static/image/common/back.gif
مەندىمۇ كونا رازۋىتكا ھېكايىسىدىن يەتتە مېنۇتلۇق كېچە ...

كىتابنىڭ گۆشتىن ئەرزانلىرىمۇ بار. مەن سىزنىڭ بۇ خىل سېلىشتۇرۇشىڭىزدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدىم. گۆشنىڭمۇ قىممەتلىرى بار، ئەرزانلىرى بار. گەپ سىزنىڭ قانداق گۆش ئىستىمال قىلىشىڭىزدا.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:30:25

{:101:}

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:01:39

نەجىپ مەھپۇز ئەسەرلىرى ، ھومىر داستانلىرى، قوش شەھەر خاتىرىسى سېتىلىپ بولدى:lol

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:10:59

nirvana يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 13:01 static/image/common/back.gif
نەجىپ مەھپۇز ئەسەرلىرى ، ھومىر داستانلىرى، قوش شەھەر خ ...

سىز چاققان كېلىۋاپسىز دە بۇ سودىدا:)

bedir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:18:38

ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەرنىغۇ كۆرمىدىم مەن :o

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 14:21:10

bedir يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 13:18 static/image/common/back.gif
ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەرنىغۇ كۆرمىدىم مەن

ھەر كىمنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
بەت: [1]
: ئەڭ داڭلىق نادىر كىتابلار سېتىلىدۇ