tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 19:22:36

2015-يىل ئەنئەنىۋى تىجارەتنى ئۆزگەرتىش يىلى-تاۋارىم

2015-يىل ئەنئەنىۋى تىجارەتنى ئۆزگەرتىش يىلى
بۇ يىل بارلىق ئەنئەنىۋى كارخانىلار دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر كىرزىس بولسا ، بۇ يىل سودا يوق ، بازار كاسات ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭئېنىق نىشانىنى تاپالماسلىق! ئۆزىنىڭ بازاردىكى ئورنىنى تاپالماسلىق،
كۆپلىگەن كارخانىلار بۈگۈنكىدەك ئېنتىرنىت دەۋرىدە قانداق ئۆزگۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ.
كەلگۈسىگە قانداق يۈزلىنىش كېرەك؟
پايدىسى ياخشى كارخانىلارنىڭ بېشى قاتماقتا، پايدا ئالالمىغان كارخانىلارنىڭ بېشى تېخىمۇ قاتماقتا.
كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى، پايدىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەمەس بەلكى
كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىنىڭ ۋە ئېنىق نىشاننىڭ بولماسلىقى.
1.ئەنئەنىۋى تىجارەتنىڭ كۈچى قالمىدى
مەيلى قايسى ساھە بولسۇن، ئەنئەنىۋى تىجارەت تەرەققىيات‹كۈچ-قۇدرەت› تاپالمايدۇ، بۇ ئاساسلىىقى كاپىتال بازاردا ئىپادىلىندۇ. ئەگەر كارخانىڭىزنىڭ سودا شەكلى يەنىلا كونا يولدا بولسا،( ئىشلەپچىقىرىش ،پىششىقلاپ ئىشلەش، مەھسۇلات، سودىگەر چاقىرىش، ئېلان،ۋاكالەتچى) بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ يەنە كىلىپ ئەڭ چوڭ كارخانىلارنىڭ خاسلىقىنى يۇقاتقان ئاجىز چىقىش يولى بۇلۇپ قالدى، شۇڭلاشقا ھەممىسى كۆزىنى يۇمۇپلا قىلىشدۇ.بۇ ئارقىلىق يەنە بىر يىل جان باقالايسىز ، لىكىن قالغىنى ئاللاغا ئامانەت.
2.ئۆزگەرمەسلىك ئۈلۈمنى كۈتكەنلىك،ئۆزگۈرۈش ھايات قېلىش ئۈچۈن.
كارخانىلارغا نىسبەتەن سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئىككى خىل بۇلىدۇ. بىر خىلى: ئۆزگۈرۈشكە مەجبۇر بۇلۇش، بىر قىسىم مەسلىلەرگە يۇلۇقۇپ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالماي ياكى ئىستىمالچىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇش، بۇنداق ئۆزگۈرۈشنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى ھەم ئازاپلىق بۇلىدۇ، ئەمما ئوپراتسىيەدىن قورقىدىغانلار چۇقۇم ئۈلىدۇ.مەسلەن: نوكىيا شىركىتى (nokia) ۋە كوداك(kodak)شىركىتى جانلىق مىسال. يەنە بىر خىلى: ئالدىن پەرەز قىلىپ ئاكتىپ ئۆزگۈرۈش. كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيەنى پەرق ئېتىش ئىتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ، بۇنداق كارخانىلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ،مەسىلەن: ئەينى يىلى IBM شىركىتىPC مۇلازىمىتىنى لىيەنشىياڭغا سېتىپ بەرگەن، PC   پۇلغا يارىمايدىغان ۋاقىتنىڭ ئالدىدىلا يۇقىرى باھاغا سېتىۋەتكەن، دىمەك،IBM   مۇدەەتتىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ھەم ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.
ئەمما بۇ خىلدىكى كارخانىچىلار پۈتۈن دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
ھازىر PC مۇلازىمىتى پۇلغا يارىماس بوپ قالدى،
3.ئەنئەنىۋى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئېنتىرنىت تورىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى ۋە تورنىڭ ھەقسىزلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ياخشى ئەمەس
جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ يېشى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 40 ياشتىن يۇقىرى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يېشى 35ياشتى يۇقىرى، بۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىجارەت ساھەسىدە تەجىربىسى مول، ئەمما مەسلە شۇكى بۇلارنىڭ ئېنتىرنىت تورىغا بولغان چۈشەنچىسى ياخشى ئەمەس. 40 ياشتىن يۇقىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كارخانىلارنى باشقۇرىشى ،بەلكىم كەلگۈسى 3 يىلدا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىشى مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقەنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. بىر كارخانا ياكى بىر ئادەم نىمىدىن ئۇتۇق قازانغان بولسا، يەنە كۆپ چاغلاردا شۇنىڭدىن مەغلۇب بۇلىدۇ. ئەگەر خوجايىن بارلىق باشقۇرغۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا بىر تۈركۈم ياشلارنى قۇبۇل قىلسا،شىركەتتە زۇر خەۋىپ ۋە ئۈزۈكلۈك شەكىلىنىدۇ ، بۇ خىل خەۋپنى كىم يوق دىيەلەيدۇ؟ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدا ئىنتىرنىت تەپەككۈرىنى قەتئىي چۈشەنمەيدۇ،يىڭى خىرىسلارغا ھەم تاقابىل تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇنداق كارخانىچىلارنىڭ ئۆزگۈرىشى ھەم زىددىيەتلىك ھەم ئازاپلىق .
4.ئەنئەنىۋى كارخانىچىلارنىڭ تور سودىسىغا نىسبەتەن كاللىسىدا تەپسىلات (چۈشەنچە) يوق
ئېنتىرنىتقا بولغان بۇ ئۇيۇنغا نىسبەتەن ئەنئەنىۋى كارخانچىلار ئارسالدى بولماقتا، بۇلۇپمۇ كۆپلىگەن خوجاينلارنىڭ تېلفۇنىدا ئۈندىدار ۋە ۋېيبو يوق، ئۇلاردا بۇ نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەپەككۈرىيوق.ئۆزى بىلەن يېڭى شەيئىلەر ئوتتۇرسىنى بىر تام ئايرىپ تۇرغان.
5.تورنى پەقەت ۋە پەقەت تەشۋىقات قۇرالىلا دەپ قاراش
كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى كارخانا باشقۇرغۇچىلار ئېنتىرنىت تورىنى تەشۋىقات-ئېلانلا دەپ قارايدۇ. مەسلەن، تورغا ئاز تولا ئېلان بىرىش بىلەنلا چەكلىنىش،شىركەت تور بىكىتى ياكى تور دۇكىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قۇيۇپ،كۈڭۇل بۈلمەسلىك،ئەمەلىيەتتە تور سودىسى ياكى ئىنتىرنىت تەپەككۈرى ناھايىتى كەڭ دائىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،مەسلەن : توردا بىۋاستە سېتىش ، تور ماركىسى يارىتىش، شىركەت ئوبرازىنى توردا تىكلەش ، ماركانىڭ ھىكايىسىنى تور ئارقىلىق ھەقسىز كەڭ تارقىتىش، ياش كىچىك ئېستىمالچىلارنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇش ۋە شۇ چەمبىرەكنى داۋاملىق كىڭەيتىش ، ئېستىمالچىلىرىڭىز بىلەن يۈزمۇ-يۈز پىكىرلىشش ، خىرىدالارنىڭ نىمىگە قىزىقىپ ، نىمىدىن زىرىكۋاتقىنى بىلىپ تۇرۇش، ئىجدىمائىي جەمئىيەت مەسلىلىرىنى ماركىڭىزغا تور ئارقىلىق باغلاش، تور ئارقىلىق ماركىڭىز ياكى مەھسۇلاتىڭىزنى قىزدۇرۇش (炒作)، ئىچىتىش.
تور ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدا پائالىيەت قىلىش ، تور ئارقىلىق سېتىش ، تەشۋىقات،ئېلان قاتارلىقلارنىڭ تەنەرخىنى تىجەش،
بۇ مىساللار چۈشەندۈردىكى،ئېنتىرنىت بىر سودا يۇلى، ئەمما ئېنتىرنىت تەپەككۇرى بولسا بىر خىل يېڭى سودا شەكلى.
مايۈننىڭ ئېيتقىنىدەك، ئەنئەنىۋى كارخانىلار ئىنتىرنىت شەكلىنى ئالدى بىلەن كۆرەلمەيدۇ،ئاندىن كۆزگە ئىلمايدۇ،ئاخىردا كىچىككەن بۇلىدۇ. كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى كارخانىلار ھازىر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن خەتەرلىك.
6.ئەنئەنىۋى سودا تەپەككۇرىنىڭ يىلتىزى مۇستەھكەم
ئەنئەنىۋى سودىدا، مەھسۇلات ئېلان سۈزىگە ۋە ئالاھىدە سېتىش كۆز قاراشنى تاۋلاشقا مۇھتاج، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەپەككۇر كۈچىگە ئايلاندى. ئەمما بىز شۇنى بايقايمىزكى، ئېلاننىڭ مەھسۇلاتنى سېتىشقا بولغان كۈچى بارغانسىرى ناچارلايدۇ، سىز شىياۋمى تېلفۇننىڭ ئېلانىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز يەنە ئالما تېفۇننىڭ ئېلاننى ئەسلىيەلەمسىز؟ ئەمما بۇ ئىىككى ماركا دۇنيادا داڭ قازاندى.
ئەمەلىيەتتە،ئېنتىرنىت تورىدا سېتىشمۇ خىلى جاپالىق، بىراق ئېنتىرنىت تەپەككۇر ئۇسۇلى بۇيىچە سودا شەكلىمىزنى ئۆزگەرتسەك زىيان تارتمايمىز. ئۇنداقتا ئېنتىرنىت تەپەككۇر ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ بارلىق مەنبەلەرنى بىر يەرگە يىغىپ (خېرىدارنىڭ ،دوستلىرىمىزنىڭ ،دۇشمىنىمىزنىڭ،خوشنىمىزنىڭ ئىشقىلىپ پايدىلانغۇدەكلا مەنبە ياكى ئۇچۇرنى بىر يەرگە يىغىشىمىز كېرەك) ، خېرىدارنىڭ نىشانى بىلەن بىردەك ئىچ قۇيۇن-تاش قۇيۇن بۇلۇش ، خېرىدار ئەرزان پۇلغا سۈپەتلىك مال ئېلىشنى ئۇيلايدۇ،سىز شۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياكى ماركىڭىزنى دەل شۇ خېىرىدار ئىزدەۋاتقان مال ياكى ماركا قىلىپ تۇنۇشتۇرالىسىڭىز، خېرىدارڭىز ھەم باشقىلارغا شۇنداق بۇ مەھسۇلات ئۇنداق ياخشى ،بۇنداق ياخشى دەپ باشقىلارغا تۇنۇشتۇرلىسىڭىز ۋە ئەڭ تۆۋەن تەنەرخ بىلەن غايەت زور خېرىدارنى سىزگە ئەگەشتۈرۈشىڭىز مانا بۇ ئېنتىرنىت تەپەككۈرى بولىدۇ.
.
8.بەش يىللىق ئىستىراتىگىيە پىلانى ئەھمىيىتىنى يۇقاتتى
بۇرۇنقى كارخانىلار 3 يىلدىن5 يىلغىچەئىستىراتىگىيەلىك پىلان ئېلىپ بارغان، ئەمما ھازىر بۇنىڭ ھىچقانداق ئەمەلى ئەھمىيىتى بولمىدى ھەم قالمىدى، بۇ پەقەتلا ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق خالاس. شۇڭلاشقا كارخانىچىلار ئېنتىرنىتتا كۈنلۈك -ئايلىق ئۆزگۈرۈش ئاساسىدا ئۈنۈملۈك بولغان 6 ئايدىن بىر يىللىق ئىستىراتىگىيە ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ،مۇشۇنداق قىلغاندىلا كارخانىنىڭ تەرەققى قىلىپ،خېرىدارنىڭ كەينىدە قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئېنتىرنىت دەۋرىدە كارخانچىلار بارغانسىرى ھېرىپ-چارچايدۇچۈنكى داۋاملىق ئۈگۈنۈش كېرەك،ئەمما ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئەنئەنىۋى كارخانچىلارنىڭ خاتىرجەم كۈنلىرى ناھايتى تېزلا يوقۇلۇپ كىتىدۇ.بازار ۋە ئېستىمالچىلار شۇنداق تېرىشىپ ماڭالىغانلارغا مەنسۇپ.
9. سودا شەكلىنىڭ ئىجادى تەپەككۇرىنى چۈشەنمەسلىك
ئەنئەنىۋىي سودا كۆز قارىشى ئەمدى ئەسقاتمايدۇ،مۇنچە يەردە دۇكىنىم بار،ماركام مۇنداق داڭلىق دىگەن كارخانلارغا ئەمدى كۈن يوق،نوكىيانى ياخشى ئۇيلاڭ،سىزدە تىخى نوكىيانىڭ 10% چىلك مەبلەغ ۋە تىخنىكا يوق، ئېنتىرنىت دۇنياسى ئىنتايىن تەكشى، بۇرۇنقىدەك قالاق ھالەتتە رايۇن ۋە بازارغا بۆلۈنمەيدۇ. ئىستىمال توپى بىرلىك قىلىندۇ،ھىسيات ۋە تۇيغۇ ئاساس قىلىندۇ، بۇندىن كىيىنكى خېرىدارلار سىزنىڭ ماركىڭىزنى ياكى شىركىتىڭىزنىڭ ھىكايىسىنى توردىن ئىزدەپ تاپالىشى كېرەك ،بولمىسا سىز قانچە داڭلىق بولوڭ،ئىنتىرنىت دەۋرىدە ھىچكىم سىزنى تۇنۇمايدۇ،
ئەنئەنىۋى كارخانىلار چۇقۇم ياخشى ئويلىنىشى لازىم،سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز زادى قانداق قىلىپ ئىستىمالچىلارنىڭ سىزگە ئىشىنىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن سىزنى تاللايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مەھسۇلاتىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدۇ؟
10.2015-يىلى خوجايىنلارنىڭ سىناق يىلى
2014-يلى، توغرىسىنى ئېيتقاندا كىيىنكى يېرىم يىلدا شىنجاڭدىكى كۆپ ساندىكى ئەنئەنىۋى كارخانچىلار ئويغاندى، شۇنداقلا يەنە گاڭگىراشقا جىددىيلىشىشكە باشلىدى،ئەمما تىزلا ئۈگۈنۈشكە باشلىدى،بۇ يەردە ھىچكىمنىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى ئەمەسلىكىنى ،بەلكى بىر يەرگە كىلەلمەيۋاتقان ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇدى...، . بىر كارخانىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ 60%خوجايىنغا مەنسۈپ؛ بىر كارخانىنىڭ مەغلۇب بۇلىشىنىڭ 99% نى خوجايىنغا ئارتىشقا بۇلىدۇ.2015-يىلى ئۇيغۇر كارخانچىلىرى ئۈچۈن ئىمتىھان يىلى،پەرزىمچە بۇ يىل سودا ئۇيۇنى قايتا باشتىن شەكلىنىدۇ . دەۋىر شۇ ئاتالمىش ئەنئەنىۋى كارخانا چولپانلىرىنى رەھىمسىزلەرچە شاللاپ تاشلايدۇ،ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ چىققان يېڭىچە ھەتتا غەيرى سودا شەكلى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
ئېنتىرنىت دەۋرىدە، بارلىق كارخانىچىلار كەچۈرمىشىنى قۇيۇپ چۇقۇم ئۆزگۈرىشى لازىم،ئۆزگەرسىمۇ ئۆزگۈرىدۇ،ئۆزگەرمىسىمۇ ئۆزگۈرىدۇ،پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
تاۋارىم سودا تورى يازمىسى
www.tawarim.com
مەنبەنى ئەسكەرتىڭ


kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 21:22:09

{:112:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 21:22:40

ئىقتىسادى تىمىلار كۆپ بولسا ياخشى بۇلاتتى

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 21:47:49

تۈنۆگۈن، شۇنلىي تور بېكىتىدىن1 پۇڭ بىلەن شۇنلىينىڭ بىر ئايلىق ئەزالىقىنى سېتىۋالغىلى بولدىغان ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن قىزىقىش ئىلىكىدە، ئىچىپ كۆرسەم، 1 پۇڭ پۇلنى بەيدۇ ھەميانى ئارقىلىق، تۆلەيدىكەنمىز. 5 مىنۇت ۋاقتىمنى چىقىرىپ، بەيفۇباۋغا تىزىملىتىپ، ئەسلىدىكى 10 كويلىق مۇلازىمەتنى 1 پۇڭچەنگە سېتىۋالدىم.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 21:50:51

مەن 1 پۇڭغا سېتىۋالدىم دەپ خۇشھال، بەيدۇ بەيفۇباۋ ھېساباتىنى يەنە بىر ئادەم ئاچتى دەپ خۇشھال. شۇنلىي بەيدۇدىن بىر مۇنچە كىرىم قىلغىنىغا خۇشھال.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 21:56:14

Emperor يوللىغان ۋاقتى2014-12-27 21:50 static/image/common/back.gif
مەن 1 پۇڭغا سېتىۋالدىم دەپ خۇشھال، بەيدۇ بەيفۇباۋ ھېسا ...

ئىسىل ئىنكاس ، نەق مۇشۇنداق سودا شەكلىنى ئۇيغۇر كارخانلىرىمۇقانچە تىز قۇللانسا شۇنچە ياخشى ، مال بىسىلىپ قالسا قالسۇن، ئەرزان ساتمايمەن ، مىنىڭ داڭلىق ، شۇڭا قىممەت ساتىمەن ، دىگەن كارخانىلارنىڭ كۈنى تەس بولىدۇ ئەمدى

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 21:58:43

تۈنۆگۈن جىڭدۇڭدىن بىر كىيىم سېتىۋالماقچى بولۇپ، قارىسام ۋېيشن ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولدىكەن، يەنە ئىككى مىنۇت ۋاقتىمنى چىقىرىپ، ۋېيشىن بىلەن پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى ئېچىپ، پۇل تۆلىۋەتتىم. ناھايىتى قولايلىق.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:05:37

ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكەندەك، شۇنلىي شىركىتىنىڭ بىر ئايلىق ئەزالىق مۇلازىمىتىنى 1 پۇڭغا سېتىشى، ئەمىلىيەتتە ھەقسىز بەرگەن بىلەن ئوخشاش. لېكىن ھەقسىز بەرسە، كىم بىر پۇڭ پۇلنى تۆلەپ، بەيدۇ ھەميانىنى ئاچىدۇ؟

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:07:46

دېمەكچى بولغۇنۇم، بىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سودا ئەندىزى، مۇشۇنداق ھەمكارلىق كامچىل.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:25:13

قارىسام تاۋارىم تورىغا خېلى كۈچەۋىتىپسىلەر. تىرىشچانلىقىڭلارغا بارىكاللا.
نىشانىڭلار شىنجاڭ بازىرى بولسا ئارتۇقچىلىقىڭلار:
1. تىل جەھەتتىكى قولايلىق
2.جۇغراپىلىك ئارلىقتىكى يېقىنلىق

تەكلىپ؛
1. يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك ئەڭ قۇلاي ۋە بىخەتەر بولغان پۇل تۆلەش ۋاستىسى شەكىللەندۈرۈش
2. مال يەتكۈزۈش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن، مال چىقىرىش ئىسكىلاتى شىنجاڭدا بولۇش، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئىشەنچىلىك تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش.
3. مالنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش.
4. سېتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى مۇلازىمەت، خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشىنىڭ راۋان، قولايلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
5. باشقا كارخانا، شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر خىلسېتىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:33:46

Emperor يوللىغان ۋاقتى2014-12-27 22:25 static/image/common/back.gif
قارىسام تاۋارىم تورىغا خېلى كۈچەۋىتىپسىلەر. تىرىشچانل ...

رەھمەت ، شىنجاڭ تور سودىسىنىڭ نەق نىگىزلىك يەرلىرىنى دەپسىز ،ئاللاھ خالىسا داۋاملىق تېرىشىمىز ، تاۋارىم سودا سۇپىسى بىر يىرىم يىلنىڭ ياقى يۇقلىقتىن بارلىققا كىلىپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇق ،ھەرخىل تور سودا بازار تەكشۈرۈشلەرنى قىلۋاتىمىز ،ياخشى نىيەتلەرنى قەلبىمىزگە پۈكتۇق ، ئىزچىل تىرىشساقلا ھامان نەتىجە قازىنالايمىز، رەھمەت

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:34:46

كۆزىتىشىمچە نىشانىڭلار تاۋباۋ تورىدەك بىر تور قۇرۇش ئوخشايدۇ. ئەگەر شۇنى نىشان قىلغان بولساڭلار، ئۇزۇنغا بارالمايسىلەر.
سىلەرنىڭ چىقىش يولىڭلار جىڭدۇڭ يولىدا مېڭىش. جىڭدۇڭنى دوراپ، مەن يۇقۇردا بەرگەن مەسلىھەت بويىچە، تىرىشساڭلار، ھېچ بولمىغاندا سىلەردە ئۈمىد كۆرۈلدۇ.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:37:19

ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:43:28

Emperor يوللىغان ۋاقتى2014-12-27 22:34 static/image/common/back.gif
كۆزىتىشىمچە نىشانىڭلار تاۋباۋ تورىدەك بىر تور قۇرۇش ئ ...

جىڭدۇڭدەك B2Cتور بىكەتلىرى پۇل تۆلەش ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى شىنجاڭ بەك ماس كەلگەن بىلەن غايەت زور مەبلەغ
نۇرغۇن مال مەنبەسى باھا ئەۋزەللىكى بولىشى كېرەك ، كۆزۈتىشىمىزچە بىۋاستە سېتىش تورىغا بازار سەل بالدۇر ، كىم شۇنداق قىلسا شۇ شۇ ئۈلىۋاتمامدۇ ئەنە، تاۋارىمنىڭ نىشانى ئاۋۋال شىنجاڭدىكى بارلىق دۇكان ،مال مەنبەسى ۋە خېرىدارلارنى بىر يەرگە يىغىپ ،شۇنىڭدىن شەكىلەنگەن چوڭ سانلىق مەلۇمات大数据 دىن پايدىلىنىپ
،o2o نى باشلاش

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:47:37

چۇقۇم تاۋباۋدەك قىلىش شەرىت ئەمەس ، لىكىن ھەرقايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى پايدىلىنىش ، يۇقىرىدا دىگەندەك ئېنتىرنىت تەپەككۈرى ئارقىلىق مەنبە توپلاش ، تاۋاباۋنىڭ غايەت زور مال ۋە خېرىدار توپلاش ئالاھىدىلىكىنى جىڭدۇڭنىڭ ئاق تىزىملىكىدەك پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇل تۆشنى قۇلايلىقلاشتۇرۇش ، ماشىنا سودىسى ،نىمكەش بازارنى ئۇيغۇرنىڭ پىسخكىسى بۇيىچە ئەڭ زور چەكتە قۇلاي ،ئاسان ، ھەقسىز قىلىپ ، ئەنئەنۋىي سودىغا ئۆزگەرتىش ئىلىپ كىلىش تاۋارىمنىڭ ھازىر قىلۋاقان ئىشلىرىدۇر....
ئاللاھ خالىسا ئارزۇلارغا ئاز قالدى .....

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 23:07:57

جىڭدۇڭنى ئوپمۇئوخشاش دوراڭلار دېگەنلىك ئەمەس. ھەم ئۆزىڭىز دېگەندەك، باھا ئەۋزەللىكىنى دوراپمۇ بولالمايسىلەر.
جىڭدۇڭ، تىيەنماۋ دەك كارخانىلار ئۇرۇنلاشقان ھەمدەبىۋاستە خېرىدارلارغا يۈزلەنگەن. ئىشەنچىلىك مال مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىنغان مۇشۇنداق سودا ئەندىزىنى دېمەكچى.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 23:13:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-27 23:28

Emperor يوللىغان ۋاقتى2014-12-27 23:07 static/image/common/back.gif
جىڭدۇڭنى ئوپمۇئوخشاش دوراڭلار دېگەنلىك ئەمەس. ھەم ئۆز ...

ھازىر شۇ ، شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانلار بىلەن رەسمىي تۇختاملىشىپ ، تاۋارىمنى سۈپەتلىك ماللار بىلەن تۇشقۇزۇشقا تېرىشۋاتىمىز،
ھازىر شۇ b2c2c قىلۋاتىمىز ،

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 08:33:35

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:00:35

قەيەردە بۇ تاۋارىم

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:33:45

{:112:}
بەت: [1] 2
: 2015-يىل ئەنئەنىۋى تىجارەتنى ئۆزگەرتىش يىلى-تاۋارىم