uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:18:25

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-29

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.9 دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1203.46    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى1170.78 دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1196.1      دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى  90.07 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى   1197.6   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

  ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى 2% يۇقىرى ئۆرلەپ 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلگە چىققان ، ئالتۇن ئاساسى يۈزدە پايدىسىز ئامىل ئىلگىرىكىدەكلا ئۆزگەرمىگەن ، ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشى كېيىنكى بازاردا داۋاملىشالامدۇ ياكى داۋاملىشالمامدۇ دېگەن گۇمان ئوتتۇرىغا قويماقتا . بازار روژدېستۋو بايرىمى دەم ئېلىش كۈنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ھەرقايسى مۇھىم بازارلار نورمال ھالەتكە ئۆتتى ، بىراق يېڭى يىلنىڭ كېلىشى بىلەن بازار سودا ھالىتى يەنە سۇس بولىشى مۇمكىن . لېكىن بازارنىڭ سۇس بولىشى ئالتۇن باھاسىدا چوڭ تەۋرىنىش كۆرۈلمەيدۇ دەپ قاراشقا بولمايدۇ . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە ئەمەلىي پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، بۇندىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گرېتسىيە ئۇيۇشتۇرغان 3 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى ، ئەگەر بېلەت تاشلاش ئوڭۇشلۇق بولمىسا ياۋرو  تۆۋەنلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ئامېرىكا داللاس سودا پائالىيەت كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1192-1197.6    دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ  1200 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1192-1190   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

2. ياۋرۇپا  بازىرىدا  1188 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە 1188-1190  دوللار ئەتىراپىدىن  ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1198-1200  دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

3. ئالتۇننىڭ باھاسى 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرمىغىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى ئىچىلمايدۇ ، ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش بوشلۇقى چەكىلىك ئەمما ياۋرۇپا - ئامىرىكا بازىرىدا چۈشۈشنى ئاساس قىلىپ يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىش ۋە تۆۋەن باھادىن ئۆرلەشكە ئىلىش مۇۋاپىق .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1210 1200
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1188 1190

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1185-1205
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1170
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1185

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

       بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 90.00 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1195 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، خەلق پۇلدا گىرامى 238.18 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى جۇڭگو مەركىزى بانكا كەڭ سىياسىتى ئۇچۇرىنى تارقاتقانلىقى ۋە يېڭى يىللىق ئالتۇن ماددىي بۇيۇم ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى 2% يۇقىرى ئۆرلەپ 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلگە چىققان .  بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە ئەمەلىي پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ناچار چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، بۇندىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گرېتسىيە ئۇيۇشتۇرغان 3 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى ، ئەگەر بېلەت تاشلاش ئوڭۇشلۇق بولمىسا ياۋرو  تۆۋەنلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ئامېرىكا داللاس سودا پائالىيەت كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .


ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى  238.18 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى  گىرامى 3.22 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





2015 - يىلىدا ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىدىغان چوڭ نۇقتا

        2014 - يىلى يىل بېشىدا ،  ئۆز ۋاقتىدا ھېچكىم نېفىت باھاسىنى 54 دوللارغا چۈشۈپ قالىدۇ دەپ مۆلچەرلىمىگەن ،ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىمۇ چۈشىدۇ دەپ مۆلچەرلىمىگەن . 2015 - يىلىدا ئالتۇن كۈمۈشكە مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىدىغان چوڭ نۇقتا تۆۋەندىكىچە : رۇسىيە ئوكرائىنا ۋەزىيىتى ، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتى ، نۆۋەتتىكى  ياۋرۇپا مەركىزى بانكا (ECB) ۋە ياپونىيە مەركىزى بانكا (BOJ) قاتارلىقلار كەڭ سىياسەت  سالمىقىنى توختىماي چوڭايتىشى ، ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ نەق مال ئالتۇن ئېھتىياجى ، مەركىزى بانكىلارنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى ۋە سېتىپ چىقىرىشى ، پۇل پاخاللىشىش ۋە پۇل قىسلىقى قاتارلىقلار .





تەھلىلچىلەرنىڭ 2015 - يىلىدىكى ئالتۇن باھاسىغا بولغان كۆز قارىشى

      شېڭ باۋ بانكىسى (Saxo Bank) نىڭ تاۋار تاكتىكا ئۇستازى Ole Hansen مۆلچەرچە 2015 - يىلى يىل ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسى 1250 دوللار ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن .
      گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) نىڭ قارىشىچە 2015 يىلى يىل بېشى ئالتۇن باھاسى يەنىلا ئاجىز بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ، بىراق كېيىنكى يېرىم يىلدا يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن .
      رۈيشىن گۇرۇھى (Credit Suisse Group) نىڭ قارىشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى كېلەر يىللىق ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
      سىتى تەتقىقات ئاپپاراتى (Citi Research) مۆلچەرلىگەندە كېلەر يىلى ئالتۇننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 1220 دوللار بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن .





2015 - يىل ئالتۇن بازىرىنى بەلگىلەيدىغان 6 چوڭ ئىش

بىرىنچى چوڭ ئىش: ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ قوشۇلما ئۆسۈمنى يولغا قويۇشى . ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەسىلە چىقىشىغا ئەگىشىپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ قوشۇلما ئۆسۈمنى يولغا قويۇشى يىقىنلاپ كەلدى . بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى بۇرۇن دېگەندە 2015 يىلى 4 ئايدا ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2015 يىلنىڭ 3 - پەسلىدىن  قوشۇلما ئۆسۈمنى يولغا قويىدۇ.
ئىككىنچى چوڭ ئىش: ياۋروپاچە QEئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشى. يىل بېشىدىن تارتىپ يىل ئوتتۇرىغىچە بولغان 3 قېتىملىق ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشتىن، كەينى - كەينىدىن ئىككى قېتىملىق پۇل مۇئامىلغىچە ، ياۋرۇ مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم پىرسەنتى گورىزونتال
ھالەتتە 0.25% تۆۋەنلىدى . يەنە 2000 مىليون ياۋرۇ TLTRO پۇل مۇئامىلە دائىرىسىدە ئۈنۈملۈك ھالدا ياۋروپانىڭ پۇل قىسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىدى، شۇنىڭ بىلەن 2015 يىل ياۋروپاچە ئېقىمىنىڭ پەيدا بولدى.
ئۈچىنچى چوڭ ئىش: مەركىزى بانكىنىڭ " ئالتۇن سىېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنىڭ " يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە چىقىشى . ئوكرانىيىدىكى تالاش تارتىش ، ئىراقنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئەگىشىپ ، ھەر قايسى مەركىزى بانكىلارنىڭ نەزەرنى ئالتۇنغا قاراتتى.
تۆتىنچى چوڭ ئىش: ياپۇنيەنىڭ"ئېكسپورت قىلىش كرىزىس" ئالتۇنى ياساشتا خەۋپتىن ساقلىنىش ئارىلى . يېقىنقى كۈنلەردە ، ياپۇنينىڭ كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئۈچىنچى پەسىلدە ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى - 1.6% ، ئىككىنچى پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى -7.3% ،ئۇدا ئىككى پەسىل مەنپىي قىممەتلىك ئېشىشى قارىغاندا ، ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى تېخنىكىلىق چېكىنىش باسقۇچىغا كىرىپ قالدى.
بەشىنچى چوڭ ئىش: جۇڭگوچە " كەڭ" ياكى ھەقىقى ئالتۇن ئېھتىياجىنى خەۋپىتىن ساقلاش سىياسىتى . 2014 يىلى 11 ئاي ، جۇڭگۇ مەركىزى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى 0-0.25% تۆۋەنلىتىلدى ، ئىقتىسادىنىڭ توختىشىغا ئەگىشىپ ،2015 يىل جۇڭگۇ خەلق بانكىسى مەبلەغنى كەڭ دەرىجىدە قويۇۋەتتى.
ئالتىنچى چوڭ ئىش: 2015  يىل تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى . تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى بلوك بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خەلقئارادا ماينىڭ ئەسلى باھا 6 ئايدا 104.32 ئامېرىكا دوللار 12 ئايدىكى 58.8 ئامېرىكا دوللار بولۇپ ، باھاسى يىرىم ھەسسە تۆۋەنلەپ كەتتى - 2015 يىلى ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆز تىكىدىغان مۇھىم نۇقتا ئايلاندى.





29 - دىكابىردىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1205 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.4762 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن  5.1011 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78861 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5514 يۈەن  خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  4.9828 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7612 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6402 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.2622 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56626 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 8.7141 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6778 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3734 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

                                                                                      



yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 22:03:43

دوللار سېتۋالغۇم كېلۋاتىدۇ.. دوللارنى توردىن ئالماشتۇرساق قانداق ھەق تۇتۇپ قالىدىغاندۇ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 14:30:51

yasinjanaks يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 22:03 static/image/common/back.gif
دوللار سېتۋالغۇم كېلۋاتىدۇ.. دوللارنى توردىن ئالماشتۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئەگەر سىز دوللار سېتۋالماقچى بولسىڭىز  مېنىڭ تەۋسىيەرىم ئۆسۈش يۆنلىشىگە ھازىرچە ئالماڭ ، چۈنكى بۈگۈن دوللار قايتىدىن ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى  نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ؛  چۈشۈش يۆنلىشىگە سېتۋالماقچى بولسىڭىز 91~92 نۇقتىدا ئالسىڭىز بولىدۇ ؛ توردىن ئالماشتۇرسا قانداق ھەق ئېلىندىغانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن ؛ لېكىن بانكىلاردا ئالماشتۇرسا ھەق ئېلىنمايدۇ ؛
قوشۇمچە پىكىرىم ، تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە 2015 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا  ئالتۇن باھاسى ئاجىزلاپ ، كېيىنكى يېرىمىدا  كۈچىيىشى مۇمكىن ، دوللار باھاسى بىلەن ئالتۇن باھاسى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىسە دوللار باھاسى كۈچىيىدۇ . بۇنىڭغا ئاساسەن دوللار يەنە بىر مەزگەل ئۆرلىشى مۇمكىن ؛
سىز دوللارغا قىزقىدىغان ئوخشىمامسىز  ؟

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 17:09:42

uyaltun يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 14:30 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ ئەگەر سىز دوللار س ...

شۇنداق دوللار بىلەن ياپونىيە ينىغا قىزىقاتتىم. ئەمما دوللارنى نەقپۇلغا ئايلاندرۇرۇپ سېتۋالسا ياخشىمىكىن دەيمەن. يەنە بىرىگە ئالتۇنىمۇ  ئېلىپ قويغان يامان ئىش ئەمەس. پۇلنى بېسىپ ياتىدۇ دېگەننى ئويلاشمىغاندا ئالتۇن ئەڭ بىخەتەر پۇل. پۇل ھەر قانچە پاخاللاشسىمۇ ئالتۇن پاخاللىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن... يا مەن خاتا ئويلىۋالدىممۇ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:15:55

yasinjanaks يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 17:09 static/image/common/back.gif
شۇنداق دوللار بىلەن ياپونىيە ينىغا قىزىقاتتىم. ئەمما  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟  ياخشى ئويلاپسىز ، ئالتۇن ھەر قانداق بىر دۆلەتكە نىسبەتەن  ھەم تاۋار ھەم پۇل ئورنىدا ساقلىنىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن باھاسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق چۈشۈپ كېلۋاتىدۇ ، ئەگەر 2015 - يىلى چۈشسىمۇ كۆپ بولغاندا يەنە 20 يۈەن ئەتىراپىدا چۈشەلەيدۇ  ؛ شۇڭا مېنىڭچە بولغاندا بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئالتۇن ئېلىپ ساقلاپ قويسىڭىز مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن .
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-29