ugwolf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:44:50

گىپىدە تۇرالمىغان ئىنتىرنىت «چوڭلىرى»(بىرىنجى قىسىم)

گىپىدە تۇرالمىغان ئىنتىرنىت «چوڭاملىرى»
.گۈرۈچفون(شياۋمى):بىز ھەرگىزمۇ تۆۋەن باھالىق يانفۇن ياسىمايمىز
2012-يىلى 4-ئايدا سياۋمى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈن ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدابىرنەچچە كۈن بۇرۇن توردا شياۋمى 899 يۈەنلىك ئەرزان پۇللۇق يانفۇن ياسىماقچى دىگەن گەپ تارقىلىپتۇ،بۇنىڭ ھەممىسى ئۆسەك سۆزلەر ،شياۋمى ھەرگىزمۇ تۆۋەن باھالىق يانفۇن ياسىمايدۇ ،بىز پەقەت يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفۇنلا ياسايمىز ،دېدى
بىراق ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپلا شياۋمى شىركىتى 799 يۈەنلىك قىزىل گۈرۈچ يانفۇنىنى بازارغا سالدى.


2.سۇنىڭ شىركىتى:تور سودىسى بىزنىڭ ئاساسلىق يۆلىنىشىمىز ئەمەس ئەمەلىي دۇكاننى ئاساس قىلىمىز.
2010يىلى 3-ئايدا سۇنىڭ شىركىتىنىڭ باش لېدىرى جاڭ جىندۇڭ :تورسودىسى سودا ساھەسنىڭ ئاساسىي لىنىيىسىگە توغرا كەلمەيدۇ،تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى يوق ،سۇنىڭ تورسودىسىغا كىرمەيدۇ دەپ جار سالدى.
بىراق بۇ زات ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپلا  شىركەتكە ئۆزىنىڭ شەخسىي پاي ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇپ تۆت مىليارددىن ئارتۇق پۇل بىلەن سۇنىڭنى ئېلىكترونلۇق سودا ساھەسىگە باشلاپ كىردى.


3.جىڭدۇڭ تورى:بىز ھەرگىز كىتاب ساتمايمىز
2010-يىلى 2-ئايدا جىڭدۇڭنىڭ باش لېدىرى مۇنداق دەپ جار سالدى:جىڭدۇڭ تورى بەش يىلغىچە كىتاب ۋە ئۈن-سىن ساھەسىگە قول تىقمايدۇ.
بىراق بۇ زاتمۇ گىپىدە تۇرماي ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندە كىتاب ۋە ئۈن-سىن ساھەسىگە قول تىقتى،ھەمدە شۇيىلى پۈتۈن جۇڭگونى مۇشۇ ساھەدىكى پارچە سېتىش ئۇمۇمىي مىقدارىنىڭ 16.5%نى ئىگەللىدى.



4. 360 گۇرۇھى:بىز ھەرگىز ۋىروسخور ياسىمايمىز
2007-يىلى 7-ئايدا 360گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز ھەرگىز ۋروسخور ياسىمايمىز،بىخەتەرلىك قاراۋۇلى پەقەتلا ۋىروسخورنىڭ تۇلۇقما قىسمى.
بىراق بۇ زاتمۇ گىپىدە ئۇزۇن تۇرالمىدى،ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ زاتمۇ ۋىروسخور ياساپ ھەقسىز تارقىتىپ پۈتۈن جۇڭگونىڭ بازىرىنى ئىگەللەپ بولدى.

تاۋارىم تورى يازمىسى
http://www.tawarim.com/
كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:25:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 08:44  

     پۇلنى دەپ گېپىدە تۇرمايدىغانلار  يالغۇز بۇ ساھەدىلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن ساھەلەردە باش كۆتۈرگىلى نەۋاق.  ئەگەر بىز ھەر قانداق بىر قەۋمنىڭ تارىخىي ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق گېپىدە تۇرۇشتەك خىسلەتنىڭ ھەممە قەۋمدە دىگۈدەك بارلىقىنى ياكى شۇنداق خىسلەتنىڭ ياخشىلىق سانىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھالبۇكى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ پۇلنى مەركەز قىلغان ئەخلاق قارىشى ئالدىدا گېپىدە تۇرۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلشتەك ئىشلار پاخال بولماقتا. (يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ئۇنداق يامان دىگىنىم ئەمەس)

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:35:10

مۇشۇ چوڭاملىنىڭ دىگەن گەپلىرىنىڭ مەنبەسىنى بىر كۆرسەك دەيمەن .مەسلەن ،مەن شىياۋمى شىركىتىنىڭ لىدىرى لىيجۈننىڭ  ئاندا گەپ قىلغىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم تورلاردىن،مىنىڭ ئىسىمدە كىلىشىچە ئۇلار بىز ھەرگىز تۆۋەن سەپلىمىلىك تىلفۇن چىقامايمىز دىگەندەك يادىمدا ،

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:39:43

مەن بۇ ئىشلارنى خۇددى ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەكلا ھېس قىلدىمغۇ؟{:92:}

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:41:04

       خاتا ياكى زىيانلىق بىر ئىشنى قىلىشقا ۋەدە بېرىپ بولۇپ ئاندىن گېپىدىن يېنىشنى ۋەدىسىدە تۇرماسلىق دەپ ئەيىپلەشكە بولمايدىكەن، ئەكىسچە بۇ ياخشى ئىشكەن.  ئەمما  پايدىلىق بىر ئىشنى قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەندىن كىيىن(خۇددى يۇقۇرقى شىركەتلەردەك) ئۇ ئىشنىڭ پايدىسىنى كىيىن بىلىپ يېتىپ گېپىدىن يېنىۋالسا ، ئەگەر شۇ قىلمىشى سەۋەپلىك باشقىلار زىيان تارتىدىغان قىلمىش بولمىسىلا ئۇمۇ خاتا بولمىغىدەك.(شەخسىي كۆز قارىشىم)

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:17:22

تاكتىكا دەپ چۈشەندىم ....

ئۇرۇش توختۇتۇش كىلشمى ئىمزالاپ بىر كىچىدىلا ئۇرۇش قىغاندەكلا  ...


مۇنداق بىرنىمە  قىلمە  ، ياسايمە  دەپ قويسا  رىقابەتچىلەرمۇ تەييار تۇرۇتۇ...

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:30:22

ئامرىكا شېركەتلىرى چىدىماي قاپتۇدە:lol:lol

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:26:23

پەقەتلا بىر سودا تاكتىكىسى خالاس :lol

484848 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:27:53

metro يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:17:06

گەپ تاپقانلىققۇ بۇ، شىياۋمى دەپتىغۇ تۆۋەن سەپلىمىلىك ئەرزان تېلفون ياسىمايمىز دەپ. ئۇنىڭ ياسىغىنى ھەقىقەتەت يۇقىرى سەپلىمە. گىپىدە تۇرۇپتىغۇ ، بۇلار مۇشۇنداق بىرەر گەپتىكى ئاجىز ھالقىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ ئاساسى مەزمۇن بىلەن كارى يوق مۇشۇنداق دىتى يوق يەرلىرى بىلەنلا قالىدىغان خەققۇ زادى :o:o:o

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:43:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 13:45  

دىمەك......بىرلا قائىدە بار..

يەنى ئەركىشىنىڭ ئەر كىشىسىلا ئالدى كەينىگە يانالايدۇ.

قۇچقارمۇ يىنىپ يىنىپ ئۈسسۈيدۇ.مەن مۇشۇ قائىدىگە قايىل.گىپىدە تۇرمايدۇ دىگەننى خۇتۇن كىشى دەپ قۇيىدۇ.لىكىن ھەممە ئۆز مەنپىئەتلىرى ئالدىدا ھىچكىم ..بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىقتىساد مۇھىم دەۋىردە ھىچكىم سىيىت نۇچى بولۇشنى خالىمايدۇ.قۇم باسقان شەھەرلەردە بۇ بىر ئەنئەنە سۆزى،يەنى گىپىدە تۇرمىغاننى ئەركىشى دىمەيمىز.بىراق ....

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:29:29

نۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە شىياۋمى 5 يانفۇنى 2999 يۈەن چىقىدىكەن.  ئىلىرىكىدىن 1000 يۈەن ئۆرلەپتۇ .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:36:20

پىلاننى ئۆزگەرتىپتۇ، گىپىدە تۇرۇش تۇرماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،
بەت: [1]
: گىپىدە تۇرالمىغان ئىنتىرنىت «چوڭلىرى»(بىرىنجى قىسىم)