kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:43:05

قولتۇق پۇراش ياكى بەدەن پۇراشقا داۋا

قولتۇق پۇراش ياكى بەدەن پۇراشقا داۋا


بۇ كېسەللىك بەدەندە تەبىئەتنىڭ سۇنىشى ۋە بەزى ھاياتىنلارنىڭ يىتەرسىزلىگىدىن بولىدۇ. يوشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن قولتۇق، پۇت بارماقلىرىنىڭ يېرىقى، تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.
بۇنىڭغا دەسلەپتە سۈرگە بېرىپ قاننى تازىلايمىز ۋە خىلىتلارنىڭ ئۆتكۈرلىگىنى پەسەيتىمىز بۇنىڭ ئۈچۈن كۆكنۇر شىركىتىنىڭ سازقان دەملىمىسى ئىچىلسە بولىدۇ.ياخشىسى قان تازىلاشنى ئۈچ ئايدا بىر ھەپتە ئىلىپ بېرىپ بەرگەن پايدىلىق.تامىقىدا سىركە ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. بەدەننىڭ ئاندىن بەدەننى داۋاملىق كۆيدۈردى دېگىدەك سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرىشىنى بۇيرۇيمىز.ئاس سېرىق چىچەك، سەۋسەن يوپۇرمىقى، سەندەللەرنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ بۇنىڭغا ئازراق كافۇر قوشۇپ ئۇپىدەك ئۇۋۇتۇپ پۇرايدىغان جايغا سۈرۈپ بېرىمىز.
قاننى تازىلىغاندىن كېيىن قولتۇق پۇراشقا ئاس ئاق سەندەل، مەرزەنجۇش، رەيھان، ئۆشنە، قىزىلگۇل، سۇمبۇل، زەمچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ئۇپا قىلىپ قولتۇققا سېپىپ بېرىش مەخسۇسراق ئىشلىتىلىدۇ. ناۋادا ئىتتىكرەك تەسىر قىلسۇن دېسەك مەدەستاننى ئىزىپ ئۇپا قىلىپ سېپىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.بۇ كېسەلنىڭ ئۈزۈل كېسىل تۈگىشى ئۈچۈن1-2ئاي كۆكنۇر شىركىتىنىڭ شىپايى كالتسىي تابلىتىنى ۋە ۋېتامىن B نى  يېيشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:44:06

كۆكنۇر توردىن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:45:45

بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش
سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن ، تېرىنىڭ تەرىپىگە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن بولىدۇ . بولۇپمۇ جىددىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ بۇيى زىيادە بولىدۇ .
يەنە جىنسىي ھەركەتتىن كىيىن يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈش ، بىلخاسىيەت مۇخالىپ ۋە تىز ماددىنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەركەتلىنىدىغان نەرسىنى يېيىش مەسىلەن :ھىڭ ، ھۆلبە ، سامساق ، ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى يېيىش ، مەزكۇر كىسەللىككە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىندۇر . مەزكۇر كىسەللىك يۇشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، ئىككى تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . بەزىدە تامام بەدەندىن سېسىق بۇي كېلىدۇ . ئارقا تەرەت ، سۈيدۈك ، تەرلەرنىڭ سېسىق بولۇشى ھەم خىلىتلار سېسىغانلىقتىن بولىدۇ .
داۋالاش :سۈرگە ئارقىلىق بەدەننى تازىلاش ، خىلىتلارنىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىش ، مىزاجىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۇۋۇتقۇچى شەربەتلەرنى سىركەنجىۋىلنى بېرىش ، مۇناسىپ تاماقلارنى مەسىلەن : چۈجىلەر ، ئۇچار - جانىۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزۈش ، مەزكۇر كىسەللىككە ياردەم بولىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش كىرەك . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش لازىم . ئاس، سېرىقچىچەك ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى سەندەللەرنى ئېزىپ سۇ بىلەن ياكى گۇلاب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش كىرەك .
تۆۋەندىكى دورىلارنى قولتۇق ۋە باشقا بەدبۇي بولغان جايلارغا سۈركەش مەنپەئەت قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى :
مۇردارسەڭنى ئاقارتىپ ئاندىن ئۇنى گۇلابقا چىلاپ سايدە قۇرۇتۇپ ، تۇتىيا ، بىر ئاز كاپۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، گۇلابقا ياكى سۇدا ئېزىپ چېپىلىدۇ .
يەنە بىر خىلى :ئاس ، ئاق سەندەل ، پورتىخال پوستى ، مەرزەنجۈش ، قارا رەيھان ، ئۆشنە ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ،زەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ قولتۇققا سېپىلىدۇ ياكى داكىغا ئوخشاش بىرەر رەختكە ئېلىپ قولتۇققا تۆكۈلىدۇ . تېرىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەرنى قورۇغۇچى ، تېرىنى قېلىنلاشتۇرغۇچى تەرنى توسقۇچى بولغان نەرسىلەرنى سۈركەش ۋە چېپىش مەنپەئەت قىلىدۇ .
مۇردارسەڭنى سۇ بىلەن ئېزىپ چېپىش تىز تەسىر قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش: كۆپ سېمىز بولۇش ۋە شورلۇق تەر ئارقىلىق قولتۇق ، يىرىق ، قۇلاقنىڭ ئارقىسى ، ئۇششاق قوللارنىڭ ئارقىسى ياكى پۇتنىڭ ئاستى ، ئەمچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردا بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .
داۋالاش : سۈرگە بېرىش ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا تىرىشىش ، ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بولۇپمۇ ئىسسىق ھاۋادا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنش لازىم . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر جايلارنى قىززىق سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جايلاردىكى كىر ۋە يىغىلغان ئارتۇق ماددىلار يۇيۇلۇپ تازىلىنىدۇ . كىيىن تىرىنى چىڭىتىش ۋە قېلىنلاشتۇرۇش ، تىرىدىكى ئۇششاق تۈشۈكلەرنى بىكىتىش ئۈچۈن شۇ جايغا سۇغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن تەرنىڭ ۋە سېسىق ماددىلارسىزىپ چىقىشى توسۇلىدۇ . بۇ جايدا تۆۋەندىكى زۈرۈرى ئەرەق (تەر ئۈچۈن سېپىلىدىغان دورا )بېرىلىدۇ .
تەركىبى : سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، تۇتىيا ، مۇردارسەڭ ، گۈلنار ، قىزىلگۈل ، گىل ئەرمىنى ، كۆيدۈرۈلگەن خىنە (مەككە خېنىسى ) ، ئانار پوستىلىرىنى ھاجەتكە لايىق باراۋەر مىقداردا ئېلىنىدۇ، كاپۇردىن بىر ئاز مىقداردا ئېلىنىدۇ .
تەييارلىنىشى ؛ مەزكۇر دورىلارنى سىركىدە يۇمشاق ئېزىپ ۋە سالايە قىلىپ ، ئاندىن سايىدە قۇرۇتۇپ ساقلاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ .
خۇسۇسىيىتى :قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، قۇلاق ئارقىسى ، ئەپچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردىكى بەدبۇيلۇقنى دەپئى قىلىش ۋە تەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
تەبىئىتى : قۇرۇق سوغۇقتۇر .
ئىشلىتىلىشى : ھاجەت بولغاندا تەرگە ۋە بەدبۇي بولغان جايلارغا ئەھۋالغا قاراپ سېپىلىدۇ .
ئەگەر تەرنىڭ ۋە ماددىنىڭ تىزلىكىدىن شۇ جايدا ھارارەت پەيدا بولسا ، مەلھىمى سىركە (مەلھىمى خەل ) ، مەلھىمى سەپىتلەرنى چېپىش لازىم . ياكى ئاۋۋال شۇ جاي سىركە بىلەن يۇيۇلسا ، چاقىنىڭ پۈتۈشىگە توسالغۇ بولغان كىر ۋە ھۆللۈكلەر چىقىپ كىتىدۇ . ئاندىن كىيىن مەزكۇر مەلھەملەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق بولىدۇ .
ئەسكەرتىش :باشنىڭ تىرىسىدە بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى مىڭىدىن باشنىڭ تىرىسىگە چىققان مايلىق بۇخاراتتىن شۇ جايدا يىغىلغان ياغلىق ماددىدىن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىسەللىك قېرىلار ۋە كىچىك بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . چۈنكى سېسىقلىقنىڭ ماددىسى بولغان ھۆللۈك ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە كۆپ بولۇپ ، سېسىقلىقنى توسىدىغان ھارارىتى تەبىئىي ئاجىز بولىدۇ .
داۋالاش :بەدەن مۇۋاپىق تازىلانغاندىن كىيىن ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، مۇردارسەڭ ، تۇتىيا ، سەنۇبەر دەرىخىنىڭ پوستى ، سەرۋى دەرىخىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن مىۋىسى دىقاقى كۇندۇر (كۇندۇرنىڭ ئۇۋاقلىرى )لارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ ، شاراب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش ، سامساق ۋە پىياز سېلىنغان تاماقلاردىن ساقلىنىش لازىم .
بارلىق بەدەننىڭ تەرلىرىنى خۇشبۇي قىلىدىغان درىلار : ئارچىنىڭ مىۋىسى ، (ئۇبھەل ) ، سەلىخە ، ئۆرۈك ، نۆشۈدۈرلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ ھەقتە مەنپەئەتلىكتۇر بۇلارنى ئۆز مىقدارى ۋە قائىدىسى بويىچە يەيدۇ . تەرنى توختىتىش ئۈچۈن زەمچىنى سۇدا ئېرىتىپ سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ . سەۋسەن يۇپۇرمىقى ياكى يۇلغۇن يۇپۇرمىقى ياكى ئاسنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى قاتارلىقلار ھەم شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. قولنىڭ ئالقىنىنىڭ تەرلىشى ھەم شۇ دورىلار بىلەن ياخشى بولىدۇ .
مۇھەممەد ئەكبەرئەرزانىنىڭ << تېببىي ئەكبەر >>دىن ئېلىندى .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tordos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 13:58:47

دورا ئىستېمالغا قاراپلا، ئېلانچىلىق دەۋىرگە ماس كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولدىكەن ، ئاينا {:87:}

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 15:08:35

مېنىڭ پۇتۇمنىڭ تاپىنىنىڭ چۆرىسى بەك قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى. قانداق دورا قىلسام بولار؟

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 16:24:09

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 15:08 static/image/common/back.gif
مېنىڭ پۇتۇمنىڭ تاپىنىنىڭ چۆرىسى بەك قىچىشىدىغان بولۇپ ...

كۆپرەك پىيادە يول يۈرۈپ بېرىڭ

tordos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:37:52

106 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 15:08 static/image/common/back.gif
مېنىڭ پۇتۇمنىڭ تاپىنىنىڭ چۆرىسى بەك قىچىشىدىغان بولۇپ ...

ئەمەننى قاينىتىپ يۇيۇپ بىرىڭ . بىر قېتىمدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلدۇ

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 21:13:59

     قولتۇقى زىيادە تەرلەپ پۇرايدىغان كىشىلەر ئەگەر قورقماس ئىرادىسى بولسا  ئەڭ تېز ، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ تىجەشلىك بىر داۋالاش چارىسىنى بىلىمەن، سىناقتىن ئۆتكەن چارە!
     ئۇ بولسىمۇ قولتۇقنى ھەسەل ھەرىسىگە مەجبۇرىي چاقتۇرۇش. (ھەسەل ھەرىسى بېقىش ئورۇنلىرىنى تاپالمىسىڭىز چېچەك پەسىللىرىدە گۈللەر ئۈستىدىن تېپىڭ، ئاستاغىنە قانىتىدىن چىمدىپ تۇتۇۋالسىڭىز قولىڭىزنى چاقالمايدۇ )

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 07:50:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 07:51  

ئامىركىنىڭ مونچىدىن چىققان ھامان سۈركەيدىغان بىر دورىسى بار .ئاجايىپ ئۈنۈملۈك ،بىر سۈركەپ قويسىڭىز بىر ئاي مونچىغا چۈشمىسىڭىزمۇ قولتۇقىڭىز قەتئىي پۇرىمايدۇ،ئازراقمۇ يالغىنى يوق. بىر قۇتىسى 100يۇەندىن سېتىلىدۇ(ئۈچ تۆت يىل ئىشلىتىشكە  يېتىدۇ).بىۋاستە ئامىركىدىن كىرگۈزۈلگەن دورا. قىزىقساڭلار ئۇچۇر قىلارسىلەر مەن بۇ دورىنى نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
بەت: [1]
: قولتۇق پۇراش ياكى بەدەن پۇراشقا داۋا