waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 20:14:54

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە تىيەنجىن كوماندىسىنى ئۇتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 20:41  

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  تىيەنجىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى  چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  39 نومۇر، 20 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 102-96 نەتىجە بىلەن رەقىبى تىيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا ئۆز مەيدانىدا 128-101 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.  
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 39 نومۇر، 20 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  8 نومۇرئالدى،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جۇ چى 22 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قىتىم توپ تۇسىۋالدى؛  قىرانبېك ماقان 14 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛شىرئەلىجان 6 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   ساۋفىي  6 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 3 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ  2 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  ئۆز  مەيدانىغا قايتىپ ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكا مەۋلان مەردانلار توپ ئويناۋاتقان جىياڭسۇ تۇڭشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 09:32:30

31-نۇمۇرلۇق نىگىر يولداش ئىش بۇزدغان نىمكەن

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 11:28:11


ئەمدى ئىملانى توغرىلاپ يېزىڭلار:lol
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە تىيەنجىن كوماندىسىنى ئۇتتى