waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 20:23:18

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  مىھمان مەيدانىدا،  لىياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ چارەك مۇسابىقە باسقۇچىدا ئىقتىدارىنى نۇرمال جارى قىلدۇرغان بۇلسىمۇ تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە باسقۇچىدا مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمدا كۆپ قىتىم سەۋەنلىك كۇرۇلدى، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن لىياۋنىڭ كوماندىسى ئۈچ نۇمۇرلۇق يامغۇرى ھۇجۇمى قوزغاپ نۇمۇر پەرقىنى بىردىنلا زۇرايتتى. تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 106-114 نەتىجە بىلەن رەقىبى لىياۋنىڭ كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككى مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدا لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 22 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  24 نومۇرئالدى،  6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جۇ چى 15 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4 قىتىم توپ تۇسىۋالدى؛ شىرئەلىجان 14 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   ساۋفىي  15 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 9 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ  7 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  قارشى تەرەپ مەيدانىدا تىيەنجىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 12:32:54

ئاخشام قاراپ تۇرسام خەق ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئاتسا تورايدىغان ئادەم يوق،

ھازىر كوماندىنىڭ يادروسى جوچىكەن ھە

يەنە بىرى شىنجاڭ كوماندىسى بولۇش ئۈچۈن مانچە شىنجاڭلىق بولىشى كېرەكمۇ ياكى پۇللا بولسا يامانلارنى سېتىۋېلىپ ئوينىسىلا ھېساپمۇ ؟

ئاخشام شىر كۆرۈنمەيدىغۇ

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 11:13:02

شىر بارماق چىقارغانلىقى ئۈچۈن دەم ئېلىۋاتىدۇ {:92:}
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە لىياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇردى