SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:55:32

[تەرجىمە فىلىم] ماركوپولو (تەڭرىتاغ چەۋەندازى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 19:21  

ماركو پولونىڭ تەۋەككۇلچىلىغى

     



ئەسلىي نامى:- マルコ・ポーロの冒険
ئۇيغۇرچە نامى:- ماركو پولونىڭ تەۋەككۇلچىلىغى
ئېنگىلىزچە نامى:- Marco Polo's Adventures
خەنسۇچە نامى:- 马可·波罗的冒险
دەۋلىتى:- ياپونىيە
قويۇلغان  ۋاقتى:- 1979- يىلى 4-ئاينىڭ 7- كۈنى
تۈرى:- كارتون
مەزكۇر قىسمى:- 19-قىسىم
قىسىم نامى:- تەڭرىتاغ چەۋەندازى


     مەزكۇر فىلىمدە ماركو پولو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ، ئۆز ۋەتىنى ۋېنىتسىيەدىن يولغا چىقىپ، تاكى يىپەك يولىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە قەدەر ئۇزۇن سەپىرىدىكى ھېكايەتى، ھەم ئۇنىڭكى موڭغۇل ئېمپىرىيەسىكى پائالىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ. ئىشلىتىلگەن فىلىمنىڭ ھۆججىتىنىڭ ئۈنى تەلەبكە لايىق ئەمەسلىگى ئۈچۈن، تەرجىمىسىدە گاھ نۇقسانلار مەۋجۇد بولۇشى تەبىئىي. ھەمساۋاقلارنىڭ تۈزۈتۈش ۋە تولۇقلاش ھەققىدىكى سەمىمىي پىكىر-تەلەبلىرى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ.

     سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر فىلىم پەقەت تىل ۋە تارىخقا نىسبەتەن ئىشتىياق يۈزىسىدىن، سىناق ئۈچۈن كۆرۈشكىلا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى فىلىمنى ئىشلىگەن ئورۇنغا مەنسۇب. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇن تەرىپىدىن سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلسە، ۋە ياكى ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن نامۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، تامامەن شۇ كىشى ياكى شۇ ئورۇن ئۆزىلا مەسئۇل بولىدۇ. چۈشۈرگەن بولسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە يۇيىۋېتىڭ.


كەسمە سۈرەتلەر:







  


بىۋاسىتە كۆرۈش:



نورمال قويۇلمىسا، بۇ ياقتىن كۆرۈڭ

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-27 13:29):
http://v.youku.com/v_show/id_XODU3NTAzODg0.html

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 17:37:33

ياخشى فىلىمكەن چۈشۈرۋالدىم. كۆپ رەھمەت!

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 18:23:10

ماركو پولو نىڭ كۆپ قىسىملىقىمۇ ئىشلەندىغۇ تېخى يېقىندىلا
ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق گەپلەر خېلى باركەن، بىرىنجى قىسمىدىلا قۇبلايخان ماركوپولو دىن سەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى بىلەمسەن دەپ سورايدۇ.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 19:08:47

تۇلۇقى قانچە قىسىملىق  ؟  19 قىسمىلام تەرجىمە قىلىندىما ؟ قالدىسى تەرجىمە قىلىنامدۇ؟

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 19:44:25

makansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 18:23 static/image/common/back.gif
ماركو پولو نىڭ كۆپ قىسىملىقىمۇ ئىشلەندىغۇ تېخى يېقىند ...

تىياتىرنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم، بىرىنچى قىسمىدا شۇ قۇبلاي«ئۇيغۇرچە بىلەمسەن» دەپ سورىغان، ماركو جاۋاب بەرگەن ئۈچ-تۆت جۈملە گەپتىن كېيىن، يەنە بىر قىسمىدا باج مەمۇرى ماركو پولودىن «ئۇيغۇرلار باجنى قانداق يىغىدىكەن؟» دېگەن گەپنى سورىغاندىن باشقا، ئۇيغۇرغا ئائىت تىلغا چىققۇدەك ھېچقانداق گەپ يوق، بىزگە تونۇش بولغان پامىر، بەدەخشان، بۇخارا، تەكلىماكان، قاراقۇرۇم دېگەندەك ئىسىملار چىقتى. لېكىن، ئۇيغۇرغا ئائىت بىر كۆرۈنۈش چىقىپ باقمىدى. قۇبلاينىڭ يېقىنلىرىنىڭ ھەممىسى موڭغۇل، پارىس، ئەرەپ، خاڭسو ۋە كۈرت(بۇنى ئۆزۈم قىياس قىلدىم)لەركەن، ھېلىقى جۇڭگۇ-موڭغۇلىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن تىياتىردا چېغىدا ئۇيغۇرغا ئائىت خېلى مەزمۇن چىقاتتى. شۇڭا، ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئامېركا ئىشلىگەن بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇرغا ئائىت مەزمۇن باركەن ھاياجانلىنىشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلىدىم. شەخسىي قاراش...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 10:19:58

ساياھەت خاتىرىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغىنىنى تاپالمىدىمغۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 10:21:02

فىلىمدا  چىققان خوتەننى  نىمە ئۈچۈن ھازىرقى خوتەن ئەمەس دەپ قارايسىز ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 10:22:15

http://www.diyanetvakfiyayin.com.tr/index.php?Option=Listele&No=15    这是土耳其出的伊斯兰百科全书的地址, 我们中国穆斯林该考虑翻译中文、维吾尔文等

boraoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 18:10:34

فىلىمنىڭ تېكىتسىتىگە تۈز خەت نۇسخسى ئىشلىتىلگەن بولسا ياخشى بولاتتى، بۇ خىل خەت شەكلىنى ئوقۇش سەل تەس كېلىدىكەن، بولۇپمۇ فىلىم خېتى قىلسا.
بەت: [1]
: [تەرجىمە فىلىم] ماركوپولو (تەڭرىتاغ چەۋەندازى)