شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نىشانى- چىمپىيۇنلۇق
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 27- دىكابىر خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى 106-114 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى نەتىجە رەت تەرتىپىدە يەتتىنچى ئورۇنغا چۇشۇپ قالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى سۈي ۋەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۇردى؛ « ھازىر ئەڭ مۇھىمى ئاۋال ئالدىنقى سەككىز كۈچلۇك كوماندا ئورنىنى ساقلاپ قىلىش، شىنجاڭ ۋاسكېتبولىنىڭ ئىزچىل نىشانى-ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش، شىنجاڭ كوماندىسى مەيلى ئالدىنقى تۆت كۇچلۈك قاتارىدا بولسۇن، مەيلى سەككىز كۇچلۇك قاتارىدا بولسۇن ھەممىسى بىز ئۈچۇن بەرىبىر، شىنجاڭ كوماندىسى ئۇڭۇشلۇق ھالدا پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرەلىسەكلا بولدى، بىز ئەزەلدىن رەقىبىمىزنى تاللاپ ئولتۇرمايمىز ».
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
ھەرقانداق كوماندىنىڭ نىشانى چىمپىيونلۇق،لېكىن ھەممىسى ئېرىشەلمەيدۇ. قۇرۇق ھاياجان دەبدەبىلىك گەپلەرنى ئاز سۆزلەپ، مۇسابىقىنى ساز ئوينىسا بولاتتى. نىشان ئەنە شۇنىڭدىنلا چىقاتتى. چېمپىيۇنلۇقنى ئاخىرقى ھېسابتا زاپاس ئەزالارنىڭ سەۋىيەسى بەلگىلەيدۇ… مۇشۇ نۇقتىدىن شىنجاڭ بېيجىڭ، لىياۋنىڭ، گۇاڭدۇڭلاردىن كېينراق تۇرىدۇ، ئارىلىقتا يەنە ئۈچتىن چەتئەللىك سەپلەنگەن بىر قانچە قارا تۇلپارلارمۇ بار تېخى… خادىسىننى بىر مىلىيۇن ئارتۇق پۇلغا چىداپ ساقلاپ قالالىغان بولسا چېمپىيۇنلىققا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولاتتى… كېلەر يىلى جۇچى 10-20 كېلو سەمرىسە، ئابدۇسالام دېگەن ئېنىمىز قېتىلسا، ئاندىرى بىراچ، لىيۇ ۋىي كەتمىسە، يۈچاڭدۇڭ تېزراق ئەسلىگە كەلسە ، سۇۋىينى ياخشىراق بىرەرسىگە ئالماشتۇرسا ، مابۇلىدەك بولمىسىمۇ شۇنىڭغا يېقىنلىشىغانراق يۈرىكى، كاللىسى بار بىرەر تەشكۈللىگۈچى تاپالىسا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ… دەل مۇشۇ مۇسابىقدە ئاشۇ 31-نۇمۇرلۇق ئاداش ئۇتۇرۇشقا سەۋەپچى دەپ ئويلايمەن مەن ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ نىشانىمىز دەرىجە چۈشۈش دېگىنىنى ئاڭلىماپتىمەن:lol
بەت:
[1]