پۇرسەت: ئەرقال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يىغىلىشى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 09:43ئەرقالنىڭ 2014-يىللىق ئاخىرقى مەيدان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر لېكسىيەسى
ۋاقتى: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 5:30
ئورنى: ئەرقال كۇلۇبى(ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 389-نومۇر، تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4-قەۋەت)
لېكسىيە مەزمۇنى ۋە كۈنتەرتىپى:
5:30-7:30 لېكسىيە: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى 10 ئاساسلىق سەۋەب ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
7:30-8:30 ئورتاقلىشىش: ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەڭ يېڭى سودا ئۇچۇرلىرى ۋە سودا پۇرسەتلىرى
8:30-9:30 پىكىر ئالماشتۇرۇش: ساھەلەر بويىچە بۆلۈنۈپ، تۈر ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەش، مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش
لېكسىيە سۆزلىگۈچى: قۇدرەت ياقۇپ
قۇدرەت ياقۇپ، ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە لىدېرى، يابۇلى جۇڭگو كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان، قوشۇن تەشكىللەپ كىرىمنىي جىلغىسىدا IT شىركىتى قۇرغان، خارۋارد ئۇنۋېرستېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
قاتناشقۇچى ئادەم سانى: 200 نەپەر
بېلەت باھاسى: 200 يۈئەن
بېلەت سېتىش ئورنى: ئەرقال كۈتىۋېلىش ئورنى(ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 389-نومۇر، تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 5-قەۋەت)
ئالاقە تېلفۇن نومۇرى: 0991-2887000، 15099083154
تور ئادرېسى: www.erqal.com
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYyMTQ0MDk2/v.swf
ئەرقالدا تۆۋەن قاتلام ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن يېتەكلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىمۇ قىلىنامدۇ؟ ياكى مەخسۇس يۇقىرى قاتلام ئىقتىساتشۇناسلارنىڭ ۋە چوڭ سودىگەرلەرنىڭ ئۇچىرىشىش سورۇنىلاممۇ؟ پۇل تىپىشتىكى يەنە بىرخىل يول ، توختىماي لىكسىيە ئورۇنلاشتۇتۇرۇش.:)، قوللايمەن ،جاھان ئەقىللىقلارنىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 11:58
ئەرقال ئەپ دېتالىدىن خەۋەرلەر كۆرۈپ تۇرىمەن. ئامال بولسا ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئۆزگىچە يېڭى تەپەككۇر بىلەن ئىگىلىك تىكلەۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ تەجرىبىللىرى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەرمۇ كۆپرەك ئېلان قىلىنىپ تۇرۇلسا، ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت تەجىربىللىرىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى (يېقىنلىق سەۋەپلىك)چەتئەللەردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭكىدىن چوڭىراق بولارمىكىن دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 11:56
ئەرقالدا ئىشلەيدىغان ياكى ئەرقالنى ياخشى چۈشىنىدىغان مۇنبەر ئەزالىرى يوقمۇ-نىمە؟ مۇشۇ چاققىچە ئەرقال ھەققىدە تېما ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلار ئىچىدە (مەزكۇر تېما ئىگىسىدەك) بىرىرمۇ ئىنكاس يازغانلارنى، سورالغانلارغا جاۋاپ بەرگەنلەرنى كۆرگەندەك قىلمايمەنغۇ؟ APSUN يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 11:07 static/image/common/back.gif
پۇل تىپىشتىكى يەنە بىرخىل يول ، توختىماي لىكسىيە ئورۇ ...
خۇددى ئەلىي قۇرباندەكمۇ؟ ئۇنداق دەپمۇ ئېيتقىلى بولماسمىكىن، بۇلار تېخى يېڭى قۇرۇلغاچقا ، خەلقىمىزنىڭ ئىقتىساد ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە مەبلەغ مەنبەلىرىنى ئۇچراشتۇرۇش سورۇنىنى ھازىرلاش ئۈچۈن بولسىمۇ مۇشۇنداق لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم بوپ قالىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 12:49
sahabe يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 11:02 static/image/common/back.gif
ئەرقالدا تۆۋەن قاتلام ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ي ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئەرقال مائارىپىدا ھازىر «كارخانىچىلار كۇلۇبى» ۋە «كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» دەپ ئىككى كۇلۇب بار، بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئايدا 2 كۈنلۈك دەرس، لېكسىيە، كارخانىچىلار ئۇچرىشىشى، كارخانىلار زىيارىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
«كارخانىچىلار كۇلۇبى» كارخانىچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يېڭى يىلدىن باشلاپ خوتەن تارمىقى دەرس باشلايدۇ.
«كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» دەل سىز دەۋاتقان ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، بۇلارغا دەرس، لېكسىيە، كارخانىچىلار نەق مەيدان تەجرىبە ئورتاقلىشىشى، تېما مۇنازىرىسى، كارخانا زىيارىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ھازىر دەل مۇشۇ كۇلۇبتىكىلەرنىڭ بۇ ئايلىق دەرسى ئۆتىلىۋاتىدۇ.
ئەرقال شىركىتى قارا جەمىيەت كاتتىباشلىرىنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدىكەن ، بەك سۇرلۆك «كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» نىڭ خوتەندىكى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىدىن خەۋەردار بولۇپ قالساق ياخشى بولاتتى قەشقەردىن بىرىپ ئاڭلىماقچى بولۇشقانتۇق دوسلار بىلەن،ئەرقالنىڭ تاراتقۇسى بەكلا ياخشى مىڭىۋاتىدۇ يامان كۆزدىن ساقلىسۇن ،ئەجرىڭلارنى ئىككلى ئالەمدە كۆرگەيسىلەر ئەرقال كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى خوتەن تارمىقىنىڭمۇ تەسسىس قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئىدىيە ئۆزگەرتىش بۇلاۋاتىدۇ ياخشى ئەھۋال .... hakaniye يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:20 static/image/common/back.gif
«كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» نىڭ خوتەندىكى ۋاقىت ئور ...
خوتەندە ئېچىلغان «كارخانىچىلار كۇلۇبى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق دەرسى 1-ئاينىڭ 3-، 4-كۈنلىرى ئۆتۈلىدۇ.
خوتەندە ھازىرچە «كەلگۈسى كارخانىچىلار كۇلۇبى» ئېچىلمىدى، ئەلۋەتتە نېسىپ قىلسا بۇمۇ ئاستا-ئاستا ئېچىلغۇسى. مەنمۇ بىر قانچە ئىشنى پىلانلىغان، يېقىندا شىركەت قۇرۇپ ئىشلەشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمەن، بىراق مەن بىر قانچە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە يولۇقتۇم، ئەرقالدىكىلەر ھەل قىلىشىمغا ياردەم بېرەلەرسىلەرمۇ:
1، مەبلەغ يەتمىدى، مەن ئىشلىمەكچى بولغان بىر تۈرگە 200- 800 مىڭ سوم مەبلەغ كېتەتتى. ئەرقال كۇلۇبىغا پىلانىمنى يوللىسام مەبلەغ سالارسىلەرمۇ؟
2، مېنىڭچە مەن ئويلىغان يولغا قويماقچى بولغان تۈرلەر ئىنتايىن ياخشى، دۆلەت تۈر مەبلىغى ئېلىش ئىمكانىيىتىمۇ بار، تەرەققىيات ئىستىقبالى بار دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمىدىم.
3، ھازىر بىر مەھسۇلات بازارغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماركىسى ئۆزگەرگەن ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار بازارنى ئىگىلەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە بارمۇ؟
4، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەھسۇلاتنى ماركا ۋە پاتىنت ھوقۇقىغا ئېتىبار بېرىلىدىغان چەت دۆلەتلەردە ئاۋال بازارغا سېلىش كېرەكمۇ قانداق؟
ئىزاھات: مەھسۇلاتلىرىم مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە خاتىرە بۇيۇملار ياشار ساۋاغدىشىم ئىشلىرىڭ ئۇتۇغلۇق بولسۇن {:112:} مۇشۇ ئەرقال كۇلۇبىغا بېرىپ دەرسىنى ئاڭلاپ باققۇ م بار ئىدى لىكىن پۇرسىتى بولمايۋاتىدۇ
ئىككى يۈز ئادەم كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ . داشقايناق بولۇپ كىتىدۇ .سىلەرنىڭ شارائىت يۈزدىن ئوشۇق ئادەمگە بولمايدۇ . بىر ساۋاقدىشىمىنىڭ ئايالى ئەرقال كۇلۇبىدا ئىشلەۋاتىدۇ.ئاڭلىسام ئۇ يەرنى بەكلا سۈرلۈك دەيدىغۇ؟ دەرىس ئاڭلاش ئۈچۈن چوقۇم بەلگىلەنگەن يەرگە بېرىش كېرەكمۇ؟ توردا تىزىملىتىپ دەرىس ئاڭلايدىغان يەر يوقما؟ ئاڭلاپ باققانلار بولسا تەسىراتىنى سوزلەپ باققان بولسا sahabe يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 11:33 static/image/common/back.gif
خۇددى ئەلىي قۇرباندەكمۇ؟ ئۇنداق دەپمۇ ئېيتقىلى بول ...
:) :lol مەن قوللايمەن دە ،چۈنكى ئەقىلىقلار ھەممەيەردە ئەتىۋا:lol
بەت:
[1]
2