komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 02:44:10

Vladimir Nabokov رومانچىلىق قارشلىرىنىڭ ئىلھامىدىن...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   komsha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 02:46  

مەن بۇ ئانچە ئىجادىي ھىساپلانمايدىغان داشقايناق تەرمىلىرىمدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى لائۇرىيانتى ۋىلادىمىر نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قاراشلىرى، بولۇپمۇ رومانچىلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن ئۈزۈنتىلەر بېرىش بىلەن پاراللېل قىلىپ، ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۈزۈنتە تەرجىمىلەر ئارىسىدىكى ئوتتۇرا تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھات ياكى قىستۇرمىلار كەمىنىگە ئائىتتۇر.
ئالدى بىلەن ۋىلادىمىر نابوكوۋنىڭ كىملىكى ھەققىدە كىچىككىنە ئۇچۇر بېرەي: ۋلادىمىر رۇسىيەدە تۇغۇلغان. نابوكوۋ ئۇرۇقىنىڭ تاتارلارغا تۇتۇشۇدۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نابوكوۋلار جەمەتى رۇسىيەنىڭ داڭلىق ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولۇپ، ۋلادىمىرنىڭ دادىسى كىرىنسىكىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دەۋرىدە مىنىستىر بولغان. قىزىللارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشىدىن سەل بۇرۇن نابوكوۋ ئائىلىسى ئاۋال گېرمانىيىگە، كېيىن ئەنگىلىيىگە كۆچمەن بولغان. ۋىلادىمىر كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ، ئامېرىكا پۇخراسى بولۇپ قالغان. ۋىلادىمىر دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى رۇسچە يازغان؛ كېيىن ئېنگىلىزچە يېزىشتىمۇ ئاجايىپ ماھارىتىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭ داڭلىق رومانلىرىدىن «سولغۇن ئاتەش» ئانتى رومان تىپىغا كىرىدۇ. «لولىتا» يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، ۋىلادىمىرنى دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدە تونۇتقان. ۋىلادىمىر ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى بەرگەن. نوبىلغا ئېرىشكەندىن كېيىن پېنسىيىگە چىقىپ، شىۋىتسارىيىگە كۆچۈپ، شۇ يەردە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
مەن بۇ مەۋزۇ ئاستىدا ئاساسەن ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىدىن باشقىلار رەتلەپ تەييارلىغان ئىككى كىتاپ — «رۇس ئەدەبىياتى دەرسلىرى» ۋە «دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى» — تىن پايدىلاندىم. شۇنداقلا مۇشۇ ئىككى كىتاپتىن ئۈزۈنتىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئالدىم. تەرجىمە قىلغىنىم مەلۇم كونكرېت ئەسەر ھەققىدىكى تەھلىل ئەمەس، ئاپتور ياكى ئەسەر ھەققىدىكى ئومۇملاشتۇرۇلغان باھالار، شۇنداقلا ئەدەبىيات ھەققىدىكى مۇقۇملاشقان قاراشلىرى بىلەن چەكلەندى.
ئالدى بىلەن ۋىلادىمىرنىڭ ئومۇمىي ئەدەبىيات قاراشلىرى ھەققىدە شۇلارنى خۇلاسىلەپ دەپ ئۆتەي: رۇس ئەدەبىياتى دەرسلىرىدە نابوكوۋ رۇس رومانچىلىرىدىن گوگول، تۇرگىنېۋ، دوستويېۋسكىي، تولستوي، چېخوۋ ۋە سوۋېت ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن گوركىينى دەرسلىرىگە تېما قىلغان بولۇپ، كىلاسسىك رۇس ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن سەنئەتكارلار دەپ تۆرت ئىسىمنىلا تىلغا ئالۇدۇ. بۇلار سەنئەتكارلىق دەرىجىسىگە كۆرە بۇنداق تىزىلغان: 1) تولستوي، 2) گوگول، 3) چېخوۋ، 4) تۇرگىنېۋ. ئاندىن پۈتۈن دۇنيا بۈگۈنگىچە ھەۋەس قىلىۋاتقان دوستويېۋسكىي ھەققىدە كەمسىتكەن ھالدا شۇنداق چاخچاق قىستۇرۇپ قويۇدۇ: «ھەر ھالدا دوستويېۋىسكى بىلەن سالتىكوۋ تۆۋەن نومۇر ئالغىنى ئۈچۈن دەۋالىشىمەن دەپ ئىشخانامنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتقاندۇ». تولستويغا زىيادە بىر قايىللىقى بار. ھەتتا تولستوي ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبىنى («ئاڭ ئېقىمى» بىزدە قانداق چۈشۈنۈلۈۋاتىدۇ، بىلمەيمەن، بۇنىڭدىكى «ئېقىم» — ئۇسلۇپ، يول، مودا مەنىسىدىكى ئېقىم ئەمەس، سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاش، ئېقىش، قاتارلىشىپ ئۆتۈش مەنىسىدىكى ئېقىم بولۇپ، بۇ يەردە ئېقىۋاتقان «ئاڭ» — خىياللار، تەسەۋۋۇرلار، پىكىرلەر، كۆزلەملەر، خاتىرىلەر، ئەسلىمىلەر،...نى بىلدۈرۈدۇ) جويستىنمۇ بۇرۇن قوللانغان دەپ، بۇنى «ئاننا كارېنىنا» دىكى ئاڭ ئېقىشىغا ئائىت مىساللار بىلەن دەلىللەيدۇ. گوگولنىمۇ پەۋقۇلئاددە يوقۇرى باھالايدۇ. شۇغۇنىسى دوستويېۋسكىنى ھىچنىمىگە ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم ھەقسىزلىق بارلىقىنىمۇ ھىس قىلىش مۈمكىن. مەسىلەن، گوگولنىڭ رۇسىيە يېزىلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىنى گوگولنىڭ خىيالىدىكى يېزىلار، ھەرگىزمۇ رىياللىققا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى گوگول ھىچقاچان يېزىغا بېرىپ باقمىغان، پەقەت يېزىغا بارغان دوستلىرى بىلەن مەكتۇپلىشىش ئارقىلىق، يېزا ھەققىدە مەلۇم نەرسىلەرنى بىلىۋېلىپلا، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئاشۇنداق يېزىلارنى ياراتقان، دەپ ئۇلۇغلايدۇ-يۇ، دوستويېۋسكىيغا كەلگەندە ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ ياراتقان سەنئەت رىياللىقىنى رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ تىللايدۇ ۋاھاكازا...
رۇس ئەدەبىياتى دەرسلىرى تەرتىبى بىلەن شۇنداق تىزىلغان: گوگول. ئۇنىڭ بىز بىلىدىغان «ئۆلۈك جانلار» رومانى بىلەن «پەلتۇ» (ئورگىنال ئىسمى «شىنېل») ناملىق ھىكايىسى دەرستە سۆزلەنگەن.
ئەمدى ئۈزۈنتە تەرجىمىلەردىن بىرئاز تىزاي:
«غەرپ فاشستلىرىنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىستىگەنلىرى بىلەن بولشىۋىكلارنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتكەنلىرى ئارىسىدا پەرق بولمىشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكتۇر. بىر نەقىل بېرەي، بۈيۈك ناتسىستلاردىن بىرى، ھىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ كۈلتۈر مىنىستېرى در. روسېنبېرگ شۇنداق دېگەن: ‹سەنئەتكارنىڭ كىشىلىكى ئەركىن، چەكلىمىسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ئەمما، بىرلا تەلىپىمىز بار: ئېتىقادىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى›. لېنىنمۇ شۇنداق دېگەن: ‹ھەر سەنئەتكارنىڭ ئەركىن ئىجات قىلىش ھەققى بار؛ پەقەت بىز كوممۇنىستلار، ئۇلارنى پىلانىمىز ئىچىدە يۆنلەندۈرۈشكە مەجبۇرمىز›.
«‹قەلەملىرىڭىزنىڭ يۆنۈلۈشىنى بىز بەلگىلەيمىز› — دېمەككى، كوممۇنىست پارتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى مانا شۇنداق ئىدى... بىر كېيىنكى قەدەم بولسا، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خۇددى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىگە ئوخشاش باشتىن ئاخىر پىلانلاش ئىدى. كوممۇنىست باشلىقلار سۈنئىي بىر كۈلۈمسىرەش بىلەن، بۇنىڭ يازغۇچىلار ئۈچۈن ‹خورىماس تېما رەڭگا-رەڭلىكى› بەخش ئېتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتنىڭ ئەدەبىياتتىمۇ ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى سۆزلىشەتتى. بىر كۈن دەرس تېمىسى ‹زاۋۇتلار› بولاتتى؛ كەينىدىن ‹يېزىلار›، ئارقىدىن ‹بۇزغۇنچۇلۇقلار›[سىنىپىي كۆرەش مىساللىرى]، ئاندىن ‹قىزىل ئارمىيە› ۋاھاكازا (نەقەدەر رەڭگا-رەڭ!). سوۋېت رومانچىسى ئۈلگىلىك دوختۇرخانىدىن باشلاپ، ئۈلگىلىك كان، سۇ ئامبىرىغا قەدەر ھەر نەرسە ھەققىدە باراڭلىق لاپ ئېتىپ تۇرغىنىدا، كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر سوۋېت قەھرىمانى دەل كىتاپ بېسىلىۋاتقان كۈنى خاتالىشىپ، ئاغدۇرۇلسا قانداقمۇ قىلارمەن دەپ جان قورقۇنچى ئىچىدە ياشايتى.
«قىرىق يىللىق ھاكىممۇتلەق دەۋرى ئىچىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى سەنئەتلەرنىڭ كونترولىنى ھىچقاچان قولدىن بەرمىدى. ئارادا بىر نېمە بولۇشىنى كۆرۈپ باقماق ئۈچۈن بۇرما مىق بىر ئاز بوشۇتۇلاتتى، شەخسىي تونۇشلارغا ئىمكان بېرىدىغان بىر يۇمشاش بولۇپمۇ قالاتتى... »
(«رۇس يازغۇچىلىرى، تەكشۈرگۈچىلەر ۋە ئوقۇرمەنلەر» ناملىق كىرىش سۆزىدىن)
نىكولاي گوگول
«‹ئۆلۈك جانلار›دىن ھەقىقىي بىر رۇسىيە ئارقا كۆرۈنۈشى ئىزدىمەك، بۇلۇتلۇق ئېلسىنوردىكى كىچىك ھادىسىدىن پايدىلىنىپ، دانىيە ھەققىدە بىر ئومۇمىي بىلىش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنغاندەك بىھۇدە. [مەن مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئىنكاسچىنىڭ دەل نابوكوۋ كۆزدە تۇتقان ئادەملەردەك، «‹ئاننا كارېنىنا›دىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە ھەققىدە ئاساسىي بىلىشكە ئېرىشكەنلىك» تەك غەلىتىلىكنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا، قەدىرلىك قېرىنداشلار، روماندىكى كۆرۈنۈش كەيپىيات يازغۇچىنىڭ ئىجادىي دۇنياسىدۇر! ئېسىڭىزدە بولسۇن! بۇ ھەقتە نابوكوۋ يەنە كۆپ توختۇلۇدۇ] سوتسىيال پىكىر قىلىشىدىغان رۇس تەنقىدچىلىرى «ئۆلۈك جانلار» ۋە «مۇپەتتىش»تە يانچىلىق تۈزۈمىدىكى رۇس يېزىلىرىدىكى سوتسىيال پوشتلاستلار (пошлость) تەنقىدلەنگەن دەپ چۈشەندى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئەسلى موھىم بولغان نۇقتىلارنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويۇشتى.
«گوگۇلنى «ناتۇرالىست ئېكول»نىڭ خەۋەرچىسى، «رۇسىيەدىكى ھاياتنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن يازغۇچى» دەپ باھالىغان زىھنىيەت (ئەقىل)نى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
«ئۇ [گوگول] ۋە پۇشكىن ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن رۇس ئەدەبىياتى يېرىم قارىغۇ ھالدا ئىدى. پەقەتلا ئەقىل يۆنلەندۈرگەن ئاساسىي سىزىقلارنى پەھم ئېتەلەيتى. رەڭلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرەلمەيتى، بىر ئىتقا ئوخشاش، ياۋروپانىڭ قەدىم زامانلىرىدىن قالغان قېلىپلاشقان ئىسىم-سۈپەت بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. ئاسماننىڭ رەڭگى كۆك ئىدى، شەپەق قىزىل، ياپراقلار يېشىل، گۈزەلنىڭ كۆزلىرى قارا، بۇلۇتلار كۈلرەڭ ۋاھاكازا... سېرىقنى ۋە بىنەپشىنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن گوگول (ئۇنىڭدىن كېيىن لېرمونتوۋ ۋە تولستوي) بولدى. كۆك يۈزىنىڭ كۈن تۇغۇۋاتقاندا تۇتۇق يېشىل، بۇلۇتسىز بىر كۈندە قويۇق كۆك بولۇشى 18-ئەسىر فرانسۇز ئەدەبىيات ئېكولىنىڭ قاتمال، قېلىپلاشقان رەڭ سىخېمىسىغا ئادەتلەنگەن «كلاسسىك» تەبىرى بېرىلگەن يازغۇچىلارغا ئازغۇنلۇق، تۇتامسىزلىقتەك تۇيۇلاتتى. [بىزدىمۇ خۇددى يوقۇرىدا تەسۋىرلەنگەندەك بىر ھال ھۆكۈمران ئەمەسمۇ؟ ھەممە نەرسە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان قېلىپ بويىچە بولۇشى كېرەك، بىر ئادەمنى كۆتەككە ئوخشاتساڭ بولمايدۇ، چوقۇم سەرۋىگە، مەجنۇنتالغا ئوخشىتىشىڭ كېرەك! ئوخشۇتۇشلار، سۈپەتلەشلەر، تەسۋىرلەر،... ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك قېلىپى بار! بۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن ياكى چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلار ئازغۇن!]
«گوگول بىر غەلىتە مەخلۇق ئىدى. ئەمما دېمىسىمۇ، تالانت [ئەسلىسى: داھىيانىيلىق، بۇ سۆزنى تۈركچىدە سۆز ئۈچۈن ‹داھى› نىڭ يەنە بىر خىل تۈرلىنىشى بولغان ‹دېھا›نى ئىشلىتىپتۇ، دېھا—داھىيانە ئەقىل دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. خالىساڭلار مەنمۇ بۇندىن كېيىن بۇ سۆزنى دېھا دەپ ئىشلىتەتتىم، تىلىمىزدا بىر سۆز كۆپىيەتتى] دائىما غەلىتىلىكتۇر. ئەسلىدە، مۇتەشەككۈر ئوقۇغۇچىغا ئەقىللىق دوستتەك تۇيۇلۇدۇغان، ھاياتقا دائىر پىكىرلىرىنى چىرايلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تەمىن ئېتىدىغان يازغۇچىلار ئىككىنچى دەرىجىدىكى يازغۇچىلاردۇر. [ئىككىنچى (بىزدىكىلىرىنى ئىككىنچى دېيىشكىمۇ بولمىسا كېرەك) دەرىجىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئاۋامغا ياراپ كېتىشى ۋە ھە دېمەيلا ئۇلارغا مەشھۇر، داڭلىق، ئاتاغلىق دېگەندەك ئۇلۇغۋار سۈپەتلەرنى تاقىشى بۇ قۇرلاردا مەلۇم ئېنىقلىق قازىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاممىۋىي شەكىلدە «ياراپ قېلىش»ىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ قېلىپلاشقان تەسۋىر، قېلىپلاشقان قۇرۇلما،... لار بىلەن، ھەممە ئادەم بىلىدىغان تۈردە، كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىگە پاراللېللىق ساقلىشىدىندۇر]
«بەقارار پۇشكىن، ئەمەلىيەتچان تولستوي، تەمكىن چېخوۋنىڭ جۈملىنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ، باشتېمىنى (ياكى ئاساسىي مەزمۇننى) يەڭگۈشلەپ يوشۇرۇن بىر مەنانى ئېنىقلىققا ئېرىشتۈرگەن، ئەقىلدىن تاشقىرى ئىچكۆرۈم دەملىرى بولغان. ئەمما گوگولغا كەلسەك، بۇنداق باشتېما بۇرۇلۇشلىرى سەنئەتنىڭ ئاساسى ھالىغا كېلىدۇ؛ بۇ شۇ دەرىجىدىكى، ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ يۇمۇلاق چىغىرىغا بويسۇنۇپ يېزىشنى، مەنتىقىلىق ئىپادىلەش بىلەن ئاقىلانە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇشنى سىناپ باققان چاغلىرىدا تالانتىدىن ئەسەر قالمايدۇ.
«ئەلۋەتتە، ھاياتنىڭ ئاقىلانە يولىنى بۇنداق تۇيۇقسىز ئىگىۋېتىشنىڭ بىرمۇنچە يولى بار. ھەر بىر بۈيۈك يازغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ئىشلىتىدۇ. گوگولنىڭ ئۇسۇلى ئىككى ھەركەتنىڭ بىرىكمىسىدىن مەيدانغا كەلگەن. بىر سىلكىنىش ۋە بىر سۈزۈلۈش. ... تۇتامسىزلىق گوگولنىڭ جانانىدۇر، پەقەت، تۇتامسىزلىقنىڭ يات ۋە كۈلكىلىك بولغىنىنى كۆزدە تۇتمايمەن. تۇتامسىزلىقنىڭمۇ تراگىك بولغاننىڭكىدەك تونلىرى ۋە سەۋىيەلىرى كۆپ خىلدۇر. گوگولغا كەلسەك، بۇ تۇتامسىزلىق تراگىكنىڭ يېقىنلىرىدىراق چۆگىلەيدۇ.
«تۇرگىنېۋنى بۈيۈك يازغۇچى دەپ ئويلايدىغان، پۇشكىنغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى چايكوۋىسكىينىڭ قىممىتى يوق لىبرېتتو [ئوپېرانىڭ تېكسىت كىتابى] لىرىغا تاياندۇرغان رۇسلار، گوگولنىڭ  سىرلىق دېڭىزىدىكى ئەڭ مەيىن دولقۇنلاردا پالاق ئۇرۇش بىلەن كىپايىلىنىدۇ، ئىنكاسلىرىمۇ [گوگولدىكى] غەلىتە شاڭخولار ۋە رەڭلىك لەتىپىلەردىن زوق ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
«پۇشكىننىڭ نەسرى (نەسرىي ئەسەرلىرى) ئۈچ تەرەپلىك (3D) بولسا، گوگولنىڭكى ئەڭ ئاز تۆرت تەرەپلىكتۇر. زاماندىشى ئوكلىدنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئېينىشتيىن كېيىنكى زاماندا تەرەققىي قىلدۇرغان نەزەرىيەلەرنىڭ بىرمۇنچىسىنى بىر ئەسىر بۇرۇن كەشپ قىلغان ماتىماتىك لوباچېۋىسكىي بىلەن تەڭلەشتۈرۈشكە بولۇدۇ... پاراللېل تۈز سىزىقلار كېسىشمىسە، قولىدىن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، قىلىدىغان باشقا ئىشلىرى بولغىنى ئۈچۈندۇر. گوگولنىڭ «پەلتۇ»سىدا نامايىش قىلىنغان سەنئەت، پاراللېل تۈز سىزىقلارنى كېسىشتۈرمەك بىلەنلا قالماي، خۇددى سازاڭدەك تولغۇشۇپ كېتىدىغان، چىرمىشىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئىشارە قىلىدۇ؛ خۇددى سۇدا ئەكس ئەتكەن ئىككى تۈۋرۈك شولىسىنىڭ كېرەكلىك دولقۇنلارنى ئۇشلىيالىغان چاغلاردا تىترەك-تىترەك تولغاشقىنىغا ئوخشاش.
«گوگولنىڭ ئەسەرلىرى بارلىق مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولغىنىدەك، پىكىر ئەمەس، تىل ھادىسىسىدۇر».
ئىۋان تۇرگىنېۋ
تۇرگىنېۋنىڭ پەقەت بىرلا ئەسىرى — «دادىلار ۋە ئوغۇللار» — لىكسىيىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنداق بولسىمۇ باشقا ئەسەرلىرى ھەققىدىمۇ بىرەر ئابزاست قىستۇرما قىلىپ ئۆتكەن. ياۋروپادا رۇس ئەدەبىياتى دېسىلا تۇرگىنېۋنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەپنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن دېگەن قاراشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ. تۇرگىنېۋنىڭ ياۋروپادا تونۇلۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تۇرگىنېۋ ئۇزۇن زامان فرانسىيىدە ياشىغان، ئەسەرلىرى ئەڭ ئەۋەل فرانسۇزچىغا تونۇشتۇرۇلغانلىقتىن دەپ قارايدۇ، (بىزدىكى يول تاپقانلارنىڭ ئەسەرلىرى يولداشلارنىڭ تىلىدا نەشىر قىلىنغاندەك ۋە يولداشلار ئۇيغۇر يازغۇچىسى دېسىلا شۇنداقلارنى تىلغا ئالغاندەك بىر ھادىسە).
نابوكوۋ تۇرگىنېۋنى گوگول بىلەن سېلىشتۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ: گوگولنىڭ سەنئەت كۆرگەزمىسىدىكى فلامان تەرزى كۆركەم ئەسەرلەر ئەمەس، سۇ بوياق ئەسەرلەر بۇلار.
«ھارپا» توغرىسىدا نابوكوۋ شۇنداق دەيدۇ: «ھارپا، تۇرگىنېۋنىڭ بىلدۈرمەككە تىرىشقان پۈتۈن ياخشى كۆڭلىگە قارىماي، ئەڭ ئاز مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەسىرىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەڭ داڭقىنى چىقارغان ئەسىرىدۇر. [دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا مانا شۇ: بىر ئەسەر ئاۋام ئىچىدە بەك قارشىلانغانلىقى ئۈچۈنلا ئەڭ مۇۋەپپوىقىيەتلىك (سەنئەت نۇقتىسىدىن) ئەسەر بولۇشى ناتايىن ئىكەن. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتىچى ئەمەس، سەنئەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈنەلەيدىغانلار ئەمەس. بۇنى بىزنىڭ رومانچىلىقىمىزدىكى «داڭلىق، مەشھۇر، ئۆلمەس... » دېگەندەك ئۇلۇغۋار باھالار ۋە بۇ رومانلارنىڭ ئەسلى قىممىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك].
«بوز يەر» ھەققىدە شۇنداق دېگەن: « بۇ رومان بەك تاتقى يوق بىرنەرسە. يازغۇچى بار تالانتى بىلەن خاراكتېرلەرنى ۋە تاللىغان تېمىسىنى جانلىق تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىغان. بۇ تېمىنى سەنئەتلىك سەۋەپلەردىن ئەمەس، شۇ دەۋر سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدىن ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرمەك ئارزۇسى بىلەن تاللىغان.
«... تۇرگىنېۋ زامانىسىنىڭ كۆپچۈلۈك يازغۇچىسىغا ئوخشاش ئوپ-ئوچۇق يازغانلىقىنى، ھىچبىر نەرسىنى ئوقۇغۇچىنىڭ سەزگۈلىرىگە قالدۇرمىغانلىقىنى كۆرسەتمەك لازىم. بىر نەرسىنى يادىمىزغا كەلتۈرۈدۇ، ئارقىدىن زېرىكىشلىك شەكىلدە بۇنىڭ نېمىلىكىنى ئۆزى ئېيتىپ بېرىدۇ. [مانا بۇ بىزدىكى ئاددىيلىققا، بالىلارچە ئاددىيلىققا ئوخشايدىغان ھادىسە ئىكەن]
«تۇرگىنېۋ يېقىملىق بىر يازغۇچى بولۇش بىلەن بىللە بۈيۈك بىر يازغۇچى ئەمەستۇر.
«تۇرگىنېۋ، گوركى ۋە چېخوۋ رۇسىيەنىڭ سىرتىدا بەك شۆھرەتلىكتۇر. ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدا تەبىئىي بىر باغلىنىش قۇرغۇلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بەلكى تۇرگىنېۋنىڭ ئەڭ يامان تەرەپلىرى گوركىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئورنىنى تاپقانلىقى، تۇرگىنېۋنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرى (رۇسىيە مەنزىرىسى قاتارلىقلاردا) چېخوۋ تەرىپىدىن بەك گۈزەل شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈش مۈمكىن».
دوستويېۋىسكىي
نابوكوۋ دوستويېۋسكىينىڭ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك لىكسىيىگە كىرگۈزگەن: «جىنايەت ۋە جازا»، «يەر ئاستىدىن نوتلار» (ئەمما بۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، «چاشقان تۆشۈكىدىن نوتلار» دەپ تىلغا ئالغان)، «مەتۇ»، «كارامازوۋلار»، «يامان روھلار» («پاسكىنا جىنلار» دېيىشكىمۇ بولۇدۇ) قاتارلىقلار.
ئەمما دوستويېۋسىكىينىڭ بىرلا ئەسىرى («قوشماق» — The Double)نىلا يامان ئەمەس دەپ باھالىغاندىن باشقا، بارلىق ئەسەرلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەتتا كېيىنكى تەنقىدچىلەرنىڭ فرىئۇدنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى، روھىي ئانالىز ئۇسۇلىنى فرىئۇددىنمۇ بۇرۇن بايقىغان دېگەندەك باھالاشلىرىدىن بەكلا قىچىغى كېلىدىغاندەك گەپلەرنى قىلغان. ئومۇمەن، ئۇنىڭ فرىئۇدنىڭ نەزەرىيىسىگە بولغان قارىشى تامامەن قارشى بىر مەۋقەدە، بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن دوستويېۋسكىيغا ئۆچلۈك قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. جېيمىس جويستەك ئەدەبىياتنىڭ گىگانتلىرىمۇ دوستويېۋسكى ھەققىدە: دۇنيا ئەدەبىياتىنى بۈگۈنكى سەۋىيىگە دوستويېۋسكى ئەكەلگەن، ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىرى بولغان... دېگەندەك باھالاردا بولغان يەردە، نابوكوۋنىڭ بۇنداق باھالىرى ئۇنچىۋالا ئىشەنچلىك تۇيۇلمايدۇ. دوستويېۋسكىي ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىرەر مەتۇ، تۇتقاقلىق كېسىلى بار بىرەرسى، روھىي كېسەل، ئاندىن ئالىجاناپ روھلۇق جالاپ دېگەندەكلەرنىڭ قېلىپلاشقان شەكىلدە تەكرارلىقىنى بايان قىلغان.
«دوستويېۋسكىي سۆز تېمىسى بولسىلا غەلىتە، قىيىن بىر ۋەزىيەتتە قالىمەن. پۈتۈن دەرسلىرىمدە ئەدەبىياتقا ئۆزەمگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىدىن — ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك سەنئەت ۋە شەخسىي تالانت [ئەسلىسى: دېھا] نۇقتىسىدىن ياندىشىمەن. مانا شۇ كۆرۈش نۇقتىسىدىن دوستويېۋسكىي بۈيۈك بىر يازغۇچى ئەمەس، خېلىلا ئورتال يازغۇچىدۇر. مۇكەممەل مىزاھ (كۈلدۈرگە)  يالتراشلىرى بار، ئەمما، ئەپسۇسكى بۇ يالتراشلار ئارىسىدا زېرىكىشلىك تاقىر دالىلار ئۇزۇنۇپ ياتىدۇ.
«دوستويېۋسكىي يازغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ۋە ‹ئىنسانچاقلار›نى خېلى ئېشىپ چۈشكەن ‹قوشماق› ھىچ دىققەت تارتمىدى. ...[قوشماق] مۇكەممەل بىر سەنئەت ئەسىرىدۇر، لېكىن، 1840-يىلىرىدا — يازغۇچىنىڭ ‹بۈيۈك رومان› تەبىرى بېرىلگەن ئەسەرلىرىدىن خېلى بۇرۇن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ‹پەيغەمبەر دوستويېۋسكى› [قوشتىرناق كەمىنىگە ئائىت، بۇ سۈپەتنى نابوكوۋ مەسخىرىسىنىڭ شىددىتىنى ئارتتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ، دېمەكچىكى ھەممىڭلار دوستويېۋسكىينى پەيغەمبەر دەرىجىسىدە كۆتۈرۈۋالدىڭلار، دېمەكچى]نىڭ مەستانىلىرى نەزىرىدە يوقنىڭ ئورنىدا.
«ئەدەبىيات، ھەقىقىي ئەدەبىيات يۈرەككە ياكى مېڭىگە (مېڭە يۈرەكنىڭ ئاشقازىنىدۇر) پايدا قىلىدىغان ئابىھايات قاتارىدا دەرھال يۇتۇلماسلىقى كېرەك. ئەدەبىياتنى سۇندۇرۇپ، پارچىلارغا ئايرىپ، ئوبدان بىر ئەزمەك لازىم؛ مانا شۇ چاغدا ئەدەبىياتنىڭ خۇشپۇرىقى قولنىڭ ئالقىنىدا ھىس ئېتىلىدۇ. چاينىغاندا تىلنىڭ ئۈستىدە يۇمۇلۇتۇپ تاتقى چىقىرىلىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت مانا شۇ چاغدا ئەدەبىياتنىڭ ئاز تېپىلىدىغان تاتقى چۈشۈنۈلۈدۇ، سۇندۇرۇلۇپ ئېزىلگەن پارچىلار مېڭىڭىزدە تەكرار بىر يەرگە كېلىپ، سىزنىڭمۇ ئۆز تەرىپىڭىزدىن تونۇشىڭىز بويىچە بىر نەرسىلەر قېتىلغان بىر پۈتۈنلۈكنىڭ گۈزەللىكىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.
«سەنئەتكار بىر سەنئەت ئەسىرىنى يارىتىشقا باشلىغان چېغىدا يېشىمگە ئېرىشتۈرۈلۈشى كېرەك بولغان مەلۇم سەنئەتلىك مەسلىنى توقۇغان دېمەكتۇر. خاراكتېرلىرى (پىرسۇناژلىرى)نى، زمان ۋە ماكاننى تاللايدۇ؛ كېيىن تەبىئىي شەكىلدە مەيدانغا كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان تەرەققىياتلارغا ئىمكان بېرىدىغان ئالاھىدە شەرتلەرنى تاپىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سەنئەتكار ئارزۇ قىلغان نەتىجىگە يەتمەك ئۈچۈن زورلۇنۇشى كېرەك ئەمەس؛ شەرتلەر مەنتىقەن ۋە تەبىئىي شەكىلدە سەنئەتكار ئىجراغا قويغان كۈچلەرنىڭ بىرىكمىسى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ.
«سەنئەتكارنىڭ بۇ مەخسەتتە ياراتقان دۇنياسى تامامەن ئەمەلىيەت تېشى بولۇشى مۈمكىن— كافكانىڭ ياكى گوگولنىڭ دۇنيالىرى مىسالىدەك— لېكىن، مۇتلەق تۈردە بىر تەلەپتە بولۇشقا ھەققىمىز بار: بۇ دۇنيا ئۆز ئىچىدە ئاخىرغىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ياكى سەيرچىنىڭ نەزىرىدە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
«ئەسلىدە تالانتنىڭ ئۆلچىمى، كىشى ياراتقان دۇنياسىنىڭ قانچىلىك ئۆزىگە ئائىت، بۇرۇن كۆزىنىڭ ئالدىدا بولمىغان بىر دۇنيا بولۇشىدۇر (ھىچ بولمىغاندا ئەدەبىياتتا)؛ تېخىمۇ موھىمى، دۇنيانى قانچىلىك ماقۇل شەكىلدە قۇرۇپ چىقىشىدۇر.
«بىر سەنئەت ئەسىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، سەنئەتنىڭ ئىلاھىي بىر ئىش ئىكەنلىكى ئەستىن چىقماسلىقى كېرەك.
«سەنئەتكار، ھاياتنىڭ چىدىغۇسىز جىددىيلىكلىرى ئالدىدىكى بىر ئىنسان روھىنىڭ تۇيغۇ ۋە ئىنكاسلىرىنى تېپىپ چىقىشقا باشلىغىنىدا ئىنكاسلارنى ھەر ئىنسانغا ئاز تولا ماس كەلگەن شەكىلدە بولغان تەقدىردە ئۇ روھنىڭ قاراڭغۇ كارىدورلىرىدا سەنئەتكارغا تېخىمۇ ئاسان ئەگىشەلەيمىز. ئەمما شۈبھىسىز، پەقەت ئوتتۇرىچە ئىنساننىڭ مەنىۋىي ھاياتى بىلەن ھەپىلىشىش كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن. ئۇنداق ئەمەس، ئەلۋەتتە. دېمەكچى بولغۇنۇم شۇكى، ئىنسانلار ۋە ئىنكاسلار ھىساپسىز تۈردە بولسىمۇ، بىر تەلۋە ياكى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن يېڭى چىققان ۋە يەنە ئۇ يەرگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان بىر خاراكتېر[راسكولنىكوۋنى كۆزدە تۇتۇدۇ]نىڭ ئىنسانىي ئىنكاسلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز قىيىندۇر.
«دوستويېۋسكىي فرىئۇد ۋە ياڭنىڭ خەۋەرچىسى ئىكەنلىكى مەزمۇنىدا بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئالىملار رەت قىلىشماقتا.
«... دوستويېۋسكىي خاراكتېرلىرى [پىرسۇناژلىرى]نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار: كىتاپ بويىنچە شەخسىيەت سۈپىتىدە تەرەققىيات كۆرسەتمەيدۇ. ھىكايىنىڭ بېشىدا ئۇلارنى مۇكەممەل پۈتكەن شەكىلدە كۆرۈمىز؛ مۇھىتى ئالماشسا، بېشىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار كەلسىمۇ ئۇلاردا تىلغا ئالغۇدەك ئۆزگۈرۈش كۆرۈنمەيدۇ.
«ھىكايىلىرىنى مۇشۇنداق كېچىكتۈرۈم [كىتاپخاننى ياكى سەيرچىنى قىزىقتۇرۇش، جىددىيلەشتۈرۈش، تەشنا قىلىش ئۈچۈن نەتىجىنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش]، كىنايىلەر بىلەن توقۇغانلىقى ئۈچۈن، دوستويېۋسكىي رۇسىيەدە مەكتەپ يېشىدىكى قىز ئوغۇللار تەرىپىدىن ھەۋەس بىلەن ئوقۇلاتتى. خۇددى فېنىمور كۇپېر، ۋىكتور ھيوگو ۋە تۇرگىنېۋلارغا ئوخشاش. ‹جىنايەت ۋە جازا›نى بىرىنچى قېتىم 45 يىل بۇرۇن ئوقۇغانىدىم، كۈچلۈك، ھاياجانبەخش بىر كىتاپكەن دەپ ئويلىغانىدىم؛ ئۇ چاغلاردا ئون ئىككى يېشىمدا بولسام كېرەك. ئون توققۇز يېشىمدا، رۇسىيەنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىچكىي ئۇرۇش يىللىرىدا كىتاپنى تەكرار ئوقۇغۇنۇمدا بولسا، قاپاق تەمى بېرىدىغان، بەرباد شەكىلدە ھىسىياتچان ۋە ناچار يېزىلغان بىر كىتاپكەن دەپ ئويلۇدۇم. يىگىرمە سەككىز يېشىمدا، كىتاپلىرىمنىڭ بىرىدە دوستويېۋسكىي ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا يەنە ئوقۇدۇم. ‹جىنايەت ۋە جازا›نى ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىدە سۆزلەشكە توغرا كەلگىنىدە يەنە بىر قېتىم ئوقۇدۇم. كىتاپتىكى مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىنقى چاغقا كېلىپ چۈشەندىم:
«پىكرىمچە، بۇ يوغان كىتاپنىڭ ئېتىك [ئەخلاقشۇناسلىق] ۋە ئىستېتىك نۇقتىدىن تامامەن يېمىرىلىشىگە سەۋەپ بولغان قۇسۇر، گەۋدىسىدىكى ئۇ يېرىق 4-قىسىم 4-باپتا. [راسكولنىكوۋنىڭ سونىيا ئارقىلىق ‹ئىنجىل›غا ئېرىشكەنلىكى مەزمۇنلىرى].
«شۇ ئاخمىقانە جۈملىگە قاراڭ: ‹مايماق شامداندا ئۆچۈشكە يۈز تۇتقان شام، بۇ كۆڭۈلسىز ھوجرىدا، ئۆلمەس كىتاپنى ئوقۇش ئۈچۈن غەلىتە يوسۇندا تېپىشقان قاتىل بىلەن پاھىشەنى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى.› ‹قاتىل بىلەن پاھىشە› ۋە ‹ئۆلمەس كىتاپ› — ئاجايىپ ئۈچ بۇلۇڭ!
«خوش، بۇ تەسۋىرلەردە قورقۇنۇچ شەكىلدە خاتا بولغان نېمە ئۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق خام ۋە سەنئەتكارلىقتىن ئۇزاقتۇر؟ مېنىڭچە نە بىر ھەقىقىي سەنئەتكار، نە بىر ھەقىقىي ئەخلاقچى، ياكى بىر ياخشى خرستيان ياكى بىر ياخشى پەيلاسوپ، نە بىر شائىر ياكى بىر جەمىيەتشۇناس — خاتا بىر ئۇزسۆزلۈك [چىرايلىق سۆز تىزىش]نى دەپ بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق كاللىلارنى مۇقەددەس كىتاپ ئۈستىگە ئېڭىشتۈرگەن،  بىر قاتىل بىلەن بىر كوچا جالىپىنى يانمۇ-يان قويماسلىقى كېرەك. [مېنىڭچە بۇ غەلىتە سەۋەپ پەقەتلا چۈشۈنۈكسىزدۇر]
«پاھىشە ئەڭ باشتىنلا گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. مېنىڭچە بولسا، سەنئەتكار ھىچنەرسىنى باشتىنلا قوبۇل قىلمايدىغان كىشىدۇر.
«بىلىشىمىزگە كۆرە دوستويېۋسكىي بۈيۈك بىر ھەقىقەت ئىزدىگۈچى، روھىي كېسەللەر بابىدا بىر داھىدۇر، ئەمما ئۇنىڭ تولستوي، پۇشكىن، چېخوۋدەك بۈيۈك يازغۇچى ئەمەسلىكىمۇ ئەمەلىيەت. تەكرارلايمەن، ياراتقان دۇنياسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىدىن ئەمەس بۇ — چۈنكى يازغۇچىنىڭ دۇنيالىرى ھەرقاچان ئەمەلىيەت تېشى بولۇدۇ. .... »
لېۋ تولستوي
تولستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا»سى لىكسىيىدە سۆزلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» تىلغا ئېلىنغان. نابوكوۋنىڭ ئەڭ ئىقتىدا قىلىدىغىنى تولستوي بولۇپ، ئۇنى فلوبېرتقا تەڭلەشتۈرگىلى تاس قالۇدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ چوقۇنۇدۇغىنى فلوبېرت ۋە ئۇنىڭ «بوۋارى خانىم»ى بولۇپ، «ئاننا كارېنىنا»نى ئەنە شۇنىڭغا يېقىن بىر سەۋىيىدە مەدھىيىلەيدۇ.
«تولستوي نەسرىي ئەسەرلەردە رۇسلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىسىدۇر.
«سەلتەنەتلىكنىڭمۇ سەلتەنەتلىكى «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى...
«ئەدەبىياتنىڭ ئەسلى ئىشلەش پىرىنسىپى پىكىر ئەمەس، سۆز، ئىپادە، ئىماگ (سۈرەتلەش)دۇر.
«[ئاننا بىلەن ۋىرونىسكىينىڭ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان چۈشلىرى ھەققىدە] تەخمىن قىلغىنىڭىزدەك، چۈشلەرنىڭ فرىئۇدچى تەبىرلىرىگە تەكەللۇپ بىلەن، ئەمما كەسكىن تەرزدە قارشى چىقىمەن.
«ئاڭ ئېقىشى ياكى ئىچ مونولوگ جېيمىس جويستىن خېلى بۇرۇن رۇس يازغۇچىسى تولستوي تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانىدى... تولستويدا بۇ ئۇسۇل تېخى قوپال پىچىمدا ئىدى، يازغۇچى ئازراق بولسىمۇ ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان، ئەمما جويس بولسا بۇنى يېزىقتا مۈمكىن بولۇدۇغان ئەڭ يۈكسەككە كۆتۈرۈپ، تامامەن ئوبېكتىپ بىر زىيارەت دەپتىرى ھالىغا كەلتۈرگەندۇر».
نابوكوۋنىڭ دەرس لىكسىيەلىرىدە ئەڭ تەپسىلىي توختالغىنى «ئاننا كارېنىنا» بولۇپ، ھەربىر پىرسۇناژ ئۈستىدە ئايرىم توختۇلۇش بىلەنلا قالماي، بەزى ھالەتلەر، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى،... ھەققىدىمۇ ئاجايىپ ئىنچىكە توختالغان. بۇلاردىن باشقا ھەتتا ئاننانىڭ موسكۋا پېتېرسبۇرگ ئارىلىقىدا ئولتۇرغان پويېزنىڭ ياتاقلىق ۋاگونىنىمۇ سىزىپ چىققان. بۇنداق سىزمىلار خېلى كۆپ.
بۇندىن باشقا دوستويېۋسكىي بىلەن تولستوي دىندارلىقىنىڭ پەرقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈشنى ئارتۇق كۆرمىگەن: دوستويېۋسكىي گويا دىندار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دىننىڭ ئاخىرقى قۇتقازغۇچىلىقىنى ئىشارە قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىر دىنسىز ۋە گۇناھكار ئىدى؛ تولستوي بولسا كۈنسېرى تەقۋالىشىپ، ئاخىرىدا ھەتتا ئائىلىسىنى، پاراغەت تۇرمۇشىنى تاشلاپ موناخ بولۇش ئۈچۈن ماناستېرغا قاراپ يولغا چىققاندا ۋوگزالدا پويېز كۈتۈش زالىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئۆلۈپ قالغان دېگەن مەزمۇنلارنىمۇ قوشۇپ قويۇدۇ.
ئانتون چېخوۋ
چېخوۋنىڭ «كۈچۈك يېتىلىگەن ئايال»، «چوڭقۇردا»، «چايكا ھەققىدە نوتلار» قاتارلىق ئۈچ ئەسىرى لىكسىيىدە تىلغا ئېلىنغان. باشقا ئەسەرلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ باھالانغان.
«[چېخوۋ] ھاياتى بويىچە ھەر خىل ئادالەتسىزلىككە قارشى چوقان سالدى، ئەمما بۇنى بىر يازغۇچى سۈپىتىدە قىلدى.
«چېخوۋ بىزگە، گوركىيغا ياكى ھەرقانداق بىر سوۋېت يازغۇچىسىغا ئوخشاش خاراكتېر(پىرسۇناژ)نى بىر دەرس ۋاسىتىسى قىلىپ، سوستيالىستىك ئەمەلىيەتتەك كۆرسۈتۈپ، ئۇنى باشقا جەھەتلەردىنمۇ بەك ياخشى كۆرسەتمەكتىن كۆرە (ئادەتتىكى بۇرژۇئا ھىكايىلىرىدا ئانىسىنى ياكى ئىتىنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ يامان ئادەم ئەمەسلىكى كەبى) سىياسىي دارىتمىلارنى ياكى ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنى كۆزىگە ئىلمىگەن ھالدا، جانلىق بىر ئىنساننى تەقدىم قىلىدۇ.
«21-ئەسىردە رۇسىيە ھازىرقىدىن خېلى بەك ياخشى بىر دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. گوركىي دەرس كىتاپلىرىدا بىر ئىسىم بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالۇدۇ، ئەمما قىيىن  دەرەخلىرى، كۈن پېتىشلار، يېزىش ئىستىكى مەۋجۇتلا بولۇدۇكەن چېخوۋ ياشاۋېرىدۇ.
«[چېخوۋنىڭ] سۆزلۈكى كەمبىغەل، سۆز بىرىكمىلىرى بەكمۇ ئاددى سانىلىشى — كۈمۈش پەتنۇسلاردا سۇنۇلۇدۇغان كۆركەم ئابزاستلار، لەززەتلىك پېئىللار، تۇنجى مېۋىدەك سۈپەتلەر، شەربەتلەردەك لەقەملەر ئۇنىڭغا ياتتۇر. گوگولدەك سۆز ياراتقۇچى ئەمەس، چېخوۋ زىياپەت، ئولتۇرۇشلارغا ئادەتتىكى كىملىرى بىلەن بېرىۋېرىدۇ. مانا شۇنداق تۇرۇپ چېخوۋ، بىر يازغۇچىنىڭ سۆز تېخنىكىدا پەۋقۇلئاددە جانلىقلىق بولماي تۇرۇپمۇ ياكى جۈملىلەرنى ئېگىپ-پۈكۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي تۇرۇپمۇ مۇكەممەل بىر سەنئەتكار بولغىلى بولۇدۇغانلىىنىڭ ئۈلگۈسىنى ياراتتى. [بۇ ئاجايىپ قارىمۇ-قارشىدەك تۇيۇلۇدۇغان مەزمۇنلار مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. توۋا، سۆزنى كۆپ بىلمىسە، يېڭى ئىجادىي بىرنېمىلىرى بولمىسا قانداقمۇ سەنئەتكار بولغىلى بولار؟ ئەمما كۆپ ئۆتمەي، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى بەزى قوشاقلار (ياكى ناخشا تېكستلىرى) يادىمغا كېلىپ، بۇنىڭ راستلىقىنىڭ مىساللىرىنى ئۆزىمىزدىنلا تاپتىم. بۇنىڭغا قاراڭلار:
ئاسمانىڭدا ئاي بولۇپ جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم،
پىيالەڭدە چاي بولۇپ، لەۋلەرىڭنى كۆيدۈرسەم.

بۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆرت ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىسىدىن سورىسىڭىز ھەممىسىنى بىلىدۇ. شۇ قەدەر ئاددىيكى، ئەڭ دەسلەپ تىلى چىقىش بىلەنلا ئۈگۈنۈلۈدۇغان ئادەتتىكى سۆزلەر. بۇنىڭغا يىللار بويى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش، مىڭلارچە كىتاپ ئوقۇپ سۆزلۈك ئامبىرىنى بېيىتىشقا توغرا كەلمىگەن ئاددىي بىر دىھقان قوشاقچىنىڭ ياكى ئاشىق بولغان دىھقان يىگىتنىڭ قەلبىدىن چىققانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. بۇ قەدەر ئاددىي سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان بۇ قوشاقتىكى سېھرىي كۈچكە، ئوخشۇتۇشنىڭ قۇدرىتىگە قاراڭ! كېيىنكى ئاتمىش يىللىق يازما ئەدەبىياتىمىزدا مەشھۇر، داڭلىق ئاتالغان قايسى شائىرنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك سىزىپ-جىجاشلىرى ئىچىدىن بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان بىرەر قۇرنى تاپالايسىز؟ بۇ ياش دىھقان، ئاشىق يىگىت قانداقلارچە بۇنداق ئېسىل بىر سەنئەت ئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈردى؟ بۇنىڭ بىرلا جاۋابى بار: سۈنئىيلىكتىن خالىي، ساپ ھىسىياتنىڭ، چىن ئارزۇنىڭ پارتلىشىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن. بۇ خۇددى كۈچلۈك ۋولقاننىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان چوققىغا ئوخشايدۇ. ئەسلى بىزنىڭ تىلەيدىغىنىمىز، كۈتىدىغىنىمىز سۆيۈدىغىنىمىز مانا مۇشۇنداق ساپ نەرسىلەر ئەمەسمۇ؟
يەنە بار:
ھەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم، قېشىڭغا بارغۇدەك بولدۇم،
قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم.

بۇنىسىمۇ بەك ئادەتتىكى سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇشىغا قارىماي، ئوقۇغۇچىنىڭ «تەكرار ئىجادىيىتى» ئۈچۈن قالدۇرۇلغان مەخپىيەتلىكمۇ بار. نېمە ئۇ؟ كەلمەيۋاتقان يارنىڭ ئىستىمىگەنلىكلىدىن، سۆيمىگەنلىكىدىن، ۋاپاسىزلىقىدىن ئەمەس، يولىنى توسۇۋالغان رەقىپ تۈپەيلىدىن كېلەلمىگەنلىكىنى يۈرىكى سېزىپ تۇرۇدۇ. شۇڭا قولىغا قوش پىچاق ئالماقچى! بىر پىچاق بىلەنمۇ بىرمۇنچە يۈرەكنى يارغىلى بولۇدۇغان تۇرسا، نېمىشقا قوش پىچاق لازىم بولدى؟ بىرىدە رەقىپنىڭ قارنىنى يارىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىپلاس قېنىدا بۇلغانغان پىچاقنى ئۆز يۈرىكىگە سېلىشنى كۆڭلى كۆتۈرمەيدۇ. شۇڭا يەنە بىر پىچاق بىلەن ئۆز يۈرىكىنى يارىدۇ!
ئەي مەدھىيەۋازلار! سىلەر 60 يىللىق يازما ئەدەبىياتتىن، ئۆزەڭلار مەشھۇر دەپ ئىشەنگەنلەرنىڭ شېئىرلىرىدىن بۇلارنى بېسىپ چۈشۈدۇغان مىسرالارنى كۆرسۈتەلەمسىلەر؟ بىز بۈگۈنگىچە پاخپاق ئەخلەتلەرنى، شاتۇتىنىڭ دورامچىلىقلىرىنى، بىر قېلىپتىن چىققاندەك تەكرار ئۇقۇملارنى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەقلىيەلەرنىڭ مىسراغا تىزىلغان قاپىيەلىك شەكلىنى شېئىر دەپ ئېتىراپ قىلغىنىمىز يەتمىگەندەك، «پالانى مەتخالىق ئالامەت يېزىۋېتىدۇ جۇما!» دەيدىغىنىمىز تېخىمۇ ئازغۇنلۇق ئەمەسمىدۇر؟]
«تۇرگىنېۋ ئولتۇرۇۋېلىپ بىر مەنزىرىنى تەسۋىرلىكى تۇرسا، ئىپادىلىرىنىڭ خۇددى شىمنىڭ دەزمىلىدەك سىلىق ھەم ئىلىپتەك بولۇشىغا دىققەت قىلاتتى؛ پاچاقنى پاچاق ئۈستىگە مىنگەشتۈرگەندە كۆزلىرى پايپاقلارنىڭ رەڭگىدە بولاتتى. چېخوۋنىڭ بۇلار بىلەن چاتىقى يوق؛ بۇ خۇسۇسلار ئەھمىيەتسىز بولغىنىدىن ئەمەس — چۈنكى بەزى يازغۇچىلار ئۈچۈن توغرا تەركىپ مەۋجۇت بولغىنىدا بۇلار تەبىئىي ۋە ناھايىتى گۈزەل بىر پىچىمدا موھىمدۇر — ئەمما چېخوۋنىڭ تەركىبى سۆزلۈك نازۇكلۇكىغا يات بولغىنىدىن. ھەتتا، بىرەر گەرامماتىكىلىق خاتانى ياكى گېزىتتىن ئېلىنغاندەك تۇرۇدۇغان لوپۇلدىما بىر جۈملىنى نەزەرگە ئېلىپ ئولتۇرمايتى. ئىشنىڭ سېھىرلىك تەرىپى، چېخوۋ ئەقىللىق بىر كەسپ ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇدۇغان قۇسۇرلارغا تاقەت قىلىشى، سۆزلەر ئىچىدە كوچىدىكى ئادەمنى، كوچا سۆزلىرىنى كۆرۈشتىن خېلىلا مەمنۇن بولۇشىغا قارىماي، سەنئەتكارلارچە گۈزەللىك ئېقىمى خۇسۇسىدا نەسرىي ئەسەرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنۈشتىكى باي غەزنىسىدىن ماختىنىدىغان بىرمۇنچە يازغۇچىنى بېسىپ چۈشۈشىدۇر. سۆزلىرىنى ئوخشاش گۇڭگا چىراق ئاستىدا، پۈتۈنلەي كۈلرەڭ توندا تۇتۇپ قىلاتتى. بۇ كۈلرەڭ تون كونا بىر باغ چىتىنىڭ رەڭگى بىلەن، پەس بىر بۇلۇتنىڭ رەڭگى ئارىسىدا ئىدى. چېخوۋنىڭ روھىي ھالەت بايلىقى، تەسىرچان ئەقىل تىترىشىملىرى، خاراكتېر سىزمىلىرىدىكى سەنئەتكارچە ئىقتىساتچىللىق، جانلىق تەپسىلاتلار ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ سولغۇنلاشتۇرۇلۇشى — چېخوۋغا خاس بارلىق خۇسۇسىيەتلەر — يەڭگىل سەكرەتمىلەر، غۇۋا بىر سۆزلۈك بىلەن ئورۇلۇپ، قورشۇلۇپ كۈچلەندۈرۈلگەندۇر.
«چېخوۋ ھىكايىلىرىدا دائىما سەندىرەكلەشلەرنى كۆرۈمىز. ئەمما بۇ سەندىرەكلەشلەر يۇلتۇزلارغا قاراۋاتقان بىرىنىڭ سەندىرەكلىشىدۇر. بۇ ئادەم بەختسىزدۇر ۋە باشقىلارنىمۇ بەختسىز قىلىدۇ؛ قېرىنداشلىرىنى، ئەڭ يېقىندىكىلىرىنى ئەمەس، يىراقلىرىدىكىنى ياخشى كۆرۈدۇ. ئۇزاق بىر دۆلەتتىكى زەڭگى (نېگىر، قارا تەنلىك) نىڭ ھالى، بىر خىتاي ھاممال، ئۇراللاردىكى بىر ئىشچى ئۇنىڭغا قوشنىسىنىڭ قارا بەختىدىن ياكى خوتۇنىنىڭ چاتاقلىرىدىنمۇ كەسكىن بىر مەنىۋىي ئازاپ بېرىدۇ...
«ھىچقاچان ئىجتىمائىي ياكى ئەخلاقىي بىر تەلىم بېرىش ئۇرۇنۇشىدا بولمىغان بولسىمۇ، چېخوۋنىڭ دېھاسى ئىختىيارسىز يوسۇندا ئاچ،نېمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان، پەس كۆرۈلگەن، غەزەپلىك يېزىلىقلارنىڭ رۇسىيەسىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ ئەمەلىيەتنى، باشقا بىرمۇنچە يازغۇچىدىن — مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پىكىرلىرىنى  بوياقلىق قونچاقلارنىڭ پاراتلىرى ئىچىدە كىبىر بىلەن نامايىش قىلغان گوركىيدىنمۇ جىقراق پاش قىلغان. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، دوستويېۋىسكىي ياكى گوركىينى چېخوۋنىڭ ئورنىغا تاللىغانلارنىڭ رۇس ئەدەبىياتى ۋە رۇس ھاياتىنىڭ ئاساسىنى، تېخىمۇ موھىمى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكىنى دېيىشىم مۈمكىن.
«[چېخوۋ] ھىكايىلىرىنىڭ تەرتىپلىك يۇقۇرى پەللىسى يوق، ئاخىرقى نەتىجىسىدىمۇ ئەخلاق دەرسى چىقمايدۇ.
«ھىكايىلىرى بىر دولقۇن سىستېمى، شۇ ياكى بۇ روھىي ھالەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. گوركىنىڭ دۇنياسىدا ‹ماددا› بۇ دۇنيانى ھاسىل قىلغان مالىكۇلا بولغان بولسا، چېخوۋدا ماددا پارچىلىرى ئورنىدا دولقۇننى كۆرۈمىز. ئەسلىدە بۇ زامانىۋىي ئىلىم-پەننىڭ كائىنات چۈشەنچىسىگە تېخىمۇ يېقىندۇر. [يېقىنقى زامانلاردا مىستىك قاراشلاردىكى دۇنيا بىر يوقلۇقتىن ئىبارەتتۇر دېگەن قاراش پەن تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. ماددىنى تۈزگۈچى زەررىچىلەرنىڭ ۋە ئۇنى تۈزگۈچى ئاتوم، ئاتوم يادروسى، ئېلىكترونلارنىڭ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرىدا بىر دولقۇن — مەيىن بىر دولقۇندىن باشقا نەرسە بولمىشى، نابوكوۋنىڭ ئىشارە قىلىۋاتقىنى بولسا كېرەك]
«ئەسلىدە — كى بۇ ھەقىقىي دېھالاردا تۇغما ئالاھىدىلىكتۇر — چېخوۋ ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ بىلەن ئەڭ ئاددىينىڭ پەرقى يوق؛ تاۋۇز تىلىمى ۋە لەيلەك رەڭگى، دېڭىزغا ئوخشاش ۋالىنىڭ قوللىرىمۇ ‹گۈزەللىك قوشۇلغان رەھىمدىللىك›تىن ھاسىل بولغان بىر دۇنيانىڭ مىخانىك نۇقتىلىرى ئىكەنلىكىنى سېزىمىز».
ماكسىم گوركىي
گوركىي ھەققىدە ئومۇمەن ئىجادىيتى ئىككىنچى دەرىجىدە، ناچار ۋە سۈپەتسىز باھالانغان بولۇپ، گوركىينىڭ شەخسىي كىشىلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئخقابىي باھالانغان. گوركىينىڭ يازغۇچى بولغاندىن كېيىن تاپقان پۇللىرىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ] قىلغانلىقى، يىتىمخانىلار قۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش تۇتۇمى بار. گوركىنىڭ ئاخىرقى پەيتلەردە پۇشايمان قىلغانلىقى، چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمەسلىك نىيىتىگە كەلگىنىدە، چىقىشىغا ئىجازەت بېرىلمەي، ك گ ب تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرگەن مىش-مىشلارنى نابوكوۋمۇ توغرا تاپقان.
گوركىينىڭ «ئانا» رومانى ئىككىنچى دەرىجىدىكى رومانلار قاتارىدا بىر ئېغىز باھا بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈلگەن. دەرس لىكسىيىسىگە «سال ئۈستىدە» دېگەن بىرلا ھىكايىسى كىرگۈزۈلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، «يىگىرمە ئالتە ئادەم ۋە بىر قىز» دېگەندەكلەرمۇ تىلغا ئېلىنىپ، تەنقىدلەنگەن.
«گوركىي ئىجاتكارانە بىر سەنئەتكار بابىدىن ئېيتقاندا بەك ئېتىۋارغا ئالغۇدەك يازغۇچى ئەمەس، پەقەت رۇسىيىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى رەڭلىك بىر ئۇنسۇر سۈپىتىدە دىققەتنى تارتىدۇ.
«گوركىي، سەنئىتىنىڭ يوقسۇللۇقى ۋە پىكىر داشقايناقلىقىنى ئەملەشكە يارايدىغان بىرنەرسىلەرنى تېپىش ئىھتىياجى سېزىپ، دايىم دىققەت قوزغايدىغان تېمىلار، قارشىلىقلار، زىددىيەتلەر، شىددەتلىك ۋە قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىدا يۈرەتتى. ... بۇ گويا يېڭى بىر نەرسىمىش كەبى كۆرۈنەتتى، ئەمما يېقىندىن كۈزۈتۈلگەندە، ھىكايىنىڭ ھىسىياتچان ۋە مىلودراماتىك يازغۇچىلىق ئېكولىنىڭ ئەڭ ناچار ئۈلگىلىرىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋىي، تۈز ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇدۇ. بىزگە تونۇش بولمىغان بىرمۇ سۆز، بىرمۇ جۈملە يوق؛ ئاچقىزىل شېكەرنىڭ ئۈستىگە بىرئاز ئۇز كۆرۈنسۇن دەپ قۇرۇم سۈركىگەن، خالاس».
قىسقىچە خۇلاسە
بۇ دەرسنىڭ موھىم نۇقتىسىنى بىرنەچچە جۈملىگە يىغىنچاقلاش مۈمكىن: ئەدەبىيات تىل سەنئىتى، سۆز سەنئىتى، تىل ئىشلىتىش ماھىرلىقى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى راپورت ئەمەس! ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن ئۈستۈن سەۋىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش شەرت ئەمەس، سەممىي بولۇش، چىن ھىسىيات بىلەن ئىجات قىلىش، چىن ئارزۇنى ئىپادىلەش؛ باشقىلار ۋەزىپە قىلغان پىكىرلەرنىڭ جارچىسى بولماسلىق، ھاشار ئەمگىكىگە قاتناشقان كىشىدەك زورلانماسلىق، زورۇقماسلىق كېرەك.
داۋامى: «دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى»

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 11:42:53

ئىسل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن. سىزبۇنى قايسى تىلدىكى  كىتابتىن تەرجىمە قىلىۋاتىسىز،نامىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
ئۈزۈنتە دېگنىڭىز ئۈزۈندە دېگەن سۆزدۇ؟
ھەممىمىز جۇڭگۇدا«ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن كەلگەن»دەپ ئۆگەنگەن،بولسا تىما يازغۇچى ۋە باشقا
ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باقساق؟

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 11:45:52

komsha ئەپەندى سىزنى ۋوس ئەدەبىياتىغا پىششىق ھەم روس يازغۇچىلىرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇيدىكەن
دەپ قارىدىم،سىزنىڭچە سىزنى ئاڭ قايىل قىلغان دۇنياۋى ئەسەر قايسى؟
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىرى قايسىلار؟
مۇشۇ روس يازغۇچىلىرىنىڭ ئىسمى روسچە ئاتىلىشىدا توغرىمۇ؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 13:35:59

‏ئېسىل ماقالە، داۋامىغا تەقەززامەن...
‏ياش ۋاقىتلىرىمىزدا پوشكىننىڭ ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئەمما بەدىئىيلىك ۋايىغا يەتكەن شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، يادلاپ يۈرۈپ بۇ كوچىغا تۇيماي كىرىپ قالغانمىز. تولىستوي، تۇرگىنېۋ، دوستۇيىۋېسكىي، گۇگۇلنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا بېرىلگەن قىسقاراق ھەجىمدىكى ھېكايىلىرىنى كۆپ ئوقىغان. گۇگولنىڭ «ئۆلۈك جانلار» رومانىنىمۇ ئوقۇپتىكەنمەن راست. لېكىن كىچىكلىكتە چۈشەنمەي، زېرىكىشلىك ھېس قىپتىكەنمەن. ھازىر خەنزۇچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقىسام دوستۇيىۋىسكىيغا بەك يۇقۇرى باھا بەرگەن قۇرلار كۆپ ئۇچرايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى، دېمۇكراتىك ئەللەر ئەدەبىياتى ۋە لاتىن ئامېرىكا ئەدەبىياتىنىڭ دۆلىتىمىزدە تونۇشتۇرىلىشىغا ئەگىشىپ رۇس ئەدەبىياتى ياشلار ئارىسىدا رېئاكسىيە قىلىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ بىراقلا چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى. بۇ ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ستالىننىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىگە بولغان سەسكىنىشنىڭ ئالامىتىدىن. لېكىن تولستوي، دوستۇيىۋىسكىي، گۇگۇللارنى دېمۇكراتىك ئەللەر ۋە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بۈيۈك يازغۇچىلىرىمۇ ھازىرغىچە ناھىيىتى ھۆرمەتلەپ تىلغا ئالىدىكەن، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتىدىكەن.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:07:04

مەن قىسقۇچ قويۇپ ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلى ئوقۇي ، دوستيۋىسكى توغرىلىق گەپ ئەفىفى داموللىكامغا  خوشياقمايدىغان بولدى . ئەفىفىيكام ئازراق بىر نەرسە دېسۇن .
ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا  كەڭتاشا ۋاقىت بارتى ،مەخسۇس  رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىنىلا بىر  يىل تازا ئورگىنال ئەسەرنىڭ ئۆزىنى ئوقۇغان، قارىساق بىر قۇرنىڭ ئىچىدىلا  تونۇمايدىغان چەتئەللىك گەپتىن نەچچىسى تۇرغان ،ئەسەر نەدە قېلىپ تەرجىمىگە دۈم چۈشەتتۇق ، :'(  تاپشۇرۇق قىپ بەرگەن كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنىمۇ ياندېكس بىلەن كىتابقا ئاساسەن ئىشلىگەن فىلىمىنى كۆرۈپ ئەپلەپ سەپلەپ ئىشلەپ ....ھەي ياشلىق :@:funk:

ھازىر ئوقۇغۇدەك ،پىكىر قىلالىغۇدەك كاللا  بار ۋاقىت يوق، ئېلىپ تىزىپ قويغان پامۇككامنىڭ كىتابلىرىمۇ قاراپ تۇرىدۇ ھومىيىپ،قاچان ئوقۇيلا رىتاگۈل دەپ.
ئىشقىلىپ قىز مېلى قىلغۇدەك كىتاب بولدى {:92:}{:136:}

ما  ئىنكاسىم بىلەن ئىنكاس ئورنى ھە ،ئاندىن ئۇستازلارنىڭ ئېغىزىنى غېرىچلىماي جىم ئولتۇرۇپ گېپىنى تىڭشاي

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:22:25

كاللا دېسە پاقالچاق دېگەندەك روماننىڭ گېپىنى قىلىۋاتساڭلار  شائىرغا سەكرەپ كېتىدىغان بولدۇم .سەت بولدى .
بۈگۈن ئۇلۇغ لېرىك شائىر يېسىنىن ۋاپاتىنىڭ 89 يىللىق كۈنىكەن {:241:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 18:28:09

شولوخوف، پاستېرناك، بۇنىن دېگەن يازغۇچىلارنى تىلغىمۇ ئەپ قويماپتىكەندە.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 20:37:39

پەرھات تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ مەسىھ چۆلى كىتابىدىكى  كىسەل  ناملىق پوۋسىتىدىكى بايان ئوسۇلى بەك ئۆزگىچە ئىكەن ،  پەرھاتكام مۇشۇنداق بايان ئۇسلۇبىدا رومان يىزىپ باقسا   ئورخان پامۇكنىڭ مىنىڭ ئىسمىم قىزىل دىن قىلىشمىغۇدۇك ئەسەر بولاتتى ، مىنىڭ ئىسمىم قىزىلنىڭ ماڭا يارىغان يىرى ئۆزگىچە بولغان بايان ئۇسلۇبى ئىدى

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 20:46:35

خەير- خوش خەير-خوش سۆيۈملۈك دوستۇم ،
كۆرۈشمەك تەس ئەمەس بىز بولساق ئامان.
  

ئاخىرىنى شۇنچە ئويلاپمۇ تاپاممدىم.:funk:

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:27:04

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 11:42 static/image/common/back.gif
ئىسل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن. سىزبۇنى قايسى تىلدىكى  ك ...

سىز جۇڭگۇدىمۇ؟ سېرىق ئۇيغۇرلاردىنمۇ ياكى تاۋيۈەندىكىلەردىنمۇ؟

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:46:38

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 11:45 static/image/common/back.gif
komsha ئەپەندى سىزنى ۋوس ئەدەبىياتىغا پىششىق ھەم روس يازغ ...

مەن رۇس ئەدەبىياتىغىلا ئەمەس، باشقا ھىچقانداق بىر ئەدەبىياتقا پىششىق ئەمەس. ئۇ دەرىجىدە چوڭقۇر بىلىش پۇرسىتىم بولمايلا قېرىپ كەتتىم.
ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن رۇس ئەدەبىياتى ئۆرنەكلىرى ھەققىدە ئاۋالقى ماقالىدە قىسقىچە توختالغان ئىدىم: بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىزدا رۇس ئەدەبىياتىنىڭ سوتسىيالىستىك رىيالىزىم دېيىلىدىغان تۈرى _ سوۋېت ئەدەبىياتى بەك تەسىر كۆرسەتكەن. ئالدىنقى ئەۋلات يازغۇچىلىرىمىز (بۈگۈن مەشھۇر، داڭلىق دېيىلىۋاتقانلار) شۇلاردىن ئۈلگە ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ «ئۆلمەس» رومانلىرىمۇ ئاشۇ تىپتا بولۇۋاتىدۇ.
رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى دېگەندە مەن بەك كۆپلىرىنى ئوقۇپمۇ باقمىدىم، ئوقۇغانلىرىمدىن ماقالىدا تىزىلغانلاردىن تۇرگىنېۋدىن باشقىلىرى بار. گوركىينى بۇرۇندىن ياخشى كۆرمەيتىم. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنمىغانلاردىن لېرمونتوۋ بار. ئەڭ كۆپ دوستويېۋسكىنى ئوقۇدۇم. ئۇنىڭ «مەتۇ»سى ماڭا بەك يارايدۇ. دوستويېۋسكىينىڭ ئۈچ كىتابى ھەققىدە ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ رۇس ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى يازغان ئۈچ كىتاپنى كۆردۈم. بۇلار «جىنايەت ۋە جازا»، «مەتۇ»، «كارامازوۋلار» ھەققىدە يېزىلغان. نابوكوۋنىڭ دوستويېۋسكىينى يوققا چىقىرىشى بەك پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارىمايمەن. شۇنداق بولسىمۇ نابوكوۋنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ «لولىتا»سى ھەقىقەتەنمۇ شېئىرىي تۈسكە ئىگە.‹ «سولغۇن ئاتەش»نى ئانچە بەك چۈشۈنۈپ كېتەلمىدىم.تەتقىقاتچىنىڭ يېشىمىنى كۆرۈپ بېقىشقا ئىھتىياجىم بار. (ئەگەر ئۇچراپ قالسا. ئەمما قېتىرقىنىپ ئىزدەپمۇ كەتمەيمەن. چۈنكى پەرەز قىلىشىڭىز مۈمكىن بولغىنىدەك، مەن ئەدەبىياتنىڭ كەينىدىلا ئۆمۈر ئۆتكۈزۈۋېتەلمەيمەن. باشقا بىر نەرسىلەرنىمۇ تاتىلاشتۇرۇپ تۇرۇمەن)

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-1 23:52:22

ئەدەبىياتنىڭ ىشى پۈتۈپتۇ-دە!؟ قانداق ماشىنا ئالىمەن؟گە چۈشكەن ئىنكاسچىلىكمۇ ئىنكاس چۈشمەيلا ئوتتۇرىدىن غايىپ بولۇپتۇ بۇ. ئەدەبىيات سەۋىيەمىز چەككە يەتكەنمۇ ياكى، لازىمى قالمىغانمۇ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 13:10:04

ئەسسالام ئەلەيكۇم مەتۇجان!
ياغۇچى بولۇشقا 32 ھەرىپنى بىلىشلا يېتىدۇ. 32 ھەرىپنى بىلىپلا يازغۇچى بولغانلار قۇمدەك تولا بولغاچقا، 32 ھەرىپتىن ئارتۇق بىلىشكە تىرىشقانلار بايقالسا ئاۋۇ 32 ھەرپ بىلەن يازغۇچى بولغانلارنىڭ كوللېكتىپ دۈشمەنلىكىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك. سىز بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىزنى بۇ خەتەرلىك يولغا باشلىماقچىمۇ؟
ھاياتنى راھەتلىك ياشاش ھەممە ئادەمنىڭ غايىسى، سىزنىڭ بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىزنى بىر نەرسە بىلىشكە قىستىشىڭىز، ئېغىر ئەقلىي ئەمگەككە زورلىشىڭىز نەقەدەر شەپقەتسىزلىك! بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن!

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 14:13:03

بوپچىنىسكى ،دوپچىنسكى دەپ تۇرۇۋالسام.....{:92:}

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 17:24:42

بىر جۈملىدە « بىلمىشى » دىگەن بىر سۆز ئۇچرىدى .    بۇ سۆزنىڭ شۇ جۈملىدە قانداق مەنىدە كەلگەنلىگىنى تازا ئايرىيالماي قالدىم ،   بۇ سۆز شۇ جۈملىدە  « بىلمەك » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنمۇ ياكى « بىلمەسلىكى » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنمۇ ؟   
بەت: [1]
: Vladimir Nabokov رومانچىلىق قارشلىرىنىڭ ئىلھامىدىن...