خوندا CRV بىلەن مىتسۇبىشى پاجىرونىڭ قايسىسى ياخشى؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بايا تەپسىلى تىما يىزىپ يوللىسام بۇنداق تىما بار دەپ يوللانماي ھەممىنى يوق قىلدى.
مىنىڭ بىر خىزمەتدىشىم ئائىلگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئالماقچىكەن، ھەممە ماشىنلارنى كۆرۈپ چىقىپ ئاخرى ئۆزى مۆلچەرلىگەن باھا دائىرسى ئىچىدە خوندا س ر ۋ بىلەن مىتسۇبىشى پاجىرونى تاللاپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قىينىلىپ قاپتۇ. مەندىن سورىغان ئىدى، مەنمۇ ماشىنلارنى تۈزۈك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، شۇڭا ئىزدىنىشتا ماشىنا ھەۋەسكارلىرى كۆپ دەپ ئويلاپ سىلەردىن مەسلىھەت سوراپ تۇرۇپتىمەن.
مەن تۇرۋاتقان بۇ دۆلەتتە ماي سۇدىن ئەزان، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ساراڭدەك ھەيدەيدىغان شوپۇرلار جىقراق. شۇڭا ماشىنىنىڭ چوڭى بەكرەك ئالقىشقا ئىرىشىدۇ ھەم بىخەتەر بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. شۇنداقلا بەزىدە چۆللەرگە كىردىغان، دىڭىز بويى، قۇملۇقلارغا بىرىپ قالىدىغان ۋاقىتلار بولىدىكەن. خوندا س ر ۋ پۇختا، ھەم چىرايلىق ئىشلەنگەنكەن، شەھەرگە بەكرەك ماس كىلدىكەن، ھەم چۆللەردىمۇ يامان ئەمەس ماڭالايدىكەن، بىراق قۇملۇققا چىقالمايدىكەن ھەم قۇۋىتىمۇ سەل ئاجىزراق ئوخشايدۇ. مىتسۇبىشى پاجىرو دالىغا بەكرەك ماس كىلىدىكەن، شەھەردىمۇ ئوبدان ماڭىدىكەن، قۇۋىتىمۇ ياخشىكەن، بىراق سىرىتقى كۆرنۈشى قوپالراق، دەۋىرنىڭ كەينىدە قالغانراق بىلىندىكەن ھەم س ر ۋ دەك راھەت ئەمەسكەن. ئىككىلى ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ياخشىكەن، باھاسىىمۇ جىق پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن.
شۇڭا شەھەر ئىچىدىلا ماڭىدىغان ئادەمگە س ر ۋ بولغۇدەك، بىراق ئانچە مۇنچە قۇملۇقلارغا بىرىپ قالىدىغان بولسا س ر ۋ قىينىلىپ قالىدىكەن. پاجىرو بۇ تەلەپلەرگە يەتكەن بىلەن ئادەمگە راھەت تۇيغۇ بەرمەيدىكەن. شۇڭا مۇشۇ ئىككى ماشىنىنى ئىشلىتىپ باققانلار بولسا بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار، بۇ ئىككىسىنىڭ چىدامچانلىقى، قايتا سىتىلىشى دىگەندەكلەر قانداقراق بىر ھەيدەپ باققان شوپۇرلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقاي.
خوندا س ر ۋ :
http://product.cheshi.com/bseries_213/
مىتسۇبىشى پاجىرو:
http://product.cheshi.com/bseries_189/
ئىككىسىنىڭ خەنزۇچە تورلاردىكى سىلىشتۇرمىسى :
http://price.pcauto.com.cn/choose_serial.jsp?sid=631,334
جۇڭگودا مىتسۇبىشى پاجېرو خوندا س ر ۋ دىن ئاز دىگەندىمۇ 10 تۈمەن يۈەن قىممەت. ھەم بۇ ئىككى ماشىنا بىر دەرىجىدىكى ماشىنا ئەمەس. ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 17:48 static/image/common/back.gif
جۇڭگودا مىتسۇبىشى پاجېرو خوندا س ر ۋ دىن ئاز دىگەندىمۇ ...
توغرا دەيسىز، بۇ ئىككىسى بىر دەرجىدىكى ماشىنا ئەمەس، بىرسى 7 كىشىلىك چوڭ SUV (دالا ماشىنىسى دەمدۇق؟)، بىرسى 5 كىشىلىك كىچىپ تىپتىكى SUV. ئىككىسىنىڭ ماتورىنى سىلىشتۇرغىنى بولمايدۇ، بىراق مىنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم باشقا ئالاھىدىلىكرى، راھەت دەرجىسى، يول مىڭىشى، چىدامچانلىقى.. دىگەندەكلەر.
ئۇندىن باشقا بۇ دۆلەتتە پاجىرونىڭ 2015نىڭ 3.5 لىتىرلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تىپى س ر ۋ 2014نىڭ ئەڭ يۇقىرى تىپىدىن ئەزانكەن. شۇڭا تاللاش تەسرەك بولۇپتۇ.
ئىككىلىسىنى ئوخشاش دەپ چۈشىنىمەن. CRV نى سەل تېزراق ھەيدىسە لەيلىگەندەك بولۇپ قالىدۇ. بىخەتەرلىكى پاجىرودىن ناچار. ئەمما ئىچى راھەت. ئەمما مەن شەخسەن CRVنى ياخشى كۆرىمەن. مىنىڭچە خوندا مىتسۇبىشىدەك پۇختا ئەمەسمىكىن دەيمەنغۇ . ماي سۇدىن ئەزان يەردە بولغاندىكىن مىتسۇبىشى ئېلىپ مىنسۇنمىكىن .{:90:}
خوندا ئاز يەيدۇ ئەمما بوشراق ماڭىدۇ ، جېنىمۇ مىتسۇبىشىغا سېلىشتۇرغاندا سەل ئاجىزراق . مىتسۇبىشى بولسا ناننى جىق يەپ ئىشنى جىق قىلغان ئادەمگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دوستىڭىز دۆڭگە چىقىدىغان ئوخشايدۇ ئەڭ ياخشىسى پاجىرونى ئېلىۋەرسۇنمىكىن .
ھە راست ئۇ دوستىڭىز ئەرەپ تەرەپنىڭ بىرەرسىدىمۇ {:92:} مۇنداقلا سوراپ قويدۇم ھە :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 18:28
مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى گوروھىنىڭ ماشىنىسىغا گەپ كەتمەيدۇ، مىتسۇبىشى خوندادىن كۆپ ياخشى، جۇڭگودىمۇ قاتاردىكىدەك ئەرزان بولغان بولسا :lol بىزنىڭ ئۆيگىمۇ بىرىنچى بولۇپ مىتسۇبىشى ئالاتتۇق، ئەمما جۇڭگودا خېلىلا قىممەت مىتسۇبىشى، شۇڭا نىسسان ھەيدەپ يۈرىۋاتىمىز نەچچە يىلدىن بېرى:(، شەخسەن مەن مىتسۇبىشىغا ئامراق. ماي سۇدىن ئەرزان بولغان دۆلەتتە ھەيدەيدىغان بولغاندىكىن چوقۇم ھەممە يوللىرىغا قارا ماي ياتقۇزۇلغان دىگەن گەپ، شۇڭا يەر شارىمىز ئاتموسفىراسىنى كامراق بۇلغايدىغىنى قايسى بولسا شۇنى ئالسا بولارمۇ...
دەريادا تاھارەت ئالغاندىمۇ سۇنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز كېرەك بولغان يەردە ئەلۋەتتە يېقىلغۇنى تىجىشىمىز تېخىمۇ لازىمدۇر. ماي باھاسى ئەرزان بولسا مىتسوبىشىنى ئىلىپ ھەيدىگەن ياخشى .ماينى ئايىماي دەسسەپ تىك قۇمتاققا سىلىپ ...........
پىچان قۇملۇقىغا ھەر يىلى شۇنداق كۆپ ماشنىلار كىلىدۇ لىكىن س ر ۋ نىڭ قۇمغا چىققىنىنى مەن كۆرمۇدۇم ياكى مەن كۆرمىگەندە چىقامدۇ . بىر ئىشنى سوراپ باقسام سىز تەرەپتىكى ھەقىقى ياپۇننىڭمۇ ياكى شۇ دۆلەتتە ياسالغىنىمۇ؟
ھەي قۇملۇققا چىقسا نوچىسى لېكساس بىلەن تويوتا لەند كرۈيزىر ئىدى ئەسلى………
ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى دېگەندە ،ئىككى ماشنىغا لىق ئادەم چىقىپ سوقۇشۇپ كەتسە ، خوندادىكىلەر ھەممىسى كاردىن چىقىشى مۇمكىن، سەنلىڭدىكىلەر يارلانسىمۇ……………
سەنلىڭ ئات، خوندا ئېشەك،تويوتا قېچىر ErkinQush يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 22:04 static/image/common/back.gif
ھەي قۇملۇققا چىقسا نوچىسى لېكساس بىلەن تويوتا لەند كرۈ ...
مانا ئىنكاس دىگەن..................... 4500 ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇمدا تۈز يولدا ماڭغاندەكلا راھەت ماڭىدۇ،تۈزيولدا ئۇچقاندەكلا ماڭىدۇ {:101:} http://bbs.uycar.com/forum.php
ماشىنا ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى تويوتانىڭ شۇ پاجېرۇغا ماس تىپىنى ئالسا بولىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تويوتادا بار ھەم ئىككىلىسىنىڭ ئاجىزلىقى تويوتادا تۈگىتىلگەن. ErkinQush يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 20:04 static/image/common/back.gif
ھەي قۇملۇققا چىقسا نوچىسى لېكساس بىلەن تويوتا لەند كرۈ ...
لېكساس بىلەن تويوتا لەند كرۈيزىر ھىچقايسىسى بۇرۇن چىققان jeep دەپ بەلەن چىقمايدۇ. تويوتا لەند كرۈيزىرنىڭ بۇرۇن چىققانلىرى بولسا قۇملۇقتا ئۇچىدۇ زادى، لكساسنى زادى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 20:50 static/image/common/back.gif
4500 ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇمدا تۈز ي ...
زادى ماشىنىدەك ماشىنىدە بۇ 4500، ھەي ماي بىر چۈشسە بىر ھەيدەپ پۇخادىن چىقسام ماي ئەرزان بولسا پاجىرو نى ئالغان ياخشى Tugrul يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 22:49:52 static/image/common/back.gif
زادى ماشىنىدەك ماشىنىدە بۇ 4500، ھەي ماي بىر چۈشسە بىر ھ
ساشىر بىزنىڭ بۇيەرلەردە 5.1 كويغا چۈشتى ماي باھاسى