TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 08:37:04

تاشپولات: ئىلھام يۈسۈپ ئاكا ۋە ماتېماتىكا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-29 01:52

ئىلھام يۈسۈپ ئاكا ۋە ماتېماتىكا

تاشپولات روزى


بۇ رەسىم بۇ يىل يازدا ۋەتەنگە بارغىنىمدا تارتىلغان ، ئارقا رەت سولدىن 1-سى ئىلھام يۈسۈپ.

مەن بۇ يىل 6-ئايدا ۋەتەنگە بارغىنىمدا، ماتېماتىك ئىلھام يۈسۈپ ئاكا بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى قېتىم كۆرۈشتۈم. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتنىڭ 78-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مېنىڭدىن2 يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوقۇۋاتقان سىنىپىدا ئەڭ ئەلا ئوقۇغۇچى ئىدى. مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئىلھام ئاكىنىڭ ماتېماتىكىدا ئاجايىپ تالانتى بارلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ئاڭلايتتىم. ئۇ مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم ئىدى. مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنۇڭ بىلەن تونۇشۇپ ئارىلاپ-ئارىلاپ پىكىرلىشىپ قوياتتۇق. ئۇ ناھايىتى كەمتەر، ئاق كۆڭۈل، راستچىل ۋە قىزىقچى ئىدى.ئىلھام ئاكا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ پۇتبولنى ئاجايىپ چىرايلىق ئويناتتى. ئۇنۇڭ ۋاراتالغا توپ ئۇرۇش ۋە توپ ئېلىپ مېڭىش تېخنىكىلىرىنى كۆرۈپ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ توپ ئوينامدىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.بۇنداق ھەممە جەھەتتىن يېتىلىپ چىقىش بىر ئادەم ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس.بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمىزدا، ئۇنۇڭ چاقچاقلىرىنى ۋە يۇمۇرلۇق گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈچەيلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قېلىشقا تاس قالاتتى. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ماتېماتىكا ئانالىز بۆلۈمىگە بۆلۈنۈپ، ماتېماتىكا ئانالىزىدىن دەرس بەرگەن ئىدى. ئۇنۇڭ دەرس ئۆتۈش مىنۇتى ئاجايىپ سەرخىل بولۇپ، شۇ چاغدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە، ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈچە ئۆتەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەن 84-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلھام ئاكا بىلەن بىر فاكۇلتېتتا خىزمەت قىلدىم. ئۇنۇڭ بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپەيدى. كۆپ سورۇنلاردا بىرگە بولدۇق. شۇڭا مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشقانسېرى ئۇنى ئاكا دېمەي ئىلھامدەپلا چاقىرىدىغان يېقىن دوستلاردىنۋە يېقىن خىزمەتداشلاردىن بولۇپ كەتتۇق. مېنىڭچە ئۇنۇڭ دەرس ئۆتۈش مېتودىنى ھازىرقى ياشلىرىمىز ئۆگىنىشى ھەم ساقلاپ قېلىشى لازىم. ئۇ 1984-يىلى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرىدۇ. شۇ چاغدا فاكۇلتېتىمىزدىن ئىلھام ۋە بىر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئىلھام ئاكىلا بىر يىل ئىچىدە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قىيىن ماتېماتىكا دەرسلىرىنى ياخشى ئوقۇپ، قولىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. شۇ چاغدا باشقىلار ئالالمىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئىلھام ئاكىلا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولۇپ، بىزنىڭمۇ باشقىلار قىلالمىغان ئىشنىمۇ قىلالىغانلىقىمىزدىن پەخىرلەنگەن ئىدىم. مەن ئىلھام ئاكىنىڭ تەنىنىڭ سالامەت، ماتېماتىكا ساھەسىدە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن كۆپماتېماتىكا يازمىلارنى يېزىپ قالدۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ قېتىمقى ۋەتەن سەپىرىمدە، ئىلھام ئاكا بىلەن دوستلار سورۇنىدا بىللە بولۇپ، ئۇنۇڭ بىلەن كەسىپ توغرىلىقمۇپاراڭلاشتۇق. ئۇ ماڭا ئۆزى يازغان بىر كىتاب ۋە تەرجىمە قىلغان بىر كىتابىنى سوغا قىلدى. مەن بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇم. بۇ يازمامدا ئىلھام ئاكىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يازغان (ماتېماتىكىدىكى بەزى ئۇقۇملارنىڭ كېلىپ چىقىشى) دېگەن كىتابنى تونۇشتۇرىمەن.


ئارقا رەت سولدىن 2-سى ئىلھام يۈسۈپ.
ماتېماتىكا ئالىمى ئىلھام يۈسۈپ ئاكا، 1958-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1964-يىلدىن 1969-يىلغىچە غۇلجا شەھەر ئالتەشۇار مەھەللە شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئۈچ دەرۋازا 16-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1969-يىلدىن 1975-يىلغىچە غۇلجا شەھەر 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە (سابىق ئۈمىد مەكتىپى) ئوقۇغان،1975-يىلدىن 1978-يىلغىچە غۇلجا ناھىيە ئارا ئۆستەڭ يېزىسى ئويمانبايتوقاي كەنتىدە 3 يىل قايتا تەربىيە دە بولغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1983-يىلى 3-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملاپ ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1984-يىلى 9-ئايدىن 1985-يىلى 7-ئايغىچە شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1997-يىلدىن 2001-يىلغىچە گېرمانىيە دىرىسدىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ جەرياندا قېتىرقىنىپ دەرس ئۆتكەندىن سىرت جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ماتېماتىكا ۋە سىستېما ئىلمى ئىنستىتۇتنىڭ (ۋۇ ۋىنجۇن يىپەك يولى ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقات فوندى) نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى ماتېرىياللار مەنبەسىنى قېزىش ۋە رەتلەش تەتقىقات تۇرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. 2004-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە تارىخىغا ئائىتماتېرىياللارنى توپلىغان. 2007-يىلى ئالخارازىمىنىڭ ئارىفمېتىكا ۋە ئالگېبراغا ئائىت ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بېيجىڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل ئىلمى ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

تۆۋەندە ئىلھام ئاكا يازغان (ماتېماتىكىدىكى بەزى ئۇقۇملارنىڭ كېلىپ چىقىشى) دېگەن كىتابتىكى “ماتېماتىكا ئىلمىگە قانداق تەبىر بېرىش كېرەك” دېگەن پاراگرافنى تونۇشتۇرىمەن.

ماتېماتىكا ئىلمىگە قانداق تەبىر بېرىش كېرەك

ماتېماتىكا دېگەن ئاتالغۇنى گىرېك ئالىمى پەتۇگۇراس مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىرلەردە كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ گىرېكچە (μαθηματικά) ، يەنى ئۆگىنىشكە بولىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدە. ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ ئۆزى بىر تارىخى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكىدىن ئىبارەتبۇ ئىلىمگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم ئېنىقلىما بېرىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، تۆۋەندە بىر تارىخى نۇقتىدىن چىقىپ “ماتېماتىكا دېگەن نېمە” دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ كۆرەيلى.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن ئىلگىرى، ماتېماتىكا ئاساسەن “سان” لارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ئىدى، بۇ دەۋرلەردە مىسىر، بايبىلون، ھىندىستان، ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ماتېماتىكىسى خېلى تەرەقى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاساسەن سانلارنى جەملەش، ئېلېمېنتار ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى، ئۇ چاغدىكى گېئومېتىرىيە بولسا، ئارىفمېتىكىنىڭ ئاددىي قوللىنىشىدىلا ئىبارەت ئىدى.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن باشلاپ، گىرېك ماتېماتىكىسى باش كۆتۈرۈپ چىقتى، لېكىن ئۇلار ئارىفمېتىكىغا قارىغاندا شەكىللەرنى تەتقىق قىلىشقا بەكرەك قىزىقتى، بۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكا “سان بىلەن شەكىل” لەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمگە ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 17-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ماتېماتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە ئوتكەن مەشھۇر گىرېك پەيلاسوپى ئارستوتىل، ماتېماتىكىغا “ماتېماتىكا مىقدارلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدىن ئىبارەت” دەپ ئېنىقلىما بەردى.

16-ئەسىرگە كەلگەندە، ئەنگلىيە پەيلاسوپى ف باكون (F. Bacon, 1561-1626) ماتېماتىكىنى “ساپ ماتېماتىكا” (pure mathematics) ۋە “ئارىلاشما ماتېماتىكا” (mixed mathematics) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىدى. ئۇنۇڭ “ئارىلاشما ماتېماتىكا” دېگىنى ھازىرقى “قوللىنىشچان ماتېماتىكا” غا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئۇ “ساپ ماتېماتىكا”غا، “ماددا ۋە تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ئاكسىئومىلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان مىقدارلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىلىم” دەپ ئېنىقلىما بەردى.

17-ئەسىرگە كەلگەندە فىرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى دېكارت (R. Deacartes, 1596 – 1650) قاتارلىقلارنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىگە بولغان كۆز قارىشىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولدى. دېكارت: “تەرتىپ” ۋە “ئۆلچەم” نى تەتقىق قىلىش مەقسەت قىلغان ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.

دەل يەنە ئاشۇ دېكارتنىڭ دەۋرىدە ماتېماتىكىدا غايەت زور بۇرۇلۇش پەيدا بولدى، 17-، 18- ئەسىردىكى پۈتكۈل ماتېماتىكلار دىققىتىنى ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىشقامەركەزلەشتۈردى. نيۇتون بىلەن لەيبىنىز كەشىپ قىلغان دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال ئىلمى، ئەمەلىيەتتە ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىدىغان بىر خىل قورالدىن ئىبارەت ئىدى. ئەلۋەتتە ھەرىكەت بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىش يەنىلا سان ۋە شەكىلدىن ئايرىلالمايتتى، شۇڭا ماتېماتىكا سان، شەكىل، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىقنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئىنگلىز “ماتېماتىكا رىيال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللىرى بىلەن سانلىق مىقدارلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم” دەپ كۆرسەتتى. لېكىن يەنە شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە، توپلام نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى گېرمانىيە ئالىمى كانتور ( G. Cantor, 1845 – 1918)، “ماتېماتىكا مۇتلەق ئەركىن تەرەقى قىلىدىغان ئىلىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پەقەت ئېنىق بولغان تەپەككۇرغىلا بويسۇنىدۇ، يەنى ئۇنۇڭدىكى چۈشەنچىلەر چوقۇم ئۆزئارا زىت كەلمەيدىغان ئېنىقلىمىلار ئارقىلىق ئورنىتىلغان بۆلىشى ھەمدە تەرتىپلىك ھالدا بۇرۇن ئورنىتىلغان ياكى ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان چۈشەنچىلەر بىلەن باغلايدىغان بۆلىشى كېرەك” دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

20- ئەسىرگە كەلگەندە ماتېماتىكا ئالىمى رۇسسەل (Russell Bertrand) ماتېماتىكىغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەرگەن: “ساپ ماتېماتىكا مۇنداق بىر تۈرلۈك ھۆكۈملەردىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى مەلۇم بىر ھۆكۈمنى مەلۇم تۇردىكى شەيئىلەرنىڭ ئومۇمى ھالى ئۈچۈن ئورۇنلۇق دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا يەنە باشقا بىر ھۆكۈمنىڭمۇئوخشاش تۇردىكى شەيئىلەر ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ، بۇ يەردە بىرىنچى ھۆكۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بولۇش-بولماسلىقى، ياكى ھۆكۈم قۇرۇلىدىغان شەيئىلەرنىڭ زادى قانداق نەرسە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت بىز مەلۇم خۇسۇسى ھالدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئومۇمى ھالدىكى شەيئىلەر ئۈچۈن ئورۇنلۇق دەپ پەرەز قىلىدىغانلا بولساق، ئۇ ھالدا بىز چىقارغان بۇ ئەقلى خۇلاسە ماتېماتىكا بولغان بولىدۇ، دېمەك ماتېماتىكىنى مۇنداق بىر ئىلىم دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ، يەنى بىز ئۇنۇڭ قانداق شەيئىلەرنى دېمەكچى بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇ دەۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيمىز”.

مەسىلەن، مەلۇم بىر a شەيئىنى 4 كە پۈتۈن بولىنىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا بۇ a نىڭ 2 گە پۈتۈن بولۇنىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ، بۇ يەردىكى يەكۈن، a نىڭ قانداق شەيئى بۆلىشى ياكى ئۇنۇڭ ھەقىقەتەن 4 كە پۈتۈن بولۇنۇشى ياكى بۆلۈنمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ پەقەت بىزنىڭ پەرىزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك. رۇسسەلنىڭ ئېنىقلىمىسىدا لوگىكا ۋە ماتېماتىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەنگەن بولۇپ، ماتېماتىكىنى ئەمەلىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن. گەرچە رۇسسەلنىڭ يۇقىرىقى ئېنىقلىمىسى ناھايىتى مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ماتېماتىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ ئوبيېكتىپ ئېنىقلىمىسى دەپ قوبۇل قىلىش تەس. شۇڭا 20- ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇزلۇق ماتېماتىكلار، ئىنگلىزنىڭ يۇقىرىقى ئېنىقلىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلىمەكچى بولدى، ئۇلار ماتېماتىكا: “ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى، ھەرخىل مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرخىل ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇمكىن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋە باغلىنىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم” دەپ ئېنىقلىما بەردى، لېكىن بۇ ئېنىقلىمىدا سان بىلەن شەكىلنى پەرقلەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئارستوتىلنىڭ ئېنىقلىمىسىغا قايتىپ كەلدى دېيىشكە بولاتتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ماتېماتىكا ھازىرقى دەۋرگە ماس كېلىدىغان ئېنىقلىما بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكادىكى بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق ئالىملار كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئاخىرى “ماتېماتىكا ھەرخىل ئەندىزىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم”(science of pattern) دەپ ئېنىقلىما بەردى.

مەسىلەن، بىز 2 گە 3 نى قوشساق 5 بولىدۇ دېسەك، بۇمۇ بىرخىل ئەندىزىدىن ئىبارەت، چۈنكى بۇ يەردىكى 2 بىلەن 3 سانى ئادەم بولۇشىمۇ، ھايۋان بۆلۈشىمۇ ۋە باشقا خالىغان جىسىم بولۇشىمۇ مۇمكىن، دېمەك بۇنى ئومۇمەن 2 شەيئىنى 3 شەيئىگە قوشسا 5 شەيئى بولۇشىنىڭ ئەندىزىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، قارىماققا بۇ ئېنىقلىمىدىكى “ھەرخىل ئەندىزە” دېگەن سۆز ئارستوتىلنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى “مىقدار” دېگەن سوز بىلەن ئالماشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن “ئەندىزە” سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن “مىقدار” سۆزى ئوز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ھەمدە تېخىمۇ ئومۇملۇققا ئىگە بولۇپ، ئۇ سانلارنىڭ ئەندىزىسى، شەكىللەرنىڭ ئەندىزىسى، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەر ئەندىزىسى، تەپەككۇر ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئەندىزىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئەندىزىلەر رېئاللىق بولۇشىمۇ ياكى خىيالى بولۇشىمۇمۇمكىن، شۇڭا ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ بۇ يېڭى ئېنىقلىمىسى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە يىغىنچاقلاشچانلىققا ئىگە بولغانلىقتىن، زور كۆپ ساندىكى ماتېماتىكلارنىڭ قايىل بۆلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

داۋامى بار

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 21:22:43

ئىلھام مۇئەللىم بىزنىڭ ئىنىستىتۇتتىكى مەن ھۆرمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بىرى، بىزگە بىر يىل دەرس بېرىش جەريانىدا ھەممەيلەن شۇنداق چىقىشىپ ئۆتكەنىدۇق.
مۇرەككەپ شەكىللەرنى سىزىشقا ماھىر ئېدى، سىزىقلارنى تۈپتۈز سىزالايتتى، ئادەمنى قايىل قىلىدىغان يەنە بىر يېرى، ھەر ئىككى قولىدا ئوخشاشلا خەت يازالايتتى. دوسكىنىڭ سول تەرىپىدىن باشلاپ يېزىپ، ئوڭ تەرىپىگە كەلگەندە ئوڭ قولى سەل ئەپلەشمىسە، بورنى سول قولىغا ئېلىپلا يېزىۋىرەتتى:lol

بىرىنچى رەسىمدىكى ئالدى رەت ئوڭدىن بىرىنچى كىشى بىلەنمۇ بەك يېقىن ئۆتكەن، ھازىرغىچە ئۇچىرىشىپ قالساق، خېلى ھازا مۇڭدىشىپ ئاندىن ئايرىلىمىز. تومۇزدىكى ئىشلار تۈپەيلى مۇشۇ مۇئەللىم ئۆتكەن «ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى» دەرىسىدىن ئۆتەلمەي قالغانتىم، تەتىلدىن قايتىپ قاتتىق تەييارلىق قىلىپ، تەكرار ئىمتىھاننى شۇنداق پەچەت بېرىۋەتكەن، مەكتەپنىڭ قائىدىسى بويىچە 60 نومۇر ئالغان.
بۇ ئوقۇتقۇچىمىز دەرسنى ئۇيغۇرچە سۆزلىسە بىرەرمۇ خەنزۇچە سۆز ئارلاشتۇرمايتتى، ماتىماتىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىغا بەك پۇختا ئىدى. خەنزۇچە سۆزلىسە بىرەر ئېغىز ئۇيغۇرچە ئارلاشتۇرمايتتى.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 21:49:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-28 21:56

تاشپولاتكا،سىز تىلغا ئالغان پەتۇگىراسدىگەن كىشى ئۇيغۇرتىلىدا پىفاگور( Pythagoras毕达哥拉斯 ) دەپ ئاتىلىدىغان كىشى شۇ بولسا كېرەك. ،پىفاگوردىگەنئىسىم ئېنگىلىزچىسىغا يېقىنمۇ كەلمەيدىكەن،بەلكم ئورۇسچىدىن مۇشۇنداق ئۆزلىشىپ قالغان بولسا كېرەك.
روسسەل دىگەن ئىسىم ئۇيغۇرچىغا روسسىل دەپ ئۆزلەشكەن.بىرتىراند روسسىلنىڭ‹‹ ماتىماتىكا پىرىنسىپلىرى››(数学原理)دىگەن كىتاۋى ھازىرقى زامان لوگىكىسى ، ماتىماتىكىسى ۋە پەلسەپىسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەندىيىشىدىكەن.
ئۇيغۇرتىلى مۇھىتىدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغاچقا مۇشۇنداقئاتىغان بولسىڭىز كېرەك.ساقال تارىغىنىمنى كەچۈرۈك.ياخشى بىر تېما يوللاپسىز.

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 22:00:15

يۇنان تارىخىدا پىروتاگۇراس ئىسىملىكبىر مۇتەپەككۈر ئۆتكەن ئۇنىڭ «ئادەم بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆلچىمى »دەيدىغان بىر كەلىمىسى با ر تۇلۇق ئوتتۇرا تارىخ دەرسلىكى زۆرۆر 3-قىسىم 5-دەرستە .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 22:13:47

yerimnan يوللىغان ۋاقتى2014-12-28 22:00 static/image/common/back.gif
يۇنان تارىخىدا پىروتاگۇراس ئىسىملىكبىر مۇتەپەككۈر ئ ...

سىز دىگەن بۇ كىشىنى پروتاگروس(Protagoras普罗泰戈拉) دەپ ئاتايدۇ،بۇ كىشى يۇناننىڭ سوفىستىس ئېقىمدىكى پەيلاسوپ بولۇپ بۇ كىشنىڭ ماتىماتىكا بىلەن ئالاقىسى يوق.بۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ ‹‹ئادەم ھەممنىڭ ئۆلچىمى›› دىگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان،بۇ ئېقىمدىكى يەنە بىر ئاشقۇن پەيلاسوپ گورگىيە يەنە مۇنداق بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان 1،ھىچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس 2،بىر نەرسە مەۋجۇت بولغاندىمۇ ئۇنى بىلىش مۆمكىن ئەمەس 3،ئۇنى بىلگىلى بولغاندىمۇ بىلگەننى باشقىلارغا يەتكۈزۈش مومكىن ئەمەس.سوفىستىس ئېقىمى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامرىكىداگۈللەنگەن پىراگماتىزىمنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ.غەرپ پەلسەپىسكى سوفىسىتىس دىگەن سۆز بىلەن ئۇيغۇرتىلىدىكى سوپى دىگەن سۆزنىڭ بىرەر ئالاقىسى بولمىسىمۇ لېكىن بۇ ئىككى سۆز ھەر ئىككىلىسنىڭ ئۆزىگە خاس سورۇنىدا بەزىدە سەلبى مەنىدە كېلىدۇ.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 00:55:23

windows100 يوللىغان ۋاقتى2014-12-28 21:49 static/image/common/back.gif
تاشپولاتكا،سىز تىلغا ئالغان پەتۇگىراسدىگەن كىشى ئۇي ...

ئۇكام، ئىلھام يۈسۈپ كىتابىدا“پېتاگوراس” دەپ ئاپتۇ. شۇڭا مەنمۇ شۇ پېتى ئالدىم.ئۇ يەنە “رۇسسەلل” نى “رۇسسەل” دەپ يېزىپتۇ.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:27:27

TashpolatRozi ئاكا ئىسىل تىمىلىرڭىزنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرغايمىز.
مۇشۇ ماتىماتىكىدىكى بەزى فورمۇلا ،ئاكسىئومالارنى مەلۇم بىر ئادەم تېپىپ چىقىدىغاندۇ؟
سىزنىڭمۇئايرىم ئۆزىڭىز تاپقان ،ياكى باشقىلار ئۇيغۇرلار تاپقان دەيدىغان بەزى فورمۇلا ،ئاكسىئومالار بارمۇ؟
بولسا ئاڭلاپ باقساق مەزمۇنىنى؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:29:07

بەزى ماتىماتىكىدا ئالاھىدە بالىلارنىڭبەزى فورمۇلا ،ئاكسىئومالارنى تاپتى ئاڭلايمىز،ئۆزۈڭلار ئوقۇۋاتقان
ماتىماتىكا ئىنىستىتودىدا ئاشۇنداق بالىلار بارمىدى؟ بولسا مەزمۇنىنى بىلسەڭلار ئاڭلاپ باقساقgoodluck@؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:54:25

تاشپولات ئاكا:
    ماتېماتىك ئىلھام يۈسۈپ ھەققىدە يىزىلغان بۇ تېمىڭىزدىن بەك سۆيۇندۇم.ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تېمىنى تەييار قىلىپ بىزلەرگە سۇنغىنىڭىزدىن كۆپ خۇرسەنمەن.



بۇكىتاب ئىلھامكام خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەركەن.
    بىر چاغلاردا مەنمۇ ئىلھامكام ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغان ئىدىم.
   http://www.blogbus.com/matimatik-logs/202056276.html
   سىزنىڭ تېمىڭىز تىخىمۇ تولۇق بوپتۇ.
تېمىنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:23:55

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2014-12-28 21:22 static/image/common/back.gif
ئىلھام مۇئەللىم بىزنىڭ ئىنىستىتۇتتىكى مەن ھۆرمەت قىلى ...

گۇدلاك كىيىنكى ئىمتىھاندا راۋرۇس تىرىشىپتىكەنسىلە جۇمۇ:)ئاچچىق خېلى كەپتىكەن بولمىسا

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:09:34

تاشپولات ئاكا :
سىزدىن سوراپ باقسام -- شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، ئىلياس تاھىرى تۈزگەن ، «ئەۋلىيا چوققا ئىتىكىدىكى مەرىپەت بۇلىقى» ناملىق كىتابتا ، ئىلھام يۈسۈپ ئاكىنى« 2000-يىلى گېرمانىيىنىڭ ھەمبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەبىئى پەنلەر تارىخى تەتقىقات ئورنىدا ماتېماتىكا تارىخى بوپيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن» ( شۇ كىتاب 286-بەت) دەپ يىزىپتىكەن ، بىراق شىنجاڭ پەن تىخنىكا نەشىرىياتى تۈزگەن «ماتىماتىكىدىكى بەزى ئۇقۇملارنىڭ كىلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابتا «1997-يىلدىن 2001-يىلغىچە گىرمانىيە دىرىسىدىن سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتىتىدا ئسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كىيىن ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دەپ يىزىلىپتۇ(شۇ كىتاب ئىچتاش 1-بەت).
......
سىز ئىلھامكام بىلەن تونۇش بولغاندىن كىيىن مۇشۇ ئىككى خىل يازمىنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىر جەزىم قىلىۋەتسىڭىز.
مەنمۇ ئۆز بلوگىمدا بىرىنچى ماتىرىيالنى ئاساس قىلغان ئىكەنمەن. سىز 2-ماتىرىيالنى ئاساس قىپسىز.
ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 12:13:01

matimatika يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 10:09 static/image/common/back.gif
تاشپولات ئاكا :
سىزدىن سوراپ باقسام -- شىنجاڭ مائارىپ نە ...

سالام ئۇكام، مەن يازغان يازما توغرا. شۇڭا سىز دېگەن يازمىنى مېنىڭ يازغىنىم بويىچە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز.

pidakar200789 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 16:43:39

كۆپ تەشەككۈر !! ئالىملىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن ! كاتتا شەرەپلار بولسۇن!!

ahmatjanxp يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 01:50:41

مۇشۇ قىلغان ئەجىرلىرىڭىزگە كاتتا ئىنئاملار بولسۇن.
بەت: [1]
: تاشپولات: ئىلھام يۈسۈپ ئاكا ۋە ماتېماتىكا