murxida يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 08:48:14

1976- يىلى تۇنجى قېتىم تارقالغان ئېبولانىڭ «قاتىللىق ئارخىپى»

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى
ئامېرىكا يۇمشاق دىتال مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى (MSNBC) نىڭ 26-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا غەربى ئافرىقا رايونىدا تارقالغان ئېبولا ۋىروسى 2014-يىلىدىكى "سېسىق نامى پۇر كەتكەن قاتىل" دەپ تەرىپلەندى. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تارىختىن بۇيانقى ئادەم ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر بولغان ئېبولا ۋىروسى ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈن بىر يىل داۋاملاشتى. 2014-يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا بىز مەزكۇر "دىلو" دىكى "قاتىل ئارخىپى" غا نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى.


1. ئېبولا ۋىروسى دەسلەپتە 1976-يىلى تارقالغان بولۇپ، كونگو دۆلىتىنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئېكۋادور ئۆلكىسى ئېبولا دەرياسى (The equator province the Ebola River) بويىدىكى ئون نەچچە يېزىدىكى كىشىلەر ئېنىق بولمىغان بىر خىل ۋىروس بىلەن يۇقۇملىنىپ نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى. بۇ خىل ۋىروس كېيىن ئېبولا ۋىروسى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ۋىروس يەنە 1979-يىلى سۇداننىڭ گىراسې زارا رايونى (Grace Zara area) دا تارقالدى. ئۇندىن كېيىن بۇ "قاتىل" 15 يىل تىنچ يېتىپ، 1995-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا يەنە 20 نەچچە قېتىم تارقالدى، تارقىلىش رايونى ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسى بولدى. بۇ يىلدىن بۇرۇن ئېبولا ۋىروسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل 2000-يىلى بولۇپ، جەمئىي 224 ئادەم قازا قىلغان. سۈرەتتە: 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، زائىرې كىكۋىت مەركىزى دوختۇرخانىسى (Zaire Kikwit General Hospital) نىڭ سىرتىدا ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى ساقلاۋاتقان ۋاقىتتا كىيىمى بىلەن بۇرنىنى ئىتىپ ۋىروستىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ.



2. سۈرەتتە:2013-يىلى -ئاينىڭ 18-كۈنى، گىرمانىيە فىرانكىفورتتا تارتىلغان شەپەرەڭنىڭ سۈرىتى. "تەبىئەت"، "پەن-تېخنىكا" دىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بولغان ئىككى ژورنال 9-ئايدا ئېلان قىلغان ماقالىدە ئېبولا ۋىروسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى شەپەرەڭ بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، دېگەن ئىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، سېررالىئون، نىگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، گىن تەتقىقاتىدىن ئايان بولىشىچە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋىروس ئەسلىدە 2004-يىلى تارقالغان ئېبولا ۋىروسى ئىكەن. مەزكۇر ئېبولا ۋىروسى دەسلەپتە ھايۋانلاردىن ئادەمگە يۇققان، ئۇندىن كېيىن يەنە ئادەملەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان. ئەڭ يېڭى تەتقىقات جەريانىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملار ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 60 قا يېقىن تەتقىقاتچى گىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى يۇقىرىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا قازا قىلغان.


3. سۈرەتتە: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا كىسەللىك كونتىرول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تەمىنلىگەن ئېبولا ۋىروسىنىڭ سۈرىتى. ئېبولا ۋىروسى ئادەتتىكى تىمپۇراتۇرادا مۇقىم بولۇپ، ئىسسىقلىققا قارىتا ئوتتۇرھال تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، 60 سىلىتسىيە گىرادۇسلۇق تىمپۇراتۇرادا 30 مىنۇت ئىچىدىلا ئۇنىڭ يۇقۇشچانلىقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئىنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق ئىككى مىنۇتتىلا ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولىدۇ. بىراق ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقىرى نىسبەتتە ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ھازىرغا قەدەر ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىسىنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، تەتقىقاتچىلارمۇ يەنىلا ئەڭ يۇقىرى ھالدا مىكروبسىزلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ.


4. سۈرەتتە: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، سېررالىئون پايتەختى فىرىتون شەھىرى مەركىزى جىنخامان يولى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى (Downtown Freetown Jin Haman road government hospital) نىڭ بىمارلار ياتىقى. ئېبولا ۋىروسى ئادەتتە قاندىن ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلىقىدىن يۇقىدۇ، تەتقىقاتتىن ئايان بولىشىچە، ئېبولا ۋىروسى يەنە ھاۋادىنمۇ تارقىلىدىشى مۇمكىن بولۇپ، يۇقۇش يۇقىرى نىسبەت كۈنى ئىككى كۈندىن 21 كۈنگىچە ئوخشاش بولمايدىكەن. بىماردا دەسلەپتە قىززىش، بېشى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، ئاخىرىدا بەدەن ئىچىدە قان چىقىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئېبولا ۋىروسى ھازىرغا كەلگۈچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋىروسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۆلتۈرۈش نىسبىتى %80 كە يىتىدۇ.


5. سۈرەتتە: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، سېررالىئون كايلاخۇن (Kailahun)، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىيىمى كىيىۋالغان دۆلەت تەۋەلىكى يوق دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئېبولا ۋىروسى بىلەن قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلماقتا. ئېبولا ۋىروسى ھاۋا ئارقىلىق ۋە بەدەن سۇيۇقلىقى ئارقىلىق يۇقىدىغان بولغاچقا، ۋىروس تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى يۇقۇملانغۇچىنى تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋىتىش.
ئەسلى مەنبەگە ئىرىشمەكچى بولسىڭىز http://www.xjabs.com/show/?id=1972


6. سۈرەتتە: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، سېررالىئون كايلاخۇندىكى بىر داۋالاش مەركىزى، ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قەبرىسى. بۇ يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادا 18 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 7000 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى. ئېبولا ۋىروسى تارقىلىپ ھازىرغا قەدەر توققۇز ئاي ئارلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى، 1976-يىلى تۇنجى قېتىم تارقىلىپ ھازىرغا قەدەر قازا قىلغانلارنىڭ سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.


7. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكىدا تۇنجى ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى، ئامېرىكا، ئىسپانىيە، مالى، نىگىرىيە، سېررالىئون، ھىندىستان قاتارلىق رايونلاردىمۇ ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئېبولا ۋىروسى تۇنجى قېتىم بايقالغاندىن بۇيان،بۇ ئېبولا ۋىروسى "قاتىلى" نىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئافرىقا قىتئەسىدىن ھالقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېبولا ۋىروسى يۇقۇملىنىش دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. سۈرەتتە: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىسپانىيە مادرىت، ئىاپانىيىلىك ئايال سىستىرا تېرېسا رومېرو (Teresa Romero) (ئوتتۇرىدا)كارلوس ئۈچىنچى دوختۇرخانىسى (Carlos III hospital) دىن ئايرىلىش ئالدىدا دوختۇر-سىستىرالار بىلەن خوشلاشماقتا. شۇ كۈنى بىر ئاي ئايرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۇنجى بولۇپ ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى تېرېسا رومېرو ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.


8. بۇ يىل ئېبولا ۋىروسى قايتا تارقالغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر ئارىسىدا ۋىروسقا قارشى دورا ياساشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو، ئامېرىكا، كانادا، شىۋېرسارىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھەر خىل دورىلارنى ياساپ چىقىپ كېلىنكىدا سىناق قىلدى. بىز يېقىن كەلگۈسىدە ئېبولا ۋىروسىنى چوقۇم كونتىرول قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىمىز. سۈرەتتە: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگىلىيە ئوكىسفورد، بىر نەپەر تەتقىقاتچى ئەنگىلىيە گىلاكسومىتكىلېنې شىركىتى (The British GlaxoSmithKline Co) ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات مەركىزى (American National Institute of health) بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئېبولا ۋاكسىنىسىنى كۆرسەتمەكتە. ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئونىۋېرسىتاتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى مەزكۇر ۋاكسىنىنى ئادەم بەدىنىگە سىناق قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن.


9. ئېبولا ۋىروسى كەڭ كۆلەمدە تارقالغانلىقتىن پۈتۈن دۇنيا بۇ مەسىلىگە ناھايىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون يىل ئاخىرىدا لىۋىيە، گىۋىنىيە، سېررالىئون قاتارلىق ئېبولا ۋىروسى تارقالىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى. ب د ت ئېبولا ۋىروسى جىددى ئالاھىدە ئۆمىكى تەسسىس قىلدى. دۇنيا بانكىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە جۇڭگو، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېبولا ۋىروسى تارقالغان دۆلەتلەرگە داۋالاش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتتى. 12-ئايغا كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، ئېبولا ۋىروسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئاخىرى مۇقىملاشتى.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:15:47

سۈرەتلىرى چىقماپتۇ :shutup:

izqel يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:25:40

ئىبولا ۋېروسى...كىلىش مەنبەسى گۆشخۇر شەپەرەڭلەرنى تۇتۇپ يىيىشتىن كاۋاپ قىلىپ يىيىشتىن كەلگەن.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى سەزگۈزەشتىللىرى دەپ ئۈندىداردا بىر نەچچە غۇلجىلىق باللارنىڭ شېنجېندىكى ئالماس كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئافرىقىغا بىرىپ قالغانلىقى ۋە ئاخىردا ئىبولا ۋېروسى تارقالغان نۇقتىلىق رايون سېراللىونغا كەلگەنلىكى،بۇ رايۇندىكى ئەھۋاللار توغۇرلۇق بىر مەلۇماتلار بار ئىدى.

بىر قانچە پارچە سۈرەتتە بىر قانچە قارا تەنلىك يەرلىك باللارنىڭ شەپەرەڭدەك نەرسىلەرنى كاۋاپ قىلىپ كوچىدىلا يەپ ئولتۇرۇشقان سۈرىتى باركەنتۇق.

murxida يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 16:01:59

ئەمىسە سىز ئىۋەتىپ بىزنى سۈرئەت بىلەن تەمىنلەڭە
بەت: [1]
: 1976- يىلى تۇنجى قېتىم تارقالغان ئېبولانىڭ «قاتىللىق ئارخىپى»