ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:25:00

2015-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى قانداق بولىدۇ؟

2015-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى قانداق بولىدۇ؟
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
يەر شارى تورى خەۋىرى | يوللىغان ۋاقىت : 29-12-2014

NC پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندى (TIAA-CREF) دىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، كېلەر يىلى ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان بازارغا ئايلىنىدىكەن؛ ئىقتىسادشۇناسلار يەنە لوندوندىن موسكۋاغىچە بولغان بازارلارنىڭ سىياسىي خېيىم-خەتەر ئاستىدىكى بازار تەييارلىقىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئىقتىسادى كېڭىيىش ھالىتىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، 2015-يىلى بۇ دۆلەتلەر بانكا ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش يولىغا قاراپ ماڭىدىكەن. يېڭى گۈللەنگەن بازارلار ئىچىدە، 2015-يىلى ھىندىستان بازىرى يەنىلا قىزىق نۇقتا بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيە فوندىدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كېلەر يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ ئېشىش نىسبىتى %3.1 كە يېتىپ، بىرازىلىيە، رۇسىيە قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىن ياخشى بولىدىكەن. غەربنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچراش سەۋەبلىك، رۇسىيە ئېھتىمال بىر قېتىملىق ئىقتىسادى چېكىنىشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە نېفىت باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7 تىنمۇ تۆۋەنلەپ، ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان نەتىجە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1229/2926-40.html

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:22:32

جۇڭگۇ ئىقدىسادىدا تۇۋەنلەش كۇرۇلۇشى مۇمكىن ،لىكىن 6پىرسەنلىك ئىشىشدىن چۇشۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن .

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:38:24

ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈپ باقىلى قانداق بولىدىغىنىنى....

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 22:28:32

خۇداغا ئوخشاش گەپ قىلغىلى تاس قاپتۇ.

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 07:36:17

روسىيگە جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن نىپىت باھسىنى چۈشۈردى  جۇڭگۇغا  ئمبارگو يۈرگۈزمەكچى بولسا  قانداق شەكىلدە جازا يۈرگىزە ئامىركا ...؟  باھانى يۇقۇرلىتامۇ يا؟  مۇشۇ ئشقا ھەممىدىن بەك قىزىقىمە

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:41:32

باغداش مۇنبىرىدىن ئاشقىن تەرجىمىسى



جۇڭگونىڭ ئىقتىسادقا مەسئۇل مۇئاۋىن زوڭلىسى ۋاڭ ياڭ16-18-دىكابىرغىچە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن <<25-قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا سودا بىرلەشمە يىغىنى>>داسۆز قىلىپ تۆۋەندىكى نۇقتىنەزەرلەرنى بايان قىلدى:

--تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، توقۇنۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەننەرق تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ھەمكارلىقنىڭ تەنەرقى تۆۋەن، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.

--جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بولسا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلەر،لېكىن دۇنيانىڭ سەركىسى ئامېرىكا.ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھازىرقى رامكىسى ۋە قائىدىلىرىنى بەرپا قىلغان، جۇڭگو بۇ رامكا ئىچىگە كىرىشنى خالايدۇ ، بۇ قائىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم ئىجابىي رول ئويناشنى ئۈمۈد قىلىدۇ.گەرچە جۇڭگونىڭ ئومۇمى ئىقتىساد قىممىتى(GDPسى)ئىككىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ،لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئاران %55 گە توغرا كېلىدۇ،كىشى بېشىغا كېلىدىغانGDPسى ئامېرىكىنىڭ 8 دىن 1 ئىگە توغرا كېلىدۇ.جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا خىرىس قىلىش نىيىتىمۇ يوق،ئىقتىدارىمۇ يوق.

--جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە دۇنيانىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى ئورنىتىش ۋاستىلىرىگە نىسبەتەنئېنىق تونۇشقا ئىگە....بىز بۇ قائىدە-تەرتىپلەرنىئاساسەن قوبۇلقىلىمىز ھەم يەر شارى ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدا ئىجابىي رول ئويناشنى ئۈمۈد قىلىمىز.بۇ قائىدىلەرنى جۇڭگو تېخى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتمەستىلا ئامېرىكا بەرپا قىلغان.


\

ۋاڭ ياڭ ئامېرىكىنىڭ سودا مېنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.


\

ۋاڭ ياڭ نۇتۇق سۆزلىمەكتە.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:42:20

يەر شارى تورى خەۋرى باغداش توردىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

12- ئاينىڭ 25- كۈنى رۇسىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرى جېنىسوۋ يەر شارى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: رۇسىيە جۇڭگونىڭ ياردەم قىلىشىغا مۇھتاج ئەمەس بەلكى قوللىشىغا مۇھتاج. رۇسىيە دۇنيادىكى ئويۇن ئوينىغۇچى دۆلەت، ھەرگىزمۇ ئاقنانچى دۆلەت ئەمەس. رۇبلى كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيە خەلقىگە جاپا-مۇشەققەت ئېلىپ كەلدى، ئەمما جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشى ۋە نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق. رۇسىيە ئىقتىسادى ھەقىقەتەن جاپا-مۇشەققەتلىك دەۋىردە تۇرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مۇھىم نۇقتا جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى قوللىشىغا ئېرىشىش. مەسىلەن: غەربنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرۇشتا، رۇسىيە جۇڭگونىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ غەربنىڭ رۇسىيىنى جازالىشىنى قوللىمايدىغانلىق مەيدانىنى بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ جەھەتلەردە رۇسىيىنى قوللىغانلىقىغا ناھايىتى مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن. جۇڭگو رۇسىيىگە ياردەم بېرىشى كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، رۇسىيە ھېچقانداق جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئەمەس، ئەمما رۇسىيىنىڭ مۇھتاج بولۇۋاتقىنى قوللاش. رۇسىيە كىرزىسقا دۇچ كەلدى، ئەمما رۇسىيىنىڭ جۇڭگو قاتارلىق ھەمراھلىرى بىلەن مۇنازىرلىشىدىغىنى ياردەم تەلەپ قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆز ئارا پايدا مەنپەت يەتكۈزۈش، مەسىلەن: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش قاتارلىقلار ياردەم قىلىش ئەمەس، ئەمما بۇنداق قىلىش جۇڭگو تەرەپكىمۇ پايدىلىق، رۇسىيىگىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى خۇددى بىر ئادەمنىڭ زۇكام بولۇپ قالغىنىغا ئوخشايدۇ، زۇكام بولۇپ قالغاندا ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئازراق بىئارام بولىدۇ، ئەمما ياخشى داۋالىسىلا زۇكام ھامان ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 16:22:24

باشقىسى بىلەن كارىم يوق، پاختا باھاسى ئۆسسە بۇلاتتى
بەت: [1]
: 2015-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى قانداق بولىدۇ؟