NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 11:21:20

29-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى


29-دىكابىر خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1194 ئەتراپىدا، بازار ئېچىلغاندا 0.20 پىرسەنىت چۈشۈپ يەنە 1195 دوللار ئەتراپىغا قايتىپ چىقتى. ئالدىنقى ھەپتىدە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ يەنە بىر قەدەم پۇل سىياسىتىنى كېڭەيتىش ئۇچۇرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە يېڭى يىل بايرىمىنىڭ يىتىپ كىلىش ھارپىسىدىكى نەق مال ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى بىلەن ئالتۇن 2 پىرسەنىت ئۆسۈپ 1200 دوللارلىق مۇھىم ھالقا ئەتراپىغا بارغان ئىدى.
بۈگۈن گىرىتسىيە ئۈچىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشنى ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر بۇ قېتىممۇ زۇڭتوڭنى سايلاپ چىقالمىسا، گىرىتسىيە پارلامىنىت يىغىنى تارقىتىۋېتىلىدۇ ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭدا سولچىل پارتىيىسى بولغان بىرلەشمە پارتىيە ھۇقۇقنى ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەگەر بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا زوڭتۇڭ سايلاپ چىقىلمىسا ياۋرۇ بىسىمغا ئۇچىرايدۇ ، دوللار كۈچىيىپ ئالتۇن باھاسىغا يەنە بىسىم پەيدا قىلىدۇ.

ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad

بۈگۈنكى تەھلىل
1190 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە،زىيان 1185،نىشان 1195~1200
1207 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زنيان 1212،نىشان 1202~1197
1180 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە،زىيان 1175،نىشان 1185~1190
1220 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زنيان 1225،نىشان 1215~1210

بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى238   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.22يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:34:35

ھارمىغايسىز،تەھللىڭىزگە يىقىندىن دىققەت قىلۋاتمەن ،رەھمەت:)
بەت: [1]
: 29-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى