intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 17:02:22

ئىنتىلگۈچى:پىلانىتلار ھەققىدە چۈشەنچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 17:03  

پىلانىتلار ھەققىدەچۈشەنچە
(ئىنتىلگۈچى)

ئاددىي قىلىپ ئېيتقانداپىلانىت(Planet) ئۆزدىن نۇر چىقىرالمايدىغان بەلگىلىك ماسسىسى بولغان، يۇلتۇزغائوخشاش ئاتوم رىئاكسىيە يۇز بەرمايدىغان، مەلۇم يۇلتۇزنى(بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان يۇلتۇزلار قۇياشقا ئوخشاش نۇرمال يۇلتۇزلار،يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار.) ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان بىرخىل ئاسمان جىسمى. 2006-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى خەلقارالىق ئاستىرونوم بىرلەشمە جەمئىيىتى پىلانىتنى ئېنىقلايدىغان ئۇچ مۇھىم شەرتنى ئوتتۇرغاقۇيۇپ بىكىتتى، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1،چۇقۇم يۇلتۇزنى ئوربىتا قلىپ ئايلانغان بولۇشى كېرەك.
2،يىتەرلىك ماسسىسى بولۇشى ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتكى شارسىمان تۇزلىشى بولۇشى كېرەك
3،ئۆزنىڭ ئوربىتائەتىراپى پاكىز ۋە ئۆز ئوربىتا رايۇنىدا ئۆزدىن چوڭ بولغان باشقا ئاسمان جىسمى بولماسلىقى كېرەك.

پىلانىتلارنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە بىرقانچە خىل قاراشلار بار. ھارىر بىرقەدەر ئۇمۇملاشقان قاراشمۇنداق: يۇلتۇز تۇمىنى ياكى مولكۇللا تۇمىنى تارتىش كۈچى(gravity) سەۋەبلىك يىغلىدۇ ۋە تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتۇپ پىلانىتنى شەكىللەندۈردۇ، ئۇلارئايرىم-ئايرىم ھالدا:1،پىلانىت ئۇرۇقچىسى شەكىللىنىش جەريانى(planetisimal formation)، بۇنىڭدا تۇمان(nebula) سوۋۇپ قاتتىق ئۇيشۇش ھالىتىدىكى گازسىمان جىسمىلار
(condensation of gaseous material) قاتتىق توپ ئۇرۇقچىغا ئايلىنىدۇ(1-رەسىمگە ئوخشاش)، بۇجەريانغا 100يىلدىن 10000يىلغىچە ۋاقت كىتىدۇ. 2،ئۇرۇقچىلار ئۆز-ئارا سوقلۇپ بىرلشىپ بىرقەدەر چوڭ بولغان بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانىتنى(protoplanet) ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئەتتىراپىدا گاز تەخسىسى(gas disk) بۇلىدۇ(2- رەسىمگە ئوخشاش)، بۇ جەريانغا يۈزمىڭ يىلدىن بىرمىليونغىچە ۋاقت كىتىدۇ. 3، گاز تەخسىسى بىلەن بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانت ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ بىرقاتار فىزىكىلىق ھادسلەرنى باشتىن  كەچۈردۇ، بۇ جەرياندا بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانىت تەخسىدىن گاز سۈمۈرۈپ ماسسىسى ئېشىشى مۈمكىن، بۇ جەريانغا ئون مىليونچە ۋاقت كىتىدۇ  4، گاز تەخسىسى بارا-بارا يوقاپ پىلانىت بارلىققا كىلىدۇ.   

ھازىرغا قەدەر قۇياش سېستىمىسى سىرتتىدا 750دىن ئارتۇق پىلانىت بايقالغان، كىپلىر (Kepler) ئالەملىك تىلىسكوپى مەخسۇس پىلانىت ئىزدەيدىغان تىلىسكوپ بۇلۇپ، بۇساھەدە تۆھپىسى ئەڭ ياخشى. قۇياشسېستىمىسىدا 8 پىلانىت بار، ئۇلار قۇياش تەرەپتىن سىرتىغا تۆۋەندىكىچە:مىركورى(Mercury)، ۋىناس(Venus)، يەرشارى(Earth)، مارىس(Mars)، يۇپىتىر(Jupiter)،ساتۇرىن(Saturn)، ئۇران(Uranus)، نىپتۇن(Niptune)
، 3-رەسىمگە قاراڭ.پىلاتو(Pluto) قۇياشنى ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان پىلانىت  شەرتنى تۇلۇق قانائەتلەندۇرمىگەچكە قۇياشسېستىمىسىدىكى پىلانىت ئەمەس دەپ بىكتىلگەن.
كەسپى ئاتالغۇلارنى ئۆزەمنىڭ كەسپى بىلىمگە ئاساسەن ئالدىم.









نەنجىڭ.
پايدىلانغانماتېرىياللار:
Kant (1755)، Laplace(1799)، Barshey and Lewis (1976)، Greenzwig and Lissuaer (1990).

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 23:16:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 23:18  

8سەككىز پىلانىت قۇياش ئەتراپىنى ئايلانغاندا ،بىر ئۇققا نىسپەتەن (ياكى x ياكى y ياكى z دىن ئىبارەت بىرلا ئۇققا )ئايلىنامدۇ؟ياكى خالىغانچا بىرسى xقا ،بىرسى  y قا يەنە بىرسى z قا دىگەندەك خالىغانچە ئايلىنامدۇ؟
پىلاتو يېنىدىكى نىمىكەن ئۇ .ئۆزىدىمۇ يوغان مىتورىت تاشتىن بىرسى تۇرامدۇ نىمە؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 07:37:20

ئىككىنچىسى كىتاپلىرىمىزدا ۋېنرا دەپ ئېلىنغان.

Nadiye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 11:37:56

مەكتەپداش ئىكەنمىز، مېنىڭ كەسپىمدە .ئوقۇمسىز نىمە

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 12:05:26

ئەڭ ياخشىسى بىرتال  تىلوسكوپ ئالمىسام بوممىدى بىراق بەك قىممەتكەن  خەپ پۇل تاپقاندا چۇقۇم ئالىمە

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 12:12:33

بۇلۇت سەكەنتىر، يامغۇر ئوڭاي، كۇرىد مارىس بۇران، قۇياش ئاپتاپ ، سەۋىت قار، ئارزۇ يانارتاغ، يالچىق يەر تەۋرەش ياكى دىڭىز تاشقىنى. مۇشۇنداقراق مۇناسىۋەت بۇلىشى مۇمكىن.  

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 14:41:19

.پىلاتو(Pluto) قۇياشنى ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان پىلانىت  شەرتنى تۇلۇق قانائەتلەندۇرمىگەچكە قۇياشسېستىمىسىدىكى پىلانىت ئەمەس دەپ بىكتىلگەن.
بولسا چىقىرۋىتىش سەۋەبلىرىنى تۇلۇق دەپ بەرسەڭلار؟

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:57:11

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 23:16 static/image/common/back.gif
8سەككىز پىلانىت قۇياش ئەتراپىنى ئايلانغاندا ،بىر ئۇقق ...

بىر تەكشىلىكتە ھەركەت قىلىدۇ دەپ قارلىدۇ. شۇنداق مىتورىت تاش

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:58:04

Nadiye يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 11:37 static/image/common/back.gif
مەكتەپداش ئىكەنمىز، مېنىڭ كەسپىمدە .ئوقۇمسىز نىمە

سىز قايسى مەكتەپ قايسى كەسىپتە ئوقۇيسىز؟

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:59:18

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 14:41 static/image/common/back.gif
.پىلاتو(Pluto) قۇياشنى ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان پىلانى ...

ئۇنىڭ ئوربېتىسى قۇياش سىستېمىسىدا ئەمەس بۇ ئەڭ مۇيۇم سەۋەب.
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:پىلانىتلار ھەققىدە چۈشەنچە