NBA ئوت كوماندىسىنىڭ ئاندىرى بىراچ بىلەن توختاملىشىش ئويى بار ئىكەن
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 28-دىكابىرخەۋىرى؛ فوكىس تەنتەربىيسىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، NBA ئوت كوماندىسىنىڭ ئالدى سەپ ھۇجۇمچىسى Josh McRoberts يارلىنىپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقى ھەمدە كىلۇس بوشنىڭمۇ يارلانغانلىقتىن مەيدانغا چىقالماي دەم ئىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئوت كوماندىسى پەقەت ۋادىغىلا تايىنىپ قالغان. نۆۋەتتە ئوت كوماندىسى ئالدى سەپ ھۇجۇمچى ئورنىغا جىددى تەنھەركەتچى تۇلۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بۇلۇپ، دىققەت نەزىرىنى CBA بىرلەشىمىسىگە ئاغدۇرغان، ئۇلار ئاندىرى بىراچنى ئىچكى سەپكە تۇلۇقلاش مەقسىدىگە كەلگەن. بىراق ئاندىرى بىراچ نۆۋەتتە بىر يىللىق توختام بىلەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتقاچقا كىلەر يىلى 3-ئايغىچە NBA غا قايتىپ بارالمايدۇ. شىنجاڭ كوماندىسىمۇ ئاندىرى بىراچنى ئاسانلىقچە قۇيۇپ بەرمەسلىكى مۇمكىن.
ئاندىرى بىراچ ، بوي ئىگىزلىكى 2 مىتىر 11 سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 118 كىلوگىرام، 0-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ، 1986-يىلى8-ئايدا ئامرىكانىڭ نىيۇرۇك شەھرىدە تۇغۇلغان، مەيداندىكى ئورنى ئالدى سەپ ھۇجۇمچى.
ئاندىرى بىراچ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىۋاستە NBA بىرلەشمىسىگە تاللانغان. ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ تالانتىلىقلار كوماندىسى ۋە توركوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، تالانتىلىقلار كوماندىسىدىكى ۋاختىدا ئوتتۇرچە 16.8 نۇمۇر، 8.3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان.
2014-يىلى 6-ئايدا فىلىپپىن دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن، يەنە فىلىپپىنگە ۋەكىل بولۇپ بۇ قېتىم ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئەرلار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىدا 28 ياشلىق بۇلاچ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21.2 نومۇر ۋە 13.8 گار توپ ئالغان. بۇ نەتىجىسى بىلەن نۇمۇر ئېلىش رەت تەرتىۋىدە ئىككىنچى ئورۇندا، گاردىن قايتقان توپ ئىلىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
2014-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان. ئاندىرى بىراچنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر قاتناشقان مۇسابىقىدە ئوتتۇرچە 29 نۇمۇر، 14.3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ، 5.1 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
مۇشۇ نانقېپىنىمۇ تالىشامدىكەن تېخى. خادىسىننى دېگەن بولسىمۇ بىر نۆرى. NBA دىكى ۋاقتىدا ئوتتۇرىچە 16.8 نومۇر، 8.3 گار توپ ئالغان بولسا خېلى ياخشى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولدى، ئۇ ھەم كۆپقىرلىق ماھىركەن، ئۆزىنىڭ ئوينايدىغان ئورنىدا قىينالماي ئويناپ كېتەلەيدۇ، بىراق خادىسىن بۇ ئوينىشى بىلەن NBA دە يىپ ئىشىپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇيەردە توپ تەشكىللىگۈچىگە بولغان تەلەپ بەك يۇقىرى ھەم سەرخىللار كۆپ… مابۇلىدىنمۇ بىر ئىككى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ مېنىڭچە…
بەت:
[1]