ماشىنا ئورۇندىقىغا خورۇم قاپلىتىش توغىرسىدا
ماشىنا ئورۇندىقىغا خورۇم قاپلىتىش توغىرسىدا تورداشلاردىن ياردەم سورايمەن.يېقىندا ئائىلە دالا ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم ،ئورۇندىقى لاتا ئورۇندۇق ئىدى. خورۇم قاپلىتىۋىتەي دەپ ئويلاپ،ئۇرۇمچىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ ،تىببىي ئۇنىۋېرسىتىت دوختۇرخانىسى يېنىدىكى يول ياقىسىدىن مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان بىر دوكاننى تاپتىم ، كىرىپ سۆزلەشسەم باھا بەكلا يوقىرى ئىكەن ، 3000يۇەندىن 7000يۇەنگىچە ئىكەن. ئاڭلىسام ئۇرۇمچىدە مۇشۇنداق ئىشنى قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ بار دەيدۇ. بىلىدىغانلار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىساڭلار.رەھمەت. خۇرۇم قاپلىتىپ بولۇپ، ئۇ خۇرۇمنى ئاسرايمەن دەپ يەنە لاتا قاپلاپ قويىمىز ھەقىچان. مەن شۇنداق قىلىۋاتىمەن ئىشقىلىپ.:lol rock يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 15:15 static/image/common/back.gif
خۇرۇم قاپلىتىپ بولۇپ، ئۇ خۇرۇمنى ئاسرايمەن دەپ يەنە لا ...
ئۇغۇ شۇنداق ، بىراق خورۇم سۈپەتلىك كۆرۈنىدىكەن ئەمەسمۇ:lol بىز خۇرۇم ئورۇندۇققا لاتا قاپلىتىپ يۈرسەك ، ما بالىنىڭ قىپ يۈرگەن ئىشىنى :lol:lol:lol
تەسىراتىم خۇرۇم بەلەن ئەمەسكەن، يازداا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق :P ماشىنىنىڭ ئوروندۇقىنى لاتا قاپلاتىسمۇ، خۇرۇم قاپلاتسىمۇ پاكىزە تۇتسىلا بولدى. لاتا قاپلىتىپ ئۆستىگە گىلەم قاپلىتىڭ، خۇتەنگە بېرىپ كەلگەندەك تۇيغۇدا ھەيدەيسىز پىكاپنى. توردىن ئېلىپ قاپلىتىڭ
pu皮套 دەپ ئىزدەڭ
500 كويلارغا ئالالايسىز خۇرۇم قاپلىتىپ ئۈستىگە يەنە لاتا قاپلىتامسىز؟
مەنمۇ سىزدەك نەچچە قات قاپلىتىپ بولۇپ،بىخەتەرلىك يەل خالتىسنىڭ ئېچلىشغا تەسر يېتىپ قالارمۇ-دەپ يۈرۈيمەنغۇ. ماشنىغا سىيىپ قۇيىدىغان كىچىك بالىڭىز بولمىسا لاتا قاپلىتىڭ :lol:lol:lol:lol http://www.1688.com/chanpin/-C6FBB3B5D7A8D3C3C6A4CCD7.html
بۇ ئادرىستىكىلەرنى كۆرۈپ بىقىڭ جىڭ كالا تېرىسىدىن ئۆزىڭىزلا قىلىڭە بولمىسا. بىر قوي تېرىسىنىمۇ 2000 يۈەندىن ساتىدۇ. مانىڭغا قاراپ ئۆزىڭىزلا قىلىۋىلىڭ. Hurum kaplap ustiga gilam saldim 2500 yuanga , latta orunduknig ustigila salsammu boptikan dap kaldimgu . ما قەشقەردە قايسى كۈنى بىر ماشىنىنى گەپلىشىپ، شۇ ئورۇندۇقىغا خىروم قاپلىغان يىرىدە پېتىشالمىدۇق. تالىشىپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە دەل شۇ ماشىندىن بىرنى ئالدىنقى ھەپتە ئالغان بالا ماشنىسىنى ھەيدەپ كېپ قالدى. «لاتا ئورۇندۇقنى ئېلىۋەرسىلە، خىرومنى كىيىن تىكتۈرۈپ قاپلىتىۋالسىلا بولىدۇ» دەيدۇ. كىيىن پۇلدا پېتىشالماي ھىلىقى ماشىننى ئالمىدىم. دۇكاندىن چىقىۋاتقۇچە، ھىلىقى بالىنىڭ ماشىنسىغا قاراپ باقسام، ئاۋۇلار «زاۋۇتتىن بۇيرۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ قاپلىدۇق» دېگەن قاپ بىلەن پەرقلەندۈرگىسىز تۇرىدۇ. ئا بالىدىن «قانچىگە تىكتۈردىڭىز؟» دېسەم « 700سومغا » دەيدۇ. ماشىنىنىڭ سودىسىدا پۈتۈشەلمىگەچكە، ئۆزۈمچە لازىم بولمايدۇ دەپ ئويلاپ، نەدە تىكتۈرگىنىنى سورىۋالماپتىمەن. ھازىر ماڭىمۇ دەل مۇشۇنداق ئۇچۇر كېرەك بولۇۋاتىدۇ دېسە.... ماشىنا دىگەن پەقەتلام بىر قاتناش قۆرالى . ئۇرۇندۇقى زاۋۇتتىن قانداق چىققان بولسا شۇنداق شۇنداق ھەيدەۋاتىمىزغۇ . ھەممىڭلارغا رەھمەت، ئاساسلىقى ئۇرۇمچىدە مۇشۇ ئىشنى قىلدىغان دوكان نەدە مۇشۇنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. چۈنكى بۇئىشنى قىلىش تەرتىپى مۇنداق ئىكەن:ئاۋال ماشنىنىڭ بارلىق ئورۇندۇقلىرىنى سۈكۈپ ئېلىپ دوكاننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ ،ئاندىن ئەسلىدىكى لاتا قىسمىنى بىراق سۆكۈپ چىقىرىۋىتىپ ،ساغۇچ بۇلۇت قىسمى بىلەنلا قالدۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ،خورۇمدىن ئۆلچەپ تۇرۇپ كىسىپ تىكىپ باشقىدىن قاپلايدىكەن.شۇڭا بۇ ئىشنى چوقۇم مەخسۇس دۇكانغا بېرىپ قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەن.
مەن ماشىنامنىڭ ئولتۇرىدىغان يىرىگە مەخسۇس تۆگە يۇڭىدىن قاپ ياساتقۇزغان ئىدىم، قىش ۋاقتى بەك ئىسسىق تۇرىدىكەن.{:87:} پۇل خەجلەشنىڭ يۇلى خۇرۇمغا لاتا قاپلايمىز ،لاتىغا خۇرۇم :lol:lol
بەت:
[1]
2