ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:59:46

ئەتلەس: ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكا ئىندىئان مەدىنىيىتىدە باغلىنىش بارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ILM1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 10:18  

ئەتلەس:  ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكا ئىندىئان مەدىنىيىتىدە باغلىنىش بارمۇ؟

مەن يېقىندا بىر ئاسارە-ئەتىقە بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،  دۇكان دەرىزىسىگە تىزىلغان بىر "ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكە كىيىۋالغان ئىندىئان كىشى"  ھەيكىلىگە    كۆزۈم چۈشۈپ قالدى (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ). " ئەتلەس" ياكى " ئەتلەس نۇسخىلىرى" دىسە پەرۋانا بولىدىغان مەن  ئۈچۈن، بۇ قاتتىق ھاياجانلىق ئىش بولدى.  دۇكانغا كىرىپ، دۇكان ئىگىسىدىن بۇ ئىندىئان ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكىسىنىڭ مەنبەسى توغرىلىق ئۇچۇر سورىدىم.   ئۇ دۇكان ئىگىسى بولمىش ياشانغان ئايال، بۇ توغرىلىق ھىچنەرسە ئۇقمايدىغانلىغىنى،  پەقەت ئۇنى بىر بۇيۇم ئورنىدا ئېلىپ ساتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئۆزرىخالىق بىلدۈردى.   شۇ كۈنىلا، بىرگە ئىشلەيدىغان ئىندىئان قېنى بار بىر دوستۇمدىن بۇ توغرىلىق ئۇچۇر سورىدىم.  ئۇ دوستۇم بۇ ئىندىئان كىشى ياكى ئۇنىڭ قەبىلىسى ھەققىدە بىرنەرسە بىلمەيدىغانلىغىنى، ئامېرىكىدا 500 دىن ئارتۇق ئىندىئان قەبىلىسى بولۇپ، كىيىملىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىنى، ئەمما بۇ ئەتلەس نۇسخىلىق ( ياكى ئوخشاش  رەڭلىك) جىلىتكىنى كۆرۈپ باقمىغانلىغنى ئېيتىپ ئۆزرىخالىق بىلدۈردى.

     مەن ئۆزەم باشقا بىر كەسىپنىڭ ئەھلى بولساممۇ،  ئىچىمدىكى بۇ " ئەتلەس"  ئۇتى مېنى كېچىلىرى ئۇيقىغا كىرىشىمدىن تۇسۇپ، مېنى بۇ ھەقتە تېنىمسىز ئىزدەندۈردى.   ئامېركىدا،  نۇپۇسى 28 مىڭ ئەتراپىدا بولغان پوتاۋاتومى   (Potawatomi) دىگەن بىر قەبىلە بولۇپ، مۇشۇ قەبىلىگە ئائىت 1800-يىللار ئاتراپىدىكى ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ ئىچىدە، تۆۋەندىكىدەك  "ئەتلەس" (ياكى خۇرجۇن نۇسخىسى )  كە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇسخىدا نەقىشلەنگەن ئاسما سومكىلار ياكى كۆينەكلەر بار ئىكەن.   ئىزدىنىش نەتىجەمدىن شۇنداق مەمنۇن بولغان بولساممۇ،  ئەمما ئىككى قىتئەدىكى ئىككى مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىدە قانداق باغلىنىش بارلىغىنى ياكى بۇنىڭ تاساددىپى ئوخشاشلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىرىدىم.   بۇ سىرلىق تېپىشماق مېنى ھەقىقەتەن  چىرمىۋالدى.   ئاجىزلىغىم  شۇكى،  مەن ئۇيغۇر  " ئەتلەس"  نى ياخشى كۆرگەن بىلەن،  ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى، ئۇنىڭدىكى نۇسخا - رەڭلەرنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى،  ئۇ نۇسخىلارنىڭ مەنىسىنى  بىلمەيمەن.

  بۇ " ئەتلەس سەنئىتى"  ئۇيغۇرمەدىنىيىتمىزنىڭ  ئاساسلىق قىسىملىرىدىن بىرسى،  ھەم ھازىرمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا جانلىق رول ئويناپ تۇرىۋاتىدۇ .  ئەتلەس سۈيەر دوستلارنىڭ،  يۇقىرىدىكى تېپىشماق  سۇئاللارغا ئەقلى ياردەمدە بولۇپ مۇۋاپىق جاۋاپ ئىزدىشىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.    سىلەر بىلگەندەك، ھېچكىم ھەممىمىزدىن ئەقىللىق ئەمەس.  يەنى، كۆپچىلىكنىڭ بىرلەشمە تەپەككۇرى ۋە ئەقلى  بىراۋنىڭ يالغۇز تەپەككۇرى ۋە ئەقىلىدىن  تەبىئى ئېشىپ چۈشىدۇ.    شۇڭا  ئەتلەس ئەھلى دوستلارنىڭ،  مۇشۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ،  ئەقىلدە بىرلىشىپ، بۇسىرلىق تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى   تېپىشقا  پەخىر  بىلەن ياردەم بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك  دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارا توپلىشىپ بېرىشىڭلارنى، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە  تىرىشىپ  جاۋاپ تېپىپ چىقىشىمىزنى  چىن قەلبىمدىن سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.



ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكە كىيىۋالغان ئىندىئان كىشى.



ئەتلەسكە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇسخىدا (ياكى خۇرجۇن نۇسخىسى ) نەقىشلەنگەن ئاسما سومكىلار.



ئەتلەسكە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇسخىدا نەقىشلەنگەن كۆينەكلەر.



پوتاۋاتومى قەبىلە مۇراسىمى.

ئىزاھات:
1.   تۇنجى رەسىمدىن باشقا رەسىملەر ئىنتېرنېت تورىدىن يىغىپ ئېلىندى.
2.   ئەتلەسنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە نۇسخىللىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە تەشنامەن.
3.   تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا تورداشلار ئاكتىپ جاۋاپ بەرسەڭلار.
4.   جاۋاب بەرگىنىڭلارغا ئالدىنئالا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.

ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 10:23:04


ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى:
كۆزگە يېقىملىق قىلىپ تەھرىرلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت!

ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 10:25:53

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى:
ئىزاھاتنىڭ كەينىدىكى رەسىم ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ.  چىقىرىۋەتسىڭىز بەك مەمنۇن بولاتتىم.  رەخمەت!

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 15:46:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 15:49  

بۇنى خەلقئارادا ئاتىلىشىikat بولۇپ .گوگۇلدىن ئىزدىسە ‹ئەتلەس›لەر چىقىدۇ.



President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 16:32:03

ئىستانبۇلدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش كۆرىكىگە بېرىپ، كىيىنىشلىرى، يەنى بادام دوپپىلىق، كانۋاي كۆينەكلىك، ئەتلەس كۆڭلەكلىك، چىمەن دوپپىلىق بىزگىلا ئوخشايدىغان بىر ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ «ئىچىمدە ئۇيغۇر ياكى ئۆزبېك بولىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەردە تاجىكىستان دەپ يېزىقلىق ھەمدە تاجىكىستان بايرىقى ئېسىقلىق. «تاجىكىستانلىق ئۆزبېك ياكى ئۇيغۇر ئىكەندە»  دەپ سالامغا باردىم، ئۇلار ماڭا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا تارىخ سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، «≈ھەدىس ئالىمى بۇخارىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىبنى سىنا، فارابىي.....تاجىكمىش!»، ئالىملارنى تالىشىدىغان قىرغىز، ئۆزبېك، قازاقلار بىلەن تولا ئۇچراشقان بولغاچقا ئالىملار ھەققىدە ھە دەپ قويدۇم.

كېيىن، يەنە بىر تاجىك بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم، ئۇمۇ ماڭا تارىخ دەرسى ئۆتكىلى تۇردى ھەمدە ئەتلەس، دوپپا بىزدىن سىلەرگە تارقالغان دېۋىدى، بۇ دېگەنلىكىگە غەزەبلەنمەي تۇرالمىدىم. ئاساسىڭ نېمە؟ دەپ سورىدىم ئۇلاردىن، ئۇلارنىڭ ئاساسى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك شائىرلىرىنىڭ پارسچە ئۆگەنگەنلىكى، پارس مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولغانلىقى، يەنى پارسلارنىڭ تۈركلەردىن مەدەنىيەتلىك بىر خەلق ئىكەنلىكى، پارسلار تۈركلەردىن ئەمەس، تۈركلەرگە مەدەنىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىمىش. شۇ ھامان ئەينى چاغدا توردا ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلىۋالغان تۆۋەندىكى رەسىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويدۇم ۋە كەتتىم:
رەسىمنىڭ سول تەرىپىدىكى ھەيكەل: تۈركىيەدىن تېپىلغان سەلچۇقلارغا ئائىت

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:12:05

بىر زامان ئ‍ىندىئ‍انلارنى ئۇيغۇر پۇشتى، ئ‍ۇلار مۇزلۇقلاردىن كىسىپ ئ‍ۆتۈپ ئ‍امىركىغا بىرىپ قالغان دەپ مۇنازىرىلەر بولغاندەك ئ‍ىسىمدە . سىز ئ‍اتايىن ئ‍اشۇ قەۋىم بىلەن ئ‍ۇچراشقاندىن كىيىن ،كىيىم كىچەك ئالاھىدىلىكى ،بۇرۇنقى ئ‍ەژداتلىرىمىز قۇشنىڭ پىيىنى باش كىيىمىگە قادىۋالاتتى ، تىل ئ‍الاھىدىلىكى ،توتىم ئ‍الاھىدىلىكى ، ھېلىقى يادا تېشى يامغۇر تىلەيدىغانچۇ قاتارلىقلارنى تەپسىلى پىكىرلىشىپ ، ئ‍ىنىقلاپ باقسىڭىز بولاتتى.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:19:01

ئەلۋەتتە ئ‍ىسلامنىڭ ئ‍الدى كەينىدىكى ئۇيغۇر تۈرك لەرنىڭ قىسمەن ئ‍ۆرىپ ئ‍ادەتلىرىنى بىلىشىڭىز كىرەك .مەسىلەن ئ‍ىسلامدىن بۇرۇنقى كىيىم كېچەك ،مۇھىمى باش كىيىمى ، يامغۇر تىلەش ،يادا تاشلىرى توتىملىرى
تاۋۇش ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئىگەللەپ سېلىشتۇرغاندا مانا مەن دەپ ئ‍ېنىق بولىدۇ .

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 18:46:35

«مۇ قۇرۇقلۇقى» نىڭ ۋاقىئەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قۇرۇقلۇقتا زور ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتكەنمىش. بەلكىم مۇشۇ ئاسارىتىدىن بولسا كېرەك. ئەجەپلەنگۈدەك ئەمەس.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 19:05:01

مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى باشقا مىللەتلەردىن ئايرىپ يەككە ھالدا تەتقىق قىلىش ئاقىلانىلىق بولماس، قەدىمقى دەۋردە مەدەنىيەتلەر تىل، ھۇدۇد (چىگرا)، دىن، مىللەت ۋە باشقا تەركىبلەر بويىچە ھازىرقىدەك ئېنىق ۋە ئىنچىكە ئايرىلمىغان بولسا كېرەك.
تاجىكلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىگە كەلسەك، تاجىكلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى قېرىنداشلىقى ماقال تەمسىل دەرىجىسىدە مۇقىملاشقان بولسا كېرەك. مەسىلەن: تاجىكلارنىڭ قايسى بىر تور بېكىتىدە «ئۇيغۇرسىز تاجىك بولماس، تاجىكسىز ئۇيغۇر بولماس» دەپ يېزىلغان. يەنە بىر ھازىرقى تاجىكىستان تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمدە بۇ دۆلەتتىكى تاجىكلارنىڭ بادام دوپپا، ئەتلەس كۆينەكلىرى، چىراي تۇرقىدىن يۈردە يۈز ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 19:24:02

بۇ ئىككى مەدىنىيەت ئارسىدا باغلىنىش بار يوق لىقىغا قاراشتا، ئالدى بىلەن تىلنى تەكشۇرۇش كىرەك، بۇلۇپمۇ پىئىللارنى جۇملە قۇرۇلمىلىرىنى، ئاندىن خۇي پەيلىنىمۇ ئىگەنلىگەندە بۇلىدۇ.

ماخمۇت قەشقىرنىڭ خەرىتىسىدىكى جابىرقا ئەسلى ئاشۇ ئىندىيانلا يۇتىنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك يادىمدا، جابىرقا ئامىركا بۇ ئىسىممۇ خىلى يىقىن. ئۇندىن باشقا ئۇلار جەنۇبىي ئامىركىدىكى چۆلنى ئاتاماكا دەيمىش، بىز بۇيەردىكى چۆلنى تەكتى ماكان دەيمىز.
مىنىڭ قارشىمدا ئۇلار يۇلتۇزلارغا قاراشلىق يەنى يۇلتۇزلار ئلمى ئلمىي نۇجۇم بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.شامانلىرى باركەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 19:24:35

  تاجىسكىستاندىكى تاجىكلار سۇننى مەزھەپتىن، ئۇلار ئۇيغۇر -ئۆزبىكلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، يەنى سامانىيلار ئاغدۇرۇلغاندىن باشلا  ئۇلار تۈركلەرگە قارام ئەل بولۇپ ياشىغان ، تاجىك مەدىنىيىتى    پارىسلارغا قارىغاندا ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ شىمالىدە ياشايدىغان پوشتۇلارغا بەكىرەك يىقىن ، پامىر تاجىكلىرى تاجىكىستاندىكىلەرگە  ئوخشىمايدۇ ، ئۇلار شىئە ،  تۇمىقى ئافغانىستانلىق پوشتۇلارنىككىدەك

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 19:27:50

ئامرىكا  16-ئەسىردىن كىيىنكى نام ، دىۋانى لوغەتىت تۈركتىكى غەرىتىدىك جابىقا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، ئامرىكا   — ئامرىكا  قىتئەسىگە تۇنجى قەدەم باسقان كىشىنىڭ ئىسىمى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 19:45:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 19:51  

    ئەسلىدىنلا بارلىق ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى بىر، ھەممىمز شۇ نوھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر كېمىگە چىققانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغاچقا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىۋەرسەك شۇ يەردە توختايدۇ، يەنىمۇ ئىچكىرلىيەلىسەك ئادەم ئاتىمىزدا توختايدۇ. مەن بۇ گېپىم ئارقىلىق ھەر قايسى قەۋملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى تەتقىق قىلىش بىھۇدە ئىش دىمەكچى ئەمەس،  بەلكى مۇشۇنداق چوڭقۇر تارىخىي تەتقىيقاتلار داۋامىدا ئىنسانلارنىڭ بىر ئاتا بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىدىن مەرتىۋىدىكى پەرقى تىلى، رەڭگى قاتارلىق تاشقىي بەلگىللىرىدە بولماستىن بەلكى ئىگىسىنى تونۇش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىچكىي ماھىيىتىدە ئىكەنلىكىدەك چوڭ پىرىنسىپ يەكۈنلەپ چىقىلسا ئىكەن دەيمەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 19:54:45

Ikat is most characteristic of Indonesia, though ikats have also been woven in India and central Asia. Double ikats are produced in a few places including the Okinawa islands of Japan, the village of Tenganan in Bali, and the villages of Puttapaka and Bhoodan Pochampally in India.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:19:31

ئىلگىرى بىر تارىخچى ئاكام بىلەن شۇنداق بىر پاراڭ قىلىشىپ قالغان، ئاپاچى دەيدىغان  تىكئۇچار باغۇ، شۇ ئاپاچى دېگەن گەپ ئۇيغۇرچە گەپكەن دېدىمۇ يا مۇشۇ سۆز قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتىلىپتىكەن دېدىمۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ ھىندىئانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باغلىنىشى بارلىقىغا ھەيران قالغان.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:28:58

ئىندىئانلار بىلەن باغلىنىشمىز توغىرسىدا بەكلا كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم.

freeman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 02:51:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   freeman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 02:53  

قىززىق پاراڭلادە بۇ......   

ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 04:49:01

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 15:46 static/image/common/back.gif
بۇنى خەلقئارادا ئاتىلىشىikat بولۇپ .گوگۇلدىن ئىزدىسە ‹ئ ...

ھۆرمەتلىك دانا  ئۇستاز،   ئەستايىدىل ۋە ئەھمىيەتلىك جاۋابىڭىزدىن بەك ھۇزۇرلاندىم.   جاۋابلىرىڭىز قەلبىمدە ھەقىقىتەن سۆيۈنىلدى. سىزگە  ناھايىتى كۆپ رەخمەت!
ئەتلەسنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە نۇسخىللىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە تەشنالىق بار.
سىزدەك، ئەھميەتلىك ياكى تەپەككۇر قوزغاتقۇچى ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماقالە ئاپتۇرلار گۇرۇپپىسىغا ( ئاپتۇر سانىدا چەك يوق) تەكلىپ قىلىنىدۇ.  قېنى تىرىشايلى!

ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 04:49:29

President يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 16:32 static/image/common/back.gif
ئىستانبۇلدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تون ...

ھۆرمەتلىك دانا  ئۇستاز،   ئەستايىدىل ۋە ئەھمىيەتلىك جاۋابىڭىزدىن بەك ھۇزۇرلاندىم.   جاۋابلىرىڭىز قەلبىمدە ھەقىقىتەن سۆيۈنىلدى. سىزگە  ناھايىتى كۆپ رەخمەت!
ئەتلەسنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە نۇسخىللىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە تەشنالىق بار.
سىزدەك، ئەھميەتلىك ياكى تەپەككۇر قوزغاتقۇچى ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماقالە ئاپتۇرلار گۇرۇپپىسىغا ( ئاپتۇر سانىدا چەك يوق) تەكلىپ قىلىنىدۇ.  قېنى تىرىشايلى!

ILM1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 04:51:14

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 19:54 static/image/common/back.gif
Ikat is most characteristic of Indonesia, though ikats have also been woven in India and central Asi ...

ھۆرمەتلىك دانا  ئۇستاز،   ئەستايىدىل ۋە ئەھمىيەتلىك جاۋابىڭىزدىن بەك ھۇزۇرلاندىم.   جاۋابلىرىڭىز قەلبىمدە ھەقىقىتەن سۆيۈنىلدى. سىزگە  ناھايىتى كۆپ رەخمەت!
ئەتلەسنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە نۇسخىللىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە تەشنالىق بار.
سىزدەك، ئەھميەتلىك ياكى تەپەككۇر قوزغاتقۇچى ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماقالە ئاپتۇرلار گۇرۇپپىسىغا ( ئاپتۇر سانىدا چەك يوق) تەكلىپ قىلىنىدۇ.  قېنى تىرىشايلى!
بەت: [1] 2
: ئەتلەس: ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكا ئىندىئان مەدىنىيىتىدە باغلىنىش بارمۇ؟