aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 13:22:52

رامىزان قايتىپ كەلدى!

رامىزان قايتىپ كەلدى!


   ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا نەۋرە ئۇكامدىن بىزگە بىر مۈشۈك تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنىدىم. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تېلېفون قىپتۇ، بۈگۈن كەچقۇرۇن بىزگە بىر مۈشۈك ئالغاچ كېلىدىكەن. بۇ تۇيۇقسىز خۇشخەۋەردىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، قولۇم ئىشقا بارمىدى. ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشقا باشلىدىم، كۆزۈم ھە دېسىلا تام سائىتىگە يۈگۈرەتتى. باشقا ۋاقىتتا ماڭا بېسىم، ئىچ سىقىلىش ۋە زۇلۇمدىن باشقا ئىلتىپات كۆرسەتمەيدىغان ئاۋازى يېقىمسىز تام سائىتى ھازىر باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنۈپ كېتىپ باراتتى. قولۇم راستىنلا ئىشقا بارمىدى، ئوقۇپ تۈگىتەي دەپ قالغان «قارا كىتاب»نى داۋاملىق ۋاراقلىغۇم كەلمىدى؛ مەن نەچچە كۈندىن بېرى كام دېگەندە يىگىرمە-ئوتتۇز قېتىم ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان، سامۇئېل تايلور كولېرىجنىڭ «قۇبىلەي خان» دېگەن شېئىرىمۇ دىققىتىمنى تارتالمىدى؛ پۈتتۈرىشىم شەرت بولغان يەنە بىرقانچە تەرجىمە بار ئىدى، ئۇمۇ مېنى سەگىتەلمىدى؛ كاللامدا مۈشۈكتىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ خورۇلداشلىرى قۇلىقىمغا ھازىردىن باشلاپلا ئاڭلانغاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى...
   بىر ئايدىن بېرى ئۆيىمىزدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز مۈشۈك بولغان ئىدى. مۈشۈك جىدىلى زادىلا بېسىقماي تورلارنى ئاختۇرۇپ مۈشۈك ساتىدىغان يەرلەرنىمۇ سۈرۈشتە قىلدىم. مۈشۈكلەرنىڭ رەسىملىرىمۇ چىقىرىپ قويۇلغان تور بەتلىرىنى كۆرۈپ، مۈشۈككە ئامراق كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، مۈشۈك سودىسىنىڭمۇ راۋۇرۇس بىر سودا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بەزى مۈشۈكلەرنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ ياقامنىڭ ئورنىغا بىگىز بارمىقىمنىڭ دۈمبىسىنى نەچچە قېتىم چىشلىۋەتتىم. ئىزدەپ يۈرۈپ، ئامراق مۈشۈكلىرى ئۈچۈن جۆرە ئىزلەش ئېلانلىرىنى كۆرۈپ دەسلىۋېدە قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم، كېيىن بولسا ئىنسانىيلىقنىڭ بۇ كىچىك لېكىن تولىمۇ چىرايلىق ئىپادىسىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. شۇ ئوماق مۈشۈكلەرنى باققاندىن كېيىن، يەيدىغان، ئىچىدىغان ۋە كىيىدىغان نەرسىلىرىگە قوشۇپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇش نېمە دېگەن ئالىيجاناپلىق-ھە، دەپ ئىچىم ئىسسىپلا كەتتى. شەھەر مۈشۈكلىرىنىڭ گەرچە يەيدىغىنى، ئىچىدىغىنى، ھەتتا كىيىدىغان، ئوينايدىغانلىرى تەل بولسىمۇ، بىنا ئۆيلەرگە قاپسىلىپ تۇرغاچقا، سەھرا مۈشۈكلىرىدەك ئەركىن-ئازادە ھالدا جۆرە ئىزلەپ يۈرەلمەيدۇ-دە! سېتىلىدىغان مۈشۈكلەرنىڭ رەسىملىرى ۋە باھالىرىنى كۆرۈۋېتىپ «باھاسى بىر يۈەن، مۈشۈككە ھەقىقىي ئامراق بولسىڭىز ئۆيىڭىزگىچە ئاپىرىپ بېرىمەن، ئالاقىلاشقۇچى X خانىم» دېگەن ئۇچۇرغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. دەرھال تېلېفون قىلدىم. تېلېفوننى ئاۋازى يېقىملىق بىر ئايال ئالدى. ئۇ مۈشۈكنى بېقىۋاتقىلى ئالتە ئاي بوپتۇ، بەك ياخشى كۆرىدىكەن، يېقىندا چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغاچقا مۈشۈكىنى مۇۋاپىقراق بىرەرسىنى تېپىپ بېرىۋەتمەكچى ئىكەن. لېكىن بىر شەرتى بار ئىكەن، مۈشۈكنى باقماقچى بولغان كىشى مۈشۈك سودىگىرى بولماسلىقى، مۈشۈكنى خارلىماي ئوبدان بېقىشى كېرەك ئىكەن. مۈشۈكتىن خاتىرجەم بولسام بولىدىكەن، ئۇ مۈشۈك شۇنداق ئەقىللىق، پاكىز ۋە گەپ ئاڭلايدىكەن. «بەك گەپ ئاڭلايدۇ» دېگەن گەپكە شۇنداق كۈلگۈم كەلسىمۇ، زورىغا بېسىپ تۇرۇپ گېپىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىدىم. گېپىدىن تازا خاتىرجەم بولالمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مەن مۈشۈكنى بىر ئايدىن بېرى مۈشۈكنىڭ جېدىلىنى قىلىۋاتقان 4 ياشلىق قىزىم ئۈچۈن ئالىدىغانلىقىمنى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۈشۈكنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى، بۇرۇنمۇ مۈشۈك بېقىپ باققانلىقىمىزنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئاۋازى يېقىملىق X خانىمنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىم. ماڭا بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغانغا ئۇزۇن بولغاندەك، ياكى مۇشۇ ۋاققىچە بىرەر ئىنسان بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغاندەك تەسىر بەرگەن ئاۋازى يېقىملىق X خانىم ماڭا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن ئۆزۈرخاھلىق ئېيتقاندىن كېيىن، مۈشۈكىنى «ئامال بار» بالىسى يوق كىشىلەرگە بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، تەكرار-تەكرار تەكەللۇپ سۆزلىرىدىن كېيىن ئاخىرى مەن بىلەن خوشلاشتى. تەرلەپ كەتكەنىدىم...
   تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن گېپىمنىڭ تۈگىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان قىزىم ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان «مۈشۈك ئالىدىغان بولدۇقمۇ؟» دېگەن سۇئالىنى سورىدى. ماڭا سەل ۋاقىت كېرەك ئىدى، قىزىمنىڭ سەۋر-تاقىتى بولسا نۆل ئىدى. ئامالسىز ئۇنىڭغا مۈشۈك ھەققىدىكى ئىككىنچى يالغاننى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم: بىر مۈشۈك بار ئىكەن، چىرايلىق، ئوماق بىر مۈشۈككەن ئۇ، نەچچە كۈنگە قالماي ئۆزىدەك چىرايلىق ۋە ئوماق بىر قانچە ئاسلان تۇغىدىكەن، بىز شۇنىڭغىچە ساقلاپ تۇرساق بىزگە بىرنى، ھەتتا ئىككىنى بېرىدىكەن...
   ماڭا ئەمدى مۈشۈك تېپىشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. ھېلىمۇ بىر ئايدىن بېرى تولا يىغلاپ، تولا جېدەل قىلىپ ھېچ ئارامىمىزنى قويمىغان ئىدى. مۇشۇنداق قىلىشقا ئۇنىڭ ھەقلىق سەۋەبلىرىمۇ بار ئىدى. چۈنكى بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، يەنە بىر يالغان گەپ بىلەن قىزىمنىڭ ئىككى ئايدەك باققان، بىللە ئوينىغان، بالىلىق قەلبىگە ئاجايىپ خوشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئوماق ئاسلىنىنى تاشلىۋەتكەن ئىدىم...
   رامىزاننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىپتاردىن كېيىن ئىشىكىمىز چېكىلدى. بۇ بەلكىم قىزىم ئۈچۈن ئۆمرىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئىشىك ئېچىش بولغان بولسا كېرەك. سۆيۈنگىنىدىن سەكرەپ، تاقلاپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغانىدى. خۇشاللىق كىچىككىنە تېنىنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن سىرتقا تېپىپ تۇراتتى، سەكرەيتتى، چاۋاك چالاتتى، كۆزلىرى، يۈزلىرى نۇرلىنىپ ئۆينى يوپيورۇق قىلىۋەتكەندەك تۇيۇلغانىدى ماڭا. ئىشىكنى چەككەن خوشنىمىز ئىدى، مەيدىسىگە قويۇۋالغان ئالىقانلىرىدا نەچچە كۈنلۈك بىر ئاسلان تۇراتتى. بۇ يېڭى مېھماننى ئالاھىدە ئىززەت-ئىكرام بىلەن قارشى ئالغانىدۇق. بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۆيىمىزنى باشقىچىلا ئىللىتىپ، ھاياجان، سۆيۈنۈش، مىھرىبانلىق، مىھىر-مۇھەببەتكە چۆمۈلدۈرىۋەتتى. جان سانىمىز بەش بولغانىدى. تۇغۇلغىنىغا نەچچە كۈن بولغان بۇ ئەزىز مېھمان ئاران-ئاران ماڭاتتى، توختىماي مىياڭلايتتى، نېمىنىدۇر ئىزلەيتتى، دەرھال سۈت ئەكىردۇق، گۆشنى نېپىز يالپاقلاپ داستىخان ھازىرلىدۇق، گۆشنى خېلى ياخشى يېدى، سۈتنى پۇراپ قويۇپلا ئىچمىدى، لېكىن توختىماي مىياڭلاپ نېمىنىدۇر ئىزلەيتتى. قىزىم بۇ يېڭى ئادىشى بىلەن ئويناشقا ئالدىرايتتى، ئادىشى بولسا توختىماي ئېچىنىشلىق مىياڭلاپ نېمىنىدۇر ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى يەنىلا بالىلارنىڭ ئاپىسى بىلىۋالدى، باغرىغا بېسىپ تام تەرەپكە قاراپ ئازراق كۆز يېشىمۇ قىلىۋالدى. بىر جان تۇغۇلغان، تۇغۇلۇپلا ئانىسىنىڭ ئىسسىق قوينىدىن، ھېچنىمە ئورنىنى باسالمايدىغان ئىسسىق سۈتىدىن مەھرۇم قالغانىدى. دۇنيا ئۇنىڭغا قانداق تۇيۇلۇۋاتقاندۇ؟ سوغۇق، مۇدھىش، رەھىمسىز... ئۇنىڭغا دۇنيانى ئىللىق ۋە گۈزەل كۆرسىتىشكە، ھېس قىلدۇرۇشقا تېرىشتۇق. تېرىشچانلىق ئۈنۈم بەردى. دەسلەپكى نەچچە كۈن قۇچىقىمىزدىن چۈشمىدى، بولۇپمۇ ئۇخلىغان چېغىدا. يەرگە، سافاغا، كۆرپە ئۈستىگە ياتقۇزۇپ سىناپ باقتۇق، ئۇخلىيالمىدى، ئىسسىق بىر تەنگە چاپلىشىپ ياتقۇسى بارلىقىنى بىلىۋالدۇق. ئانىسىدەك ئىسسىق بولماسلىقىمىز ئېنىق ئىدى، لېكىن شۇنىڭغا يېقىنراق بىر ئىسسىق تەن، مېھرىبان يۈرەكنىڭ ئىنسانلاردا بارلىقىنى بىلىپ قالغاندەك نەچچە كۈنگىچە بىزگە چاپلىشىپ ياتتى. ئۈچ، تۆت كۈندىن كېيىن قىزىم بىلەن بولغان دوستلۇقى رەسمىي باشلىنىپ كەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە نېمە كەلسە قوشۇۋېرىپ رەڭگى، تەمى، سۈپىتى ئازراق بولسىمۇ سۈتكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن «ساپ سۈت» دەپ ئىچىدىغان سۈتلىرىگىمۇ كۆندى. پۇت-قوللىرىغا جان كىرىپ قىلىق چىقىرىشقا باشلىدى. قىزىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ قوللىرىنى خۇددى بوۋاققا ئوخشاش ئۇزىتىشلىرى، ئەكىلەپ دۇمىلاپ بېرىشلىرى، گېلىمنى قاشلاپ قوي، دېگەندەك بېشىنى كەينىگە ئەركىن تاشلاپ سۇنايلىنىپ يېتىپ بېرىشلىرى، ئاستا كېلىپ سۈركىلىشلىرى، قۇيرۇقىغا چېگىپ قويغان پاختا توپنى قوغلاپ ساراڭدەپ پىرقىراپ بېرىشلىرى، ھەممە يەرگە، ھەممە نەرسىگە قىزىقسىنىپ قاراشلىرى، پۇراشلىرى، ئەينەكتە ئۆزىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشلىرى ۋە دەرھال ئەينەكنىڭ كەينىگە قاراپ بېقىشلىرى، قورسىقى تويغاندىن كېيىن يۈز-كۆزىنى ھۇزۇر ئىچىدە يۇيۇپ كېتىشلىرى، توپا قاچىلاپ قويۇپ قويغان قەغەز يېشىك بار سۇخانىغا كىرەلمەي قالسا گېلەمنى تاتىلاپ ياكى مىياڭلاپ تىلىنى ئۇقتۇرۇشلىرى، قەغەز يەشىكتىكى توپىنى بىرەر قۇر تەكشۈرىۋېتىپ، بىر يېرىنى كولاپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغاندەك ھاجەتكە ئولتۇرۇشلىرى ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن كۆمۈۋەتكەندىن كېيىن خۇددى سەت ئىش قىلىپ قويغاندەك بېشىنى كۆتۈرمەي سۇخانىدىن چىقىشلىرى... بالىلىرىمغا ئاجايىپ تۇيۇلۇپ  سۆيۈندۈرىۋېتەتتى. خوشنىمىز ھويلىدىن تېپىۋېلىپ بىزگە «بالىلىرىڭىز مۈشۈككە بەك ئامراققۇ؟» دەپ ئەكىرىپ بەرگەن كۈنىلا ئۇنىڭغا بىر ئىسىم قويۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق. ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ «رامىزان» دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. رامىزاندا ئائىلىمىزگە قوشۇلغان بولغاچقا بۇ ئىسىمنى ھەممەيلەن ماقۇل كۆرگەن ئىدۇق. رامىزان ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئۆيىمىزدە رامىزاندىن يادىكار يەنە بىر رامىزان قالغان ئىدى.  
   رامىزان بارغانسېرى شوخلىشىپ كەتتى. بىزگە ئۆزلىشىپ ئائىلىمىزنىڭ رەسمىي بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كەتتى. سىرتلارغا چىقىدىغان، قورسىقى ئېچىپ كەتسە ئالدىمىزغا كېلىپ كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ مىياڭلايدىغان، دېگىنىنى قىلدۇرمىغىچە بولدى قىلمايدىغان بولدى. بىزمۇ خۇددى بالىلىرىمىز ئەركىلەپ خاپا قىلسا ئاغزىمىزدا كوتۇلداپ تۇرۇپ ئىچىمىزدە خوش بولغاندەك، ئۇنىڭ گۆش يەيمەن، دەپ توڭلاتقۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ كېتىشلىرىگە كۆنۈپ قالدۇق. بەك ئەركە ئۈگىتىپ قويدۇقمىكىن ئازراقلا يېغى بار گۆشنى يېمەيتتى، پۇراپ قويۇپ توختىماي مىياڭلايتتى، بالىلارنىڭ ئاپىسى بولسا «گۆشنىڭ كىلوسى قانچە پۇل بىلەملە خېنىم؟ نېمانداق قوۋۇرغامنى ئىگىدۇ گەپ قىلمىسام» دەپ ئىككى ئېغىز كوتۇلداپ قويغاندىن كېيىن گۆشنى توغراپ ئالدىغا ئەكىلىپ بېرەتتى ۋە كۈندىن-كۈنگە بويى ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتقان بالىسىغا ھەۋەسلىنىپ قارىغاندەك قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. قورسىقى تويغاندىن كېيىن ئۆيدىكى ئەڭ يۇمشاق، ئەڭ ئىسسىق ۋە ئەڭ راھەت يەرنى تېپىپ خورەكنى دۆڭ تارتىپ بۇخاراغا كېتەتتى. قىزىم رامىزاننىڭ تۈگىمەس ئۇيقۇسىدىن بىزار ئىدى، لېكىن ئالدىراپ ئويغىتىۋەتمەيتتى، يېنىدا ئويغانغىچە بىللە ياتاتتى. پەقەت چىدىيالمىسا چاندۇرماي ئويغىتىپ ئۇنى ئويۇنغا دەۋەت قىلاتتى. رامىزانمۇ ئۇنىڭغا ئىچەكىشىپلا كەتكەن ئىدى، قانداق مىجىقلىسا «سەۋر» قىلىپ ئۇنىڭ رايىغا باقاتتى. بەزىدە بىز چىدىيالماي قالاتتۇق قىزىمىزنىڭ ھەددىدىن ئېشىشلىرىغا. لېكىن رامىزان يەنىلا سەۋرچان ئىدى. لېكىن بىر كۈنى، قىزىم چىقىراپ كەتتى، يۈگۈرۈپ يېنىغا باردىم، بارمىقىدىن قان چىققان ئىدى. رامىزاننىڭ چىشى پېتىپ كېتىپتۇ. قانغۇ بىردەمدىلا توختىدى، لېكىن مېنىڭ ئەنسىرىشىم بېسىقىدىغاندەك قىلمايتتى. مانا، ئەنە دەپ رامىزانغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزمىغان بولغاچقا ئولتۇرالماي قالدىم. تونۇش-بىلىشلەردىن مەسلىھەت سوراپ تېلېفون قىلدىم. قانداقلا بولمىسۇن دوختۇرغا بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. چوڭلار مۈشۈكنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىشىمنى تەلەپ قىلدى. كىچىك بالا بار ئۆيدە مۈشۈك باقساق بولمايدىكەن. دېمىسىمۇ ئۆيگە مۈشۈك پەيدا بولسىلا بالىلارنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى. مەنمۇ ئېنىق بىلمىگەچكە مۈشۈكتىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ بۇرۇن بىر ئىككى قېتىم بالىلار ھويلىدىن تېپىپ كىرگەن مۈشۈكلەرنى سىرتقا قويۇۋەتكەنىدىم. بۇ قېتىم «قانلىق» ۋەقە سادىر بولغاچقا يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم. قىزىمغا مەسلىھەت سالدىم، دەرھال قارشى چىقتى: رامىزان چىشلىۋالماپتۇ، ئۆزى قولىنى ئېسىدە يوق مۈشۈكنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ساپتۇ!
   ئىت-مۈشۈكلەردە بولىدىغان غالجىرلىق كېسىلىنىڭ چاخچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇۋالغان تۇغقانلار، مەندىن بالىنىڭ كۆزىگە قارىماي مۈشۈكنى كۆزدىن يوقىتىشنى تەلەپ قىلدى. مەن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. بۇ ئارىدا ئۆيدىكىلەر بىر ھەپتىلىك يۇرتقا بارىدىغان بولۇپ قالدى. مەن تۈگەتمىسەم بولمايدىغان ئىشىم بولغاچ رامىزان بىلەن ئۆيدە قالدىم. بالىلار مېڭىشنىڭ ئالدىدا رامىزانغا ئوبدان قارىشىمنى جىكىلەپ كېتىشتى. ھەتتا بىللە ئېلىپ ماڭماقچىمۇ بولۇشتى. بىر ھەپتە ۋاقىت بار ئىدى ئويلىشىپ قارار قىلىدىغانغا. ئىككىمىز قالدۇق. مەن ئىشىمنى قىلىمەن، ئۇ پات-پات كېلىپ سۈركىلىدۇ، قۇچىقىمغا چىقىۋالىدۇ، يېزىقچىلىق ئۈستىلىمگە چىقىپ خۇددى خەت بىلىدىغاندەك كىتابلىرىمغا قاراپ قويىدۇ، ماڭا ئەركىلىگەن بولۇپ بېشىنى سۈركەپ قىچىقىنى چىقىرىۋالىدۇ، بېشىنى كەينىگە قىلىپ گېلىنى قاشلاپ قويۇشىمنى، بېشىنى سىلاپ قويۇشىمنى تاما قىلىپ كېتىدۇ، خۇددى « ئەمدى تاماق يېسەكقۇ بولار» دېگەندەك قىلىپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ مىياڭلاپ قويىدۇ ۋە خىجىل بولغاندەك ئاستا يىراقلىشىدۇ، يەنە قايتىپ كېلىدۇ، دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى باردەك مەنىلىك، مەنىلىك قاراپ قويىدۇ، تۇرۇپلا مەن بىلەن ئوينىشىپ قويغۇسى كېلىدۇ، بالىلار كېىتىپ جىمىپ قالغان ئۆيدە زېرىكىپ قالغاندەك ئۇنى، بۇنى ئۆرۈپ، پەردىلەرنى چىشلەپ تارتىپ ئۆينى ئاۋات قىلغۇسى كېلىپ قالىدۇ...كېچىلىرى ئوڭدا يېتىپ ئۇخلاپ قالغان بولسام مەيدەمگە، دۈم يېتىپ قالغان بولسام دۈمبەمدە ئۇخلايدۇ، كۆزى ئۇيقۇغا بېرىشتىن بۇرۇن خورىكى باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ خورىكىگە شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن ئىدىمكى ئۇ يېنىمدا يوق چاغدىمۇ قۇلاقلىرىمنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭ خورىكى داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ كىچىكىمدە باققان ئىت_مۈشۈك، توخۇ _ كەپتەر، قوي_ ئۆشكە، ئات-كالا...لارنى ئويلاپ كېتىمەن...
   بىر كۈن قالدى، مەن رامىزاننى بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك. قانداق قىلىمەن؟ «بىرىنچى قەۋەتتە ھويلىلىق ئۆيى بار بىرەرسىگە بېرىۋەت!» مانا بۇ چوڭلارنىڭ ئەقلى. ئاشۇنداق بىر ئۆي ئىزدىدىم، ئۇنداق ئۆيلەرغۇ جىق، لېكىن مۈشۈككە ئامراق بىرەرسىنى تاپسام بولاتتى. رامىزان گەرچە خېلى چوڭ بولۇپ قالغان بىلەن ئۇ يەنىلا بىر ئاسلان، مۇنداقلا تاشلىۋەتكەن بىلەن بولمايتتى. بىزنىڭ قورۇ راۋۇرۇس چوڭ ئىدى، ئەللىككە يېقىن بىنا، چوڭ بىر مەيدان، بىنالار ئارىسىدا چىملىق ۋە ئورمان بەلبىغى بار ئىدى. بىر-بىرلەپ ئىزدەپ، بىزنىڭ بىناغا ئەڭ يىراق بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە كۆڭۈلدىكىدەك بىر نامزاتنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. چىرايلىق قىلىپ ھويلا چىقىرىۋالغان بۇ ئۆيدە ياشقا چوڭ بىر ئايال تۇراتتى، ھويلىدا نەۋرىلىرى بولسا كېرەك ئون ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئىككى بالا ئويناۋاتاتتى. ئۆيگە قايتىپ كەچ كىرىشىنى كۈتتۈم. كەچ كىردى. رامىزاننى ئالدىم، ئىشىكنى تاقاپ سىرتقا ماڭدىم. ئىشىكتىن چىقىپلا يۈرىكىم ئېچىشىشقا باشلىدى. رامىزانمۇ خۇددى بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك تىپىرلاپ بولالمىدى، ئادەتتە كۆتۈرۈپ ماڭسام شۇنداق رايىش تۇرۇپ بىرىدىغان، خاتىرجەم ماڭا يۆلىنىپ ياتىدىغان رامىزان ئەنسىزلىككە پاتقاندەك قىلاتتى، بۇنى پات-پات خەنجەردەك چىقىپ تۇرۇۋاتقان تىرناقلىرىدىن ھېس قىلغان ئىدىم. بېشىنى توختىماي سىلاۋاتقان بارماقلىرىمدا بىر ساختىلىقنىڭ قىمىرلاپ تۇرغىنىنى، قوللىرىمنىڭ ئىختىيارسىز تىترەشكە باشلىغىنىنى، ئۆيىمزنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە باغلانغان كۆرۈنمەس يىپنىڭ مېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاجىز ھالدا كەينىگە تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. لېكىن پۇتلىرىم پادىشاھنىڭ ئەمرىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشقا ماڭغان جاللاتتەك رەھىمسىزلەرچە جازا مەيدانىغا قاراپ كېتىپ باراتتى. قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ھويلىمىز خۇددى بىر سۇيىقەستكە خائىنلارچە ھەمدەم بولۇۋاتقاندەك ئۈن-تىنسىز ۋە قاراڭغۇ ئىدى، دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلاپ زۇۋانى بېسىقمايدىغان يوپۇرماقلىرىمۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان ئىدى، شۇ تاپتا سول كۆكسۈمدە گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان بىر پارچە ئەت، كاللامنىڭ ئىچىدە توختىماي خىيال ۋە تۇيغۇ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نىرۋېلىرىم ۋە تىترەپ تۇرغان بارماقلىرىمدىن باشقا ھەممە نەرسە رامىزاندىن ۋاز كەچكەندەك قىلاتتى. رامىزانغا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم، ئاستا كۆتۈرۈپ يۈزلىرىمگە ئاخىرقى رەت سۈركىۋالدىم، بېشىنى سىلاپ، گېلىنى قاشلاپ قويدۇم، كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان ھويلىنىڭ رىشاتكىسىدىن ئاۋايلاپ كىرگۈزۈپ يەرگە دەسسىتىپ قويدۇم. رامىزان بولسا «نەگە كېلىپ قالدىم؟» دېگەندەك جايىدا بىردەم جىم تۇردى، ئەتراپقا قارىدى، «قانداق قىلارمەن؟» دېگەندەك بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن بۇ يېڭى ھەم ناتونۇش يەردە تۇنجى قەدىمىنى باستى، مەن تەرەپكە قارىدى-يۇ خۇددى «سېنىمۇ خىجىل قىلماي بولدى» دېگەندەك دەرھال باشقا تەرەپكە قارىۋالدى. قايتىپ كېلىۋاتىمەن، ئىچىمدە لىققىدە ئاچچىق، بوغۇزۇمدا لىققىدە پىغان، ئۆپكەم ئۆرۈلەي، ئۆرۈلەي دەيدۇ، باياتىن ئۆي تەرەپكە تارتقان يىپ ئەمدى رامىزان تەرەپكە تارتىۋاتاتتى. ئىچىدە يېنىشقا باشلىغان گۇناھ تۇيغۇسىنى بىر باھانە بىلەن تەسەللىگە ئېرىشتۈرگەن جاللاتتەك ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم. ئۆيگە كىردىم، كاللامغا تۇنجى بولۇپ رامىزان كەلدى، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئۆي ئىچدىن ئۇنى ئىزدەپ سالدى، ئېسىمگە كېلىپ يەنە ئىچىم ئاچچىق بولدى، ئۇنىڭ نايناقشىپ ئەركىلەشلىرى، موللاق ئېتىشلىرى، كاللەك يىپنى قوغلاپ يۈرگەن ئوماق ۋە ئەخمىقانە ھالىتى، ئۆز قۇيرۇقىنى دۆتلەرچە قوغلاپ پىرقىراشلىرى، يۈز-كۆزىنى يۇغان چاغدىكى پىششىق ۋە چەبدەس ھەرىكەتلىرى، بىكار تۇرغاننىڭ ئورنىغا تارتىپلا تۇرىدىغان خورەكلىرى ئەمدى بۇ ئۆيدىن غايىپ بولغان ئىدى. ..
   بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ ھويلىدىن كۆچۈپ كەتتۇق. بالىلىرىمنىڭ يىغىسى ۋە جىدىلىنى بېسىقۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئاۋارە بولدۇم. رامىزان ئاغرىپ قالدى، دوختۇرغا ئاپىرىپ قويدۇم، ساقايغاندا قايتۇرۇپ كېلىمىز، دەپ يالغان ئېيتتىم. دوختۇرخانىلارغا بوۋا-مومىلىرىنى يوقلاپ تولا بارغان بالىلىرىم «ئۇنداق بولسا رامىزاننى يوقلاپ كېلەيلى» دەپ تۇرۇۋالدى. يەنە بىرنىمىلەرنى توقۇپ چىقاردىم. ۋاقىتنى كەينىگە سوزدۇم. ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلدۇردۇم، لېكىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرالمىدىم، پات-پات خۇددى چۈشىگە كىرىپ قالغاندەك رامىزاننىڭ گېپىنى قىلىپ قويۇشاتتى، مەن گەپنى باشقا ياققا بۇرايتتىم. شۇنداق قىلىپ ئىككى ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى قىزىم مۈشۈك، دەپ جىدەل قىلىپ ئورنىدىن تۇردى. بۇ قېتىمقى جېدىلى چىڭىغا چىقتى. قەتئىي يول قويمىدى، نىيىتىدىن زىنھار يانمىدى، چوقۇم مۈشۈك ئېلىپ بېرىسەن،دەپ كۈندە توپىلاڭ كۆتۈردى. مەن ئىشلەتمىگەن ئامال قالمىدى، ئالداش-سىلاش، ۋارقىراش-جارقىراش ھېچقايسىسى كار قىلمىدى، بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا تەسلىم بولدۇم، تۆت ياشلىق قىزىمنىڭ جاھىللىقىنى ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن قارشىلىق ۋە تىرىشچانلىق دەپ قۇبۇل قىلدىم، ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ غايىسىگە، نىشانىغا مېنىڭ ھېسداشلىقىمنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەمەس بەلكى مېنى يول قويۇشقا قىستاپ ئېرىشكەن بولدى. بولدى، ھېساب، سىز يەڭدىڭىز، مەن سىزگە مۈشۈك ئېلىپ بېرىمەن!
   سائەتكە قارىدىم، تاقەتسىزلەندىم، قىزىمغا دەۋىتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇرۇپ تۇراتتىم. مۈشۈكنى كۆرمەي تۇرۇپ دەپ سېلىپ، ئاندىن مۈشۈك كەلمەي قېلىپ تېخىمۇ چوڭ بالاغا قالماي دېدىم. نەۋرە ئېنىمغا تېلېفون قىلدىم. مۈشۈكنى ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئون بەش مىنۇتقىچە بارىمەن، دېدى. قىزىمنى چاقىردىم، ئۇنىڭغا بىر سوۋغات بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، گېپىمنىڭ ئايىغى چۈشە-چۈشمەيلا «مۈشۈكمۇ؟» دەپ سورىدى. كەلگەندە دەپ بېرىمەن، دەپ قېرىشتىم. بىردەم جىلە بولۇپ كارتون كۆرۈشكە باشلىدى.
   ئون بەش مىنۇت قالدى، بەلكىم يىگىرمە مىنۇت. بۇ مەن ئۈچۈن بەك ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئىدى، بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىلا باللىرىمنىڭ چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كېتەتتى، قىزىم سەكرەپ،  تاقلاپ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالاتتى، ئوغلۇم دەرھال ئىشكاپلاردىن كاللەك يىپ ئىزلەشكە، بالىلارنىڭ ئانىسى گۆش توغراشقا باشلايتتى. مېنىڭ بېشىمغا بولسا «بۇ قارا قىشتا نەدىن توپا تاپارمەن» دېگەن غەم چۈشەتتى.
   ئىشىك چېكىلدى،  نېمىلا بولمىسۇن ئاۋۋال ئۆزۈم بىر كۆرۈپ ئاندىن قىزىمغا خەۋەر قىلاي،دەپ ئىشىكنى ئۆزۈم ئاچتىم، مۈشۈك راست كەپتۇ، خوشاللىقتا مۈشۈككە تۈزۈك زەن سالمايلا قولۇمغا ئالدىم ۋە قىزىمغا «كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ!» دېدىم ۋە مۈشۈكنى قولىغا تۇتقۇزدۇم. نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان قىزىمنىڭ قولىدىن سەكرەپلا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈك ئۇدۇل بېرىپ سافانىڭ ئاستىغا كىرىۋالدى. مۈشۈكنى قوغلىماڭلار، سەل كۆنىۋالسۇن، ۋاھاكازا...
  بىر ئازدىن كېيىن، بىر ئۆيگە تۇنجى قېتىم كىرگەنلەردە بولىدىغان تارتىنچاقلىق بىلەن مۈشۈك چىقىپ كەلدى، ئوغلۇم «دادا، قارا بۇ مۈشۈك رامىزانغا ئوخشايدىكەن! قارا ئاپا، رامىزانغا ئوخشايدىكەن» دەپ توۋلاپ كەتتى. بىزمۇ قايتىدىن زەن سېلىپ قارىدۇق ۋە تۆۋە دەپ قالدۇق. قارىغانچە رامىزانغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى، قولۇمغا ئالدىم، ئۆرۈپ-چۆرۈپ قارىدىم، قۇيۇپ قۇيغاندەك ئوخشايتتى، بۇرنىنىڭ ئوڭ تۆشۈكىنىڭ ئۈستىدە داغدەك قارىيىپ تۇرغان قارىنى كۆرمىگەن بولسام يەنىلا «ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولاتتىم. راست، رامىزانكەن!
   قىزىمنىڭ كۆزلىرى، يۈزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى، سەكرەيتتى، تاقلايتتى، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. مەنمۇ خوش بولۇپ كەتتىم. رامىزاننى قولۇمغا ئېلىپ بېشىنى سىلىدىم، گېلىنى قاشلىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشتىن خىجىل بولۇپ ئىچىمدە «رامىزان، سېنى ئەمدى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن» دېدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 13:50:12

خەت شەكلىنى ئوڭشاپ قوياي دەپ تەھرىرلەش رايۇنىغا كىرىپ قارىسام ئوڭشىيالمىدىم. كۆچۈرۈپ ئېكىلىپ ئىنكاس شەكلىدە يوللىسام نۇرمال تۇردۇ.:funk:

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 13:57:01

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 13:50 static/image/common/back.gif
خەت شەكلىنى ئوڭشاپ قوياي دەپ تەھرىرلەش رايۇنىغا كىرىپ  ...

مۇنبەر بىر ئىككى كۈن بولدى سەل بىنورمالدەك بىلىنىۋاتىدۇ ماڭا.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 14:00:03

قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ھويلىمىز خۇددى بىر سۇيىقەستكە خائىنلارچە ھەمدەم بولۇۋاتقاندەك ئۈن-تىنسىز ۋە قاراڭغۇ ئىدى، دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلاپ زۇۋانى بېسىقمايدىغان يوپۇرماقلىرىمۇ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان ئىدى.
```````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````
بەزىدە تۇيغۇلۇرۇمنى مۇشۇنداق جايىغا چۈشۈرۈپ ئىپادىلىيەلىسەم دەپ كېتىمەن. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق-تەرجىمە قىلىپ يۈرۈپ قەلەم تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ كەتكەندەك تۇرامدۇ نېمە!{:87:}
مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن!

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 15:23:47

ۋەقەلىك ئاددى بولسىمۇ ئىشلىتىلگەن تىلغا قايىل بولدۇم، ھەم  يۇمۇرىستىك، ھەم راۋان، ھەم ئادەمگە بىر خىل ئىستىتىك زوق بىغىشلايدىكەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 15:41:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 15:53  

مەنمۇ مۈشۈككە بەك ئامراق، بىراق ھازىرقى ئۆيلەرنىڭ شارائىتىدا مۈشۈكنى قىيناپ قويماسلىق ئۈچۈن باقمىدىم، ئىلگىرى بىر ئاسلانچاقنى مەكتەپ ياتاق بىناسى ئاستىدا باققان ئىدۇق ، قىلىقلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ........بەك ئۇماق...
مەخسۇس  مۈشۈكلەرگە  ئىشلىتىدىغان سۈنئىي توپا  بىنا ئۆيلەردە مۈشۈك بېقىشتا ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن...

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 16:40:32

مۇشۇككە ئادەم بەك ئامراق بولۇپ قالسىمۇ بولمايدىكەن ،
مۇشۇك بەك سەزگۇر بولغاچقىمۇ ئاغرىپ قالسا ساقايمىقى تەسكەن دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارسىمۇ يەنىلا ئۇنىمى بولماي جان ئۇزدى شۇنچىلىك ئازاپلاندىم ،
ئەمدى مۇشۇك باقمايمەن دەپ ئولتۇرسام خوشنىمىزنىڭ قىزى كىچىك بىر ئاسلانچاقنى كۆتىرىپ ئەكىرىپتۇ بىقۋىلىڭ ئاچا ئانام تۇرغنى قويمىدى دەپ.
ئامراقلىقىمدىن يەنە بىقۋالدىم ھازرىمۇ خىلى چوڭ بوپ قالدى ئۇ خىنىم.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 16:40:57

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 14:00 static/image/common/back.gif
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ھويلىمىز خۇددى بىر سۇيىقەستكە خائ ...

بىرزاتكا، ئاۋۇ «ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇڭ» دەيمە.:lol
ھېلى چاتاق بولمىسۇن;P

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:17:38

مۈشۈكنىڭ ئوتىغا خىلى-خىلى ئادەمنىڭ ئوتى يەتمەيدا جىما بەزىدە...{:92:}{:92:}{:92:}

mayur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:33:25

ئىسىل…بۇنىڭدىن باشقا سۆز تاپالمىدىم…

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 22:09:58

{:112:}

murad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 00:18:11

ماشائاللاھ، بىر پارچە شېئىر ئوقۇغاندەك بولدۇم. نېمانچە راۋان، بىر تىنىقتا يازغاندەكلا...

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 00:46:03

بىزنىڭمۇ بىر چىشى مۈشۈكىمىز بارئىدى ،نەخ 10 يىل باققانىدۇق،  بۇ 10 يىل  جەريانىدا  10 قىتمدىن ئارتۇق  تۇغدىمىكىن ،، ئاجايىپ  ئۇماق ئاسلانلىرى بارتى ،  بەك ئېسىمدىن  چىقمايدۇ ، ئۇ مۈشۈكىمىز  بىر قېتىم  تۇغالماي بەكلا قىينالدى ،شۇ چاغدا ئاپام مېنى ،مۈشۈكنى مال دوختۈرغانسىغا ئاپىرىشقا بۇيرىدى , دوختۇرغانغا ئاپارسام  ،دوختۇر  مۈشۈكنىڭ باللىرىنىڭ  ،مۈشۈكنىڭ قورسقىدا ئۆلۈپ  قالغىنىنى  ،تېزدىن ئوپىرىيەتسىيە قىلمىسا مۈشۈكنىڭ ئۆلۈپ  كېتىدىغىنىنى ئېيتى ،  بۇنداق ئىشقا تۇنجى يۇلۇقۇشۇم بولغاچقا ، مۈشۈكنى ئوپىراتسىيە قىلىشنى پەقەت  كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم  ،شۇنداق  بولسمۇ  قېيلىنىپ  كېتىپ بارغان مۈشۈكۈمگە ئىچىم  ئاغرىپ  ماقۇللۇقىمنى بىلدۈردۈم ، دوختۇر  مۈشۈكنىڭ تۆت پۇتىنى باغلاپ ،قۇرسقىنى يېرىپ  ،ئۆلەك  ئاسلاندىن تۆتنى ئېلۋەتتى  ،ئاندىن  بەش يىپلىق قىلىپ تىكىپ  قويدى  ، شۇ ۋاقىتتا  مېنىڭ ،گەرچە ئورپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ  ،مۈشۈكۈمنىڭ  ئۇزۇن ياشىشىغا ئىشەنچىم يوقتى  ،لىكىن كىم  بىلسۇن  ،مۈشۈكنى ئۆيگە ئاپارسام ،خىيالىدا يوق ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ  يۈرىيدۇ  ،تۆت بەش كۈندىن كېيىن ،قۇسقىدىكى يىپنى  ئۆزى  چىشلەپ  ئېلۋەتتى  ،    كېيىنكى  يىللاردىمۇ  يەنە  ئاسلانلىدى ،  ئاپام  بەكلا  ئامراقتى  ئۇ  مۈشۈككە ،ئۇ  مۈشۈك  خام  گۆش  يىمەيتى ،  چاشقان  دېگەنىغۇ  ئەسلا  يېمەيتى ، بىز قوينىڭ  ئۆپكسىنى ئەكىلىپ  بېرەتتۇق ،ئاپام  پۇشۇرۇپ مۈشۈككە بېرەتتى  ، بەكلا ئەتۋالىقتى   ئىشقىلىپ ، مۈشۈكىمىز  ئۆلۈپ كەتكەن  كۈنىسى  ،مەن ئۆيدە   يوقتۇم ،ئاپام  يىغلاپ  تېلفۇن  قىلىپتكەن ماڭا ،  خېلى  ئۇزۇن  تەسەللى بېرىپ  تېلغۇننى قويۋەتكەنىدىم ،ھازىرمۇ   ئۆيدە  ئانچە مۇنچە  ئۇ مۈشۈكنىڭ  گەپلىرى  بولۇنۇپ  تۇرىدۇ .

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 07:07:32

مۇنبەر بۈگۈنمۇ سەل بىنورمالمۇ قانداق، باھا پۇلى بىرەلمىدىم، لىكىن ئ‍ەلانى باسالىدىم. شۇنچىلىك تېتىملىق چىقىپتۇ بۇ يازما.

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 07:57:33

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!مۈشۈككە جان كىرگۈزىۋىتىپسىزغۇ؟!مۈشۈكنىڭ ئەمەس،ھېسىياتلىق ئوماق بىر قىزنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىم.رەھمەت!نەچچىمىزنىڭ بالىلىقىمىزدىكى مۈشۈك باققان چاغلىرىمىزنى ئەسكە سالدىڭىز:){:112:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 08:22:07

ھېلىمۇ ياخشى يازمىدىكى باش پېرسۇناژ قاتارىدىكى ئائىلە باشلىقى توردىكى مۈشۈك سېتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەپتۇ .
نەچچە يىللار بوپ قالدى بەزى ئاكاش ، ئاچاشلار توردا ‹ئىت سوۋغا قىلىنىدۇ› دەپ ئۇچۇر تارقىتىپ نۇرغۇن ئادەملەر ئالدانغان .  بۇنىڭ تەرتىپى ناھايىتى ئاددىكەن ، ئىتنى چەتئەلگە چىقىپ كېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ياخشى بىر ئائىلىنىڭ بېقىشىغا بېرىۋېتىدىكەن ، ئەلۋەتتە بىكارغا ، ياكى بىر يۈەنگە دىگەندەك . ھەممىنى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن توساتتىنلا رەسمىيەت ھەققى ياكى توشۇش ھەققى دىگەندەك بىر نىمە ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن ، بىلىپ بىلمەيلا قىلتاققا چۈشىدىكەنسىز .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 08:26:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 08:31  

ۋو!.. مۈشۈك ھېكايىسىكەن..
مەن تۇنجى قارار باققان ئاسلاننى، چاشقان تۇتالماي قالمىسۇن دەپ مەشىقلەندۈرەتتىم، بېغىشىمغىچە تاتلاپ چىشلىگەن ئىزلار ئايلاپ تۈگىمىگەن.
كېيىن ئۇ ئوغرىلىنىپ، ئاندىن ياۋا بوپ كەتكەندە، بىرلا قېتىم ئۇچراتتىم، ئالدىمدىن دۇلدۇلدەك چېپىپ ئۈتۈپ، دېرىزەمدىن سەكرەپ چىقىپ كېتىپ قالدى، ياۋا بولۇپ كەتكەن مۈشۈك، ئىككىنچىلەپ ئىنسان قولىغا كۆنمەيمىش. قوشنىلارنىڭ كەپتىرىنى بۇغۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىۋەتتى.
ئىككىنچى قارار باققىنىمنى، پىسىخىك داۋالاپ بولغاندىن كېيىن، مەن يوق بىر كۈنى، ئاپام يېزىدىكى تۇغقانلارغا ئالغاچ كېتىپتۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:08:42

http://www.diyanetvakfiyayin.com.tr/index.php?Option=Listele&No=15    这是土耳其出的伊斯兰百科全书的地址, 我们中国穆斯林该考虑翻译中文、维吾尔文等

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 09:24:56

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 08:26 static/image/common/back.gif
ۋو!.. مۈشۈك ھېكايىسىكەن..
مەن تۇنجى قارار باققان ئاسلانن ...

مۈشۈكنى قانداقمۇ پىسخىك داۋالىغانلا؟:lol  ياۋا مۈشۈكلا ئەمەس ئادەتتە ھەر قانداق مۈشۈك باچكىغا ئامراق كىلەمدىكى دەيمەن;P
ئۆي ئىچىدە ئىگىسىگە شۇنچە ئامراق مۈشۈكنىڭ تالاغا چىقىپ كەتسىلا ئادەم تونىمايدىغان خۇيى پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ مېنىڭ. مۇشۇنى بىر مۈشۈك پىسخولوگى ئورنىدا تۇرۇپ بىر يېشىپ بەرگەن بولسىلا :loveliness:
بەت: [1] 2
: رامىزان قايتىپ كەلدى!